[ھۈنەر]ھەرقانداق ھۆججەتلەرگە شىفىر بېكىتىش ئۇسۇلى

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللانغان كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە تورداشلار ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەن ھەر خىل يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال ۋە كومپىيۇتېر پىروگىراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالا يوللانمىلار تاللاپ قويۇلىدۇ.
kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

[ھۈنەر]ھەرقانداق ھۆججەتلەرگە شىفىر بېكىتىش ئۇسۇلى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » دۈيشەنبە ئىيۇل 07, 2008 6:47 pm

بۇ دېتال كۆپ ئىقتىدارلىق دېتال بولۇپ بۇ دېتال ئارقىلىق سىستېمىنى ئاسراش ، قوغداش ، ئىقتىدارلىرىنى چەكلەش ، ئۇرۇقلىتىش ، ئەخلەتلەرنى تازىلاش.... قاتارلىق نۇغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز... مەن شۇ ئىقتىدارلارنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمى بولغان كومپيۇتېرىڭىزدىكى يەككە ۋە توپ ھەر قانداق ھۆججەتلەرگە شىفىر سېلىشنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچى....

ئالدى بىلەن دېتالنى چۈشۈرۈپ پرستىن يېشىپلا ئشىلەتسڭىز بولىدۇ. بۇ دېتال ھەقلىق دېتال شۇڭا تىزىملىتىپ ئىشلىتىڭ!( بۇ دېتال Net2.0 مۇھىتى قاچىلانغان ئەھۋال ئاستىدا ئىشلەيدۇ...)

دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكىدەك:
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-1.jpg[/img]
بۇ كۆزنەكتىن سىز بىخەتەرلىك تەڭشىكى(安全设置) دېگەن تۈرنى تاللايسىز. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكدەك:
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-2.jpg[/img]
(ھازىر باشقا يەرلىرى سۆزلەنمەيدۇ پەقەت شىفىر سېلىش ئىقتىدارىلا سۆزلىنىدۇ )

مانا بۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قارايدىغان بولساق بۇ تۈر ئىچىدە : سىستېما بىخەتەرلىكى(系统安全) ، قوزغاتقۇچ ۋە پروگراممىلار(驱动器及程序) ، ھۆججەت ۋە قىسقۇچ(文件及文件夹) ، شەخسىي قوغدىنىش(隐私保护) ، سانلىق مەلۇماتنى زاپاسلاش(数据备份) قاتارلىق تۈرلەر بار ، ھازىر بۇ تۈردىن پەقەت ھۆججەت ۋە قىسقۇچ(文件及文件夹) دېگەن تۈرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.

ھۆججەت ۋە قىسقۇچ(文件及文件夹) نى باسساق تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك كۆرىنىدۇ. ( باشقا تۈرلىرىنى بىلمىسىڭىز ئېتىشماڭ بولمىسا كومپيۇتېرنى بۇزۇپ قويىسىز...ھى ھى )
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-13.jpg[/img]
مانا بۇنىڭدىن ئۈستىدىكى شىفىر سېلىش \ يېشىش(解密数据\加) دېگەن تۈر دەل بىز ئىشلەتمەكچى ۋە يەتمەكچى بولغان نىشان شۇ... ئۇنداق بولسا بىز ئاستىدىكى ھۆججەت بىخەتەرلىكىنى قوزغاش(启动文件安全) دېگەن كۇنۇپكىنى باسايلى!
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-15.jpg[/img]
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-16.jpg[/img]
مانا بۇ كۆزنەك كۆرىنىدۇ. سىز بۇنىڭدىن ئۈستىدىكى شىفىر سېلىش \ يېشىش(解密数据\加) دېگەن كۇنۇپكىنى باسىسىز. ( ئاستىدىكى تۈرگە چېقىلماڭ) ئۇنى باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكدەك بىز كۆزنەك كۆرىنىدۇ. سىز ئۇنىڭدىن يەككە ھۆججەتكە شىفىر سالامسىز ياكى توپ ھۆججەتكىمۇ(چوڭ بىر مۇندەرىجىگە) ئۆزىڭىز بەلگىلەپ شۇنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. مەن ھازىر يەككە ھۆججەتكە (بىر تال ھەر قانداق ھۆججەتكە) شىفىر سېلىشنى كۆرىسىتىپ ئۆتەي.

كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن مۇنداق كۆزنەك كۆرىنىدۇ.
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-17.jpg[/img]
بۇ كۆزنەكتىن جەزملەش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋېتىپ كېيىنكى باسقۇچقا ئۆتۈپ كېتىمىز! ئاندىن مۇنداق ئۇچۇر چىقىدۇ.
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-8.jpg[/img]
بۇ يەردىن ئۆزىڭىز شىفىر سالماقچى بولغان ھۆججەتنى تاللايسىز!!!
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-9.jpg[/img]
ئاندىن مۇنداق كۆزنەك چىقىدۇ ، قارىساق بىز تاللىغان ziliao.txt دېگەن ھۆججەت بۇ يەرگە كىرىپتۇ ئاستىغا قارىساق شىفىر سېلىش ، شىفىر يېشىش دەپ ئىككى كۇنۇپكا تۇرۇپتۇ... بىز بۇنىڭدىن شىفىر سېلىش(加密)نى تاللايمىز. 、 ئاندىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ.
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-10.jpg[/img]
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-11.jpg[/img]
بۇ يەرگە ئۆزىڭىز مۇۋاپىق شىفىر سالسىڭىز بولىدۇ. ( ئامال بار ئۇنتۇپ قالمايدىغان ھەم باشقىلار بىلەلەمەيدىغان شىفىرلارنى سېلىڭ) ئادىن جەزملەشنى كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قارىساق شىفىر سېلىنىشقا باشلايدۇ.( دىققەت: بۇ يەرگە ئەڭ ئاز بولغاندا3 خانلىق شىفىر سالغىلى بولىدۇ . شۇڭا شىفىرنى 3 خانلىق ھەرىپ ياكى ساندىن يۇقىرى قىلىڭ!) تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرىنىدۇ!
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-12.jpg[/img]
شىفىر سېلىنىۋاتىدۇ... (يەككە ھۆججەتكە شىفىر سالغاندا سۈرئەت تېز بولىدۇ...يەنى چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك) شىفىر سېلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئەسلى كۆزنەك ھالىتىگە قايتىپ كېلىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-13.jpg[/img]
ئەمدى شىفىرلانغان ھۆججەتنىڭ شىفىرىنى قانداق ئېچىشنى كۆرۈپ باقايلى!!!!
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-22.jpg[/img]
مانا قارىساق ئەسلى ھۆججەتنى نامى ئۆزگەرمىگەن ھۆججەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىنىمۇ كۆرەلىگەن ھالەتتە كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ... ئەمدى بىز ئۇنىڭ شىفىرىنى يشىپ باقايلى!!!

ئالدى بىلەن ئاشۇ قۇلۇپلانغان ھۆججەتنى قوش چېكىمىز! ئاندىن تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر كۆرىنىدۇ.

[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-4.jpg[/img]
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-5.jpg[/img]
بۇنىڭدىن ئۈستىدىكىنى تاللايمىز يەنى شىفىر سېلىش \ يېشىش(解密数据\加)دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز

بۇنىڭدىنمۇ يەككە ھۆججەت تۈرىنى تاللايمىز ئاندىن كېيىكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز

[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-6.jpg[/img]
ئاندىن بۇ ئۇچۇر يەنە چىقىدۇ. جەزملەشنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-19.jpg[/img]
ئاندىن ئاشۇ شىفىرلانغان ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بېرىمىز.
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-20.jpg[/img]
بۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىن شىفىر يېشىش (解密) كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. ئاندىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ.
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-21.jpg[/img]
شىفىرنى كىرگۈزۈپ ئاندىن جەزملەشنى باسسىڭىز ئاۋۇ ھۆججەت شىفىردىن يېشىلىدۇ.

تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن رەسىمدىكىدەك:
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-22.jpg[/img]
يەككە ھۆججەتكە شىفىر سېلىش ئۇسۇلى مۇشۇ يەردە تۈگىدى. ئەمدى كۆپ ھۆججەتكە يەنى چوڭ بىر قىسقۇچقا شىفىر سېلىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرىلىدۇ!!!

داۋامى بار...

دېتال كېيىنكى قىسىمدا يوللىنىلىدۇ....



kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » چارشەنبە ئىيۇل 09, 2008 6:32 am

ئەمدى توپ ھۆججەتلەرگە شىفىر سېلىشنى بىر كۆرسىتىپ ئۆتەي. ئۇسۇلى يۇقىرقى بىلەن ئوخشاش شۇنداقتىمۇ بىر قېتىم كۆرۈۋېلىڭلار!!!

ئۈستىدە بۇ كۆزنەكتىن ھۆججەت()دېگەن تۈرنى تاللاپ يەككە ھۆججەتكە شىفىر سېلىشنى كۆرگەنىدۇق. ئەمدى ئاسىتىدىكى قىسقۇچ()نى تاللاپ كۆپ ھۆججەتكە شىفىر سېلىشنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-1-1.jpg[/img]
بۇ كۆزنەكتىن قىسقۇچ()تۈرىنى تاللاپ كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
ئاندىن بۇ ئۇچۇردىن جەزملەشنى بېسىپ داۋاملىق مەشغۇلات ئېلىپ بارىمىز.
تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرىنىدۇ.
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-2-1.jpg[/img]
بۇ كۆزنەكتىن شىفىر سالماقچى بولغان قىسقۇچنى(قىسقۇچ ئىچىدە باشقا نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللار بار بولىدۇ...)كۆرسىتىپ بېرىمىز. ئاندىن جەزملەش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-4-1.jpg[/img]
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-5-1.jpg[/img]

مانا بۇ كۆزنەكتىكى مەزمۇنلار بايا بىز كۆرسىتىپ بەرگەن قىسقۇچ ئىچىدىكى ماتېرىياللار شۇ. كۆرۈپ تۇرۇپسىز قىسقۇچ ئىچىدە قانداق ماتېرىيال بولسا ھەممىسىگە قوشۇپلا شىىفىر سېلىۋېرىدۇ. PDF, SWF, WORD قاتارلىق ھەر قانداق ھۆججەت بولسا بولىۋېرىدۇ.

[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-6-1.jpg[/img]
[بۇ كۆزنەكتە بولسا شىفىر سېلىنىۋاتقان كۆرۈنىشى..(شىفىر سالىدىغان كۆزنەك كۆرسىتىلمىدى. ئۈستىدە كۆرسىتىپ بولۇنغان)يۇقىردا دېيىلگەندەك شىفىر سېلىشنىڭ سۈرئىتى ھۆججەت چوڭ-كىچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك!!! شىفىر سېلىنىپ بولغاندىن كېيىن بۇ كۆزنەك يوقاپ كېتىپ ئەسلىدىكى كۆزنەك ھالىتى كۆرىنىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
[img]http://i264.photobucket.com/albums/ii167/kulke0997/sshot-7.jpg[/img]
شۇنىڭ بىلەن ھۆججەتلەرگە شىفىر سېلىش ئۇسۇلى تاماملاندى.

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار