يېڭى فونتقا نام بېرىپ بېقىڭ

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىكى ھەر خىل مۇھاكىمە تېمىلىرى قويۇلىدۇ ۋە مۇنازىرە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يېڭى فونتقا نام بېرىپ بېقىڭ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » چارشەنبە يانۋار 07, 2009 10:38 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى تۈزىتىۋاتقان [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=436[/url] دىكى يازمىدا تىلغا ئېلىنغان [url]Http://www.alpsoft.cn/fonts/UKIJTuzTom2008.ttf[/url] دىكى فونت ۋاقتىنچە « ukij tuz tom 2008» ۋە «UKIJ Tuz Tom Yengi» دېگەن نام بىلەن تۈزىتىلىپ نۆۋەتتە تاكاممۇللىشىپ بولاي دېدى. بۇ فونت نامى ئىشنى «UKIJ Tuz Tom» نى تۈزىتىشتىن باشلاش پىكىرى بىلەن شۇنداق ئاتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ تورداشلارنىڭ ئورتاق پىكىرىگە ئاساسەن، ئۇ فونت [url]http://ukij.org/fonts[/url] دە تارقىتىلىۋاتقان «UKIJ Tuz Tom» دېگەن فونتتىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ دەپ قارالغان بولغاچقا، ئۇنى يېڭى نام بىلەن قوبۇل قىلىپ [url]http://ukij.org/fonts[/url] غا قوشۇپ تارقاتماقچىمىز.

شۇ ۋەجىدىن [url]Http://www.alpsoft.cn/fonts/UKIJTuzTom2008.ttf[/url] دىكى فونتقا مۇۋاپىق كېلىدىغان، UKIJ بىلەن باشلىنىدىغان يېڭىدىن نام تەۋسىيە قىلىپ باقساڭلار... ئەڭ مۇۋاپىقنى بىرلىكتە تاللايلى.

مەن تېخچە ئىشلىتىلمىگەن «UKIJ Tor» دېگەن نامنى تەۋسىيە قىلاي. ئەگەر ئۇ بولمىسا «UKIJ Tuz Alp»، «UKIJ Alp Tuz» لارنى ئويلىشىپ باقساقمۇ بولىدۇ (بۇ ئالپ ئەپەندىنىڭ فونت ئۈچۈن قىلغان ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىشنى كۆزدە تۇتقانلىق بولسىمۇ، فونت نامىغا شەخس ياكى ئورۇن نامىنى قوشۇشنى كۆپچىلىك مۇۋاپىق كۆرەمدۇ يوق بىلمىدىم. شەخسەن مەن تولۇق مۇۋاپىق كۆرمەيمەن).

سىز قايسى نامنى تەۋسىيە قىلىسىز؟



Sahran
يازمىلار: 40
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 09, 2007 8:08 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sahran » پەيشەنبە يانۋار 08, 2009 3:09 am

بۇ خەت نۇسخىسى ناھايىتى كۆپ ئەجىر قىلىنىپ كۆپ قېتىم تۈزىتىش بىلەن ۋۇجۇدقا كەلدى، جاپالىق ئىزدىنىپ ئەجىر قىلغان تۇرسۇنجان سۇلتانغا كۆپ تەشەككۈر. ئەگەر زور كۆپچىلىك بۇ خەت نۇسخىسىنى يېڭى ئىسىم بىلەن ئاتاشنى لايىق كۆرسە ئۇ خەت نۇسخىسىنىڭ ئىسمىنى UKIJ Ekran دەپ ئاتاش تەكلىپنى بېرىمەن.

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » پەيشەنبە يانۋار 08, 2009 3:17 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Oyghan[/i] ، ۋاقتى: 2009-1-8 04:38 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2195&ptid=457][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
...
مەن تېخچە ئىشلىتىلمىگەن «UKIJ Tor» دېگەن نامنى تەۋسىيە قىلاي. ئەگەر ئۇ بولمىسا «UKIJ Tuz Alp»، «UKIJ Alp Tuz» لارنى ئويلىشىپ باقساقمۇ بولىدۇ (بۇ [u]ئالپ ئەپەندىنىڭ فونت ئۈچۈن قىلغان ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىشنى كۆزدە تۇتقانلىق [/u]بولسىمۇ، فونت نامىغا شەخس ياكى ئورۇن نامىنى قوشۇشنى كۆپچىلىك مۇۋاپىق كۆرەمدۇ يوق بىلمىدىم. شەخسەن مەن تولۇق مۇۋاپىق كۆرمەيمەن).
... [/quote]

2008-يىلى تولۇق بىر فونت جىڭى بولدىمۇ دەيمەن، تېخىچە تولۇق نەتىجە چىقىمىغان بولسىمۇ، ئاساسىي ئىقىم، ئاساسىي خىزمەتنىڭ %80تى مۇقىملاشتى، دىيىشكە بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن UKIJ Tuz Tom2008 دەپ تۇرىۋەرسە بولارمۇ؟ بۇنداقتا بەك ئۇزىراپ كەتكۈدەك. ۋارس ئەپەندىنىڭ يۇقارقى ئاستىغا سىزىلغان قىسمدىكى گىپى ھەقىقەت بولسىمۇ، (مەنمۇ شۇ قاراشتا)، لىكىن UKIJ شەخس مەنپەئەتنى ئەمەس كوللىكتىپ مەنپەئەتنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھەم بۇنداق شەخس نامى قوللىنىش، UKIJ خاراكتىرىگە ماس كىلىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئۇنداق قائىدە بويىچە ئۇنداق قىلمايلى. تۇرسۇنجان ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى كۆڭلىمىزدە تۇتۇپ قويايلى. ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئىپادىلەشنىڭ ۋاقتى بوپ قالار.

تۇرسۇنجان ئەپەندىنىڭ بۇ فونتنى ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ ياساپ چىققانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، [size=5]UKIJ Tor [/size]دىگەن نامنى قوللىنىشنى مەنمۇ مۇۋاپىق كۆردۈم.

afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » پەيشەنبە يانۋار 08, 2009 3:17 am

UKIJ Tuz Alpبولسۇن.تۇرسۇنجانغا تون كەيگۈزەلمىگەندىكىن،ئىسمىنى بولسىمۇ قوشۇپ قويايلى.:handshake :handshake :handshake :handshake :handshake :victory: :victory: :victory:

Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » پەيشەنبە يانۋار 08, 2009 3:51 am

UKIJ Tor بۇرۇن ئىشلىتىلمىگەن .
شۇڭا بۇ نام مۇۋاپىقكەن :handshake :handshake :handshake :handshake

m.erdem
يازمىلار: 17
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 30, 2007 3:55 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان m.erdem » پەيشەنبە يانۋار 08, 2009 5:13 am

سالام قېرىنداشلار،

ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان تالاشمىلار، مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق فونت تۈزىتىش ئىشلىرىمۇ ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى. بۇ قېتىمقى تالاشمىلار ئارقىلىق ئۇيغۇر فونتلىرىدىكى مەسىلىلەر تولۇق ھەل بولدى دېيەلمىسەكمۇ ھېچ بولمىغاندا ئاساسلىق مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى. بۇ جەرياندا ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا تەشەككۈر بىلدۈرۈشكە ھەقلىقمىز. بولۇپمۇ بۇ ئىشنىڭ روياپقا چىقىشىغا بىۋاسىتە كۈچ قوشقان مۇتەخەسىسلىمىز، ئۇستازلىرىمىز خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تارىخىدا مەڭگۈ مەدھىيىلىنىدۇ ئەلۋەتتە.

تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغاندەك، بۇ قېتىمقى تۈزىتىلگەن فونتلارنىڭ بىر قىسمىغا يېڭى نام بېرىش زۆرۈر ئىكەن.
بۇ قېتىم تۇرسۇنجان سۇلتان تەرىپىدىن تۈزۈلگەن يېڭى فونت ناھايىتى تەستە بارلىققا كەلدى، ھەم تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى مەزكۇر فونت پۈتۈش ئالدىدىكى يازمىلىرىدا ئۇ فونتنى "قېلىپ" دەپ نەچچە يەردە ئېغىزغا ئالغاندەك تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ فونتقا UKIJ Qelip Tuz ياكىUKIJ Qelip دېگەن نامنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر بۇ مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارالسا، UKIJ Torنى قوللايمەن.

ھۆرمەت بىلەن،

مۇھەممەد ئەردەم

cukkunt
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2008 10:21 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان cukkunt » پەيشەنبە يانۋار 08, 2009 6:13 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
UKIJ نىڭ فونتلىرىغا قاراپ باقساق،ئۇ يەردە كىشى نامى بىلەن ئاتالغان ھىچقانداق فونت يوق( بۇنداق دىسەم تۇرسۇنجان ئاكا خاپا بولۇپ قالماڭ!:) ) مىنىڭچە يەنىلا كونا قائىدە بويىچە ئىسىم قويايلى. UKIJ Tor مۇۋاپىق!

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » پەيشەنبە يانۋار 08, 2009 6:52 am

UKIJ Ekran ياكى UKIJ Tuz Alp بولسۇنمىكىن.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » پەيشەنبە يانۋار 08, 2009 10:33 am

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي.
مېھنەت قىلغىنىم ئەمەس، ھەقىقەتتەن بۇ قېتىم بىر ئانا فونت قېلىپىنى ئىشلەش ئۈچۈن بەك كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلدىم، ئاخىرى بۇ قېلىپمۇ پۈتۈپ چىقتى، مەن ۋارس ئەپەندىم ۋە باشقا ئەپەندىم (تورداشلارنىڭ) پىكرى بويىچە ھازىر تۈزىتىلىۋاتقان UKIJ Tuz Tom yengi خەت نۇسخىسىنى يەنە قايتا رەتلىدىم، بۇ رەتلەشتە لاتىنچە ئېشىپ كەتكەن ھەرپ-بەلگىلەرنى ئېلىپ تاشلاپ، فونت ئىچىدىكى ھەرپ-بەلگىلەرنى مەن مۆلچەرلىگەن ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردۈم، بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، ئەسلىدە كۆپرەك قىسقارتىشنى ئويلىغان ئەمما ھازىر خاتىرە دەپتىرىمدە ھەرقايسى ساھە ۋە كەسىپلەردىكى يولداشلارنىڭ قوشۇش زۆرۈر دەپ ماڭا يېزىپ ئەكىلىپ بەرگەن ياكى توردىن ئەۋەتكەن ھەرپ-بەلگىلەر ئۇچۇرلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا ئىمكانىيەت قىلدىم، قالغانلىرىنى ئۆچۈردۈم، بۇندىن كېيىن يەنە ھەرپ-بەلگە قوشۇشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك، چۈنكى مەن مۇشۇنىڭغا ئاساسەن باشقا فونتلارنى تېزراق پۈتتۈرمەكچىمەن، ھېلىمۇ ۋاقىت ئۇزىراپ كېتىپ قالدى، بۇ يەردە يېقىندىن بېرى كۆپ جەھەتلەردىن ياردەم بەرگەن ۋە قوللىغان تورداشلارغا سەمىمىي رەھمىتىمنى ئېيتىمەن.
بۈگۈنكى يېڭىلانغان فونت قېلىپىنى مۇشۇ تېما ئاستىغا كەچكىچە يوللاپ قويىمەن، ۋاقىپ بولغايسىزلەر.
فونت نامىغا كەلسەك UKIJ Ekran دەپ خەت نۇسخىسى بار، بۇرۇنلا مەن بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىپ، 9 يۈرۈش چېكىتلىك تەسۋىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فونتنى ياساپ كېلىۋاتىمەن، بۇمۇ پۈتتى، بۇنىمۇ مەن ئەتىگە قالماي يوللاپ بولىمەن، شۇڭا ھازىرقى فونت UKIJ Tor دەپ ئاتالسۇن، بۇ فونت تور بېكەت پروگراممىلىرىغا ماس كېلىدۇ، مەنمۇ شۇ ۋەجىدىن بۇنىڭغا كۆپ كۈچۈم كەتتى.
بىر قانچە كۈندىن بېرى ئالدى بىلەن سېڭدۈرمە مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ئىشلىتىلىش ئېھتىياجلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، UKIJ16-16 ۋە UKIJ16-8 دىن ئىبارەت تەڭ كەڭلىكتىكى )等款字体( خەت نۇسخىسىنىمۇ ئالدىن پۈتتۈردۈم، بۇ مۇشۇ ساھەدە بىزدە بۇ خىل فونت بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ. بۇ فونتلارنىمۇ UKIJ Ekran بىلەن تەڭ يوللايمەن.
بۇندىن كېيىنكى بىرقانچە كۈندە ئاۋۋال باسما خەت نۇسخىلىرىغا تۇتۇش قىلىمەن، بۇلارمۇ ئاز كۈنلەرگە قالماي، تورداشلارنىڭ قولىغا تېگىدۇ، ئاندىن كېيىن ھۆسىنخەت نۇسخىلىرىغا تۇتۇش قىلماقچىمەن.
خۇدا خالىسا بۈگۈن كەچكىچە بىر قانچە فونتنى يوللاپ قويىمەن.

ھۆرمەت بىلەن:

ئالپ

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » پەيشەنبە يانۋار 08, 2009 8:38 pm

[color=Blue]ئۇيغۇرچە فونتلارنىڭ ھەرپ جەدۋىلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى ۋە ئەڭ يۇقىرى چېكىنى يوللاپ قويدۇم، بۇ ھازىرقى سىنىلىۋاتقان UKIJ فونتلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، ھەرپلەر جەدۋىلىنى بېكىتىۋېلىش ئۈچۈن مەن ئىككى دانە فونت ياسىدىم، بىرىگە ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ھەرپلەر بېرىلدى، جەمئىي 600 دانە ھەرپ-بەلگە، ئەڭ يۇقىرى ھەرپ چېكى 900 دانە ھەرپ-بەلگە بىلەن چەكلەندى.
چۈشۈرۈش ئادرېسى: color=Red][size=5][url]http://www.intil.cn/mini/UKIJtor-1-2.rar[/url][/size][/color]
[UKIJ Tor-1 ھەرپلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى سانى كۆرسىتىلگەن فونت.
UKIJ Tor-2 ھەرپلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن سانى كۆرسىتىلگەن فونت.
بۇ ئىككى فونت ئالدىنقى ۋاقىتلاردا سىناققا يوللانغان UKIJ Tuz Tom Yengi نىڭ ئاساسىدا ئۆزگەرتىلدى، ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىسى ھېسابلانمايدۇ.

ئالپ[/color]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2009-1-9 12:20 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار