[كۆچۈرۈلمە] بارخان ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش سىستېمىسى

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللانغان كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە تورداشلار ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەن ھەر خىل يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال ۋە كومپىيۇتېر پىروگىراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالا يوللانمىلار تاللاپ قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

[كۆچۈرۈلمە] بارخان ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش سىستېمىسى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » دۈيشەنبە يانۋار 07, 2008 8:20 am

سالام كۆپچىلىك، تۆۋەندىكى تىيما بىلىك مۇنبىرىگە يوللنىپتىكەن، سىناپ باقتىم، تولۇق ئۇيغۇرچە ئانا تىلىمىزدىكى ياخشى مۇڭداشقۇ سىستىمىسى ئىكەن،
Barhanئەپەندى ئانا تىلىمىزدىكى دىتاللارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئوموملىشىش مەسىلىسىدە ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ، شۇڭا بۇ مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم، كۆرۈپ باققايسىلەر.
[quote]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك شەبنەم ئەھلى!
ئالدى بىلەن ھەرقايسى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېڭى يىلىنى چىن دىلىمىزدىن مۇبارەكلەيمىز. شۇنداقلا بارلىق ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمىز!!!
شىركىتىمىزنىڭ مۇستەقىل ئىجادىيتى بولغان "بارخان" ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش سىستېمىسى ھەرقايسى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللىشى ۋە شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ بىر يىلغا يېقىن جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە، بۈگۈن سەككىزىنجى قېتىملىق نەشىرى غەلبىلىك ھالدا تاماملىنىپ تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇلدى!
ئاخىرىدا، تورداشلارنىڭ سىستېمىنى داۋاملىق ئىشلىتىشىنى شۇنداقلا تەكلىپ–پىكىر بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز!
زىيارەت قىلىش ئادرىسى: [url=http://www.barhan.cn/barhan]http://www.barhan.cn/barhan[/url]
سىستېمىدىن كۆرۈنۈش:
[img]http://www.barhan.cn/1.jpg[/img]
[img]http://www.barhan.cn/2.jpg[/img]

[/quote]

بارخان مۇڭداشقۇ ھەققىدە Barhan ئەپەندىنىڭ ئىككىنچى تىيمىلىق ئىنكاسى:
[quote]
(ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، مېنىڭ بۇ يازمام ئەسلى بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يوللىغان "بارخان ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش سىستېمىسى"دىكى تەكلىماكان ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاس بولغاچقا، شۇ تېمىنىڭ ئۆزىگە يوللىسام بولاتتى. لېكىن يەنىلا يېڭى تىما قىلىپ يوللاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم! )
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تەكلىماكان ئەپەندى!
ئالدى بىلەن سىزنىڭ مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە قىلىشقا ئەرزىيدىغان قىممەتلىك پىكىر–تەكلىپىڭىزگە شىركىتىمىز نامىدىن كۆپتىن–كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
تەكلىماكان ئەپەندى، سىزنىڭ يازمىڭىزدىن بىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىمىزغا ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزنى چۈشەندىم. سىزنىڭ بۇ ياخشى كۆڭلىڭىزگە يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر! تۆۋەندە سىزنىڭ يازمىڭىزغا ئازراق بولسىمۇ ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىمنى قويۇپ باقماقچى... مەن ئۆزەممۇ ئامال بار ساقلاندىم، شۇنداق بولسىمۇ سىزنى رەنجىتىپ قويىدىغان گەپ سۆزلەر بولۇپ قالسا كەچۈرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن!
دەرۋەقە سىز دېگەندەك GoogleTalk, Windows Live Messenger, Aim, ICQ, Yahoo Messenger ، skype ،QQ ، UC قاتارلىق تور ئالاقە يۇمشاق دېتاللىرى ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەللىكى، تۇراقلىقى، قولايلىقلىقى.....قاتارلىق نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشىپ كەلدى. بۇ قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت!
