يېڭى خەت نۇسخىسى ھەققىدە

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىكى ھەر خىل مۇھاكىمە تېمىلىرى قويۇلىدۇ ۋە مۇنازىرە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

يېڭى خەت نۇسخىسى ھەققىدە

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » جۈمە يانۋار 09, 2009 2:53 pm

ئەسلى بۇنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىمىسام بولاتتى ، ئەمما باشقا تېمىلاردا ئىنكاس جىق ، بۇ مەزمۇننى باشقىلار كۆرمەي قېلىشى مۇمكىن ، يەنە كىلىپ بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلارشتۇرالمايۋاتقان كىشى بەلكىم مەنلا ئەمەستۇرمەن .

خەت نۇسخىلىرى ئۆلچەمگە چۈشۈرۈش ، يېڭىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتى ھەرھالدا ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى . بۇ تۈزىتىش جەريانىدا بىز بىلەن جىق ئۇچراشقىنى UKIJ Tuz Tom Yengi خەت نۇسخىسى . ھازىر باشقا ناملىرىمۇ بار .
[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=457[/url] دىكى مەزمۇنغا قارىغاندا ھازىرغىچە بۇ خەت نۇسخىسى 3خىل نامدا ئاتىلىپ بىرنەچچە خىل سىناق نۇسخا تارقىتىلدى .
UKIJ Tuz Tom Yengi
UKIJ Tuz Tom2008
UKIJ Tor
مەن ئۆزۈم چۈشۈرگەن Yengi سىناق نۇسخىسىنى تاپالمىدىم . ئەمما ئالپ ئەپەندىمنىڭ گىپى بۇيىچە ھازىرقى UKIJ Tor دەل بۇرۇنقى سىناق Yengi ئاساسىدا نىناق تارقىتىلغان . ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك :
بۈگۈن بۇ UKIJ Tor نىڭ تور يۈزىدىكى ئۈنىمى بىر كۆرەي دەپ سىناق ئېلىپ بارسام ، كۈتمىگەن ئەھۋال چىقتى . يەنى UKIJ Tor غا توغرىلانغاندىكى ھالەت بىلەن UKIJ Tuz Tom2008 گە توغرىلانغان ھالەت ئوخشاش ئەمەس . بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە ؟ تۈزىتىش مەزگىلى ئاخىرلاشقىلىۋاتىدۇ ، نىمىشقا ھازىرغىچە بۇ سىناق خەت نۇسخىلىرىنىڭ شەكلى موقۇملاشمايدۇ ؟ يەنى UKIJ Tuz Tom2008 غا توغرىلانغاندا خەتنىڭ ئورنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا UKIJ Tor غا توغرىلانغان ھالەتتىكىدىن تۈۋەن كۆرۈنىدىكەن . خەتنىڭ ئىگىلەيدىغان ئورنىمۇ كۆپ .

بۇنى رەسىمدىن كۆرۈڭ .
ئەمدىكى سۇئال : ئاخىرقى نۇسخا زادى قايسىنىڭ سۈڭىكىنى ئاساس قىلىدۇ ؟ ئالپ ئەپەندىمنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىنى سورايمەن .
يەن بىرسى بۇ يېڭى خەت نۇسخىسى ئىلگىرىكى ukij tuz tom غا قارىغاندا ئورۇننى جىق ئىگەللەيدىكەن ، بۇنداق بولغاندا توربەت يۈزىدە ئىشلىتىشكە تازا ماس كەلمەمدۇ قانداق ؟ بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا بۇ خەت نۇسخىسىغا UKIJ Tor دەپ نام بەرسەك مۇۋاپىق بولامدۇ ؟ ئالپ ئەپەندىم بۇ ھەقتىمۇ چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ؟...

خەت سىلىقلانمىغان ھالەتتىكى چاپاق چىقىش مەسىلىسىگە كەلسەك ، بۇ كەمچىلىك 微软雅黑 خەت نۇسخىسىدىمۇ باركەن . بۇ مەسىلىنى شۇ مەجبۇرىي سىلىقلاپ ئىشلەتمەكتىن باشقا چارە يوق ئوخشايدۇ . ئاندىن ئالپ ئەپەندىم تىلغا ئالغان Hinting قانداق بولدى ؟ . . .

ئالپ ئەپەندىم ، ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قۇيىدىغان بولدۇم . ئەپۇ قىلارسىز



Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » شەنبە يانۋار 10, 2009 10:51 pm

ھۆرمەتلىك نۇرقۇت ئەپەندىم، بۇ بىر قانچە نامدا يوللانغان سىناق خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئۇستىخىنى ئاساسەن ئوخشاش، ئاساسەن دېگىنىم، تورداشلارنىڭ ھەر خىل ھەرپلەرنىڭ كۆرۈنىشى ۋە باشقا تەرەپلىرىدىن پىكىرلىرى توپلىنىپ تۇزىتىلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، خەت ئۇستىخىنىدا ئىنتايىن كىچىك ئۆزگۈرۈشلەر بولدى، ئەمما مەن بۇنى بەك گەۋدىلىك ئۆزگۈرۈش دەپ قارىمايمەن. تور كۆرگۈلەردە بىر خەت نۇسخىسىنىڭ تولۇق بىر خىل كۆرۈنۈش ھالىتىدە تۇرۇشى تەس، مەسىلەن ۋىندوۋس كۆرگۈلىرىدە سىلىقلاشتىن كېيىن، سەل ئىنچىكلەپ كېتىدۇ، سافارى تور كۆرگۈلسىدە سىلىقلاشتىن كېيىن سەل توملىشىپ قالغاندەك تەسىرات بېرىدىكەن. بۇ قېتىم فونت ئىچىدىكى ئاستىغا سىزىلىدىغان سىزىقنىڭ پارامېتىرىنى بەرگەن ئىدىم، ئالدىنقى قېتىملىق سىناقلاردا بۇنى قىلمىغان، چۈنكى بۇنى ئەڭ ئاخىرىدا تەڭشەشنى ئويلىغان ئىدىم، بۇنىڭ تەڭشەكنى UKIJ Tor دا ئېلىپ باردىم، بەلكىم مۇشۇنىڭ سەۋەبىدىن بۇرۇنقى سىناق نۇسخىلىرىدىن تۆۋەن كۆرۈنۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن، مەن بۇنى يەنە سىناپ كۆرەي.
يوللىغان رەسىمىڭىزنىڭ ئۇلانمىسىنى ئۇچرىتالمىدىم، شۇڭا قانداق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بېلىۋېلىشىم ئۈچۈن، ئېلخەت ئادرېسىمغا رەسىملىك ھالىتىنى يوللاپ قويسىڭىز.
بۇ فونتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا UKIJ Tor دەپ ئاتىلىشىمۇ ناتايىن، چۈنكى مەن يەنە بىر تور بەت فونتى ياساۋاتقان ئىدىم، بۇنى بۈگۈن ئىنتىل سەيناسىنىڭ مۇنبىرىدە سىناق قىلدۇق، كۆرۈپ بېقىڭ، بۇ فونتقا چېكىتلىك خەت تەسۋىرى چۈشۈرۈلگەن. خەت ئۇستىخىنى ئىككى خىل لايىھەلەندى، ئەڭ ئاخىرى كۆپچىلىككە يارىغىنىدىن بىرىنى تاللىماقچىمەن.
Hinting بېرىش ئىشىنى باشلىدىم، ئەمما ئالدىنقى قېتىم دېگىنىمدەك، بۇ ئاسان ئىش ئەمەس، ۋاقىتمۇ كۆپ كېتىدۇ، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ئالدى بىلەن تۈزىتىلىدىغان ھەم يېڭىلىنىدىغان خەت نۇسخىلىرىنى تۈگىتىپ بولۇپ، بۇ ئىشنىڭ داۋامىنى قىلىشنى ئويلاشتىم.
ئىنتىل سەيناسىغا يوللانغان فونتنى سىزمۇ نۇرقۇت مۇنبىرىدە سىناپ باقسىڭىز بولاتتى، بۇ خەت نۇسخىسىغا بۇرۇن Uyghur Ekran غا ئىشلىتىلگەن چېكىتلىك خەت تەسۋىرى چۈشۈرۈلگەن، بۇنى مەن قايتا-قايتا تۈزىتىش ئارقىلىق، تۈنۈگۈن تاماملىغان نۇسخىسىنى سىناق قىلىپ باقتۇق، ھازىر ئۈنۈمى خېلى ياخشىدەك تۇرىدۇ، ئەڭ مۇھىمى سىلەردەك تور پروگراممىلرىى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىدىغانلار سىناپ كۆرسۇن، مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئالپ

Apple
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 05, 2008 11:02 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Apple » يەكشەنبە يانۋار 11, 2009 8:26 am

بۇ قېتىمقى يېڭى تۈزىتىلگەن فونتامۇنۇ تېمىدا(http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=20423&page=6#pid156951) دېيىلگەن ئې نىڭ مەسلىسى تېخى ھەل ئوڭشالماپتۇ،بۇ زادى قانداق ئىش؟

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە يانۋار 11, 2009 5:29 pm

شۇ مەزمۇننى مۇشەگە چاپلاپ قويۇشقا بولمامدۇ؟

sarsari
يازمىلار: 3
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 4:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان sarsari » يەكشەنبە فېۋرال 08, 2009 7:57 am

نېمە ئۈچۈن UKIJ Tuz Tom2008بىلەن UKIJ Tor نىڭ چوڭلۇقى ئوخشىمايدۇ ؟
ئالدىنقىسى 356KB، كېيىنكىسى 108KB ئىكەن.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار