ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! قېرىنداشلار !
تۆۋەندە كۆپچىلىككە كومپيۇتىر بىلىملىرىدىن بىر قانچە مىسال كۆرسىتىپ بېرەي ! مېنىڭچە كۆپچىلىككە كۆپ ياردىمى بولىدۇ !
1. جاھاننامە ئادرىس سىتونىدىكى تارىخىي ئادرىس خاتىرىلىرىنى ئاپتوماتىك يۇيۇپ تاشلاش :
باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىش رامكىسىنى (运行) قوزغىتىپ ،ئىچىگە regedit دەپ تولدۇرۇپ تىزىملاش قەدۋىلى تەھرىرلىگۈچىنى ئاچىمىز ،
ئاندىن HKEY_CURRENT_USER\Software\Microsoft\Windows\CurrentVersion\Policies\Explorer تېپىپ ، ClearRecentDocsOnExit ئىسىملىك بىر 十六进制键 دىن بىرنى قۇرىمىز (كەچۈرۈڭلار !十六进制键 بۇ سۆزنى تەرجىمە قىلالمىدىم )،
ئاندىن قىممىتىنى 01,00,00,00 قىلىپ تولدۇرۇپ كومپيۇتىرنى قايتا قوزغاتساقلا بولىدۇ ! ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىم قايتا قوزغالغاندا ئادىنقى قېتىملىك
تارىخىي ئادرىس خاتىرىلىرىنى ئاپتوماتىك يۇيۇپ تاشلايدۇ !
2.كۆپ ئۇچرايدىغان ئىجرا قىلىش بۇيرۇقلىرى :
باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىش رامكىسىنى (运行) قوزغىتىپ،ئىچىگە تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى كىرگۈزىمىز ! ھەممىسىنىڭ ئۆز ئادىغا رولى بار !
1. winver بولسا Windows نىڭ نەشرىنى تەكشۈرۈش !
2.dxdiag بولسا DirectX ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش !
mem.exe.3 بولسا ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ !
Sndvol32.4 بولسا ئاۋاز كونتىرول قىلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
5.sfc.exe بولسا سىستىما ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرگۈچ !
6.gpedit.msc بولسا گۇرۇپپىلار بويىچە تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ !
7.regedit.exe بولسا تىزىملاش قەدۋىلى تەھرىرلىگۈچىنى ئېچىپ بېرىدۇ !
Msconfig.exe .8 بولسا سىستىما سەپلىمىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ !
9. cmd.exe CMD بولسا بۇيرۇق ئەسكەرتمە پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
10. chkdsk.exe Chkdsk بولسا قاتتىق دېسكىنى تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
11. services.msc بولسا مۇلازىمەت كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
12. lusrmgr.msc بولسا يەرلىك ئابونت باشقۇرۇش كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
13. drwtsn32 بولسا Windows سىستىما دوختۇرى كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
cleanmgr .14 بولسا رەتلەش ئېلىپ بېرىش كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
15. mmc بولسا كونتىرول سۇپىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
16. rononce -p 15 بولسا 15سىكونتتىن كېيىن ئاپتوماتىك كومپيۇتىرنى ئۆچۈرۈش !
17. taskmgr بولسا ۋەزىپە باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
18. devmgmt.msc بولسا ئۈسكىنە باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
19. diskmgmt.msc NT بولسا قاتتىق دېسكا باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
20. compmgmt.msc بولسا كومپيۇتىر باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
21. winchat بولسا كىچىك دائىرىيىلىك توردا پاراڭلىشىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
22. mspaint بولسا رەسىم سىزىش تاختىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
23. nslookup بولسا تورنى باشقۇرۇش قورالىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
24. syskey بولسا سىستىمىغا مەخپىي ئۇچۇر ئورنىتىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
25. wupdmgr بولسا Windows نى يېڭىلاش تور بىكىتىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
26. Clipbrd بولسا قىيىپ چاپلاش تاختىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
27 . Odbcad32 بولسا ODBC سانلىق مەلۇمات مەنبەسىنى باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
28. Nslookup بولسا IP ئادرىسىنى تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
29. write بولسا خەت يېزىش تاختىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
30. mstsc بولسا يىتاق مۇساپىلىق ئۇلاش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
31.magnify بولسا چوڭايتىپ كۆرسىتىش ئەينىكىنى ئىشلىتىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
32. mobsync بولسا ماس قەدەملىك بۇيرۇق پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
33. dfrg.msc بولسا دېسكا پارچىلىرىنى رەتكە سېلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
34.dcomcnfg بولسا سىستىما بىرىكمە دىتال مۇلازىمىتىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
35. notepad بولسا خاتىرە دەپتەرنى ئېچىش !
36.ntbackup بولسا سىستىمىنى زاپاسلاش ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
37. narrator بولسا سىستىما ئاپتوماتىك بايان قىلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
38.ntmsmgr.msc بولسا يۆتكىگۈچلىك ساقلىغۇچنى باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
39.sysedit بولسا سىستىما سەپلىمىلىرىنى تەھرىرلەش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
40. sndrec32 بولسا سىستىما ئۈن ئېلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
41. ventvwr بولسا ۋەقە تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
42. eudcedit بولسا خەت كەشىپ قىلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
43. explorer بولسا مەنبە باشقۇرغۇچنى ئېچىش !
44. perfmon.msc بولسا كومپيۇتىرنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
45. progman بولسا پروگراممىا باشقۇرغۇچنى ئېچىپ بېرىدۇ !
46. calc بولسا ھېسابلىغۇچ پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
47.cleanmgr بولسا دېسكا تازىلاش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
48. ciadv.msc بولسا كۆرسەتمە مۇلازىمەت پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
49. osk بولسا ئېكراندىكى كونۇپكا تاختىسىنى ئېچىش
50. lusrmgr.msc بولسا يەرلىك ئەشلەتكۈچى ۋە گۇرۇپپىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ !
51. utilman بولسا قوشۇمچە قوراللارنى باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
52. fsmgmt.msc بولسا ئورتاق پايدىلىنىدىغان ھۆججەتنى باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
53. logoff بولسا تار دائىرىدىكى قايتا قوزغىتىش !
3. تەگلىكتىكى (桌面) ھەممە رەسىم كۆرۈنۈشىنى يوشۇرۇپ قويۇش :
باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىش رامكىسىنى (运行) قوزغىتىپ ،ئىچىگە regedit دەپ تولدۇرۇپ تىزىملاش قەدۋىلى تەھرىرلىگۈچىنى ئاچىمىز ،
ئاندىن HKEY_CURRENT_USER\Software\Microsoft\Windows\CurrentVersion\Policies\Explorer تېپىپ ، يېڭىدىن بىر
DWORD قىممەتتىن بىرنى قۇرىمىز ، ئىسمىنى NoDesktop دەپ تولدۇرىمىز ، قىممىتىنى 1 دەپ تولدۇرىمىز ! ئاندىن كومپيۇتىرنى قايتا قوزغاتساقلا بولىدۇ ، ئۇ چاغدا تەگلىكتىكى ھېچنىمە يوقلۇقىنى بايقايسىلەر !
4. قاتتىق دېسكا رايونىنى ۋە ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنى يوشۇرۇش قويۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش
بىز ئەگەر قاتتىق دېسكىمىزدىكى مۇھىم ھۆججەت ۋە ماتىرىياللارنى قوغدىماقچى بولساق ،قاتتىق دېسكا يوشۇرۇش قويۇش ئۇسۇلىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز ،
ئەگەر باشقىلارنىڭ كومپيۇتىرىمىزدا ئوپتىك دېسكا ئارقىلىق يۇمشاق دىتال قاچىلاش ۋە ئېلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇق ئويناش قاتارلىق مەشغۇلاتلىرىدىن
ساقلانماقچى بولساق ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنى يوشۇرۇش قويۇش ئۇسۇلىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز !
بۇنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى توۋەندىكىچە :
ئاۋۋال < كومپيۇتىرىم > نى چاشقاننىڭ ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چىكىپ ، < باشقۇرۇش > 管理 نى بېسىپ 计算机管理 ئاچىمىز ، ئاندىن كېيىن
ئوڭ تەرەپتىكى مۇندەرىجىدىن 存储→磁盘管理 چېكىمىز ، ئۇ چاغدا ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتە كومپيۇتىرىمىزدىكى بارلىق قاتتىق دېسكا ۋە ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچلار كۆرۇنىدۇ ! ئاندىن كېيىن يوشۇرماقچى بولغان قاتتىق دېسكىنى تاللاپ ، چاشقاننىڭ ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چىكىپ ،更改驱动器名和路径 بۇيرۇقنى باسىمىز ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان كۆزنەكتىن 删除 باسىمىز ، ئاندىن كېيىن سىستىما ئاپتوماتىك ھالدا
؟ 删除卷的驱动器号可能会导致程序停止运行。确实要删除这个驱动器名吗 دىگەن تاللاش كۆزنىكى چىقىرىدۇ ، ئۇ كۆزنەكتىن 是 باسىمىز ، شۇنىڭ بىلەن مەقسىدىمىزگە يېتىمىز !
ئەگەر يوشۇرۇپ قويغان قاتتىق دېسكىمىزنى ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولساق ، يەنە ئاۋۋال < كومپيۇتىرىم > نى چاشقاننىڭ ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چىكىپ ، < باشقۇرۇش > 管理 نى بېسىپ 计算机管理 ئاچىمىز ، ئاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتىكى مۇندەرىجىدىن 存储→磁盘管理 چېكىمىز ، ئۇ چاغدا ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتە كومپيۇتىرىمىزدىكى بارلىق قاتتىق دېسكا ۋە ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچلار كۆرۇنىدۇ ! ئاندىن كېيىن ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولغان قاتتىق دېسكىنى تاللاپ ، چاشقاننىڭ ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چىكىپ ، 更改驱动器名和路径 بۇيرۇقنى باسىمىز ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان كۆزنەكتىن 添加 باسىمىز ، ئاندىن كېيىن ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولغان قاتتىق دېسكىنى تاللاپ 确定 باسىمىز ، شۇنىڭ بىلەن يوشۇرۇپ قويغان قاتتىق دېسكىمىز ئەسلىگە كېلىدۇ !
ئوتىك دېسكا قوزغاتقۇچنى يوشۇرۇش قويۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشغۇلاتىمۇ يۇقىرىدىكىسىگە ئوخشاش !
دىققەت : بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق سىستىما قاچىلانغان قاتتىق دېسكا رايونىنى يوشۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ !
ھۆرمەت بىلەن : ئەكرەم ئەخمەت !
2007 يىل 12-فېۋرال !!!
بىلىك مۇنبىرىدىكى يازمامدىن ئېلىندى
كومپيۇتىر بىلىملىرى 1
-
- يازمىلار: 26
- تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 26, 2007 1:25 am
- ئالاقىلىشىش:
توردىكى ئەزالار
مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار