ۋىندوۋس Vista غا IIS 7 نى قاچىلاش ۋە ASP نى ئىجرا قىلىش

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللانغان كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە تورداشلار ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەن ھەر خىل يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال ۋە كومپىيۇتېر پىروگىراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالا يوللانمىلار تاللاپ قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

ۋىندوۋس Vista غا IIS 7 نى قاچىلاش ۋە ASP نى ئىجرا

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » يەكشەنبە مارت 09, 2008 6:48 pm

ۋىندوۋس ۋىستا دا IIS7 قاچىلاش يەنى ASP ئىجرا مۇھىتى قۇرۇش ئۇسۇلى
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ۋىندوۋس ۋىستانىڭ بۇرۇنقى نەشىرلىرىدە IIS نى قاچىلاش بىر قەدەر ئاددى ئىدى. ۋىستا مەيدانغا كەلگەندىن كىيىن مىكروسوڧىت شىركىتى ۋىستانىڭ ئىلگىركى نەشىرلىرىدىن بىر قەدەر پەرىقلىنىدىغانلىقنى ئېيىتقان. مانا، ھەش پەش دىگۈچە ۋىستا تارقىلىپ ئۆيلىرىمىزگىچى يىتىپ كەلدى. ئاكتىپلاشتۇرۇلغان ھەقىقىي نۇسقىىدەك ھەقىقىي نەشىرىنى نەچچە يۈەنگە سېتىۋىلىپ ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇق. ھىلىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋىستانى ئىشىلتىۋاتقانلار ھەرھالدا ئاز ئەمەس! پەن -تېخنىكا قاتتىق تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. يۇمشاق دىتاللار ساھەسى تىزدىن تەرەققىي قلىۋاتىدۇ. ئەمدى بىز Windows XP ۋە ئىلگىركى نەشىرلەرنى ئاستا تاشلاپ يېڭىلىقنى قۇبۇل قىلىشىمىز زۈرۈردۇر.
[attach]69[/attach]
بۈگۈن بۇ يەردە ۋىستاغا IIS7 قاچىلاش يەنى ASP ئىجرا مۇھىتى قۇرۇش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
[attach]70[/attach]
[attach]71[/attach]
باشلايلى:
1. ۋىستانى قوزغاتقاندىن كىيىن “ باشلاش “ تىزىملىكىدىن 设置 غا كىرىپ 控制面板 نى ئېچىپ 打开或关闭Windows功能 نى باسىمىز.
[attach]72[/attach]
تۈۋەندىكىدەك.
[attach]73[/attach]

ئاندىن چىققان كۆرسەتمىدىن 继续 نى چىكىپ داۋام قىلىمىز.
ئىككىنجى قەدەمدە :
ئادەتتە بىز Internet信息服务管理器 نى تاللاپلا قاچىلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتسەك تۇلۇق قاچىلىمايدۇ. شۇڭا بىرمۇ بىر قولدا تاللاش كىرەك. تاللاپ بۇلۇپ “ جەزىملەش" كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
[attach]74[/attach]
ئادەتتە ۋىستادا Internet信息服务管理器 نى قاچىلاش ئۈچۈن قاچىلاش ئوپتىك دېسكسى تەلەپ قىلمايدۇ. بارلىق كىتەرلىك زاپچاسلارنى سىستىما ئۈزى تەمىنلەپ قاچىلايدۇ.

3-قەدەمدە:
控制面板 ئاستىدىن管理工具 غا كىرىمىز. كىرسەك تۈۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئۇچۇرنى كۆرىمىز.
[attach]75[/attach]
ئەستە تۇتۇش كىرەككى، Internet信息服务管理器 نى قاچىلىغاندا 6.0 نۇسقىسىنىمۇ چۇقۇم بىللە قاچىلاش كىرەك. ئاندىن 7.0 نۇسقىسىنى تۇلۇق ھەم ئەلالاشقان ھالەتتە تەڭشەشكە بۇلىدۇ.

تۆتىنجى قەدەمدە:
بىز يۇقىردا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئاستىدىكى Internet信息服务 管理器 نى چىكىمىز.
ۋە تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك Default Web Site نى چىكىمىز.
[attach]76[/attach]
يۇقارقىدىن ASP نى چىكىپ تەھرىرلەش ھالىتىگە ئۆتىمىز.

5-بەشىنجى قەدەمدە:
开启父路径 نى True قىلىپ توغۇرلاپ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى 应用 نى چىكىپ يەنە Default Web Site قا چىكىنىمىز.
6-قەدەمدە:
Default Web Site نىڭ 高级设置 تۈرىنى ئاچىمىز ياكى چىكىمىز.
[attach]77[/attach]


7-قەدەمدە:
چىققان كۆزنەكتىن كۆپ ئۆزگەرتىدىغان تۈرلەر يوق. سىز پەقەت 主目录 يەنى تور بىتىڭىزنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۆزگەرتىش قىلغاندىن كۆرە باشقا تور بىكەت نوقتىسى قۇرىمەن دىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ يەنى سول تەرەپتىكى 网站 نى بېسىۋىتىپ مائۇسنىڭ ئوڭ تەرپىنى چىكىپ 添加网站 دىن تور بىتىڭىزنىڭ كومپىيۇتىردىكى ئادرىسىنى كۆرسىتىپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

8-قەدمدە :
ھازىر تەھرىرلىگەن网站主目录 ياكى يېڭىدىن ئۈزىڭىز قۇرغان بىكەت نوقتىسىنى بىر چىكىپ سول تەرەپ ئۈستىدىكى 启动 نى بېسىپ قۇيۇشنى ئۇنۇتماڭ. ئەگەر ئۇ قوزغىتىلمىسا ھۆججەتنى مەڭگۈ ئىجرا قىلالمايسىز.
[attach]78[/attach]

9-قەدەمدە:
يۇقىرقى مەشغۇلات بىلەن IIS7 دا نى ASPتۇنۇتۇش مۇۋاپقيەتلىك بولدى، ئەمما ASP+Access نى بىرلەشتۈرۈپ ئىشىلتىشتە يەنىلا ئاۋارچىلىق بار. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئەڭ ئاخىرقى قەدەمنى تاماملىشڭىز زۈرۈر.
يەنى
C\Windows\ServiceProfiles\NetworkService\AppData\Local مۇندەرىجىسىنى ئېچىپ Local ئاستىدىكى Temp ھۆججەت قىسقۇچ خاسلىقىنى تۈۋەندىكىدەك تەڭشەيمىز.
[attach]79[/attach]
[attach]80[/attach]

10قەدەمدە:
安全 تۈرىنى تاللاپ 编辑 نى بېسىپ Temp 的权限 كۆزنىكىنى چىقىرىمىز.
Temp 的权限 كۆزنىكى ئاستىدىكى “添加” نى چىكىپ “输入对象名称来选择” نىڭ ئاستىغا Authenticated Users ئىسىملىك يېڭىدىن بىر ئەزا قۇشىمىز. ئاندىن 确定 نى چىكىمىز. ۋە تۇلۇق ھۇقۇق بىرىمىز.
[attach]81[/attach]
[attach]82[/attach]
[attach]83[/attach]
يۇقارقى قەدەم باسقۇچ بۇيىچە تەرتىپ بىلەن داۋام قىلىىسز.
ئاخىردا جەزىملەشتۈرۈپ چىكىنىپ چىقسىڭزىلا كۇپايە.
بىلەلمىگەن جايلار بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا قۇيۇڭ. بىرلىكتە ھەل قىلىمىز.
بىلىك ۋە UKIJ نىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تور بەتلىرىدىكى ئېلانلارنى چىكىپ قۇيۇڭ. ھەر كۈنى پەقەت 1~2 قېتىمدىن.



Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » چارشەنبە مارت 12, 2008 4:00 am

ئاۋۇ 3-رەسىمدىكى چەتئەللىكنىڭ كەينى رەسىمىدە ئۇيغۇرچە يىزىق تۇرىدۇ، بىزنىڭ يىزىقمۇ شۇنداق ئىسىل كۆرۈنىدىكەن ئەنە. ~~~~~~~~~~~

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار