[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • ھەمكارلىق 2007 مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

ھەمكارلىق 2007 مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

يېزىلغان: يەكشەنبە ماي 27, 2007 6:54 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Alyar
بىلىك تور بېكىتى خەۋرى: تۇنجى نۆۋەتلىك كومپيۇتېر ساھەسىدىكى لايىھىلىگۈچىلەر يىغىلىشى - «ھەمكارلىق 2007» يىغىنى بۈگۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن پىلان بويىچە 1:30 دا باشلىنىپ 5:30 دا ئاخىرلاشتى. يىغىنغا 1000 دىن ئارتۇق كىشىلەر قاتناشتى. يىغىنغا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تالانتلىق رىياسەتچىسى مەۋلۇت ئىبراھىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، مايتاغ، قاراماي، قۇمۇل،... قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەبئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئالىملاردىن ھوشۇر ئىسلام، ئەسەت سۇلايمان، بوغدا ئابدۇللا قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سەنئەت ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلارمۇ قاتناشتى.

يىغىن ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى، يىغىن قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، زېرىكىپ چىقىپ كېتىدىغانلار ئەھۋال كۆرۈلمىدى، ئورۇن يېتىشمىگەنلەر باشتىن-ئاخىرى ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ھەتتا، ھەر 4-5 مىنۇتتا قىزغىن چاۋاك چېلىپ لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. ھازىرقى زامان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلىمگە بولغان ھېرىسمەنلىكى لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى.

ئارىلىقتا داڭلىق ناخشىچىلار سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، يىغىن كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتەرسە، پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام تەبرىك سۆزى قىلىپ، ئاڭلىغۇچىلارنى قاتتىق جەلپ قىلدى.
ئالما شىركىتىدىكى خادىملارمۇ بۇنداق قىزغىن كەيپىياتتىن قاتتىق تەسىرلەندى. ھازىرقى زامان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلىمگە بولغان قىزىقىشىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە Mac مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئۇيغۇر يېزىقىنى كىرگۈزۈشكە ۋەدە بەردى.

سورالغان سوئاللار جەمئىي 120 پارچە بولۇپ، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر بىر لېكسىيە سۆزلىگۈچى 3 سوئالغا جاۋاب بەردى. باشقا سوئاللار «بىلىك كىلوبى»نىڭ «ئۇيغۇرسوفت سەھىپىسىدە» جاۋاب بېرىلىشى مۇمكىن.

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى(2-قانال، 5-قانال، 9-قانال) ۋە باشقا گېزىت-ژۇرناللاردىكى مۇخبىرلارمۇ تولۇق قاتناشتى.

يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

شىنجاڭ ئەنۋەر خەلقئارا سودا شىركىتى نېسىب ماركىلىق قەھۋە تەمىنلىدى
[img]http://www.uighursoft.com/2007/DSC03303.jpg[/img]

ئالما شىركىتىدىكى مەسئۇل خادىم Apple مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا
[img]http://www.uighursoft.com/2007/DSC03319.jpg[/img]

قارلۇق شىركىتىنى مەسئۇلى نەجمىدىن Apple خادىمغا سوۋغات بەرمەكتە.
سوۋغات: ئۇيغۇرلارنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى بولغان خۇشتار
[img]http://www.uighursoft.com/2007/DSC03328.jpg[/img]

يىغىن زالىدىن كۆرۈنۈش
[img]http://www.uighursoft.com/2007/DSC03332.jpg[/img]

رەشىدە داۋۇت ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى.
[img]http://www.uighursoft.com/2007/DSC03333.jpg[/img]

پەخرىدىن قارلۇق لېكسىيە سۆزلىمەكتە
[img]http://www.uighursoft.com/2007/DSC03353.jpg[/img]

ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم تەبرىك سۆزى قىلماقتا
[img]http://www.uighursoft.com/2007/DSC03354.jpg[/img]

ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئالىم ئەھەت لېكسىيە سۆزلىمەكتە
[img]http://www.uighursoft.com/2007/DSC03369.jpg[/img]

ئارقا سەپتىكى تېخنىكا خادىملار ئالدىراش خىزمەت قىلماقتا
[img]http://www.uighursoft.com/2007/DSC03372.jpg[/img]

ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئالىم ئەھەت لېكسىيە سۆزلىمەكتە
[img]http://www.uighursoft.com/2007/DSC03381.jpg[/img]

ئۇيغۇر ئىجادىيەت تورىدىن ئۆمەرجان ئۇچقۇن لېكسىيە سۆزلىمەكتە
[img]http://www.uighursoft.com/2007/DSC03394.jpg[/img]

يىغىن زالىدىن بىر كۆرۈنۈش
[img]http://www.uighursoft.com/2007/DSC03400.jpg[/img]

يىغىن ئاخىرىسىدا، لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرگە گۈل بېرىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلماقتا
[img]http://www.uighursoft.com/2007/DSC03404.jpg[/img]

يىغىنغا قاتناشقۇچىلارمۇ ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھەرگىزمۇ مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئەمەس، بەلكى، قاتناشقۇچىلارغا قىزغىن ئىلمىي كەيپىيات يارىتىپ بېرىش، ھەمكارلىق روھىنى تەكىتلەپ، كومپيۇتېر ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشقا دەۋەت قىلىش.

بۈگۈنكى كەيپىياتتىن چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، بۇنىڭدىن كېيىن، ھەر يىلى بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز.

فىلىم ھۆججىتى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تورغا يوللىنىشى مۇمكىن.

مەنبە:

[url]http://www.bilik.cn/?pagetype-bbsthread-and-tid-10657.html[/url]

يېزىلغان: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 12:48 am
تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan
مۇبارەك بولسۇن!!!

ۋەتەندىكى بارلىق ئۇستازلىرىم، كەسپداشلىرىم ۋە بىلىمگە ھېرسىمەن بارلىق قېرىنداشلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن...

يېزىلغان: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 4:56 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eltugh
يىغىننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىقنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن.

ئەپسۇس مەن قاتنىشالمىدىمدە

يېزىلغان: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 9:53 am
تەرىپىدىن يوللانغان AKRAM-AHMAT
بۇ قېتىمقى يىغىن ھەقىقەتەنمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلدى ، يىغىنغا قاتناشقانلار يىغىن زالىغا پاتماي نۇرغۇن كىشىلەر ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىدى ، بەكمۇ داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلدى ، بۇ خىل كەيپىيات ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ ،
يىغىندىن شۇنى ھېس قىلدىمكى : ئۇيغۇر كومپيۇتىرچىلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل ھەم پارلاق بولىشىغا گەپ كەتمەيدىكەن !!!

يېزىلغان: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 2:17 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Obraz
مۇشۇنداق ياخشى ئىشلاردىن ھەمىشە كەم قالىمەن دىسە :'(

يېزىلغان: سەيشەنبە ماي 29, 2007 12:12 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Saqal
ئالما شىركىتى ئۈچۈن مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش ھېساپلانسا كېرەك، ئەمما ئۇيغۇر شىركەتلىرى ۋە قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس،كومپيۇتىر كەسپىدىكى شىركەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىم(بىلىشىمچە) بىريەرگە كېلىشى، ئەھمىيىتى چوڭ. بۇنچىلىك كۆلەمنى ئويلاپ باقمىغان بولغىيتتۇق، بىز تەرەققى قىلىشقا نىمە دىگەن تەشنا، كەم بولىۋاتقىنى يېتەكچى سەركىلەر، ئورۇنلاشتۇرغان شەخىسلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.

بىزلەر ئەزەلدىن سەنئەتكە ھېرىسمەن خەق، مۇزىكا، رەسىم جەھەتتە تالانتى بار ياشلار ئاز ئەمەس، ئۇلارنى يىتەكلەپ ماڭساقلا ئۇتۇق قازىنالايدۇ، شىركەتلەرمۇ ئۆزىگە لازىملىق خادىملارغا ئېرىشەلەيدۇ، قوش يېڭىش دېگەن مۇشۇ ئەمەسمۇ، قارلۇق شىركىتىنىڭ ئىشلىرى روناق تاپقاي.

ئالما كومپيۇتىرى ھەقىقەتەن ياخشى. تېخنىكا ۋە باھا قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى ئومۇملىشىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، كەسپىي ئىشلاردا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ، مۇزىكا،فىلىم كىرىشتۈرگۈچىلەرگە ئەلۋەتتە ئالدىن تاللاش بولالايدۇ. بىلىشىمچە باھاسىمۇ ئۇنچە قىممەت ئەمەس.

يېزىلغان: سەيشەنبە ماي 29, 2007 5:15 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Newruz
يىغىننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىقنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن.

ئەپسۇس مەن يىراقتا...توردىن تەپسىلى كۆرەرمەن.
رەسىمدىن ئۆز نېنىنى ئۆزى تېپىپ يىيەلەيدىغان 21 -ئەسىرنىڭ ئۇيغۇرلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. قالغىنىنى سىندىن كۆرەرمەن.
كارخانا مەدەنىيىتى دىگەن مانا شۇ؟ -دە!

يېزىلغان: پەيشەنبە ماي 31, 2007 12:30 pm
تەرىپىدىن يوللانغان arkuyghur
ئەپسۇس بۇ يىغن ئېچلغان ۋاقىتتا مەن ئۈرۈمچىدە بولماي قالدىم بولمىسا شۇنداق قاتناشقۇم بار ئىدى~بوپتۇ ھىلىمۇ سىلەر تورغا چىقارساڭلار كۆرەرمىز