ئۇيغۇرچە Photoshop CS5 تارقىتىلماقچى، پىكىر بېرىڭ

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
afrasyap
يازمىلار: 14
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە نويابىر 03, 2007 4:24 am
ئالاقىلىشىش:

ئۇيغۇرچە Photoshop CS5 تارقىتىلماقچى، پىكىر بېرىڭ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasyap » چارشەنبە سېنتەبىر 15, 2010 6:14 am

Photoshop CS5 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى. تارقىتىش ئالدىدا كۆپچىلىكنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرى ئاساسىدا يەنىمۇ ياخشى قىلاي دەيمەن. شۇڭا بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە Photoshop CS3، Photoshop CS4 نى ئىشلىتىپ باققان تورداشلار بولسا شۇ ئاساستا ئىملا خاتالىقى، ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى، ئەسىلدىكى فوشوپتا بار، ئەمما ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىشلىمەيۋاتقان ئىقتىدارى جەھەتتىن پىكىر-تەكلىپ بەرسەڭلار.
يەنە تۆۋەندە مەن تىلغا ئالغاندىن باشقا ئىقتىدارى ياخشى، تىزىملاش ھاجەتسىز قىستۇرما دېتال (插件) بولسا تەۋسىيە قىلساڭلارمۇ بولىدۇ
[img]http://i683.photobucket.com/albums/vv199/alipanwar/ps51.jpg[/img]
بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرچە Photoshop CS5 نىڭ ئالاھىدىلىكلىرى:
Photoshop CS5 ئىلگىرىكى نەشىرىلىرىگە قارىغاندا ئىقتىدار، تېزلىك، نەپىسلىك، ئىشلىتىلىشچانلىق جەھەتتە سېلىشتۇرغىسىز دەرىجىدىكى رەسىم بىر تەرەپ قىلىش دېتالى. شۇنىڭغا ماس ھالدا بۇ قېتىم ئۇيغۇر تىلىنىڭ مول تىل بايلىقى، پاساھىتىنى ئەڭ چوڭ چەكتە ئىپادىلىشكە تىرىشتىم.
Photoshop CS5 نىڭ ME (ئوتتۇرا شەرق) نۇسخسى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى، شۇڭا ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.
دېتالنىڭ پۈتۈن كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھدىلىكى بويىچە ئوڭدىن سولغا توغرىلاندى.
3D ئىقتىدارى ياخشىلاندى.
xenofex2,TOPAZ,KPT7,ImageDoctor,eyecandy5,DCE Tools قاتارلىق قىستۇرمىلار قوشۇلدى.
TWAIN سىكاننېرنى قوللىماسلىق مەسلىسى ھەل قىلىندى.
ICO ھۆججىتىنى ئېچىش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
كۆپ مىقداردا چوتكا، پاسون، شەكىل، ھەرىكەت قوشۇلدى.

بۇ رەسىمدىكىسى 3D ئىقتىدارىدىن بىر كۆرۈنۈش

[img]http://i683.photobucket.com/albums/vv199/alipanwar/ps52.jpg[/img]


تەكلىپ-پىكىرلىرى گەۋدىلىك بولغان تورداشلار تاللىنىپ، ئۇيغۇرچە Photoshop CS5 Me بىلەن مۇكاپاتلىندۇ.
ئىلگىرى تارقىتىلغان ئۇيغۇرچە Photoshop CS4 [url=http://www.alip.tk/forum.php?mod=viewthread&tid=7]نى بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ [/url]باقساڭلار بولىدۇ.

فوتوشوپنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشلىرىم مۇشۇ يەردە تامام بولىدۇ. فوتوشوپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى نەشىرلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرمايمەن. شۇڭا بۇ قېتىم ئەڭ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشايلى.
پىكىر-تەكلىپ يىغىش مەنزىلى: [url=http://www.alip.tk/forum.php?mod=viewthread&tid=102&page=1&extra=#pid1242]ئالىپ تور بېتى[/url]



DolanliK
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 1:13 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان DolanliK » سەيشەنبە ئۆكتەبىر 05, 2010 6:58 am

ئۇيغۇرچە Photoshop CS5 ئۆتكەندە تارقاتقانتىڭلار ، بۇ قېتىمقىسى ئۆتكەن قېتىمقىغا ئوخشامدۇ ياكى پەرىقى بارمۇ ؟ مەن بىر مەزگىل ئىشلىتپ تازا كۆنەلمىدىم ، خەتلىرى بەك كىچك، بەزى نۇرمال ئىشلىسە بەزى خەت يازغىلى بولماس بۇلىۋالغان ئىدى. تارقىتىلغان چاغدا بۇنىمۇ سناپ باقساق بولغىدەك.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار