Windows 8 نىڭ كەسپىي نۇسخسى 1988يۈەن

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

Windows 8 نىڭ كەسپىي نۇسخسى 1988يۈەن

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » دۈيشەنبە فېۋرال 04, 2013 7:58 am

Windows 8 نىڭ كەسپىي نۇسخسى 1988يۈەن
چەتئەل تور تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا Windows 8 نىڭ جۇڭگۇدىكى ئىتبار باھا سىياسىتى ئاياغلىشىپ باھاسى 1988يۈەنگە ئۆستى.
بۇنىڭ ئىچىدە Windows 8 ئادەتتىكى نۇسخىسى 988يۈەنگە، كەسپى نۇسخسى 1988يۈەنگە تەڭشەلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا مىكروسوفىتنىڭ ئالاھىدە ئىتبارىغا ئىرىشكەن [url]http://shop.edu.cn/[/url] تورىدىكى 248يۈەنلىك ئاچقۇچ نومۇرنىڭ ئىتبار باھاسى 488 يۈەنگە تەڭشەلدى.



Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » دۈيشەنبە فېۋرال 04, 2013 8:21 am

IT خەۋەرلىرى
iOS 6.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئەمەلگە ئاشتى. پارتىزان پىروگىراممىرلار گۇرۇپپىسى evad3rs نىڭ ئاشكارلىشىچە iOS 6.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇشتا پايدىلىنىدىغان قۇرال evasi0n نىڭ پات ئارىدا ئېلان قىلىدىغانلىقنى ئېلان قىلدى. تاراتقۇلاردا 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ دىيىلگەن.
ئالما شىركىتى ئالدىنقى iOS نەشىرلىرىنى تۈرمىدىن قاچۇردىغان يۇمشاق دىتال ياسىغۇچى پىروگىراممىرلارنى تۈرمىگە سۇلايدىغاننى سۇلاپ، تەكلىپ قىلىپ ئىشىلتىدىغىنىنى ئىشىلتىپ ، ئەمدى iOS نىڭ كىيىنكى نەشىرلىرىنى بۇزىدىغان ئادەم چىقمايدۇ دەپ تۇلىمۇ پەخىرلەنگەن ئىدى. تۇلىمۇ ئەپسۇس...




Android 5.0 نىڭ ئېلان قىلىنىش كۈنتەرتىپى ئېلان قىلىندى.
گوگىل بۇ يىللىق I/O يىغىنىدا يېڭى نۇسخدىكى Android نى ئېلان قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق، نۆۋەتتىكى كۈنتەرتىپكە ئاساسلانغاندا يىغىندىن خېلى بۇرۇن تارقىتىلدىغاندەك قىلىدۇ.
بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋرىدە بۇ يىل باھار پەسلىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان.


2013-يىلى كۆچمە ئالاقە ئۈسكىنلىرىدىكى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ ئىقتىدارى ھەسسىلەپ تەرەققىي قىلىپ، تۆت يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلار بەسبەستە بازارغا چىقىدۇ. بۇلار مەيلى تاق كارتىلىق بولسۇن ياكى قوش كارتا،قوش تورلۇق يانفۇن بولسۇن تۆت يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلار يانفۇن بازىرىنى ئاستى-ئۈستۈن قىلىۋىتىشكە تەييارلىق كۆرمەكتە. ناۋادا مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىگۈچى شىركەتلەر بەسبەستە تۆت يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى بازارغا سېلىپ رىقابەتلەشمەكچى بولسا قوش يادرۇلۇق، قىممەت باھالىق يانفۇنلارنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەيدىغانلىقى ئىنىق.
چۈنكى ھازىر Ram 1G بولغان يانفۇنلار بازاردا ئاز ئەمەس. يېقىن كەلگۈسىدە Ram 2G لىق يانفۇنلارنى ئەتراپىمىزدا ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان بولدۇق.



دىققەت، دېققەت:
iOS6.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قۇرالى evasi0n باياتىندىن بىرى تور دۇنياسىدا پەيدا بولدى.
بۇ قۇرال ئارقىلىق iOS6.0 دىن iOS6.1 گىچە بولغان سېستىمىلارنى قوللانغان iPhone、iPad、iPad mini、iPod touch قاتارلىق ئۈسكىنىلەرنى بىمالال تۈرمىدىن قاچۇرۇپ، ئۈسكىنىدىكى سېستىمىنىڭ ئالىي چوقۇقىغا ئىرىشىشكە بۇلىدىكەن.
تۈرمىدىن قاچۇرۇش قۇرالى ئادرېسى: [url]http://evasi0n.com/[/url]

m.erdem
يازمىلار: 17
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 30, 2007 3:55 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان m.erdem » دۈيشەنبە فېۋرال 04, 2013 2:36 pm

‏iOS ۋە Android سىستېمىلىرىنىڭ كېيىنكى نۇسخىلىرىدا ئۇيغۇرچە بار يوقلۇقى توغرىسىدا بىرەر خەۋەر يوقمىدۇ؟ بەك تەقەززا قىلدى ئادەمنى.

eltikin123
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 25, 2010 5:36 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان eltikin123 » سەيشەنبە فېۋرال 05, 2013 7:17 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ يەرگە كىرىپ تۇردىغانلارمۇ باركەن ھە........ئۇزۇن بوپتىكەن بۇ يەردە باشقىلارنى ئۇچراتمىغىلى...

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 3 ۋە 0 مېھمانلار