ئەمدى بارخان ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش سىستېمىسىغا كەلسەك، ئالدى بىلەن مەن بۇ سىستېمىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. بارخان ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش سىستېمىسى بولسا شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسى، نەچچە ئايلىق جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، شىركىتىمىزنىڭ ئەقلى ۋە ئىجادى ئەمگىكىنىڭ ھاسىلاتى بولغان، پۈتۈن كۆرۈنمە يۈز باشتىن ئاخىر ساپ ئۇيغۇرچە يېزىقنى ئاساس قىلغان، تورداشلارنىڭ ئۆزىمىزنىڭ تىل–يېزىقىدا ئالاقە قىلىشقا قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن، يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى تور ئۇچۇر ئالاقە سىستېمىسى.
بۇ سىستېمىنىڭ ئىقتىسادى قىممەت يارىتىشىغا كەلسەك، بىز بۇ سىستېما ئارقىلىق ئىقتىسادى قىممەت يارىتىشنى ئويلاشمىدۇق دەپ يالغان سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى مۇشۇ سىستېمىنىڭ يىللىق چىقىمىلا 50،000 دىن ئاشىدۇ(2007-يىللىق چىقىمغا قارىتا ئېلىنغان). بەلكىم، يىلدىن–يىلغا بۇ چىقىممۇ ئېشىپ بېرىشى مۇمكىن! دېمەكچى، بىز پىلان بويىچە بىر نەچچە يىل بەرداشلىق بېرەلەيمىز. لېكىن بۇ بەرداشلىق بېرىشنىڭمۇ چېكى بولىدۇ. شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ يىللىق چىقىمنى كۆتۈرۈپ بېرەلمىسە، بىزنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقىمىز بولغان تەغدىردىمۇ ئەڭ ئاساسى ئېھتىياج كاپالەتكە ئىگە بولمىسا، بىز ئۈچۈنمۇ زور بېسىم بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئەمدى سىز دېگەندەك، ھەمكارلىشىش ئىشىغا كەلسەك: ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ باقايلى: شىنجاڭدا مىلل–تىل يېزىقتىكى يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىدىن يىللىق كىرىمى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان شىركەت بار دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم. (بۇنىڭ سەۋەبىنى شۇ مىللى–تىل يېزىقتىكى يۇمشاق دېتال ئىشلەيدىغان شىركەتلەر ياخشى بىلىدۇ. بۇ يەردە ئارتۇقچە مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.) ئەلۋەتتە بىزمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
باشقا كەسىپتىكى شىركەتلەردىن ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان، خەلق ئېتراپ قىلغان ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، ئاساسى كۈچى زور بولغان ئارمان شىركىتىنى ئالساق بۇ شىركەتنىڭ 2007-يىللىق يىللىق كىرىمىنىڭ 150 مىليون، ساپ پايدىسىنىڭ 30 مىليون بولغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.( مەنبە: جۇڭگو يېمەكلىك سانائىتى تورى. [url]http://www.foodqs.com/news/gnspzs01/20071115111250268.htm[/url])
ئەمدى سىز دېگەن تېنسېنت شىركىتىگە كەلسەك، بۇ شىركەتنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتى بولغان QQ نىڭ ئومۇملاشقىنىغا 10 يىل بولاي دەپ قالدى. بۇ جەرياندا بۇ سىستېمىنىڭ ئىشلەتكۈچىسى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ھازىر 700 مىليونلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. توردىكى ئەڭ يۇقىرى ئادەم سانى 30مىليون 600 مىڭغا يەتتى. (ھەيران قالغان يېرىم،MSN Messenger, skype, GoogleTalk, Yahoo قاتارلىق دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە، ئىقتىدارى QQ دىن قېلىشمايدىغان سىستېمىلار تۇرۇپ، بۇلار يەنىلا ئۆزلىرى ئىشلەپ چىقارغان QQ نى ئىشلىتىدىكەن.) ھازىر بۇ QQ يۇمشاق دېتالى نوقۇل ھالدا تور ئالاقە يۇمشاق دېتالى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى QQ مەدەنىيتى بولۇپ شەكىللەندى. 4-نۆۋەتلىك QQ مەدەنىيەت بايرىمى يېقىندا ئىچكىرىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردە داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ شىركەتنىڭ 2007-يىلدىكى ئالدىنقى يېرىم يىللىق كىرىمى بىر مىليارد 640 مىليون خەلق پۇلى. ئومۇمى پايدىسى بىر مىليارد 137 مىليون خەلق پۇلى. (مەنبە: بەيدۇ ئىزدەش تورى.[url= [url]http://www.baidu.com/s?ie=gb2312[/url] ... DC%CA%D5%C8%EB&ct=0] [url]http://www.baidu.com/s?ie=gb2312[/url] ... DC%CA%D5%C8%EB&ct=0[/url])
دېمەك، يۇقارقى سان سىفىرلارنى خۇلاسە قىلساق:

(تېنسېنت، ئارمان، بارخان شىركەتلىرىنىڭ 2007-يىللىق يىللىق تەخمىنەن كىرىمى سېلىشتۇرما جەدىۋىلى)
[img]http://www.barhan.cn/table.jpg[/img]

ئەمدى بىز يۇقارقى خۇلاسىگە ئاساسەن سىتاتسىكا قىلساق:
ئارمان شىركىتىنىڭ يىللىق كىرىمى بارخان شىركىتىنىڭ 150 ھەسسىسىگە تەڭ.
تېنسېنت شىركىتىنىڭ يىللىق كىرىمى بارخان شىركىتىنىڭ 3280 ھەسسىسىگە تەڭ.
ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، سىز ئويلاپ بېقىڭ! ئەمىلى كۈچى بىزنىڭ 3280 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان تېنسېنت شىركىتى QQ غا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئۈچۈن بىزگە ئىقتىسادى قىممەت يارىتىپ بەرگەن ئاساستا بىز بىلەن ھەمكارلىشارمۇ...؟ بىز ئۇلارنىڭ QQ سىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ بەرگۈدەك ئۇلاردا شۇنچىلىك سەۋىيە يوقمىدۇ...؟ ئۇنداق ئەمەس! ھازىر ئۇلار ئۇيغۇرچە قىلىمەنلا دېسە، نەچچە سائەتنىڭ ئىچىدىلا بۇ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۋېتىدۇ. شۇلارنىڭ ئۆزىدىمۇ ئۇيغۇر تىل–تەتقىقاتچىلىرى نۇرغۇن. ئەگەر قىلىشنى خالىسىلا بۇ ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانچىلىك گەپ ئەمەس. دېمەك، بۇ يەردىكى مەسىلە ھەرگىزمۇ بىز سەمىمىيلىك بىلەن ئۇلارغا ھەمكارلىشىش تەكلىپى قويۇش ئەمەس...!
سىز يەنە يازمىڭىزدا " ئىلگىرى كيۇكىيۇ مۇنبىرىدە QQ为什么不支持Unicode دەپ يىغلاۋەرگەنتۇق، TM2008 دىن باشلاپ ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللايدىغان قىلىپ بەردىغۇ! ؟ " دەپسىز... ئۇلار ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان قىلىپ بەرمىدى...بەلكى Unicode نى قوللايدىغان قىلىپ بەردى. شۇنداقلا، قىلىپ بەردى ئەمەس. قىلدى! بىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىمىز Unicode ئۆلچىمىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن سىز TM2008 دە ئۇيغۇرچە خەت ئالاقىسى قىلالىدىڭىز! ئەگەر ئۇلار پۈتۈن كۆرۈنمە يۈزنى ئۇيغۇرچە قىلغان بولسا ئۇ ھالدا ئۇلار بىز ئۈچۈن قىلىپ بەردى دېسەك بولاتتى!!! يەنە دېسەم، سىزچە ئۇلار بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا TM2008 نى Unicode قوللايدىغان قىلىپ بەردىمۇ...؟ ياق! بەلكىم سىزمۇ بىلىسىز. پۈتۈن دۇنيادا Unicode ئۆلچىمىگە كىرگەن نوپۇسى مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەتلەر قوللىنىدىغان يېزىقلار 200 گە يېتىدۇ! كارخانىلار خەلقئاراغا يۈزلىنىۋاتقان ھازىرقى جەمئىيەتتە، سىز دەپ بېقىڭ! ئۇلار ئەجىبا Unicode نى يەنە بىز ئۈچۈنلا قىلىپ بەردىمۇ...؟؟؟
ئەمدى دېسەم، ئۇلار ھېلىغۇ بىزگە ھېچنەرسە قىلىپ بەرمىدى. ئەگەر قىلىپ بېرىمەن دېسىمۇ، بىز "ياق!!! نېمىشقا سەن قىلىپ بېرسەن؟ سەن گەرچە بىزدىن بۇرۇن كومپيۇتېر بىلەن ئۇچراشقان، بىزدىن بۇرۇن تېخنىكا ئىگەللىگەن بولساڭمۇ، لېكىن سەن تاشقى پىلانت ئادىمى ئەمەس. بىزگە ئوخشاشلا ئادەم! سەن قىلغاننى بىز نېمىشقا قىلالمىغۇدەكمىز... بىزمۇ ئۆزىمىز ياسايمىز! بىزدىمۇ ساڭا ئوخشاشلا ئىجتىھات، ساڭا ئوخشاشلا ئىرادە بار!!!" دېيىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە. بىزدىمۇ "ئادەم ئۆزىنى ئويلىمىسا، يەر يۈتىدۇ."دېگەن گەپ بار. ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئويلىمىساق، باشقىلاردىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس!!!
ئەمدى، بۇ سىستېمىنى ئۆزىمىز ياساپ چىققاندىكى ئەھمىيتىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتەي!
بىرىنجىدىن. كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىمىز خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە قاتارلىق تىللارغا پىششىق ياكى ھېچ بولمىغاندا شۇ تىللاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىۋاتىدۇ. لېكىن يەنە شۇ خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە تىللاردىن قىينىلىپ، شۇ ئالاقە قىلىدىغان سىستېمىنى ئىشلىتەلمەسلىك ۋە ياكى نۇرغۇن ياخشى ئۇچۇر ۋە پەن–تېخنىكا بىلىملىرىدىن قۇرۇق قېلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. دېمەك، بۇ سىستېما ئارقىلىق شۇ قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرگە تور– ئۇچۇر دۇنياسىدىن بىرگە بەھىر ئېلىش!
ئىككىنجىدىن. ئۇلار بىزگە QQ نى ئۇيغۇرچە قىلىپ بەردىمۇ دەيلى. لېكىن، ئۇلار قانداق تۈزۈپ بەرسە شۇنداق ئىشلىتىمىز، پەقەت ئىشلىتىمىزلا خالاس. بىزنىڭ مەلۇم ئىقتىدارنى قوشۇپ بېرىش، مەلۇم ئويۇننى ياساپ بېرىش دېگەندەك تەكلىۋىمىز ناھايىتى سىلىق رەت قىلىنىشقا ئۇچرىشى مۇمكىن. (سەۋەبىنى دېمىسەممۇ بۇ ھەممىگە ئايدىڭ. چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن بىز ھېچقانچىلىك بازار ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تەكلىپلىرىمىز نەچچە بۆلۈمدىن ئۆتۈپ ئاندىن ئەمىيلىششى مۇمكىن. لېكىن مۇشۇ بازار بۆلۈمىگە كەلگەندە توسۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن!) لېكىن، بۇ بارخان ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش سىستېمىسى بىزنىڭ قولىمىزدا. پروگراممىسىنى قانداق ئۆزگەرتىمىز...قانداق ئىقتىدار قوشىمىز دېسەك قوشالايمىز! ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدە ئۇنچىۋالا جىق قاتلام يوق ھەم ئاساسلىق ئابونتلىرىمىز سىلەر! تورداشلارنىڭ ھەر قانداق مۇۋاپىق تەكلىپ پىكىرى، ئېھتىياجى بولسا ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. بىز ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرالىساقلا ئىمكانقەدەر ئىشلەپ چىقىمىز. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ سىستېما ئارقىلىق ئۆز ئىچىمىزدىكى كىچىك بولسىمۇ باشقىلارغا ئۈلگە يارىتىۋاتقان ياشلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، روھى جەھەتتىن چۈشكۈنلەشكەن بىر قىسىم كىشىلىرىمىزگە ئازدۇر–كۆپتۈر ئۇمۈد بېغىشلىساق، دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك قانۇن–نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، كىشىلىرىمىزنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇندىن بىخەۋەر بەزى كىشىلىرىمىزگە (شۇنداق كىشىلىرىمىز بار، بىكاردىن بىكار مېنى تىللاۋاتىدۇ دەپ كېلىپلا ئۇتتۇر مۇشتىن بىرنى قويۇپ، ئىككى چىشىنى تۆكۈۋېتىپ نەچچە يىل تۈرمىدە ياتىدىغان. ئەگەر بۇلار ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىسىز ئاھانەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، قانۇن ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىش ئارقىلىق، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ شۇ ئاھانەت قىلغان كىشىنى، يېنىك بولغاندا ئەپۇ سوراپ تەسىرىنى تۈگىتىشكە، ئېغىر بولغاندا ئەپۇ سوراشتىن سىرت، روھى تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا بەلكىم بۇنداق ئەخمىقانە ئىشنى قىلمىغان بولار ئىدى.) ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قانداق قوغداش، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمىيئەتكە چىقىش ئالدىدا تۇرغان ياشلىرىمىزنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قايسى سىياسەتلىرىدىن قانداق بەھرىمان بولۇش قاتارلىقلارنى ئاز–تولا بولسىمۇ بىلدۈرەلىسەك. جەمىيتىمىزدىكى روھىيتىمىزگە يامراۋاتقان ناچار ئىللەت، ناچار خاھىشلارنى قامچىلاپ، شۇ ئازغان ھەم ئازماقچى بولغان كىشىلىرىمىزنى قوينىمىزغا ياندۇرۇپ كېلەلىسەك....! بىلىملىك تورداشلارنى بىر يەرگە يىغىپ، بىلىمگە تەشنا كەڭ تورداشلىرىمىزغا بىلىم ئۆگىنىش سورۇنى ھازىرلاپ بېرەلىسەك، دامكا، قاتار، شاشكا (跳棋) قاتارلىق ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى (بۇ ئويۇنلارنىڭ ئىچىدە، دامكا بىلەن قاتار ئويۇنىنىڭ بارخان سىستېمىسىدىكى تور نۇسخىسى پۈتۈپ، ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.) نى ئىشلەپ، يوقۇلۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان (نۇرغۇن تورداشلاردىن ۋە تونۇشلىرىمدىن سوراپ كۆردۈم، دامكا ئويۇنىنى ئاز قىسىملىرى بىلىدىكەن. قاتار ئويۇنىنى ئاساسەن بىلمەيدىكەن.) ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىمىزنى جانلاندۇرساق، يۇرت–يۇرتلارنىڭ ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقلىرى، ئۆرپ–ئادەتلىرى......نى ئۆز–ئارا چۈشەنسەك، ئۆگەنسەك...... ئويلاپ بېقىڭ، مانا مۇشۇنداق بىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بار شۇنداقلا بىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بۇ ئىشلارنى قىلىشقا ئۇلارنىڭ ۋاقتى بارمۇ؟
ئۈچىنجىدىن. يۇقىرىدىمۇ دەپ ئۆتتۈم، QQ ئابونتلىرىنىڭ سانى ۋە ئۇلارنىڭ باشقا ئالاقە سىستېمىلىرىنى ئىشلەتمەي، شۇ QQ نى ئاساسلىق ئىشلىتىدىغانلىقىنى. ئۇنىڭدىن باشقا 1984- يىلىدىكى ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە قاتناشقان يولداش دېڭشىياۋپىڭ ئولتۇرغان ماشىنا "قىزىل بايراق" ماركىلىق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماشىنا. ئەگەر ئىقتىدارى، ئېسىللىقى، داڭقى، ئومۇملىشىشى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىغان بولسا نېمىشقا "لىنكولىن" ياكى "فېررارى(法拉利)" ماشىنىدا ئولتۇرمايدۇ؟ سېتىۋېلىشقا پۇلى يەتمىگەنمىدۇ...؟ ياكى ئۇلار سېتىپ بەرمىگەنمىدۇ...؟؟؟ يەنە ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇچە يېزىقنى كومپيۇتېرغا تونۇتۇش مەسلىسىدە، "قانچىلىك مەبلەغ، ئادەم كۈچى كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر، چوقۇم كومپيۇتېرغا تونۇتۇش كېرەك!" دېگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن، زور مەبلەغ، ۋە ئادەم كۈچى ئىشقا سېلىنىپ نەچچە يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق، كومپيۇتېرغا خەنزۇچە يېزىقنى تونۇتۇش خىزمىتى غەلبىلىك تاماملانغان. ئۇنداقتا شۇنچە جاپا تارتىپ شۇنچىۋالا مەبلەغ، ۋاقىت، ئادەم كۈچى سەرپ قىلىپ خەنزۇچە يېزىقنى كومپيۇتېرغا تونۇتىمىز دېگۈچە، كومپيۇتېردا ئىشلىتىدىغان يېزىقىنى پىنيىنچىغا ئۆزگەرتىپ ئىشنى ئاسان ھەل قىلسا بولمامدۇ...؟؟؟ شۇنچە مەبلەغ، ۋاقىت سەرپ قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى...؟؟؟ دېمەك، يۇقارقى ئىككى مىسالدىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، بۇ يەردىكى مەسىلە ھەرگىز ئىقتىدار، ئىقتىساد مەسلىسى بولماستىن... بەلكى مىللى روھ ! مىللى ئىپتىخارلىق روھى! مىللى ئۇيۇشۇش روھى! ئەگەر لىنكولىن ماشىنا ھەيدەپ، كومپيۇتېردا پىنيىن ئىشلىتىپ يۈرگەن بولسا بۈگۈنكىدەك ئىقتىساد جەھەتتە دۇنيا بويىچە 3- ئورۇندا تۇرىدىغان قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنالمىغان بولاتتۇق! "يەھۇدىيلار چۈشكۈرسە دۇنيادىكى پۈتۈن بانكىلار زۇكامدايدۇ...!!!" بولغان بولسا، ھازىر "جۇڭگو چۈشكۈرسە دۇنيادىكى پۈتۈن بانكىلار زۇكامدايدۇ...!!!" غان ھالەتكە يەتتى! ئاڭلىشىمچە، يەھۇدىلار ئۆيىنىڭ ئالدىدا دۇكان بولسىمۇ، بىر تال يىڭنە ئېلىش ئۈچۈن نەچچە كوچا ئاتلاپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ دۇكىنىدىن ئالىدىكەن!!!
دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆز پەن-تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىگىنى كاپالەتلەندۈرۈپ بەرگەندىكىن، قانداق تېخنىكىنى ئىگەللەش، قانداق تەرەققى قىلدۇرۇش ئۆز ئەركىنلىكىمىز. چەتئەللىكتىن بىرسى ساينىڭ تاشلىرى ئارىسىدىن ھېچقايسىغا ئوخشىمايدىغان بىر قىزىل رەڭلىك تاشنى تېپىۋالسا، "مۇشۇ تاش نېمىشقا قىزىل؟" دەپ بىر ئۆمۈرىنى سەرپ قىلىپ ئاخىرىدا شۇ تاشنىڭ نېمىشقا قىزىل ئىكەنلىكىنى تېپىپ، شۇ توغرىلىق ئىلمى ماقالىدىن بىرنى ئېلان قىلىۋېتىپ، ئاندىن خاتىرجەم مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىدۇ. لېكىن بىزچۇ؟ ئازراق قىيىنچىلىققا ئۇچرىساق بەل قويىۋېتىشكە ئاران تۇرىمىز.بىز نېمىشقا شۇلاردەك بولالمايمىز؟ "تامچە سۇ تاشنى تېشەر!" دېگەن ھېكمەتلىك سۆزمۇ تۇرمۇشىمىزغا ناھايىتى يېقىن. دەرۋەقە، ئۇزۇن يىل سۇ تامچىغان يەرگە قاراپ باقساق شۇ يەرنىڭ كۆرۈنەرلىك ھالدا ئويۇلۇپ كەتكىنىنى كۆرەلەيمىز. ھېچقانداق ئاڭ، ئوي–پىكىر، مەقسەت بولمىغان شۇ سۇ تامچىسى تاشنى تېشىۋېتەلەيدۇ. ئەجىبا، بىز ئاتا–ئانىمىز ئوغۇل دەپ تۇغقان ئوي–پىكىر، ئاڭ–سەۋىيەگە ئىگە پۈتۈن سۈرۈك ئەر تۇرۇپ، ئاشۇ سۇ تامچىسىدەك بولالمىساق، ئىزدىنىپ باقماي ھە دېسىلا "قىلالمىدىم. ئېتەلمىدىم." دەپ سەۋەبىنى باشقىلاردىن كۆرسەك، باشقىلارغا تايىنىۋالساق بىزنى يەر يۈتۈش ئەمەس، يۈتكەن يەرمۇ تۈكۈرۈپ چىقىرۋېتىدۇ!!!
تەكلىماكان ئەپەندى، سىزگە يەنە دەيدىغىنىم: ئەگەر بىز ئىقتىدارنىلا ئويلىشىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا بۇ بارخان ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش سىستېمىسى ئەمەس، بارخان شىركىتىمۇ مەۋجۇد بولمىغان بولاتتى. چۈنكى ئىقتىدارى ئاللىقاچان مۇكەممەللىشىپ بولغان، كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ سىناقتىن ئۆتكەن يۇمشاق دېتاللار نۇرغۇن. تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە يېتىپ ئاشىدۇ. لېكىن، بىردىنبىر ئويلايدىغىنىمىز:–شۇ سىستېما بىزدىمۇ بولۇشى كېرەك! بىزمۇ شۇ تېخنىكىغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك! خەلقىمىزمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىمىز ئىشلىگەن سىستېما دەپ، مەغرۇرانە ھالدا ئولتۇرىشى كېرەك!!!
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم:– بۇ دۇنيادا ھېچقانداق بىر بوۋاق تۇغۇلۇپلا يۈگۈرگەن ئەمەس. ھېچقانداق بىر گىياھ تۇپراقنى يېرىپلا گۈل ئېچىلغان ئەمەس. شۇنداقلا ھېچقانداق بىر پروگراممىر بىر قېتىمدىلا مۇكەممەل بىر سىستېما تۈزۈپ باققان ئەمەس! بىز يەنىلا سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارغا، مەدىتىڭلارغا، خاتالىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارغا مۇھتاج! خۇددى، ئاتا–ئانا يېڭى ئايىقى چىققان بوۋاقنى قولىدىن يېتىلىگەندەك!
كەلگۈسىمىز بارلاق ، چۈنكى بىز ھەممىمىز تىرىشىۋاتىمىز!!!

ھۆرمەت بىلەن: ئوسمان مۇھەممەد
2008-يىلى 1-ئاينىڭ 7- كۈنى (ئەتىگەن سائەت 3:00)

[/quote]

ھەقىقەتەن ياخشى تۈزۈلۈپتۇ، بارخان شىركىتىگە تەشەككۈر.



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار