گۇگىل ئۇيغۇرچە تەرجىمانى ئۈچۈن 25000 دوللار

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللانغان كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە تورداشلار ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەن ھەر خىل يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال ۋە كومپىيۇتېر پىروگىراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالا يوللانمىلار تاللاپ قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
omar
يازمىلار: 9
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە يانۋار 29, 2012 12:50 am
ئالاقىلىشىش:

گۇگىل ئۇيغۇرچە تەرجىمانى ئۈچۈن 25000 دوللار

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان omar » جۈمە فېۋرال 03, 2012 7:47 am

«ئىزدىنىش» تور بېكىتىدىكى dilara «تېمىنى باشقا يەرگە كۆچۈرمەڭ، «بىلىك»تىكىلەرنى «ئىزدىنىش»قىلا چاقىرىڭ، مۇشۇ يەردە مەسلىھەت قىلايلى» دېگەچكە، ئەسلى تېمىنى كۆچۈرۈپ كەلمىدىم، قىزىققۇچىلار «ئىزدىنىش»قا كىرىپ، تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى زىيارەت قىلىڭ.
تېمىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: بىرى گۇگىل تەرجىمانى ئۈچۈن 25000 دوللار چىقارماقچى ئىكەن.
[url=http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=45245]http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=45245[/url]



serdar
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە يانۋار 16, 2008 8:07 pm
ئالاقىلىشىش:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان serdar » سەيشەنبە فېۋرال 21, 2012 6:14 pm

مائارىپ ئۈچۈن دەسمى سالىدىغانلارنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولسۇن.............

مەن گوگۇل تەرجىمىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىمەن، تەرجىمە قىلغان سۆزلەر ئاساسان توغرا چىقىدۇ ، ئەمما جۈملە تەرجىمىسى ناھايىتى قالايمىقان ، ئەبجەش...........

مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم : دەسمىنى سالغىنىمىز ياخشى ، سالغاندىمۇ ئەڭ مۇۋاپىق ، ھەممە خەلققە پايدىلىق، ھەممىگە ئومۇملاشقان بىرەر ئىشقا سالمىسا بىھۇدە چارچاش ھېس قىلىپ قالىدىغان گەپ.
ۋاقتى كەلگەندە « ئىسىت » دەپ قالىدىغان ئىش چىقىپ قېلىشى مۇمكىن .

مەسىلەن ئېلىپ ئېيتساق تېلېۋىزورلاردا داڭلاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرچە تېلېفونلارنى ھەممىمىز بىلىمىز ، ئۇخىلدىكى تېلېفوننى ئىشىنىمەنكى 10% تىن ئارتۇق ئادەم سېتىۋالىدۇ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز كىشىلەر ، بىر كۆرۈپ « ھە، ئۇيغۇرچىكەندە » دەپ قويىدۇ خالاس........ ئۇ خىل تېلېفونغا مەبلەغ سالغانلار ھازىر جىمىپ قالدى. چۈنكى ئۇ خىل تېلېفوندىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر بەك سەت كۆرۈنىدۇ، كۆرۈنۈشى قوپال، بەزى كىشىلەر ئۇنداق تېلېفوننى زامان كەينىدە قالدى دەپ ئاپتۇبۇستا ئىزا تارتىپ يانچۇقتىن چىقىرىشقىمۇ ئۇيىلىدۇ ، سالامەتلىككە بولغان تەسىرى ئەڭ ناچار قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر............ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق دېگەندەك ئۇنداق تېلېفونغا ھازىر كىشىلەر ئانچە قىزىقمايدۇ........ دېمەك ئۇيغۇرچە ! ئۇيغۇرچە ! پاھ ئۇيغۇرچە دەپ مىڭ ماختىغان بىلەن بەرىبىر خەلقلەر سېتىۋالمىسا، ئىشلەتمىسە قىلغان ئىش نۆل بولىدىغان گەپ... باشقىلارنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىپ تۇرىشى، ئامراقلىقى، قىزىقىشىنى قوزغايدىغان ساھەگە دەسمىي سېلىش كېرەك.......

ھازىر خەلقىمىز ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان مەھسۇلاتلار ئىچكىرىدە خالتىغا قاچىلاپ، ئۈرۈمچىدە ماركا چاپلاپ سېتىلىۋاتقان چاچ سوپۇنلىرى ئەمەس ، بەلكى سۈپىتى ياخشى ، ئىشەنچىلىك پاك بولغان ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى........ تۈركىيە ۋە ياكى سەئۇدى، مالايسىيالارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ، خەلق ئىدىيىسى ئېچىلىپ كەتتى ، ھازىر ئارىمىزدا ئايفوننى بىلمەيدىغانلار بەك ئاز بولىشى مۇمكىن.

يىغىنچاقلىغاندا، نۆۋەتتە خەلقلەر تۇرمىشىدا ئىشلىتىۋاتقان ئېلكترون مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا مەغلەغ سېلىنسا دەپ قارايمەن.

ئوغلانلىرىمىز ئايفون، ئاندرويىد ۋە باشقا تېلېفونلارغا ئۇيغۇرچە كۆرسىتىدىغان ياكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان نەرسىلەرنى ياساپ بولدى ، شۇ نەرسىلەرنى تىگىدىن قوللايدىغان قىلىش ئۈچۈن شۇ شىركەت بىەن ئالاقىلىشىپ باقىدىغان گەپ..........

مېنىڭ بىلىدىغىنىم مۇشۇ ئىكەن ، خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا تۈزۈتۈش بېرەسىلەر.........رەھمەت........:handshake

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: serdar ، ۋاقتى: 2012-2-22 00:16 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار