ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە پىكىرىم بار(يېڭى)

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىكى ھەر خىل مۇھاكىمە تېمىلىرى قويۇلىدۇ ۋە مۇنازىرە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە پىكىرىم بار(يېڭى)

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » شەنبە فېۋرال 09, 2008 12:16 pm

[color=Blue]بىلىك كۇلۇبىدىكى adilxah يازمىسى[/color]

نۆۋەتتە كومپيوتىر ئۇستىلىرىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرستىشى بىلەن يىقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچلەر ياسىلىپ،ئۇيغۇريېزىقىنى كومپىيوتىردا قوللىنىشقا بولىشتىن ئۆلچەملىشىشكە قاراپ يۈزلىنىپ،ئۇيغۇريىزىقىنى كومپىيوتىردا بىرتەرەپ قىلىشقا بولۇش ئاساسەن ئەمەلگە ئاشتى.(windows xpگە نسىپەتەن).
بۇجەرياندايۇنىكودلۇق كىرگۈچلەردىن alkatip5.0 5.1 5.5,ئويغان كىرگۈزگۈچىسى،ئاخىرلاشتۇرغۇچى،ئالىپ كىرگۈزگۈچىسى،...قاتارلىقلار،يۇنىكودلۇق بولمىغانلىرىدىن ئەلپىدا،بىلىگيار،دۇلدۇل،.....فىلاش،پوتوشوپ،سەندى ماكىس....قاتارلىقلارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشتە ئىشلىتىلىدىغانلىرىدىن خىيال،خۇشقەلەم،.............قاتارلىقلارياسىلىپ ئىشلىتىلىدى.
ئۇيغۇر كومپىيوتىرئىلىمى جەمىئىيتى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنى ئۆلچەملەشتۇرۈش چاقىرقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن يۇنىكودلۇق كىرگۈزگۈچلەر تىز سۈرئەتتە ئوموملىشىشقا باشلىدى.شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرتوربېكەتلىرى يۇنىكودلۇق توربىكلەتلەرنى ياساپ بۇجەھەتتە ئىلگىرلەشلەر بولدى ۋە بولىۋاتىدۇ.مەن بۇبىرقانچە يىلدىن بىرى ئويغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسىنى ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپ،ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمى جەمىئىيتى ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىلىرى ئىچىدىكى ھەرىپ بەلگە،سان سىفىرلارنىڭ سانى،ئورنى قاتارلىقلارنى بىكىتىپ بۇنىڭدىن كىيىكىنى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەردە مۇشۇنى ئاساس قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان ئىدى.شۇنداقلا ئويغان كىرگۈزگۈچىدىكى ھەرىپ بەلگىلەرنىڭ كود ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايوننىڭ يەرلىك ئۆلچىمى دىيىلدى.
لىكىن ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ ئەلكاتىپ 5.0 5.1 5.5قاتارلىق كىرگۈزگۈچلىرى ۋە ئالىپ كىرگۈزگۈچىدە توربېكەت ۋە يىزىق بىرتەرەپ قىلش داۋامىدىكى يىزىقنىڭ سۇس كۆرۈنىشنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن چېكىتلىك خەت نۇسقىلىرى ياسالدى.شۇنداقلا بۇلارمۇ ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ،توربېكەتلەر ۋەباسما ماتىرياللىرىنىڭ خەت سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.دىمەكچى بولغىنىم.ماڭا ئويغاننىڭ خەت نۇسقىلىرى،ئەلكاتىپنىڭ سېستىمائىچىدىكى ئەرەپچە فۇنىتلارنى ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسىدىكى ئې ئى ھەرىپلىرىنى باغلىيالايغان خەت نۇسقىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى،ئالىپ كىرگۈزگۈچىسىنىڭ سېستىما ئىچىدىكى 宋体خەت نۇسقىسىنى ئۇيغۇرچە قوشۇلغان 宋体خەت نۇسقىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە بۇ خەت نۇسقىسى ،شۇنداقلا بۇلارنىڭ چېكىتلىك خەت نۇسقىلىرى ئالاھىدە يارىدى.شۇڭامەن يۇقارقى خەت نۇسقىلىرنى ئىشلتىش داۋامىدابۇلارنىڭ ئىچىدكى ھەرىپ بەلگىلەرنىڭ ئازكۆپلىكى،ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى (بىرقىسىم تېنىش بەلگىلەرنىڭ ئورنىنى دىمەكچى)ھىس قىلدىم.زادى ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىلىرى قايسى بەلگىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالسا ئۆلچەملىك بولىدۇ.يۇقارقىلاردىن كىمنىڭ ئۆلچەملىك بۇنى بىلىپ بولالمىدىم.مەسىلەن قوش تىرناقنىڭ يۇقارقى ئۈچ خىل كىرگۈزگۈچتىكى ئورنى ئوخشاش ئەمەس،ئەلكاتىپ ۋە ئالىپ كىرگۈزگۈچىىدە بىرقسىم قوشۇمچە بەلگىلەركۆپەيتىلگەن.
يۇقاردا دەپ ئۆتكىنىمدەك مەن ھازىريۇقارقى ئۈچ خىل كىرگۈچنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتامۇشۇ ئۈچ خىل كىرگۈزگۈچنى تەڭ ئىشلىتىشتىن خالى بولالمىدىم.
ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمى جەميتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىل يىزىقىنى كومپىيوتىردا بىرتەرەپ قىلىشنى ئۆلچەملەشتۈرىدىغان ئورۇن بولغاچقا
چوقۇم ئۆلچەمنى ئىنىق قىلىش.ئۆلچەمسىزكىرگۈچلەرنى چەكلەش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ كەتسە.
ئويغان كىرگۈزگۈچى 2005-يىلى ئىشلىتىشكە باشلانغان بولۇپ مېنىڭچە بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كىرەك دەپ قارايمەن ھەم بۇ يىڭى نەشىرىدەتۆۋەندىكى بىرقانچەئىقتىدار بولۇش كىرەك دەپ تەكلىپ بىرىمەن.
1.مېنىڭچە ئويغان كىرگۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى ئوموملىشش نىپىسىتى خىلىلا يۇقىرى شۇڭا ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ھەرىپ بەلگىلەرنىڭ ئورنى ۋە سانىغا ئىنىق ئۆلچەم بىكىتىش كېرەك.(ئالىپ كىرگۈزگۈچى ۋە ئەلكاتىپ فونىتلىرى ئىچىگە قاتقان ھەرىپ بەلگىلەرنىڭ سانى ئوخشاش ئەمەس،شۇلارنى ئاساس قىلشنى ئويلىشىپ باقسا)
2.ئويغان كىرگۈزگۈچىسنىڭ خەت نۇسقىرىلىرىنى چېكىتلىك خەت نۇسقىىسغا ئالماشتۇرۇش.
3.USP10.DLLھۆججىتىنىڭ يىڭى نەشىرىنى كىرگۈزگۈچكە ئىشلىتىش.
4.خەت نۇسقىلىرىنىڭ نامىنى UYGHURدىن باشلاشنى ئويلىشىپ بېقىلسا.
5.خەت نۇسقىلىرىنى ئاساسەن باسما ئۆلچىمدىكى خەت نۇسقىسىنى ئاساس قىلىپ 10دىن ئاشۇرۋەتمىسە.
6.سېستىما خەت نۇسقىسى بولغان宋体خەت نۇسقىنى ئۇيغۇرچە قوشۇلغان 宋体خەت نۇسقىسغا ئالماشتۇرش ئىقتىدا رنى قوشۇش.بۇنداق بولغاندا توربىكەتلەر ۋە ئۇيغۇرچە نامداساقلانغان ھۆججەت ناملىرى تولۇق باغلاشقان ھالەتتە كۆرۈنىدىكەن).
7.سىستىما فونىتلىرى ئىچىدىكى ئەرەپچە فونىتلارنى ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر باغلىشىدىغان ئەرەپچە فونىتلارغا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارنى قوشۇش.ياكى ئۇيغۇرچە فونىتلىرىغا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشۇش.(بۇنداق بولغاندا توربېكەتلەردىكى خەت نۇسقىلىرى تولۇق باغلىشىدىكەن).
8.بۇكىرگۈزگۈچنى windows vista,windows xp sp2 sp3لەردە سىناپ بۇلاردىمۇ نۇرمال ئىشلەشنى قولغا كەلتۈرۈش.

