كەنجى كوررېكتور رەسمىي تارقىتىلدى (2007.4 نەشرى)

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

كەنجى كوررېكتور رەسمىي تارقىتىلدى (2007.4 نەشرى)

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » شەنبە ئىيۇن 02, 2007 3:22 am

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،
كۆپچىلىك بەرگەن تۈزىتىش پىكىرلىرى ۋە تەكلىپلەر بويىچە كەنجى كوررېكتور تۈزىتىلىپ رەسمىي تارقىتىلدى.
ئىشلىتىپ كۆرۈڭلار. قوللانمىسىنى
[url]http://kenjisoft.homelinux.com/uyghuredit/program/qollanma.pdf[/url]
ياكى
[url]http://218.140.206.34/uyghuredit/program/qollanma.pdf[/url]
دىن كورۇڭ.
ئېنىق بولمىغان يەرلىرى بولسا تارتىماي سوراڭ.

چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[url]http://biliwal.com/GoogleTap_SG_downloads_cat_5.html[/url]
غەيرەت ت.كەنجى

تۆۋەندىكىسى كەنجى كوررېكتورنىڭ قوللانمىسىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار.

1.كەنجى كوررېكتور قانداق دېتال؟
كەنجى كوررېكتور-- Microsoft Word ياكى UyghurEdit مۇھىتىدا يېزىلغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى(ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى)دىكى تېكىستلەرنىڭ ئىملاسىنى توغرىلاشقا ياردەمچىلىك قىلىدىغان يۇمشاق دېتال. ئۇنىڭ 468 مىڭ سۆزدىن تەركىپ تاپقان ئىملا ئامبىرى بولۇپ، تېكىست تەركىبىدىكى سۆزلەرنى مۇشۇ سۆزلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سۆزنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرا خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. يەنى تېكىست تەركىبىدىكى سۆز ئىملا ئامبىرىدا بولسا ئىملاسى توغرا، بولمىسا ئىملاسى خاتا دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. مەزكۇر دېتالنىڭ ياردىمىدە سىزمۇ پىشقان كوررېكتورلاردىن قېلىشمايدىغان بولىسىز.مەزكۇر دېتالنى UyghurEdit تا ئىشلەتسە پۈتۈنلەي ھەقسىز، Microsoft Word تا ئىشلەتسە ھەقلىق.

2.ئىشلەش مۇھىتى
كەنجى كوررېكتور-- Windows NT،Windows 2000، Windows XP، Vista قاتارلىق مۇھىتتا، UyghurEdit ياكى Microsoft Word قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەيدۇ. ئۇنى ئايرىم ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ھەم ئۇنى ئىشلىتىپ كۇنۇپكىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ.كەنجى كوررېكتورنى ئىشلەتمەكچى بولغانلاردا
① Windows NT، Windows XP، Vista نىڭ خالىغان بىرسى بولۇشى كېرەك.
② يۇقىرىقى مۇھىتقا Microsoft Word ئورنىتىلغان بولىشى ياكى UyghurEdit ئورنىتىلغان بولۇشى كېرەك. كەنجى كوررېكتور UyghurEdit بىلەن بىرىكتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، UyghurEdit نى ئورناتسىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

3.ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى
1. ئىملا ئامبىرىدىكى سۆز سانى جىق. 468000 سۆز بار؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۆزلەر "ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى" دىكى تۈپ سۆزلەر ۋە بىر قىسىم يەر ناملىرى ۋە كىشى ئىسىملىرىنى ئاساس قىلىپ، ئۇنى تۈرلەش ئارقىلىق ياسالغان. توغرىلىقى .99.00% دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.(تۈپ سۆزلەرنى 100% توغرا دەپ قارىغاندا)
2. ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقى(UEY) ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى(ULY) دىكى تېكىستلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرەلەيدۇ.
3. ئىشلەتكۈچى ئىملا ئامبىرىدىكى سۆزلەرنى بېيىتالايدۇ. يەنى ئىملا ئامبىرىدا يوق، بىراق ئىملاسى توغرا بولغان سۆزلەرنى ئىشلەتكۈچى ئىملا ئامبىرىغا قوشالايدۇ.
4. UyghurEdit ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە توپلانغان، ئىملادا ئوڭاي خاتالىشىدىغان 26000 مىڭ سۆزدىن تەركىپ تاپقان ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئامبىرى بار. يەنە كېلىپ مەزكۇر ئامبارغا ئىشلەتكۈچىمۇ يېڭى سۆزلەرنى قوشالايدۇ.5.
سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، ئىملا ئامبىرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدىغان ئەھۋال مەۋجۇد ئەمەس.
6. ئاپتوماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى(Microsoft Word تىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ) پايدىلىنىپ تېكىستنىڭ تەركىبىدىكى بارلىق خاتا سۆزلەرگە بەلگە قويغىلى ۋە ئاپتوماتىك توغرىلاش ئامبىرىدىن پايدىلىنىڭ ئىملادا ئوڭاي خاتالىشىدىغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ ۋە نەتىجىنى باشقا بىر Microsoft Word ھۆججىتىگە دوكلات شەكلىدە چىقىرىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا چېكىت(.)، پەش(،).... قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرىنىڭ كەينىگە بوشلۇق قويۇلمىغان بولسا ياكى سۆز بىلەن تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئارىسىغا بوشلۇق قويۇلغان بولسا (ئىملا قائىدىسىدە،تىنىش بەلگىلىرىنىڭ كەينىگە چوقۇم بىر بوشلۇق كېلىدۇ، سۆزنىڭ كەينىدىكى تىنىش بەلگىلىرى سۆزگە قوشۇلۇپ يېزىلىدۇ)
7. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىملا خاتالىقىنىڭ نۇرغۇنلىرى، "ى" ھەرپىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ياكى "ى" ھەرپىنىڭ ئارتۇق يېزىلىشى ياكى ئاھاڭداش سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالمىشىپ قېلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كەنجى كوررېكتور مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىملاسى خاتا سۆزنىڭ نامزاتىنى توغرا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.


غەيرەت كەنجى

kaskin
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئىيۇن 01, 2007 1:14 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kaskin » يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 2:48 am

ئەجىرىڭلارغا كۆپ رەھمەت ..... تەڭرىم ئىشلىرىڭلارنى مەڭگۈ ئۇڭۇشلۇق قىلسۇن .......... :handshake :victory:

kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » جۈمە نويابىر 30, 2007 10:03 am

مەن ئەمدى چۈشۈرەي دېسەم چۈشمەيۋاتىدۇ . ئادىرسى ئېچىلمىدى ، غەيرەت ئەپەندىم خاپا بولماي بىر قاراپ باقسڭىز بوپتىكەن .

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار