ئۇيغۇرچە فونتلاردا قايسى ھەرپ-بەلگىلەر بولۇشى كېرەك؟

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىكى ھەر خىل مۇھاكىمە تېمىلىرى قويۇلىدۇ ۋە مۇنازىرە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

ئۇيغۇرچە فونتلاردا قايسى ھەرپ-بەلگىلەر بولۇشى كېرە

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » پەيشەنبە يانۋار 08, 2009 11:07 am

(بۇ يازما ئەسلىدە [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=455[/url] دىكى UKIJ Tuz دېگەن فونت سىناش توغرىسىدىكى تېمىغا جاۋاب شەكلىدە يېزىلغان. مۇھىم مەسىلە دەپ قارالغا بولغاچقا ئايرىم تېما شەكلىدە يېزىلدى.)

ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۆلچەمسىزلىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان بولغاچقا كۆپچىلىكنىڭ ئۆلچەمگە بولغان تەلەپنى بۇ قېتىم قاتتىق قويۇش ھېسىياتىنى تولۇق چۈشىنىمەن.

بۇ فونتتا قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە، پارىسچە ... قاتارلىق ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئېلىپبە ئىشلىتىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەرپلىرى بولمىغان ياكى تولۇق بولمىغاچقا 2002 يىلىمۇ «ساپ ئۇيغۇرچە فونت» دەپ ئاتالغان. ئۇ فونتقا كېيىنچە ئاپتوماتىك شەكىل تاللاش ئىقتىدارلىرى قوشۇلغاندىن كېيىن، 2004-يىلى UKIJ Tuz دېگەن نام بىلەن [url]http://www.ukij.org/fotns[/url] تا تارقىتىلغان. شۇ چاغدىمۇ قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە، پارىسچە ... ھەرپلەر يوق ئىدى(بۇ قېتىم شۇنى ئاساس قىلىپ ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ تۈزىتىلگەن). 2006-يىلى بۇ فونت تۈزىتىلگەندە ئۇيغۇرچە ھەرپلەردىن باشقا ھەرپلەرمۇ قوشۇلغانىدى(بەزى تەپسىلاتلار توغرىلىق كۆپ توختالماي). ئەمما فونتتىكى ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىللار ئىشلىتىدىغان ھەرپلەر ئىچىدە ئۇيغۇرچىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىرى بولغاچقا بىر قىسىم كومپيۇتېرشۇناسلار زادى قايسى ھەرپنىڭ ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي بىلىپ-بىلمەي خاتا كود ئىشلىتىپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلدى. شۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ بەلگىلىك تۈرتكىسىدە (ئەلبەتتە يەنە باشقا ئامىللارمۇ بار، ئۇلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختالماي) مانا ھازىر UKIJ فونتلىرىنىڭ تۈزىتىشكە ئاتلىنىپ تۇرۇپتىمىز...

بىر فونتقا باشقا تىللاردىكى ھەرپلەرنى قوشۇش ياخشى ئىشتەك كۆرۈنگەن بىلەن خاتالىقسىز قوشۇش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنى فونت ياساپ باققانلار ئېنىق بىلىدۇ، خۇددى ئىسنىڭ دەردىنى مورا بىلگەندەك. بۇ يەردە ئۇ ھەرپلەر جەدۋىلىگە قاراپلا ئاسانلا قوشقىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ قېتىم بۇ فونتتا پەقەت ئۇيغۇرچە فونتلارنىلا ساقلاپ قېلىشتىكى سەۋەب: 1) پەقەت ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىلا ساقلاپ قېلىپ بۇندىن كېيىن قايتا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان «ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ ئورنىنى بىلەلمەسلىك» مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ 2) «ئۇيغۇرچە فونتلاردا چوقۇم قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە، پارىسچە... ھەرپلەرمۇ بولۇشى كېرەك» دەيدىغان ئۆلچەم ياكى تەلەپ بولمىغاچقا، ئىنتايىن كۆپ ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان فونت تۈزەش يۈكىنى يەڭگىللىتىش. ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىدىغان تەتقىقات ئورۇنلىرى ياسىغان فونتلارغا دەرۋەقە كامىدا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپلەرنىڭ تولۇق بولۇشى سىياسىي نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەمما، UKIJ دە تېخى ئۇنداق بەلگىلىمە يوق. باشقا تىلدىكى ھەرپ بەلگىلەرنىڭ بولماسلىقى ھەرگىز كود قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش فونتلار Windows تا كۆپ، ئۇ نورمال ئەھۋال.

UKIJفونتلىرىنى تۈزەتكەندە چوقۇم ئەرەب يېزىقى ئىشلىتىدىغان قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە، پارىسچە... قاتارلىق تىللاردىكى ھەرپلەرنى قوشۇش كېرەكمۇ؟ بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇدىرىيەتتىكى باشقا ئەزالار ۋە باشقا تورداشلارمۇ پىكىر بېرىپ باقسا...