بىرقىسىمىڭلار بەلكىم مېنىڭ بۇپىكىرىمگە قارشى چىقىشىڭلار مۇمكىن.لىكىن مەن ئويلايمەن ھەممىمىز بىرلا كىرگۈچ ئارقىلىق يۇقارقى ئۈچ خىل كىرگۈزگۈچنىڭ بارلىق ئىتقىدارىدىن تولۇق پايدىلىنشىنى ھەمدە مۇكەممەل بولغان بىرلا كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىنشى ئويلايمىىز.
شۇڭا يېڭى كىرگۈزگۈچلەرنى ياساپ يۈرگەندىن كۆرە يۇقارقى ئۈچ ئورۇن بىرلىشىپ ‹‹مۇكەممەل،ئۆلچەملىك››بىرلا كىرگۈزگۈچ ياساپ چىقسا كومپىيوتىرئىشلەتكۈچىلەرگە ۋە يۇنىكودلۇق خەت نۇسقىلىرىنى ئوموملاشتۇرۇشقا ،ئۇيغۇر تىل يىزىقىغا تېخىمۇ پايدىلىق دەپ قارايمەن.

ئەسلى يازما ئادېرسى :[url]http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=16045[/url]



Jewlaniy
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 07, 2007 4:34 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Jewlaniy » شەنبە فېۋرال 09, 2008 4:44 pm

بۇنى قوللاش كېرەك. مەنمۇ قوللاپ قۇۋەتلەيمەن. بولسا ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىئىتىدىكىلەر بۇنى ئويلىشىپ باقسا
بۇ ئۇيغۇرچە يېزىقلارنىڭ كومپىيۇتېردا تېخىمۇ مۇكەممەل ئىشلىشىگە پايدىلىق.
لېكىن 5. پىكىر يەنى 10دىن ئاشۇرماسلىق بۇنىڭغا نىسبەتەن مەن يەنىلا كۆپرەك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىمەن. چۈنكى ھۆسىنخەت نۇسقىلىرىنىڭمۇ مۇۋاپىق ئىشلەيدىغان ئورنى بار، شۇڭا بۇنىڭ سانىنى قىسقارتىش ھاجەتسىز دەپ قارايمەن. چۈنكى Photoshop قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتكەندە
يەنە باشقا كىرگۈزگۈچ قاچىلاپ ئىشلىتىشنى خالاپ كەتمەيمەن. ھازىرمۇ Photoshop قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتكەندە ئويغان كىرگۈزگۈچنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىمەن.
ئەگەر بۇ خەت نۇسخىلىرى قىسقارتىۋىتىلسە يەنە باشقا كىرگۈزگۈچ قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ.
مەن تېخى خىيالنىڭ خەت نۇسقىلىرىغا ئوخشاش نەققاش خەت نۇسخىلىرىنىمۇ قوشىۋىتىشنى ئويلىشىپ
بېقىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنداق بولغاندا خەت نۇسقىسى خەھەتتە تىخىمۇ بىرلىككە كىلىشنى ئەمەلگە
ئاشۇرغىلى بولاتتى دەپ قارايمەن. بۇ پەقەت مېنىڭ ئويلىغىنىم باشقىلار قانداق قارايدىكىن.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » چارشەنبە فېۋرال 13, 2008 4:40 pm

بۇ تېمىنىڭ بىلىكتىكىسىنى تاپالمىدىم شۇڭا ئىنتىلدىكىگە ۋە بۇنىڭغا بۇ مەسىلىنى قالدۇردۇم
ئۇيغۇرچە كىرگۈچتىكى بىر مەسىلىنىمۇ مۇشۇ تېمىغا قالدۇراي؛

بىز ئادەتتە باشقا يېزىقتا خەت كىرگۈزىۋىتىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە Shift+Alt نى بېسىپ ئالماشساق نۇر بەلگىسى نۆۋەتتىكى خەت يېزىۋاتقان ئورۇندا بولمايدۇ ياكى يازماقچى بولغان 1- ھەرىپنى ئىككى قېتىم يازساق ئاندىن نورمال كىرىدۇ.
[url]http://www.intilim.com/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=271[/url]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار