[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • كومپيۇتېر بىلىملىرى
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

كومپيۇتېر بىلىملىرى

يېزىلغان: شەنبە ماي 26, 2007 2:28 am
تەرىپىدىن يوللانغان AKRAM-AHMAT
1.كەڭ بەلباغلىق تور سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش:
كەسپى نۇسىخىدىكى Windows XP ياسىلىپ چىقىشىدىلا %20 لىك تور سۈرئىتىنى ساقلاپ قالغان . ئەمەلىيەتتە بۇ ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئانچە رولى يوق . شۇڭا ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانغىنىمىز ياخشى !
ئىجرا قىلىش رامكىسىنى ئېچىپ 开始→运行 ، بۇنى gpedit.msc تولدۇرۇپ جەزىملەشتۈرۈپ组策略编辑器 نى ئاچىمىز ،ئۇنىڭ ئىچىدىن
计算机配置→管理模板→网络→QoS数据包计划程序 نى تېپىپ ، ئوڭ تەرەپتىكى “限制可保留带宽”نى تاللاپ ماۋۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىپ “属性”نى تاللايمىز ، بۇنىڭدىن چىققان كۆزنەكتىن已禁用 نى تاللاپ جەزىملەشتۈرىمىز .

2.Altكونۇپكىسىنىڭ 12 خىل ئىشلىتىلىشى :

1)Alt كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق تىزىملىك ستونىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ ، Alt+F ئارقىلىق نۆۋەتتىكى كۆزنەكنىڭ ھۆججەت تىزىملىكىنى قوزغاتقىلى
بولىدۇ ،شۇنىڭدەك ( ماس ھالدىكى ھەرپ + Alt+ ) نى بېسىش ئارقىلىق شۇنىڭغا ماس ھالدىكى تىزىملىكنى قوزغاتقىلى بولىدۇ .

2) Ctrl+Alt+Del بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق Windows ۋەزىپە باشقۇرغۇچى پروگراممىسىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ ،ئۇ ئارقىلىق خالىغان ۋەزىپىنى تېز سۈرئەتتە ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولىدۇ . بۇ بىرلەشمە كونۇپكىنى قايتا بېسىش ئارقىلىق كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتقىلى بولىدۇ .

3)مەلۇم ئوبيېكتىپنى تاللاپ Alt+Enter بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق شۇ ئوبيېكتىپنىڭ خاسلىقىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ .

4) DOS كۆزنىكىدە تۇرۇپ Alt+Enter بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق پۈتۈن كۆزنەك ھالىتى ۋە ئادەتتىكى كۆزنەك ھالىتى ئوتتۇرىسىدا
ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ .

Alt+PrintScreen (5 بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئېكراننى سۈرەتكە تارتقىلى بولىدۇ .ئاندىن ئۇنى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش
يۇمتالى ئارقىلىق رەسىم شەكلىىدە ساقلىۋالغىلى بولىدۇ . ساقلاش ئۇسۇلى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمتالىنى قوزغىتىپ قۇرۇق بەتتىن بىرنى ئېچىپ
ئېچىپ چاپلىساقلا بولىدۇ .

Alt+F4 (6 بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى كۆزنەكنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ .

Alt (7 كونۇپكىسىنى قويۇۋەتمەي يەنە Tab نى بىرلەشتۈرۈپ بېسىش ئارقىلىق ۋەزىپە ستونىدىكى كۆزنەكلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا
ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ .

8) نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پروگراممىدا تۇرۇپ Alt+Space بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق بىۋاستە سىستېما كونترول تىزىملىكىنى
ئاچقىلى بولىدۇ .

Shift+Print Sscreen+Alt (9 بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق يوقىرى سېلىشتۇرما دەرىجىسىگە ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ .

Shift + Num Lock +Alt (10 بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ماۋۇس كونۇپكىسى ۋېكليۇچاتىلىنى ئاچقىلى بولىدۇ .

Word (11 تا تۇرۇپ تېكست تاللىماقچى بولغاندا ئاۋۋال Alt كونۇپكىسىنى بېسىپ ئاندىن تاللىساق تىك قاتار بويىچە تاللاشقا بولىدۇ .

Word (12 تا تۇرۇپ Alt +Shift + D بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق شۇ كۈنلۈك چېسلانى كىرگۈزگىلى بولىدۇ ،
Alt +Shift + T بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ۋاقىتنى كىرگۈزگىلى بولىدۇ.

بىلىك مۇنبىرىدىكى يازمامدىن ئېلىندى

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: AKRAM-AHMAT ، ۋاقتى: 2007-5-26 08:33 [/i]]