ئەگەر قوشىمىز دەپ يەنە ئازراق مۇبالىغەلەشۈرسەك خەنزۇچە، ياپونچە، كورىيانچا، ھىندىچە ... لەردىكى بارلىق ھەرپلەرنى قوشساقمۇ خاتا ئەمەس. ئەمما، شۇنداق قىلىش فونت نى بارا-بارا «ئېغىر»لاشتۇرۇۋېتىدۇ. مەسىلەن: Arial Unicode MS نىڭ چوڭلۇقى 24 مېگابايت بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يەنىلا ھەرپلەر چالا قالغان (بۇ بىر مىسال، مېنىڭچە بىز ئۇ يەرگىچە بارمايمىز).

مەتبەئەدە ئىشلىتىدغان بەلگىلەر فونتتىكى باشقا ھەرپ-بەلگىلەر بىلەن ماسلىشىشى كېرەك. UKIJ Tuz نىڭ ئىچىگە باشقا فونتلاردىكى «مەتبەئەدە ئىشلىتىدۇ» دەپ قارالغان بەلگىلەرنى ئۆز پېتىچە كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويغاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئۇ بەلگىلەرنى فونتتىكى باشقا ھەرپلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ 0 دىن باشلاپ ياساپ قوشۇش زۆرۈر ئەمەس. چۈنكى ئۇلار تۇرسۇنجان تۈزەتكەن باشقا فونتلاردا بار.ھەممە فونتقا بەلگىلەرنى ئۆز پىتىچە چاپلاپ قويغاندىن، «UKIJ Metbee» دەپ بىر فونت ياساپ ھەممە بەلگىلەرنى ئايرىم فونت شەكلىدە تەمىنلىگەن ئەۋزەلرەك.

مەتبەئەدە ئىشلىتىدىغان بەلگىلەرنىڭ قايسىلار ئىكەنلىكى، جەمئىي سانىنىڭ زادى قانچىكى توغرىسىدا ئېنىق ماتېرىيال بولمىغاچغا، مەن بۇ فونتقا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان تىنىش بەلگىلىرىنىلا قوشقان. ئۇلار بار بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئەگەرئەشۇنداق ماتېرىيال بولسا تەمىنلسەڭلار. «مەتبەئەدە ئىشلىتىدىغان بەلگىلەر» دېگەن ئۆلچىمۇ يوق بىر مۇجىمەل ئۇقۇم. چۈنكى قوشىمىز دېسەك ، ئۇيغۇرچە نەقىشلەر، ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىلەر، مۇزىكا نوتىسى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بەلگىلەر ۋە يەنە باشقا ساھەدىكى بەلگىلەر ئىنتايىن كۆپ. باشقا مىللەتلەر ياسىغان فونتلاردىمۇ ئۇ بەلگىلەر ئالاھىدە بەلگە دەپ قارىلىپ ئايرىم فونت شەكلىدە ياسالغانلىرىمۇ بار. چۈنكى ئۇلارنى كىرگۈزۈشتە بەرىبىر ئەشۇ ھەرپلەر بار فونتنى تاللاپ ئالاھىدە ئۈسۇللارنى قوللىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ(ئومۇمىيلاشقان كونۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدا ئۇ ئالاھىدە بەلگىلەرنى قانداق كىرگۈزۈش ئۇسۇلى بەلگىلەنمىگەن، ياكى ئۆلچەملەشمىگەن). ھەممىنى ئۆلچەملەشتۈرىمىز دېسەك قىلىدىغان ئىشلار بەك كۆپ. ئەسلىدە ئۆلچەملەشتۈرۈدىغان ئورۇنلار ئۆز ئىشلىرىنى بۇرۇنراق قىلسا بولاتتى. ئەمما، ئىشلار بىز ئويلىغاندەك بولمىغاچقا، تارقاق كۈچىمىز بىلەن بەزى ئىشلارنى قەدەممۇ-قەدەم قىلىپ، قەدەمنى كىچىكرەك ئالغانمۇ ياخشى دەپ قارايمەن. ئەگەر ئۇ بەلگىلەر لازىم بولسا UKIJ دىكى ئۇ بەلگىلەر بار فونتلارنى ياكى باشقا فونلارنى تاللاپ قويسا بولىدۇ. بۇنىڭغا ھەممە كىشى قايىل بولغىدەك ئۆلچەم چىقىرالايدىغانلىقىمىزغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىمىساممۇ، ھازىرغىچە سانى ئېنىق بولمىغان مەتبەئەدە ئىشلىتىدىغان ھەرپلەرنى قوشۇش-قوشماسلىقنى، زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا دائىمىي ئەزالار ۋە باشقا تورداشلارنىڭ داۋاملىق پىكىر بەرسەڭلار...

خۇلاسە: مېنىڭچە قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە، پارىسچە... قاتارلىق تىللاردىكى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى بارلىق ھەرپلەر ۋە مەتبەئەدە ئىشلىتىدىغان بەلگىلەرنى تولۇق قوشۇش فونتلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىشتىكى زۆرۈرىيەت ئەمەس. مۇدىرىيەتتىكى باشقا ئەزالار ۋە تورداشلار بۇ ھەقتە تەپسىلىي پىكىر قىلساڭلار...



Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » پەيشەنبە يانۋار 08, 2009 2:37 pm

ئۇيغۇرچە فونتلاردا تۆۋەندىكىلەر بولسا دەپ قارايمەن، باسما خەت نۇسخىلىرىنى كۆزدە تۇتقاندا:
ANSI رايونىدىكى ئىنگلىزچە 26 ھەرپنىڭ چوڭ-كىچىك يېزىلىشى، سان-بەلگىلەر بولۇپ، بوش ئورۇننى قوشقاندا 95 دانە ھەرپ.
ئەرەبچە ھەرپ-بەلگىلەر 287 دانە (ئۇيغۇرچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە، پارىسچە ھەرپلەرنىڭ ئاساسىي قىسمى ئوخشاش. قازاقچىدە ئۇيغۇرچىگە ئوخشىمايدىغان 7 دانە بار، قىرغىزچىدە ئۇيغۇرچىگە ئوخشىمايدىغان ھەرپتىن 2 سى بار، ئەرەبچىدە ئۇيغۇرچىگە ئوخشىمايدىغان ھەرپتىن 14 دانە بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ھەرپ قازاقچە ۋە قىرغىزچە بىلەن ئوخشاش، پارىسچىدە ئۇيغۇرچىگە ئوخشىمايدىغان 2 ھەرپ بار، قالغانلىرى ئوخشاش. شۇڭا، ئۇيغۇرچە ئاساسلىق فونتلاردا كامىدا ئەرەبچە، قازاقچە، قىرغىزچە تولۇق بولۇشى كېرەك، پارسچە ئالاھىدە 2 ھەرپ قوشۇۋېتىلسە تېخى ياخشى، كونا ئۇيغۇر يېزىقى (ئاتالمىش چاغاتاي يېزىقى) نى بىر تەرەپ قىلىدىغانلار مۇشۇ ئىككى ھەرپكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، شۇڭا بۇنى قوشۇپ قويساق تەتقىقاتچىلىرىمىزغا پايدىلىق.
ئەمدى لاتىنچە ھەرپ-بەلگىلەر رايونىدا، 139 ھەرپ-بەلگە بار، بۇ قېرىنداش مىللەتلەر يېزىقلىرىنى ئارىلاش بىرتەرەپ قىلىشىمىزغا ئېھتىياجلىق.
فونىتىكىلىق ھەرپ بەلگىلەردىن 115 دانە بار، بۇنى قوشۇشنىڭ كۆپ زۆرۈرىيىتى بولمىسىمۇ، تىل تەتقىقات ئورۇنلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىكەن، ھەممە فونتلاردا بولمىسىمۇ، ئاساسىي فونتلاردىن بىرقانچىسىدە بولسا بولامدىكىن.
گرېكچە ۋە رۇسچە ھەرپ بەلگىلەر 159 دانە، بۇلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھەرپ-بەلگىلەردۇر، ئەمما ھەممە فونتلاردا بولۇشى زۆرۈر ئەمەس، ئاساسىي فونتلاردا ساقلاپ قېلىپ، باشقا فونتلاردىن ئېلىۋېتىشكىمۇ بولىدۇ.
قالغان ھەرپ-بەلگىلەر 102 دانە، بۇلار قوش ئىسكوپكا، يالاڭ ئىسكۇپكا، تېنىش-بەلگىلەر، قىسمەن شەرتلىك بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇڭا فونتتا كامىدا بۇ ھەرپلەر كەم بولماسلىقى كېرەك دەپ قارايمەن.
ئاساسىي فونتلار دېگەندە، بۇ قېتىم تۈزىتىلىغان فونتلارنى ئالدىنقې قېتىمغا ئوخشاش باسما خەت نۇسخىلىرى ۋە ھۆسىنخەت نۇسخىلىرى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىش بىلەن تەڭ، يەنە باسما خەت نۇسخىسىنى ئاساسلىق فونت ۋە فونتلار دەپ تۈرگە بۆلسەك، ئاساسلىق فونتنى 4 فونت ئەتراپىدا كونترول قىلىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەرپ-بەلگىلەرنى تولۇق ئالساق دەيمەن، مۇشۇنداق بولغاندا جەدىۋەلدىكى ھەرپ-بەلگىلەر 900 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قالغان باسما خەت نۇسخىلىرىدىن فونىتىك ھەرپ-بەلگىلەرنى، گرېكچە، رۇسچە ھەرپلەرنى ئېلىۋەتسەك فونتتىكى بارلىق ھەرپ بەلگىلەر 600 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ھۆسىن خەت نۇسخىلىرىنىمۇ مۇشۇ دائىرىدە كونترۇل قىلىشقا ياكى، بۇنىڭدىنمۇ سەل قىسقارتىشقا بولىدۇ.
ئەمدى ساپ ئۇيغۇرچە فونت ئىشلەپ، كېيىنكىلەرنىڭ خاتالىشىپ كەتمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇشنى ئويلاشساق، مېنىڭچە ھەقىقىي تارقىتىلىدىغان فونتلارنى بەك كۆپ قىسقارتىۋەتمەي، فونت چۈشۈرۈش ئورنىغا، فونت ئۆلچىمىنى چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى ياساپ چىقساق، بۇ فونت ئۆلچىمىنى چۈشۈرۈش ئورنىغا پايدىلانغۇچىلار ئۈچۈن فونت تەمىنلىسەك، يەنى:
ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان ساپ ئۇيغۇرچە فونتتىن بىر دانە.
قازاقچە ھەرپ-بەلگىلەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان ساپ قازاقچە فونتتىن بىر دانە.
قىرغىزچە ھەرپ-بەلگىلەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان ساپ قىرغىزچە فونتتىن بىر دانە.
ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارىلاش يېزىقلىق فونتتىن بىر دانە.
بۇ قېتىم سىناقتىن ئۆتكۈزۈلۈپ تارقىتىلىدىغان فونتلاردا كامىدا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپلەرنىڭ تولۇق كودىنىڭ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك، بۇنداق بولمىغاندا، بۇ فونتنىڭ ھەرقايسى تورداشلارنىڭ تەلىۋى بويىچە بولۇشى ناتايىن، ھەم ئومۇملىشىشىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، بۇ مېنىڭ پىكرىم، شۇنداقلا شەخسەن ئۆزۈم تۈزىتىشكە مەسئۇل بولىۋاتقان فونتلاردا بۇ ئۈچ تىلنىڭ ھەرپ-بەلگىلىرىنىڭ تولۇق ئېلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن:
ئالپ

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2009-1-8 20:40 [/i]]

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » پەيشەنبە يانۋار 08, 2009 8:30 pm

ئۇيغۇرچە فونتلارنىڭ ھەرپ جەدۋىلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى ۋە ئەڭ يۇقىرى چېكىنى يوللاپ قويدۇم، بۇ ھازىرقى سىنىلىۋاتقان UKIJ فونتلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، ھەرپلەر جەدۋىلىنى بېكىتىۋېلىش ئۈچۈن مەن ئىككى دانە فونت ياسىدىم، بىرىگە ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ھەرپلەر بېرىلدى، جەمئىي 600 دانە ھەرپ-بەلگە، ئەڭ يۇقىرى ھەرپ چېكى 900 دانە ھەرپ-بەلگە بىلەن چەكلەندى.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[url]http://www.intil.cn/mini/UKIJtor-1-2.rar[/url]
UKIJ Tor-1 ھەرپلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى سانى كۆرسىتىلگەن فونت.
UKIJ Tor-2 ھەرپلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن سانى كۆرسىتىلگەن فونت.
بۇ ئىككى فونت ئالدىنقى ۋاقىتلاردا سىناققا يوللانغان UKIJ Tuz Tom Yengi نىڭ ئاساسىدا ئۆزگەرتىلدى، ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىسى ھېسابلانمايدۇ.

ئالپ

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2009-1-9 12:22 [/i]]

afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » جۈمە يانۋار 09, 2009 1:46 pm

[quote][/quote][quote][/quote]ئويغان ئەپەندى ئۇ ك ئى ج تۈز فونتى ھەققىدەپىكىر ئالغاندا، مۇنداق دەپتىكەن:
[quote]1. ؟فونت ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇر-ئەرەب يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا بار بولغان (ÖöÜüÉé لەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ھەرپ بەلگىلەرلا بار (بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىللار ئىشلىتىدىغان ھەرپ-بەلگىلەر ۋە ULY ئۈچۈن لازىم بولمايدىغان ھەرپ-بەلگىلەر، باسما قاتارلىق ئالاھىدە ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان مۇرەككەپ بەلگىلەر... بۇ فونت ئىچىدە يوقلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ)؛
[/quote]
بۇنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتىۋېلىش كېرەكمۇ قانداق:
لاتىن كېڭەيتىلگەن رايون كودلىرىدىن قايسىلىرىنى ،ۋە قانچىىسىنى ئېلىش مەسىلىسىدە .يۇقارقى تېمىدا دىيىلگەندە، ئۇ ل ي دا بار بولغان 6 تال چوڭ-كىچىك ھەرپنىلا ئالىمىز دىيىلىپتۇ.
بىزدە ئۇ ل ۋ بىرلا ئەمەس، ھازىرچە بىرلىككە كەلگىنى 3 خىل دەپ قارىلىدۇ. بىرى ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى(بىز كېيىن ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋالغان ئۇ ل ۋ دەپ)،يەنە بىرى تىلكومنىڭ ئېلان قىلغان نۇسخىسى، ئورتاق تۈرك ئېلىببەسى دەيدىغان بىرسىمۇ باركەن (ئۆتكەندە تۈركىيەدە ئېلان قىلىندى دەپ تورلاردا كۆرگەن).بۇنىڭدىكى كېيىنكىسىنى قويۇپ تۇرساقمۇ،دەسلەپكى ئىككىسىنى ئويلاشماي بولمايدۇ.چۈنكى بۇ ئىككىلىسى تەڭ كۈچلۈك ئۆلچەم.پەقەتلا قوللۇنىش ساھەسىگە قاراپ، بىر ھەرپ ئۆخشىمايدۇ شۇ. ئۆز ۋاقتىدا 1-نى بېكىتكەندە 2-سىگە ئوخشاش ئىدى،پەقەتلا بىز قولايسىزلىقىنى،شۇنداقلا بۇنى پەقەت كومپيۇتېردا ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقىنى قوللىمايدىغان يەرلەرگىلا ئىشلىتىمىز دەپ چىڭ تۇرۇۋالغاچقىلا ،تىلشۇناسلار بۇنىڭغا يول قويغان،لېكىن تىلشۇناسلىق ئۆلچىمىدىن قارىغاندا 2-سىدىكى ھەرپ توغرا.يەنى ئە= ä ،ھەرگىز ئە=e ئەمەس. شۇڭا ئىشىگىم كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋالدى دەپلا كۆۋرۈكنى بۇزۇۋاتساق بولمايدۇ. بىز بۇزساق ،يەنە ياسايدىغانلار چىقىدۇ،چۈنكى بۇ بۇرۇنقى بىر ئىككىلا ئادەم قىلالايدىغان مەخپىي ئىشمۇ ئەمەس. بۇنىڭ بىلەن بىرلىككە يەتكىلى بولامدۇ؟ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
شۇڭا بۇنىڭغا ئەڭ كامىدا 8 ھەرپنى بېكىتىش كېرەك. خەق يول قويغانكەن،بىزمۇ يول قويايلى،ئۆزئارا ھۆرمەت بولمىسا بىرلىك بولمايدۇ.

بۇ تېمىدىكى قاراشلار توغرىسىدا ئويلىغىنىم:
[quote]بۇ فونتتا قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە، پارىسچە ... قاتارلىق ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئېلىپبە ئىشلىتىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەرپلىرى بولمىغان ياكى تولۇق بولمىغاچقا 2002 يىلىمۇ «ساپ ئۇيغۇرچە فونت» دەپ ئاتالغان. ئۇ فونتقا كېيىنچە ئاپتوماتىك شەكىل تاللاش ئىقتىدارلىرى قوشۇلغاندىن كېيىن، 2004-يىلى UKIJ Tuz دېگەن نام بىلەن [url]http://www.ukij.org/fotns[/url] تا تارقىتىلغان. شۇ چاغدىمۇ قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە، پارىسچە ... ھەرپلەر يوق ئىدى(بۇ قېتىم شۇنى ئاساس قىلىپ ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ تۈزىتىلگەن). 2006-يىلى بۇ فونت تۈزىتىلگەندە ئۇيغۇرچە ھەرپلەردىن باشقا ھەرپلەرمۇ قوشۇلغانىدى(بەزى تەپسىلاتلار توغرىلىق كۆپ توختالماي). ئەمما فونتتىكى ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىللار ئىشلىتىدىغان ھەرپلەر ئىچىدە ئۇيغۇرچىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىرى بولغاچقا بىر قىسىم كومپيۇتېرشۇناسلار زادى قايسى ھەرپنىڭ ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي بىلىپ-بىلمەي خاتا كود ئىشلىتىپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلدى. شۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ بەلگىلىك تۈرتكىسىدە (ئەلبەتتە يەنە باشقا ئامىللارمۇ بار، ئۇلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختالماي) مانا ھازىر UKIJ فونتلىرىنىڭ تۈزىتىشكە ئاتلىنىپ تۇرۇپتىمىز...
[/quote]
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇ،فونت تەرەققىياتى2002-يىلىدىن> 2006-يىلىغىچە بىرىنجى دەۋرنى ،2006-يىلدىن>2009-يىلى 1-ئايغىچە ئىككىنجى دەۋرنىباشتىن كەچۈرگەن ،بۇندىن كېيىن ئۈچۈنجى دەۋرنى باشتىن كەچۈرمەكچى. بىرىنجى دەۋردە ساپ ئۇيغۇرچە نامىدىكى ۋە خارەكتېردىكى فونتلار بىلەن ئەبجەش خارەكتېردىكى ئۇيغۇرچە فونتلار بولغان. ئىككىنجى دەۋرگە كەلگەندە،بىز ئوقۇشىمىزنىڭ ھاجىتى بولمىغان سەۋەپلەر (بەلكىم قارارسىمان نەرسە بولۇشى مۈمكىن،بولمىسا بۇنداق بىرلىك بولۇنمايدۇ ،ياكى مەجبۇرى قوبۇل قىلىنغان قارالمىدەكمۇ قىلىدۇ، ) تۈپەيلىدىن ئەبجەش خارەكتېردىكى ئۇيغۇرچە فونت مەيدانغا كېلىپ ھەممەيلەن شۇ بويىنچە ئىش قىلىنغان.(ئويغان ئەپەندىنىڭ گېپىدىن نارازىلىقى چىقىپ تۇرۇدۇ،قارىغاندا مەجبۇرىلانغان قاراردەك قىلىدۇ).شۇنىڭ بىلەن شۇ قارارسىمان مەۋھۇم چەكلىمىنىڭ تەسىرىدە بىرلىك ئەمەلگە ئېشىپ ،ئۇيغۇر يېزىقىغا قازاق،قىرغىز قاتارلىق يېزىقلارنىڭ ھەرپلىرى قوشۇلغان. ئەمدى ئۈچۈنجى دەۋرگە كەلگەندە، بۇ مەۋھۇم چەكلىمە رولىنى يوقاتقان ئوخشايدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئويغان ئەپەندى ئىشنى 2002-يىلدىكى باشلىنىش نۇقتىسىدىن قايتا باشلاپ قىلىشقا يەڭنى تۈرۈپ،بەلنى مەھكەم باغلاپ چىقتى.
[quote]بۇ قېتىم بۇ فونتتا پەقەت ئۇيغۇرچە فونتلارنىلا ساقلاپ قېلىشتىكى سەۋەب: 1) پەقەت ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىلا ساقلاپ قېلىپ بۇندىن كېيىن قايتا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان «ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ ئورنىنى بىلەلمەسلىك» مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ 2) «ئۇيغۇرچە فونتلاردا چوقۇم قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە، پارىسچە... ھەرپلەرمۇ بولۇشى كېرەك» دەيدىغان ئۆلچەم ياكى تەلەپ بولمىغاچقا، ئىنتايىن كۆپ ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان فونت تۈزەش يۈكىنى يەڭگىللىتىش.[/quote]
گەپ ئەمدى چىقتى ، دىمەك باياقى پەرىزىم خاتاكەن ، تا ھازىرغىچە بۇنداق ئۆلچەم يوقكەن،مەن پەرەز قىلغان مەۋھۇم چەكلىمىمۇ مەۋجۇت ئەمەسكەن.ئۇنداقتا ئۇيغۇرچە فونت نىمە ئۈچۈن ئىككىنجى دەۋرنى بېشىدىن كەچۈرۈدۇ؟ بۇ ئۆز مەيلى بىلەن قىلىنغانمۇ؟ ياكى مەجبۇرلانغانمۇ؟،ئەمدى نىمە ئۈچۈن بىرىنجى دەۋرگە قايتماقچى بولۇدۇ؟ ئەلقىسىسە....ئىشىتىڭلا ئاھۇ خاس...ئۇيغۇرچە فونتنىڭ ئىشىنى كېيىنكى ھېكايىدىن ئاڭلىغايسىلە.
[ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىدىغان تەتقىقات ئورۇنلىرى ياسىغان فونتلارغا دەرۋەقە كامىدا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپلەرنىڭ تولۇق بولۇشى سىياسىي نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تەلەپ قىلىنىدۇ.quote] UKIJ دە تېخى ئۇنداق بەلگىلىمە يوق.[/quote]
دىمەك UKIJ ئۆزى خالاپ شۇنداق قىلغان،شۇنداقلا باشقائورۇن ۋە شىركەتلەرگىمۇ ئۇنداق بەلگىلىمە يوق،بولغان بولسا ئېلان قىلىناتتى،ھازىرقىدەك يول سارىخانغا دەپ تالىشىپ ئولتۇرمايتۇق،كودنىڭ يەرلىك،دۆلەتلىك،خەلقئارالىق ئۆلچىمى ئېلان قىلىنىۋېدى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدۇققۇ..خوشاللىق ياشلىرىمىز قۇرمىدىغۇ،،نەچچە كۈنگىچە ئاغزىمىزدىن كۈلكە كەتمىدىغۇ،دىمەك ئويغان ئەپەندى دىگەن ئىش يوق،مەۋجۇت ئەمەس،بۇ پەقەتلا ئۆزىنىڭكىنى توغرا ،يوللۇق قىلىش ئۈچۈن تاپقان بانا،خالاس.لېكىن UKIJ كامىدا ئىچكى قىسىمدا شۇنداق قىلىشنى قارار قىلغان،ياكى بۇنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەركەن،گەرچە قەغەز يۈزىدە ئېلان قىلىنمىغان بىلەن،ئىچكى قىسىمدىكى مۇدىرىيەت ئەزالىرى بۇ ھەقتە بىر مۇجىمەل بولسىمۇ تولۇق چۈشۈنۈشكە كېلىپ بولغان.بولمىسا ئىككىنجى دەۋرنى چۈشەندۈرۈش مۈمكىن ئەمەس.دىمەك كۆپ سانلىق مۇدىرىيەت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى ئارقىسىدا، UKIJ فونتلىرى ئىككىنجى دەۋرگە مەزمۇت قەدەملەر بىلەن كىرىپ كەلگەن.لېكىن ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەمدى باشلىنىش نۇقتىسىغا قايتىش ھەققىدىكى سادا چىقىۋاتىدۇ..... بۇ ئالغا بېسىشمۇ؟ ياكى چېكىنىشمۇ؟بۇ خاتامۇ دەپ قاراپ باقساق خاتا ئەمەس،شۇنداقلا توغرىمۇ ئەمەس؟......بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ،چۈنكى بىزدە ئېنىقلىما يوق.ئاساسلىنىدىغان نەرسە يوق.يەنى بۇ ئىشنىڭ ھۇلى بوش،مۇنداقچە ئېيىتقاندا بۇ مۇئەللەقتە لەيلەپ يۈرگەن بىر پارچە بۇلۇت....نەدىن شامال كەلسە شۇ يانغا مېڭىۋەرسە بولۇۋېرىدۇ...... ناۋادا مۇشۇنداق كېتىۋەرسە يەنە بىرەيلەن چىقىپ ئىشنى ئىككىنجى دەۋردىن باشلايمىز، دىسە بۇمۇ خاتا ئەمەس،چۈنكى بىزدە ئۆلچەم يوق.....دىمەك بىز ئەسلىدىلا ئۆينىڭ ئۇلىنى قويماي،چېرتىيوژمۇ سىزماي خەقنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىگە بالىخانىدىن بىرنى سېلىۋالغان...ھەر ھالدا .تۇققانلار كەلسە ئۆيۈم بار دىيالايمىز.........ئەمدى يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن فونتنىڭ ئۇلىدىن،چېرتىيوژىدىن مەسىلە چىقىۋاتىدۇ...تۇرۇپ يامغۇر ئاقىدۇ...تۇرۇپ تاملار يېرىلىپ كېتىدۇ...سوۋاقلار ئانچە مۇنچە چۈشۈپ تۇرۇدۇ...دىمەك فونتنىڭ قېلىپى مۇكەممەل ئەمەس.
ئەمىسە قېلىپنى قانداق قىلىمىز،ئۆلچەم بىلەن چەكلەيمىز. ئەڭ كىچىك ئۆلچىمىنى بەلگىلەپ بەرسەك، خەتەر ئازراق چىقىدۇ...خۇددى بىنا سالغاندا تۆمۈر چىۋىقتىن مانچە تالدىن كەم بولمىسۇن،تۈۋرۈك مانچىدىن كەم بولمىسۇن...دىگەندەك ئۆلچەم قىلىپ بەرگەچكە ئۆيلەردە خاتىرجەم تۇرۇۋاتىمىز.....
فونتلىرىمىزدىمۇ يامغۇر ئۆتۈش،يېرىلىش،سۇۋاق چۈشۈپ كېتىش دىگەندەك ھادىسىلەر توختىماي كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقاچقا،ياماپ تۇرۇۋاتىمىز...ئەمدى ئىشنى بىرىنجى باسقۇچتىن باشلاشنىڭ ھاجىتى يوق. بەلكى ئۆلچەم بېكىتىپ شۇ بويىنچە ئىش قىلايلى. ئالپ ئەپەندى ئەڭ كىچىك ئۆلچەمنى ئېلان قىلدىغۇ...شۇنى نىمىشقا قوبۇل قىلمايمىز....قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىپ باقمايمىز.

afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » جۈمە يانۋار 09, 2009 3:21 pm

مىكروسوفت ئۇيغۇر فونتىغا قاراپ باقايلى،ئۇنىڭدا ئەرەپ يېزىقى ۋە ئەرەپ يېزىقىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكىللىرىنى قوللۇنىدىغان بارلىق ھەرپلەرنى -بەلگىلەرنى (ئاساىي رايون ۋە كېڭىيتىلگەن رايون ھەرپلىرى) ئىۆز ئىچىگە ئالغان،لېكىن ئۇيغۇر دىگەن ئىسىمنى قوللانغان. بۇ خاتامۇ؟ئەلۋەتتە خاتا ئەمەس.بۇ چېكىنىشمۇ؟ نىمىشقا شۇنچە نوپۇزلۇق بىر ئورگان شۇنداق قىلىدۇ؟ ئەرەبچە فونتلارغا قاراپ باقايلى،ئۇلاردىمۇ ھەممە ئەرەب يېزىقلىرىدىكى ھەرپلەر بار. شۇنداقلا سېستىما فونتلىرىغا قاراپ باقايلى،تايمس نيۇ رومان،ئارىئال قاتارلىقلاردا تولۇق بار. بۇرۇن يوق يەتتە تال ھەرىپىمىز يوق ۋاقىتتا قانداق ئىدى،ھازىرمۇ بەزى فونتلاردا يوق،بەزى دېتاللاردا ھېلىقى ھەرپلىرىمىزنى چىقىرالماي سوئال بەلگىسىگە قاراپ يىغلىغۇدەك بولۇپ كېتىمىز...بۇ يەردە ئەرەپ يېزىقىنى بىراقلا قوللىمامدىكى دىسە قوللايدۇ،پەقەت بىزنىڭ خاس ھەرپلىرىمىزنى قوللىمايدۇ...مەسىلەن ۋىدىئو ستودىئو دىگىنى شۇنداق...... يەنە 3د ماكس دىگىنىمۇ بار....مەتلەب ر2007 دىگىنىدىغۇ كىرگۈزگەندە كۆرۈنىدۇ،مۇقىملىساقلا يوقايدۇ. فوتوشوپنىڭ ئۆزىنىڭ فونتىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ يوقلا چىقىدۇ،بۇ نىمە؟ ھەجەپ بۇ يەردە مايەردە يەنە بىر فونتتا بارتى دەپ شۇنىڭدىن چىقىرىپ بەرمەيدىكىنا؟؟؟؟؟؟.....دىمەك ئىدراكلىك فونتنى تاللاپ بېرىش،پەقەتلا مىكرو سوفت قاتارلىق ئاز بىرقىسمىدا شۇنداق بولۇدۇ.قالغىنىدا فونتىڭىزدا بولمىسا خەق كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ.دىمەك بۇ اونتتا بولمىسا ،ئۇ فونتتىن تارتىپ ئەكىلىپ بېرىۋەرمەيدۇ،بۇ ھەممە سوفتقا ماس كېلىۋەرمەيدۇ،پەقەتلا چەكلىك. .....شۇ سوفتلاردا ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز يېزىقلىرىنى ئارىلاش بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجى تۇغۇلسا،قانداق قىلىمىز؟ يەنە بىر فونت ياساپ ئىشلىتەمدۇق؟ بۇنداق قىلساق ساپ فونت دىگەننىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى چەكلىنىپ قالمامدۇ؟؟؟؟؟؟يۇنىكود پۇنىكود دىگەننىڭ نىشانى نەدە قالىدۇ؟!.....ئۇ بىر كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالمامدۇ؟ ...... بەزى سوفتلار ئۆزىگە بەلگىلىۋالغان سېستىما فونتلارى بىزگە نىسبەتەن كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدىغۇ؟!....شۇڭا توختىماي ئۇلارغا ياماق سېلىۋاتىمىزغۇ!....بۇ يامغۇر ئۆتتى، سۇۋاق چۈشتى دىگەن گەپ ئەمەسمۇ؟.......
يەنە بىر ئىش، ناۋادا مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدا خاتالىشىپ قارار چىقىرىپ ئويغان ئەپەندىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويغان بولسام كەچۈرۈم سورايمەن.
ناۋادا ھۆكۈمەتنىڭ شۇنداق بىر بەلگىلىمەسى بولسا، نىمىشقا ھەممەيلەن شۇنىڭغا ئەمەل قىلمايمىز...بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش بىرلىك ھېساپلانمامدۇ؟!.بۇنىڭ پايدىسىنى كىم كۆرۈدۇ؟ يەنىلا شۇ ئىشلەتكۈچىلەر كۆرۈدىغاندۇ!.....
سىزنىڭ فونت ،شۇنداقلا كومپيۇتېرچىلىقىمىز ئۈچۈن كۆپ جاپالارنى تارتىۋاتقىنىڭىزنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز،چوڭقۇر ھېس قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز،ھەم كۆپ قايىلمىز....لېكىن توختىماي تەكرار ئەمگەك قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟......بۇ ھەقىقىي جاپا ئەمەسمۇ........
يەنىلا چەكنى سەل كېڭەيتىپ،كۆڭۈل كۆكسىمىزنى كەڭرەك تۇتۇپ،ئۆلچەم بويىنچە ئىش باشلايلى.......ئۆلچەم يوق بولغان تەقدىردىمۇ ،ۋاقىتنى 2002-يىلىغا چېكىندۈرۈپ ھەممىنى قايتا باشلىماي،ھازىر بار بولغان،شەكىللىنىپ بولغان، ئەڭ كامىدا ئاز بولسىمۇ ئورتاقلىققا كەلگەن يۆنىلىش بويىنچە ماڭايلى......
چۈشۈنىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » جۈمە يانۋار 09, 2009 6:39 pm

[quote]ئەمدى ساپ ئۇيغۇرچە فونت ئىشلەپ، كېيىنكىلەرنىڭ خاتالىشىپ كەتمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇشنى ئويلاشساق، مېنىڭچە ھەقىقىي تارقىتىلىدىغان فونتلارنى بەك كۆپ قىسقارتىۋەتمەي، فونت چۈشۈرۈش ئورنىغا، فونت ئۆلچىمىنى چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى ياساپ چىقساق، بۇ فونت ئۆلچىمىنى چۈشۈرۈش ئورنىغا پايدىلانغۇچىلار ئۈچۈن فونت تەمىنلىسەك، يەنى:
ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان ساپ ئۇيغۇرچە فونتتىن بىر دانە.
قازاقچە ھەرپ-بەلگىلەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان ساپ قازاقچە فونتتىن بىر دانە.
قىرغىزچە ھەرپ-بەلگىلەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان ساپ قىرغىزچە فونتتىن بىر دانە.[/quote]

بۇ پىكىرلەرنى مەن قوللايمەن. UKIJ Tuz Yengi نى تەكشۈرۈش تۈگىگەندە مەن ئۇنى UKIJ Sap Uyghurche دېگەن نامدا ئۆزگەرتىپ قوياي. بۇ نامغا كۆپچىلىك قانداق قارايدىكىن؟

تورداشلارنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن، مەن تۈزىتىۋاتقان UKIJ Tuz قا ئەرەب ئېلىپبەسى ئىشلىتىدىغان باشقا تىللار، كېڭەيتىلگەن لاتىنچە ھەرپلەر رايونىدىكى ھەرپ-بەلگىلەر ۋە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ دەپ قارالغان بەزى مەتبەئە بەلگىلىرىنى قوشماقچى. ئىش پۈتكەندە شۇ نامدا سىناشقا يوللايمەن.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » شەنبە يانۋار 10, 2009 5:26 am

ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن.
UKIJ Tuz تومغا ئەرەب ئېلىپبەسى ئىشلىتىدىغان باشقا تىللار، كېڭەيتىلگەن لاتىنچە ھەرپلەر رايونىدىكى ھەرپ-بەلگىلەرنى فونتتا تەمىنلىمەكچى بولغانلىقىڭىز ياخشى بوپتۇ.
ئالپ

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار