ئەجىبا IE دىن باشقا تور كۆرگۈنى قوللاش شۇنچە تەسمىدۇ؟

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللانغان كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە تورداشلار ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەن ھەر خىل يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال ۋە كومپىيۇتېر پىروگىراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالا يوللانمىلار تاللاپ قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Awral
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە فېۋرال 01, 2008 7:05 am
ئالاقىلىشىش:

ئەجىبا IE دىن باشقا تور كۆرگۈنى قوللاش شۇنچە تەسمى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Awral » چارشەنبە ئىيۇل 21, 2010 9:17 am

ئەسلى مەنبە : [url]http://www.xjcfan.com/a/News/Article/2010/0719/1173.html[/url]
تورغا يوللىغان : تەدبىركار
+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

مىكروسوفت IE8 رەسمىي نەشىرىنى ئېلان قىلغىلى خېلىلا ئۇزاق بولدى، ھەتتا تېخى يېقىندا IE9 نىڭ كۆرۈنمە نەشىرىنىمۇ ئېلان قىلىپ ئۈلگۈردى، ناۋادا سىز تورغا چىقىش ئۈچۈن ئەشۇ «e» بەلگىسىنى بېسىپ كىرىشنىلا بىلىدىغان بىر تورغا چىققۇچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا يازمىنىڭ داۋامىغا نەزەر سېلىڭ، چۈنكى جاھاندا IE دىن باشقىمۇ تور كۆرگۈلەر بار، ھەتتا IE دىنمۇ ياخشى تور كۆرگۈلەر بار...

ھازىر دۆلەت ئىچىدە ۋە ئارىمىزدا IE دىن باشقا يادرودىكى تور كۆرگۈ ئىشلىتىۋاتقانلار كۈنسايىن كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ، سىز FireFox ياكى Chrome ئارقىلىق تور بانكىسىنى زىيارەت قىلىۋاتقان چېغىڭىزدا بەلكىم مۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن: پۇل تۆلەش باسقۇچى ئاللىبۇرۇن بۇ يەرگە كېلىپ بولغاندا، يەنە قايتىدىن IE نى قوزغىتىپ باشتىن مەشغۇلات قىلارمەنمۇ؟ بۇ چاغدا بىز ئۆز-ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى، ئەجىبا IE دىن باشقا يادرودىكى تور كۆرگۈنى قوللاش شۇنچىۋالا تەسمىدۇ؟

[color=Blue]1. جاھاننىڭ كەينىدە قالغان جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى[/color]

[color=DarkOrange]باشقىلارنى دوراش ئىدىيىسىنىڭ كەڭ يامرىشى[/color]

ئىككىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن جۇڭگودا ئانچە كۆپ يېڭى تەرەققىياتلار بارلىققا كەلمىدى دېيىشكە بولىدۇ، جۇڭگو ئىزچىل ھالدا باشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا بىزنىڭ ئويىمىز مۇنداق: باشقىلار قىلالىغاننى، بىزمۇ قىلالايمىز.

ئەمىلىيەتتە بىزدە مۇنداق بىر خىل ئىدىيە كام: باشقىلار ئويلىمىغاننى، بىز ئويلىساق بولىدۇ.

ھەمىشە باشقىلارغا ئەگىشىپ مېڭىشىڭىزنى ھاجىتى يوق، بولمىسا ھامان باشقىلارنىڭ كەينىدە قالىدىغان گەپ. كومپيۇتېر ساھەسى ناھايىتى ياخشى بىر مىسال. ئىلگىرى بىرەيلەن: جۇڭگونىڭ ئىنتېرنېت تورى ئامېرىكىدىن 5 يىل كەينىدە دېگەن ئىدى، ئەلۋەتتە بۇ خىل كەينىدە قېلىش ئومۇمىي جەھەتتىن بولماستىن، بەلكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەنىڭ كەينىدە قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

[color=DarkOrange]بارىغا شۈكرى قىلىشتەك ئىدىيە جاھاننى بىر ئالدى[/color]

جۇڭگولۇقلار يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئانچە بەك قوغلىشىپ كەتمەيدۇ، تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش، بارىغا شۈكرى قىلىش ھەممە ئادەمنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

بۇ خىل بارىغا شۈكرى قىلىش ئىدىيەسى بارا-بارا كومپيۇتېر ساھەسىگە ۋە ئىنتېرنېتقا بۆسۈپ كىردى.

نېمىشقا شۇنچە كۆپ ئادەم تېخىچە پىنيىن يېزىقىنى ئىشلىتىشكە رازىكى، نېمىشقا ULY نى ئىشلەتمەيدۇ؟ نېمىشقا بۇنچە كۆپ ئادەم تېخىچە IE6 نى تاشلاشقا ئۇنىمايدۇ؟

چۈنكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئۇلار تېخىمۇ ياخشى نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ھورۇنلۇق قىلىدۇ، يېڭى بىر شەيئىگە يۈزلىنىشنى خالىمايدۇ.

دوراش ئىدىيەسى، بارىغا شۈكرى قىلىش ئىدىيەسى ئاساسى جەھەتتىن يېڭى بىر خىل ئىدىيە، يەنى مۇقىملىقنى قوغلىشىدىغان، ئەكسىچە تېخىمۇ ياخشىسىنى قوغلاشمايدىغان ئىدىيەنى بارلىققا كەلتۈرۈپ قويدى.

مەنچە سىز ئوقۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە چوقۇم سورىشىڭىز مۇمكىن، بۇ خىل ئىدىيەلەر بىلەن IE نىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟

بۇ خىل يېڭىلىقنى قوغلاشمايدىغان، بارىغا شۈكرى قىلىش ئىدىيەسى ۋە مۇقىملىقنى قوغلىشىش ئىدىيەسى بىۋاستە IE ياكى IE6 نىڭ ئۇزۇن مۇددەت جان ساقلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. IE نىڭ ئىشلىتىشى پەقەت جۇڭگودىلا ئەڭ ئومۇملاشقان دېگىلى بولماس، بىراق جۇڭگودا بۇ خىل ئەھۋال ئەڭ ئېغىر.

[color=Blue]IE6 نى ئىشلىتىشتىكى سەۋەپ[/color]

Web 2.0 ئۆلچىمىدىكى لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ IE6 نى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغانلىرى يوق، ھەتتا ھەرقانداق بىر Web لايىھەلىگۈچى IE نى قەتئىيلا ياخشى كۆرمەيدۇ.

IE6 نىڭ مەۋجۇدلىقى تور بەت ياسىغۇچىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە، ئۇلار تور بېكىتىنىڭ زىيارەتچىلىرىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، ھەرخىل ئاماللار بىلەن تور بېكىتىنى IE6 گە ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەيدۇ، ھەتتا IE6 ئۈچۈن مەخسۇس ئايرىم CSS يېزىشقا مۇھتاج بولىدۇ.

چەتئەلدىكى تور كۆرگۈ ئىشلىتىش نىسبىتى ئادەمنىڭ تولىمۇ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ، چۈنكى بىرىنچى ئورۇنغا FireFox تىزىلغان. بىراق دۆلەت ئىچىدە ئۇنداق ئەمەس، IE6 نىڭ ئىگەللىگەن ئورنى 100% بىرىنچى ئورۇندا، سەۋەپ تۆۋەندىكىدەك:

[color=DarkOrange]ئوغرى نەشىردىكى XP نىڭ ئۆزىگە IE6 باغلىۋېتىلگەن[/color]
شەك-شۈبھىسىزكى، جۇڭگودىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوغرى نەشىردىكى مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىدۇ، ئوخشاشلا، كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى تېخىچە XP. بۇ XP نىڭ ئۆزىدە ئېلىپ يۈرىيدىغىنى دەل IE6.

[color=DarkOrange]سېستىمىنىڭ ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئىقتىدارىنى ئىشلەتمەيدۇ[/color]
كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ ئوغرى نەشىردىكى مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ قۇلۇپلىنىپ قېلىشى ياكى قارا ئېكران بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەچكە، سېستىمىنىڭ ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئىقتىدارىنى تاقىۋېتىدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئۇلار IE نى يېڭىلاش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلالمايدۇ.
[color=DarkOrange]تورغا چىقىش ئۈچۈن پەقەت ئاشۇ «e» بەلگىسىنىلا ئىشلىتىش[/color]
بۇ يەردە مەن بىر سوغۇق يۇمۇر قىستۇرۇپ ئۆتەي:

ئالدىنقى ھەپتە بىر تونۇشۇم تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ كومپيۇتېرىنىڭ تورغا چىقالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
QQ غا چىققىلى بولامدۇ؟
بولىدۇ.
باشقا تور كۆرگۈلەر نورمال تورغا چىقامدۇ؟
تور كۆرگۈ دېگەن نېمە؟
ئېكراندىكى ئاشۇ «e» بەلگىسىدىن باشقا پروگراممىلار شۇ
.............................

بۇ سوغۇق يۇمۇردىن شۇنى بىلىۋېلىشكە بولىدۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر جاھاندا تېخى IE دىن باشقا تور كۆرگۈنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ، ھەتتا تورغا چىقىدىغان ئاشۇ نەرسىنىڭ تور كۆرگۈ دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.

[color=Blue]يېڭىلىقنى قوغلاشماسلىق ئىدىيەسى[/color]

ئەمىلىيەتتە يەنىلا خېلى كۆپ قىسىم كىشىلەر باشقا تور كۆرگۈلەرنىڭمۇ مەۋجۇدلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما قاچىلاپ ئىشلىتىپ بېقىشقا ھورۇنلۇق قىلىدۇ، مۇھىت ئالماشتۇرۇپ بېقىشنى خالىمايدۇ.

ئەمما شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، IE6 ئەكسىچە سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى تېخىمۇ ئىسراپ قىلىشى مۇمكىن. گەرچە باشقا تور كۆرگۈنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئىنتايىن قىسقا مۇددەتلىك ماسلىشىش جەريانىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىزمۇ، ئەمما بۇمۇ كېيىنكى ۋاقتىڭىزنى تېجەش ۋە تور زىيارەت قىلىش ئۈنۈمىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر.

[color=Blue]باشقا تور كۆرگۈلەر ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچە[/color]

نېمىشقا Win7 دا تور بەت كۆرسەم خەت چاپاق؟ نېمىشقا مەن FireFox ئىشلىتىپ بەزى تور بېكەتلەرنى ئاچالمايمەن؟ نېمىشقا Opera دا تور بەت كۆرسەم ناخشا قويغىلى بولمايدۇ؟ Chrome دېگەن بىر ئەخلەت!...

بۇ خىل ۋايساشلار ئەتراپىمدا دائىم ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، مەن بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم قايتا تەكىتلەپ ئۆتسەم: بۇ تور كۆرگۈنىڭ ياكى مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، تور كۆرگۈ ئەخلەت ئەمەس، بەلكى ئاشۇ تور بېكەتنىڭ ئۆزى بىر ئەخلەت.

[color=Blue]تور بانكىلىرى IE نىڭ سابىق قوللىغۇچىلىرى[/color]

بۇ يەردە ئازراق قۇرۇپ گەپ قىستۇرۇپ ئۆتسەم، بازاردا بىر خىل ئېھتىياج بولمىسا، بۇ خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئېنىق زىيان تارتىدۇ، شۇڭا ئېھتىياج بولمىغان مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش ھاجەتسىز.

يۇقارقى سۆزنى بۇ يازمىنىڭ مەزمۇنىغا بىرىكتۈرگەندە، تور بانكىلىرى IE دىن باشقا تور كۆرگۈنى قوللىمايدۇ، چۈنكى نۆۋەتتە بۇ خىل ئېھتىياج يوق.
ئەجىبا بۇ سۆزدىن باشقا تور كۆرگۈ ئىشلىتىدىغانلار تور بانكىسى ئىشلەتمەيدۇ دېگەن مەنا چىقامدۇ؟

تۆۋەندىكىسى مەلۇم بانكىنىڭ تور بېكىتىنىڭ نېمىشقا FireFox نى قوللىماسلىق ھەققىدىكى سوئالىغا بەرگەن جاۋابى:

ئەسلىدە تور بانكىسى سېستىمىسى رامكىسى ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى پاسون قۇرۇلمىسى ئىشلەتكەن، شۇڭا ھەرقايسى تور كۆرگۈلەرگە نىسبەتەن جىق تەسىر كۆرسەتمەيتى، ئەمما يېڭىدىن يولغا قويۇلغان تور بانكىسى سېستىمىسى زور مىقداردا CSS ۋە بىر قەدەر ئالىي نەشىردىكى JS ئېلىمېنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا، FireFox قا نىسبەتەن ياخشى قوللىماسلىق مەسىلىسى كېلىپ چىققان، شۇڭا سىزنىڭ سېستىما ئۆزىدە تەمىنلىگەن IE تور كۆرگۈسىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ھەممىسى تۈكى يوق گەپلەر، ئۇ پەقەت ئاساسلىق سەۋەبنى دېيىشكە ئامالسىز: جۇڭگودىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشى ساختا XP نى ئىشلىتىدۇ، نېمىنىڭ تور كۆرگۈ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ھەممىسى چوقۇم IE ئىشلىتىدۇ، باشقا تور كۆرگۈنى قوللا دەمسىز؟ بۇ بىزنىڭ ۋاقتىمىزنى ۋە پۇلىمىزنى ئىسراپ قىلغانلىق بولماي نېمە؟!

شۇنى دېمەي تۇرالمايمىز، بۇمۇ ئىنتېرنېت تورىنىڭ كەينىدە قالغانلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.

[color=Blue]تور بانكىسى ئەجىبا راستىنلا IE دىن قۇتۇلالماسمۇ؟[/color]

تۆۋەندىكىسى مەلۇم تورداشنىڭ Windows تىن باشقا مەشغۇلات سېستىمىلىرىدا ئېلىپ بارغان سىنىقى:
[img]http://www.xjcfan.com/uploads/allimg/100719/2_100719180102_1.JPG[/img]


يۇقارقى ستاتسىكىدىن كۆرەلەيسىز، IE دىن باشقا يادرودىكى تور كۆرگۈنى قوللاش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس، بانكىسى IE دىن باشقا تور كۆرگۈلەرگە نىسبەتەن مۇكەممەل قوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

يۇقارقى سىتاتسىكىدىن يەنە كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن، تۆت چوڭ بانكىنىڭ ھېچقايسىسى IE دىن باشقا تور كۆرگۈنى قوللىمايدۇ، بەلكىم بۇمۇ جۇڭگو تېلىگرافىغا ئوخشاش، تاپقان پۇلى ئەڭ كۆپ، قىلغان ئىشى ئەڭ ئاز بىر خىل لوگىكا بولسا كېرەك.

[color=Blue]تور بېتىڭىزنىڭ دەرھال IE نىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇڭ[/color]

مەن سىزنى قورقۇتمىدىم، ناۋادا سىزنىڭ تور بېكىتىڭىز تېخىچە پەقەت IE دىلا نورمال كۆرۈنىدىغان بولسا، دەرھال مۇناسىۋەتلىك تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بېرىڭ. IE نىڭ خاتالىقىنى مەجبۇرىدىن مەجبۇرغا توغرا دەپ چۈشىنىۋالماڭ، باشقا تور كۆرگۈلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مەجبۇرىدىن-مەجبۇرى ھالدا بۇ بىر ئەخلەتكەن دەپ چۈشىنىۋالماڭ.

نۆۋەتتىكى پايدىلىقى ئامىللار:
IE دىن باشقا تور كۆرگۈ ئىشلىتىدىغان ياكى IE8 دىن يۇقىرى تور كۆرگۈ ئىشلىتىدىغانلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە.
تور بەت لايىھەلىگۈچىلەر بارا-بارا IE نى ئەمەس، بەلكى خەلقئارا Web 2.0 ئۆلچىمىنى ئاساسى ئورۇنغا قويماقتا.

ھازىرقى تور بېكەتلەر ھەرگىزمۇ 10 يىلنىڭ ئالدىدىكىدەك ئاددى بىر قانچە پارچە رەسىم ۋە خەتتىن تۈزۈلگەن تور بېكەتلەر ئەمەس، بەلكى ئۆزىدە زور مىقداردىكى مېدىيا ئۇچۇرلىرى ۋە JS لارنى ئېلىپ يۈرۈيدۇ، IE بۇ يۈكلەرگە ھەرگىز بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، چۈنكى IE نىڭ داۋاملىق قېتىۋالىدىغانلىقىنى، بىر كۇنۇپكا بىلەن كۆرۈۋاتقان ھەممە نەرسىڭىزنى يوق قىلىدىغانلىقىنى مەندىن ئوبدان بىلىسىز.

بىر دانە تور بېكەت لايىھەلىگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئىشلەتكۈچىلىرىڭىزنىڭ قالاق ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىۋالماسلىقىڭىز كېرەك. IE نىڭ ئىستىقبالىدىن سۆز ئېچىش بەكلا تەس. بەلكىم سىز زىيارەتچىلىرىڭىزگە مەلۇم ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۇنىڭغا IE دىن باشقىمۇ تور كۆرگۈنىڭ بارلىقىنى، تور بېتىڭىزنى باشقا تور كۆرگۈلەردە زىيارەت قىلسا ئويلىمىغان ئۈنۈملەرگە ئېرىشىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىز كېرەكتۇ؟



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » چارشەنبە ئىيۇل 21, 2010 1:45 pm

بىر نەرسىنى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجدىن بولىدۇ، مىسالغا ئالايلى:
سىز ھېساۋاتقا مۇناسىۋەتلىك ئىش قىلسىڭىز ئاددىي بىر پروگرامما تۈزىۋېلىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، مەن دەرھال excel نى ئېچىپ قىلىمەن. excel 2000 نى ئىشلىتىپ سەۋىيەم بىراز ئېشىۋىدى 2002 نى 2003 نى ئىشلەتتىم. 2007 نىڭ ئىقتىدارى يۇقۇرى بولسىمۇ بىر تەرەپتىن سەۋىيەمدىن يۇقۇرى يەنە بىر تەرەپتىن 2007 نى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ ئەمەس. بىرەر مەسىلىگە يولۇقسام جاۋاپ تاپمىقىم تەس. شۇڭا 2003 نى ئىشلىتىۋاتىمەن.
ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىش بىلىمى دېگەندەك چوڭقۇرلىشىپ كەتمىدى. يۇقۇرىدا دېيىلگەن تور كۆرگۈلەر ھازىرقى يۇقۇرىراق سەۋىيەلىك كىشىلەرنى ئۆلچەم قىلىپ ياسالغان بولغاچقا نۇرغۇن ئادەامنىڭ دەماللىققا قوبۇل قىلالماسلىقى تەبىئىي ئەھۋال.
بۇ ماقالىدا يېڭى يۈزلىنىش ھەققىدە خېلى ياخشى ئۇچۇر بىرىلىپتۇ. پايدىلىنىش قىممىتى باركەن.

koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » پەيشەنبە ئىيۇل 22, 2010 9:44 am

`ياخشى پاراڭكەن!
بۇرۇن 游览器نى «جاھاننامە» دەيمىز دەپ خېلى جار سېلىنغاندەك قىلغان، ئەمدى تور كۆرگۈ دەپ ئاتايدىغان بوپتۇق. بۇمۇ بولغۇدەك!
Chrome دىگەن تور كۆرگۈنىڭ ئوقۇلۇشى «كروم» بولغاندىكىن، ماس ھالدا «كۆرۈم» دەپ قويساق قانداق بولار!؟

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە ئىيۇل 24, 2010 9:05 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]koktash[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-22 15:44 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2832&ptid=568][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
`ياخشى پاراڭكەن!
Chrome دىگەن تور كۆرگۈنىڭ ئوقۇلۇشى «كروم» بولغاندىكىن، ماس ھالدا «كۆرۈم» دەپ قويساق قانداق بولار!؟ [/quote]

بولماسمىكىن، بىر قىسىم بەتلەردە تېمىنىڭ كۆرۈلۈش سانىنى « كۆرۈپ » دەپ ئالغان. يەنىلا «كروم» بولسا بولغۇدەك ئۆزگىچە.

DELL
يازمىلار: 8
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئىيۇل 24, 2010 3:48 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان DELL » شەنبە ئىيۇل 24, 2010 6:28 pm

[size=2]بۇ تېمىنىمۇ «تىلنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» تېمىسغا ئايلاندۇرۋەتمەيلى! تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلساق!
جۇڭگۇدىكى نۇرغۇنلىغان ئابونتلار ئامالسىز IE تور كۆرگۈسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. چۈنكى باشقا تور كۆرگۈلەر خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن تور بانكىسى ۋە توردىن مال سېتۋېلىش كەسىپلىرىنى ياكى باشقا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتاللارنى ( (迅雷ئاساسەن قوللىمايدۇ.
كىچىك بىر مىسال، مەن ھازىر IE نىڭ 8.0 نەشىرىدە Ctrl+K نى بېسىپ ئېنگىلىزچە ھالەتكە ئۆتەلمىدىم. (Ctrl+K نى باسسا، يېڭى بەت ئېچىلدىكەن.) ئەلۋەتتە قايىسسى قولايلىق بولسا شۇنى ئىشلىتىدىغان گەپ. ئەگەر بۇنداق بولىۋەرسە شەخسەن مەنمۇ IE نىڭ 6.0 نەشىرىنى تەبئىيلا قاچىلاشنى ئويلاپ قالىمەن.
تۆۋەندىكى گرافىكتىن ھەرقايسى تور كۆرگۈلەرنىڭ ئومۇملىىشىش نىسبىتىنى كۆرەلەيسىلەر.

[img]http://i.i.com.com/cnwk.1d/i/bto/20091005/netapplications_browser_share_8-9.2009.png[/img]

دۇنيادىكى ئاساسلىق تور كۆرگۈلەرنى ئىز قوغلاپ سىستاتسىتىكا قىلغان Net Applications شىركىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2009-يىلى 9-ئايدا دۇنيادىكى %65.7 ئابونت IE تور كۆرگۈسىنى ئىشلەتكەن. بۇ شۇ يىلى 8-ئايدىكى %67 تىن تۆۋەن. بىر ئاي ئىچىدىلا بۇنچە تۆۋەنلىشىدىن IE تور كۆرگۈسىنىڭ يەر شارى مىقياسىدا روشەن چېكىنىۋاتقانلىقى ئېنىق.
ئالتە يىل مۇقەددەم 1.0 نەشىرىنى ئېلان قىلغان Firefox تېز ئومۇملاشقان بولسىمۇ، بىراق ئاخىرقى تەقدىرى يەنىلا تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن. ئالما شىركىتىنىڭ Safari تور كۆرگۈسى % 0.1 پىرسەنت ئۆرلىگەن ۋە سۈرئىتى ئاستا بولسىمۇ ئىزچىل ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلاۋاتىدۇ. بۇ يىل ئېلان قىلىنغان iPad نىڭ سېتىلىش مىقدارى يېڭى رىكورتلارنى يارىتىۋاتىدۇ. iPhone نىڭ تېز ئومۇملىشىۋاتقانلىقى ھەممىزگە ئايان. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىگە Safari تور كۆرگۈسى قاچىلانغان. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، Safari تور كۆرگۈسىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.
Google Chrome دېگەن بۇ شوركىغا ئۇزۇن بولمىسىمۇ ھەر ھالدا تېز ئومۇملاشتى. ئىقتىدارىمۇ يامان ئەمەس. سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېز. ئۇنىڭ ئۈستىگە Google شىركىتىOS Chrome نى ئېلان قىلدى. قارىغاندا ئۇلارنىڭ ساھەدە ئۈزۈپ چىقىش تەماسىدىن يانغۇسى يوقتەك قىلىدۇ. رىقابەتكە تولغان بۇ جەڭدە كىمنىڭ ئۈزۈپ چىقىشىنى يەنىلا ۋاقىت بەلگىلەيدۇ. IE نىڭ ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قېلىشىنى بۇرنىمىز پۇراپ تۇرۇپتۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، جۇڭگۇدىكى بانىكلار ئامالسىز شۇ ئۈزۈپ چىققۇچىنىڭ تور كۆرگۈسىگە كۆچىدۇ.[/size]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار