[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ.كېلەر ھەپتە Microsoft پىكىر ئالماقچى!
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ.كېلەر ھەپ

يېزىلغان: شەنبە فېۋرال 25, 2012 9:54 am
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]
مىكروسوفت شىركىتى Building Windows8 بىلوگىدا Windows 8 نىڭ كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچى ئارايۈزىنى تونۇشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 14 تىل قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.

مەن ئالدىنقى يىلى بىلىك كۇلۇبىدا Windows 8 دە ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك كاتتا خۇشخەۋەرنىڭ بارلىقىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بېشىدىن باشلاپ بارلىق جەريانلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولساممۇ، قائىدە بويىچە ئورگان تەرەپنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم. كۈتكىنىمدەك مىكروسوفت شىركىتى «دۇنيا ئانا تىل بايرىمى» كۈنى بۇ خەۋەرنى ئاشكارلىدى.
ئەسلىي مەنبەسى [url=http://blogs.msdn.com/b/b8/archi][color=#0000ff]http://blogs.msdn.com/b/b8/archi[/color][/url] … guage-you-want.aspx
خەنزۇچە مەنبەسى: [url=http://cnbeta.com/articles/173647.htm][color=#810081]http://cnbeta.com/articles/173647.htm[/color][/url]

ئۇنداقتا مەنمۇ بۇ ئىشنى ئاشكارە دېسەم بولىدۇ، ھەقىقەتەنمۇ Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بار. جەمئىي 109 تىلدا تارقىتىلىدۇ، ئۇيغۇر تىلى 96-ئورۇندا تەستىقلانغان. لېكىن، تەلەپ بويىچە باشقا تەپسىلاتىنى ھازىرچە ئاشكارلىيالمايمەن.

ئەمما، كېلەر ھەپتە تارقىتىلىدىغان Windows 8 Beta دا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوق. پەقەت يېڭىدىن قوشۇلغان سىستېما خەت نۇسخىسى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ يەرلىك ئۇچۇرى، …. بار.

دۇنيادىكى %90 دىن ئارتۇق كومپيۇتېردا Windows قاچىلانغان بولۇپ، ناۋادا، ئۇيغۇر تىل بولىقى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنسا، …؟

[size=4][color=navy]كېلەر ھەپتە Microsoft پىكىر ئالماقچى[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]
كېلەر ھەپتە مىكروسوفت شىركىتى بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە كۆپچىلىكتىن ئاشكارە پىكىر ئالماقچى. بۇ مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاتالغۇلار بولۇپ، تەرجىمە سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ مۇنازىرە بۇ قېتىم ئالىم ئەھەت بىلوگىدا ياكى بىلىكتە ئېلىپ بېرىلماستىن، مىكروسوفت ئورگان بېكىتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، 4-5 كۈن ئىچىدە قاتنىشىدىغانلارغا تەكلىپ ئەۋەتىلىدۇ، ئىنگلىز تىلىدا مۇنازىرە قىلىنىدۇ، ئوخشىمىغان كۆز قاراش بولسا، بېلەت تاشلىنىپ بېكىتىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى كۆپچىلىككە ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.

بۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، مەن يەنە 10 كىشىنى ئارتۇق تەكلىپ قىلماقچى. ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئېلېكتىرونلۇق خەت ئارقىلىق تىزىملاش نومۇرى،…قاتارلىقلارنى ئەۋەتىپ ئۇقتۇرۇش قىلىمەن. شۇڭا، ئىنگلىز تىلىدا يېزىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان، خالس قاتنىشىشنى خالايدىغان پىدائىيلار بولسا ياكى شۇنداق تونۇشۇڭلار بولسا، مەن بىلەن ئەڭ كېچىككەندىمۇ 28-چېسلادىن بۇرۇن ئېلېكتىرونلۇق خەت ئارقىلىق تېزدىن ئالاقە قىلىشىڭلارنى سورايمەن. ئادرېسى ئەڭ ئاستىدا
ياكى خالىسىڭلار مۇشۇ يەرگە ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ.

[/color][/size]ئېسىڭلاردا بولسۇن بۇ ئىشنىڭ يەنە ئاخىرقى چېكىمۇ ئېنىق بېكىتىلگەن بولۇپ، ۋاقىت ئىنتايىن چەكلىك. بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە 100 ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىسىلەر، ھەممە ئىش ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلسا، ئەڭ ياخشى بولىدۇ، ۋاقىت چېكىنى ئۇزارتىش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس.

ئاساسىي شەرتى:

(1) كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى چۈشىنىدىغان بولۇش،
(2) ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولۇش، ئىنگلىز تىلىنى پۇختا بىلىش،
(3) بىر-ئىككى كۈندە چوقۇم مۇنازىرىگە قاتنىشالايدىغان بولۇش، ئاز دېگەندىمۇ بىر-ئىككى جۈملە ئىنگلىزچە پاكىتلىق، ئىلمىي كۆز قاراشلارنى راۋان يازالايدىغان بولۇش،

كومپيۇتېر كەسپىگە ۋە ئىنگلىزچىگە پىششىق، تورغا دائىم چىقىپ تۇرالايدىغان تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ مەن بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ياكى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

دىلشات ھېۋزۇللا
غەيرەت توختى
ۋارىس ئابدۇكېرىم
بۈركۈت (Eagle)
تۇرسۇنجان (جېك)
ئابدۇسالام (Final Fantasy)
تەكلىماكان



(ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى يوق، چۈشۈپ قالغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن،كەچۈرۈڭلار)

بۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك بولۇشى ئۈچۈن، مەن يەنە بىرەيلەننى مىكروسوفت ئىنگلىزچە مۇنازىرە مۇنبىرىدە چۈشكەن كۈندىلىك مۇھىم نۇقتىلارنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ، ئالىم ئەھەت بىلوگى، بىلىك،…قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىمىزنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشىغا تەكلىپ قىلىمەن. شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ تەتقىقات مەركەزلىرى، يۇمشاق دېتال تەرجىمە گۇرۇپپىلىرى، ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش مەركەزلىرى، كومپيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ نازارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۆز ۋاقىتىدا ئاكتىپ قاتناشماي بىلىمىڭلارنى ئاياپ، ئىش تاماملانغاندىن كېيىن ئۇنداق ياكى مۇنداق دېيىش، ياخشى ئەخلاق ئەمەس.

2012-يىل 25-فېۋرال، سەھەر 1:20
======================
ئېلېكتىرونلۇق خەت: [email=alim.ahat@gmail.com][color=#0000ff]alim.ahat@gmail.com[/color][/email]


بايا تورداشلار [url=http://www.intil.biz/home/thread-8846-1-1.html]ئىنتىل سەيناسىغا يوللاپتىكەن[/url]. شۇ يەردىن تەۋسىيە قىلىندى.

يېزىلغان: يەكشەنبە فېۋرال 26, 2012 2:09 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
بۇ ئىشنىڭ ۋاقتىنىڭ قىس بولىشى ياخشى بولماپتۇ يەنە 10-15 ئادەم ئارقىلىق ئاتالغۇ بېكىتىشمۇ مۇۋاپىق ئىش ئەمەس دەپ قارايمەن.
1- ئېنگلىسچە بىلمەيدىغان ئەمما ئانا تىلغا پىششىق نۇرغۇن ئادەملەر نەزەردىن ساقت قىلىنىپ قالسا بولمايدۇ.
2- windows8 دە ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇ windows8 بىلەن بىللە مەۋجۇت بولىدۇ ھەم windows8 نى ئىشلەتكۈچىلەر ئارقىلىق تارقىلىدۇ ھەتتا ئومۇملىشىشى تۇرغانلا گەپ. شۇڭا كېيىنكىلەرمۇ رازى بولغۇدەك ، كېيىن «ئاپلا» دەپ قالمىغۇدەك سۆز- ئاتالغۇنى تاللاش كېرەك.
3- ئۇبۇنتۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا قوللۇنۇلغان ئاتالغۇلارنى ئۆرنەك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

يېزىلغان: دۈيشەنبە فېۋرال 27, 2012 11:13 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدا توردا پىكىر ئېلىش ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ. شەخسەن مەن ۋاقتىمنىڭ يار بېرىشىچە بۇ 100 ئاتالغۇغا پىكىرىم بولسا ئايىمايمەن.

ئاتالغۇلار توغرىسىدا مەن [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=902&extra=page%3D1[/url] گە پىكىر يازغانىدىم. ئەگەر ئاتالغۇ بېكىتىش خىزمىتىنى مىكروسوفتنىڭ بۇ تۈرى تۈرتكىسىدە ئۇزۇن مۇددەت سىستېمىلىق داۋاملاشتۇرىمىز دېسەك مېنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىشىش پىكىرىم تۆۋەندىكىچە (يۇقىرىدىكى تېمىدىمۇ بەزى پىكىرىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان): 1) ئاتالغۇ بېكىتىش پرىنسىپىنى بەلگىلەش؛ 2) تورداشلار ئىتراپ قىلىدىغان بېكىتىش گورۇپپىسى تەسىس قىلىش (ئەگەر تىلكومدىكىلەر ئەزا قاتناشتۇرسا تېخى ياخشى)؛ 3) ئاتالغۇ بېكىتىش ۋە بېكىتىلگەن ئاتالغۇلارنى ئىزدەش قورالى ياساش (بۇ قورال خالىغان تور بېكەتكە قويۇلسا بولىدۇ ئەمما UKIJ دە بىر قەدەمداش زاپاس نۇسخىسى بولۇشى كېرەك)... قاتارلىقلارنى چوقۇم ئويلىشىش كېرەك دەپ قارايمەن. مۇمكىن بولسا ئالىم ئەپەندىم بۇ 3 نۇقتىنى روياپقا چىقىرىشقا تىرىشىپ كۆرگەن بولسا... ئەگەر 2-نۇقتىدا تىلغا ئېلىنغان گورۇپپا تەسىس قىلىنسا شەخسەن مەن ئۆزەمنى ئەزالىق نامزاتىلىققا كۆرسىتىمەن.

يېزىلغان: پەيشەنبە مارت 01, 2012 7:07 am
تەرىپىدىن يوللانغان eltikin123
سىناش نەتجىسىنى بىزمۇ كۈرۈپ باقمايلىمۇ؟ئاڭلىسام بۈگۈن سىناۋاتقانلار خىلى كۆپ ئوخشايدۇ بۇ سېستىمىنى..............

# eltikin123 غا يوللانغان جاۋاب

يېزىلغان: پەيشەنبە مارت 01, 2012 6:40 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
شۇنداق، كومپيۇتېر بىلىملىرى بار توربەتلەرگە دىققەت قىلىڭ.