يېڭى فونتقا نام بېرىپ بېقىڭ

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىكى ھەر خىل مۇھاكىمە تېمىلىرى قويۇلىدۇ ۋە مۇنازىرە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » جۈمە يانۋار 09, 2009 8:49 am

UKIJ Tuz Alp دېگەنگە قوشۇلىمەن...
قېنى باشقىلار قانداق قارايدىكىن.



afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » جۈمە يانۋار 09, 2009 12:19 pm

ئالپ ئەپەندى شۇ ئىسىمنى مۇۋاپىق كۆرگەن بولسا شۇ بويىنچە بولسۇن. بالىغىمۇ ئۆز ئاتا ئانىسى ئىسىم قويۇدۇ ئەمەسمۇ. ئالپ ئەپەندى بۇ فونتنى روياپقا چىقارغاندىكىن،ئۆزى تاللىغان ئىسىم بويىنچە بولسۇن. مۇبارەك بولسۇن.

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » جۈمە يانۋار 09, 2009 2:23 pm

ئالدى بىلەن مەزكۇر فونتنى سىناش خىزمىتىگە قاتنىشالمىغانلىقىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن ! :handshake
ئىسىم مەسلىسىگە كەلسەك ، مەنمۇ شەخس تەخەللۇس ياكى ئىسمىنىڭ قوشۇلۇپ قىلىشىنى قوللىمايمەن !
ئەگەر يولداشلار ئىنگىلىزچە ئارلىشىپ قاپتۇ دىمىسە UKIJ TUZ New دىگەن ئىسىمنى ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ! دىمەكچى مەنكى مۇشۇ فونت نامىدا Tuz دىگەن گەپنىڭمۇ ئىزاھلىنىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن ! . ئەگەر UKIJ Tor دەپ قويساق كىيىن ئىشلىتىدىغاندا چاغدا بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن بۇ تور فونتتى ئىكەن دىگەن تۇيغۇ پەيدا بولۇپ قالدۇ ! UKIJ Tuz Tom2008 دىگەن نامغىمۇ قارشى ئەمەسمەن .
ئۈمىدىم ئەشۇ فونت نامىغا tuz سۆزىنىڭ .ئارلاشسسىكەن ! تېز ئومۇملىشىغا پايدىلىق :handshake

nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » شەنبە يانۋار 10, 2009 8:52 am

مەن خەت نۇسخىسنىڭ نامى ھەققىدە بۇرۇنمۇ تېما يوللىغان ، ئەمما ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى . بىز نىمىشقا ھەردائىم مۇشۇنداق ئۇزۇن ئىسىمغا ئېسىلىۋالىمىز ؟ باشقا يېزىق خەت نۇسخىلىرىنىڭ نامىنىڭ كۆپ قىسمى قىسقىكەن ، ئەمما بىزنىڭ خەت نۇسخىلىرىمىزنىڭ نامى نىمىشقا دائىم مۇشۇنداق ئىتنىڭ ئۈچىيىدەك ئۇزۇن قۇيىلىدۇ ؟ ئىخچام ، قىسقا نام ئىشلەتسەك بولمامدۇ ؟ مەن يۇقاردا دىيىلگەن ئۇزۇن ناملارنى قوللىمايمەن . UKIJ Tor بولسا بولغىدەك .

UKIJ TUZ New بۇ يېرىم ئۇيغۇرچە يېرىم ئىنگىلىزچە نام بولمايدۇ .
UKIJ Tuz Tom2008 مۇ بولمايدۇ . كىيىن بۇنى ئۆزگەرتىپ يىڭىلىساق UKIJ Tuz Tom200820nm دەپ قويامدۇق ؟

سەل ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلايلى . ھەممىنى ئىنىق ئىپادىلىسەك بولاتتى دىسەك تېخىمۇ ئۇزىراپ كىتىدۇ .
UKIJ يىتەكچىلىك قىلدى . بۇ نامنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش كېرەك .
Alp ئەپەندىم ياسىدى . بۇ نامنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش كېرەك .
بىلىك-ئىنتىل تورىدا ئاساسلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى . بۇ نامنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش كېرەك .
Eagle ئەپەندىم نازارەتچىلىك قىلىپ زور كۈچ چىقاردى . بۇ نامنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش كېرەك .
يەنە باشقىلارمۇ بار...ئەجەبا ھەممىنى قوشامدۇق ؟

ئەجەب قىينىلىپ كەتتىم ، مەقسىتىمنى بىلدۈرەلمەي . ئىشقىلىپ تەكلىپىم : قىسقا بولسىلا بولدى . ساق كىيىمنىڭ ئۈستىگە ياماق سالمىساقمۇ بولىدۇ . <بۇ زاۋۇتتا ياسىغان پۇتقا كىيىدىغان ئاياق> دېگەندەك بىمەنە ئىسىملارنى قويمىساق

Jewlaniy
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 07, 2007 4:34 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Jewlaniy » دۈيشەنبە يانۋار 19, 2009 11:08 am

يىڭى فونت، يېڭى نام. قۇتلۇق بولسۇن!!!! ئالىپ ئەپەندىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن.
بۇ نام بولغۇدەك UKIJ Tor
:victory: :handshake

sarsari
يازمىلار: 3
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 4:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان sarsari » پەيشەنبە يانۋار 22, 2009 1:27 pm

UKIJ Tor بۇ ئىسىمغا مەنمۇ قوشۇلىمەن. بۇخەت نۇسخىسى ئاساسەن توردا ئىشلىتىلىدۇ ، باشقا يەرلەردە ئىشلەتكەندە كۆپىنچە ئەلكاتىپ دېگەندەك باشقا فونتلارنى ئىشلىتىدۇ ، شۇڭلاشقا مەنچە بۇ ئىسىم بىرئاز مۇۋاپىق.

deyar
يازمىلار: 8
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە يانۋار 31, 2009 12:00 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان deyar » پەيشەنبە فېۋرال 05, 2009 3:31 pm

تۇرسۇنجان ئەپەندىنىڭ فونت ئىشلىرىغا كۆپ كۈچ چىقارغانلقىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن، مىنىڭچە يېڭى تۈزىتىلگەن بۇ فونتقا UKJ TOR دىگەن ئىسىم بەك مۇۋاپىق بولغاندەك تۇرىدۇ سەۋەبى ئىسىم دىگەن بەك ئۇزۇن ھەم مۇرەككەپ بوولۇپ كەتسە ھەممەيلەنگە قولايسىزلىق ئىلىپ كىلىدۇ ، يۇقارUKJ TORدىگەن بۇئىسىم ھەم قىسقا سەم يىڭىلىق تۇيغۇسى بىرىدىكەن شۇڭا يېڭى فونتقا UKJ TOR قوللانغان تۈزۈك. قانداق دىدىم كۆپچىلىك :victory: .

tayir
يازمىلار: 28
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئىيۇن 02, 2007 4:05 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tayir » چارشەنبە فېۋرال 25, 2009 7:32 am

ئسىممۇ بولدىكەن ئىكەن . ئىسىمىنى ئويلىشىپ قويايلى كىيىن يەنە ئۆزگەرتىپ يۈرمەيلى .
يېڭى خەت نۇسقسى قاچانلىققا رەسمى ئېلان قىلىندۇ .

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار