ULY(ئۇلاي)نىڭ ئىلمىيلىكى يوقمۇ؟

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىكى ھەر خىل مۇھاكىمە تېمىلىرى قويۇلىدۇ ۋە مۇنازىرە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

ULY(ئۇلاي)نىڭ ئىلمىيلىكى يوقمۇ؟

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » سەيشەنبە فېۋرال 24, 2009 4:01 am

[i][color=Blue]يېقىندىن بىرى بىلىك مۇنبىرىدە تىل - يېزىققا دائىر بىرقىسىم تېمىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويىلىشى بىلەن ئۇلاي ھەققىدكى تالاشمىلار باش كۆتۈرۈپ قالدى، بەزىلەر ئۇلاينىڭ ھىچقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق، پىنيىنچىدىن يىراقلاشتۇرىۋېتىلگەن، شۇڭا كىشىلەرنىڭ قوبۇل كۆرىشىگە ئېرىشەلمىگەن دېسە يەنە بەزىلەر ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، كىم قانداق يېزىشنى خالىسا شۇنداق يازسا بولىدۇ - دەيدۇ. مەن بۇ ھەقتىكى مۇناسىبەتلىك تېمىغا تۆۋەندىكى قاراشلىرىمنى يازغان ئىدىم، بۇ ئىنكاسىمدا بىر ئىلمىي مۇنازىرىلىك تېما پۈتۈپ قاپتۇ، شۇڭا ھەرقايسىڭلارنىمۇ مۇلازھىزەڭلەرگە قالدۇرۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم، سەھۋەنلىك ئۆتكۈزگەن يېرىم بولسا تەنقىدىڭلەرنى ئايىمىغايسىزلەر.[/color][/i]

[quote]ئۆزىمىزنىمۇ ئالداپ ھەم ئاخماق قىلىپ، سەبى پەرزەنتلىرىمىزنىمۇ قىينىغىچە، شۇلارنى ۋە ئانا تىلىمىزنى دەپ بولسىمۇ، پىنيىنغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدىغان بىر لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش ھازىرقى شارائىتتا ئاقىلانە چارە. [/quote]
بۇ سۆزىڭىز ئىنتايىن توغرا بولسىمۇ لىكىن، تىلدىن يېزىقنى مۇھىم كۆرىدىغانلار بۇ سۆزنى چۈشەنسە بولاتتى، مەن تورغا كىرىشنى ئۆگەنگەندىن بىرى بۇ سۆزۈمنى بەزىلەرگە پەقەت چۈشەندۈرۈپ بولالمىدىم ....

[color=Blue][i]تۆۋەندىكىلەر مېنىڭ بىرەرسىىڭلەردىن سورىغان سۇئالىم ئەمەس، پەقەت مېنىڭ ئۆزەمنىڭ مۇلاھىزەم.[/i][/color]
قانداق لايىھە پىنيىنگە پۈتۈنلەي ماس كىلىدۇ؟ پىنيىندىكى ھەرپلەرنىڭ ئوقۇلىشىنى ئۆزگەرتمەي ئەينەن ئىشلەتسەك پىنيىنچىگە ماس كەلگەن بولامدۇ؟ ئۇنداقتا پىنيىنچىدە ئىپادىلەشكە بولمايدىغان، «ق، ھ، ژ، غ، ئۆ، ئۈ» دىن ئىبارەت 6 ھەرپ ئىپادىلىدىگەن تاۋۇشلىرىمىزنى قانداق قىلىمىز؟ بۇ تاۋۇشلار ئارىلىشىۋالغان سۆزلىرىمىزنى خەنزۇچە سۆزلەرگە ئالماشتۇرىۋىتەمدۇق؟ تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى پىنيىنچىدا قانداق يازىمىز؟
1) 500 كويغا بىر قوي ئالدىم. قادىر ياخشى كادىر.
2) ھايا ئىماننىڭ بىرى. پىشانىسىدا خالى بار بۇ بالىنىڭ ھالى چوڭ.
3) بىر دانە غازنى بىر كۇپ گاز بىلەن تىگەشتىم.
[color=Blue]ئەمدە ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، نۇرغۇن كۆرەشلەرنى، ئىسسىق - سوغۇقلارنى باشتىن كۆچۈرۈپ، بۈگۈنگەنگە قەدەر كۆرەشنى تېخىغىچە داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئۇلاي بىلەن پىنيىنچىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.[/color]
ئۇلايچىدىكى Ch, Sh لار پىنيىنچىدە يوقمۇ؟ ئۇلارنىڭ پىنيىندىكى ئادەتتىكى يەرلىك تەلەپپۇزى بىلەن ئۇلايچىدىكى تەلەپپۇزىدا پەرق يوق، بۇ ئىككى قوشما ھەرپنىڭ ئۇلايدا ئىشلىتىلىشى پىنيىنچىگە يېقىنلاشتۇرغانلىق بولماي نېمە؟ بۇ ئىككى ھەرپنى پىنيىنچىگە يېقىنلاشتۇرۇش نىيىتى بولمىسا تۈرۈكچىدىكىدەك C, S لارغا قۇيرۇق چىقىرىپ ئىشلەتسە بولاتتىغۇ؟

خوش ئۇنداق بولسا، ئۇلاي بىلەن پىنيىنچىنى يىراقلاشتۇرىۋەتكەن پەرق زادى نېمە؟
پەرق پەقەت تۆۋەندىكى 8 ھەرپ «Qq, gh, Hh, Xx, Öö, Üü, Éé, Ee»تە بولۇپ، بۇلاردىن ئازراق ئەقلى ھۇشى جايىدا ئادەم Öö, Üü, ghنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالسىلا، ئۇلارنىڭ «ئۈ، ئۆ غ» تەلەپپۇز قىلىنىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلايدا مەۋجۇت بولىشىغا قارشى ئاقىلانە باھانە تاپالمايدۇ. [color=Red]ناۋادا ھىچقانداق باھانە تاپالمايمۇ يەنە بۇ ھەرپلەرگە قارشى تۇرغۇچى بار دېيىلسە، بۇنداق ئادەم ئەڭ ھورۇن، ئەقلى كوتا ئادەم ياكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاشۇ ھەرپلەرسىز يازغىلى بولمايدىغان سۆزلەرگە قارشى تۇرۇشتىن باشقا مەقسىدىنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان سۈيقەستچى ئادەم.[/color]
گەپ ئەمدە Qq, Hh, Xx, Éé, Ee دىن ئىبارەت 5 ھەرپتە قالدى. بىز تۆۋەندە بۇ بەش ھەرپ ئۈستىدە بىربىرلەپ توختىلايلى:
پىنيىنچىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىدىغانلار Qqنى «چ» ئىشلەتسەك بولاتتى، دەيدۇ. ئۇلايدا «چ» تاۋۇشىمىز ئۈچۈن ئىشلەتكەن «Ch» ھەرىپى پىنيىنچىدە يوقمۇ؟ پىنيىنچىدە ئۇنى نېمە دەپ تەلەپپۇز قىلاتتىڭىز؟ پىنيىنچى بىلەن ئۇلايدا قانداق زىتلىق بار؟ ئاقىلانە جاۋاپ «چ» ئۈچۈن پىنيىنچىدا ھەم ئۇلايچىدا بىردەك Ch ئىشلىتىلسە توقۇنۇش بولمايدۇ. پىنيىنچىدىكى ئېشىپ قالغان Qqنى يەنە «چ» ئۈچۈن ئىشلىتىپ، بىر «چ»غا ئىككى ھەرپ ئىشلىتىش توغرا ئەمەس، يەنە بىر جەھەتتىن Qqنى «چ»غا ئىشلەتسىڭىز «ق»نى نېمە بىلەن ئىپادىلەيسىز؟ Qqنى خەلقئارادىكى ئورتاقلىق بويىچە «ق» ئىشلىتىشمۇ ئەقىلغا ئۇيغۇن، بىلىشىمچە ئېنگىلىز تىلىدا ئۇيغۇرچە بىلەن ئوپئوخشاش «ق» تاۋۇشلىق ھەرپ يوق، بىراق ئېنگىلىزچە خەرىتىگە قارىسىڭىز ئىراق، قاتار دېگەن جايلارنىڭ ناملىرىنىڭ Iraq, Qatar شەكلىدە يېزىلغانلىقىنى كۆرىسىز. [color=Red]شۇڭا، بۇ ھەرپ پىنيىنچى بىلەن ئوخشاش بولماپتۇ، Qqنى «ق» ئوقۇمايتىم دېسىڭىز، «ق» ئۈچۈن تېخىمۇ ئىلمىي بولغان ئىپادىلەش شەكلىدىن بىرنى كۆرسىتىڭ. ئۇنى يەنىلا كونا ئادىتىڭىز بويىچە «Kk»لار بىلەن ئىپادىلەيمەن دېسىڭىز، سىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى سۆيگەنلىكىڭىز بولمايدۇ، بەلكى «سويغان»لىقىڭىز بولىدۇ، بىزنىڭ جاۋابىمىز ھورۇنلۇقنى تاشلاپ، 2 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ Qqنى «ق» ئوقۇشنى ئۆگىنىڭ. بۇنىڭغىمۇ قوشۇلمىسىڭىز پۇتلاشماي بىردەم نېرى تۇرۇپ تۇرۇڭ.[/color]
ئەمدە Hh غا كىلەيلى، Hhنى پىنيىنچىدە بىزدىكى «خ» بىلەن ئوخشاش ئوقۇلىدۇ، ئۇنداقتا ئۇنى ئۇلايدا «ھ» دېمەي، «خ» دېسە بولماسمىدى؟ مەنمۇ ئۇلاينى دەسلەپ ئۆگەنگەندە تالاي قېتىم سورىغان، ئىدىيەمدىن ئۆتمىگەن، كىچىكىمدە «يېڭى يېزىق» دېگەن يېزىقتىمۇ ئۇنى «خ» ئۆگەنگەن ئىدىم، ئەمدە ئۇنى ئۇلايدا «ھ» ئورنىدا ئىشلىتىمەن. Hhنى «ھ» ئورنىدا ئىشلىتىش كاللامدىكى نۇرغۇن توقۇنۇش، جەريانلاردىن كېيىن ئىدىيەمدىن ئۆتتى، قانداق ئۆتتى؟ Hhنى «ھ» ئۈچۈن ئىشلەتمىسەك «ھ» ئۈچۈن پىنيىنچىدىكى قايسى ھەرپنى ئىشلىتىمىز؟ پىنيىنچىدا «ھ»نىڭ تەلەپپۇزىغا ئەڭ يېقىنراق كەلگەن Hhدىن باشقا ھەرپمۇ يوق، شۇڭا، Hhنى «ھ» ئورنىدا ئىشلىتىش ئىدىيەمدىن ئۆتتى.

Hhنى «ھ»غا بېرىۋەتتۇق، ئەمدىكى مەسىلە «خ»نى نېمە بىلەن ئىپادىلەيمىز؟ بۇ ئەڭ قاتتىق باش قاتۇرىدىغان بىر مەسىلە بولدى. بەلكىم ئۇلاينى ئوتتۇرىغا قويغانلار مۇشۇ مەسىلە ئۈچۈن بارلىق ھەرپلەرنى بىكىتىشتىنمۇ جاپالىق، ئارتۇق زىھىن، ۋاقىت سەرپ قىلغان بولىشى مۇمكىن. مەن ئاشۇ يىغىندا بولمىساممۇ، شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلدىمكى، بارلىق ھەرپكە سەرپ قىلغان ۋاقىتنىڭ %40تىدىن ئارتۇقى مۇشۇ بىر ھەرپكە كەتكەن بولىشى، شۇ ۋاقىتتا مۇشۇ «خ» ئۈچۈن ئەڭ كەسكىن، قاتتىق تالاشمىلار بولغان بولىشى مۇمكىن. ئەپسۇس شۇنداق بولىشىغا قارىماي، نۇرغۇن كىشلەر مۇشۇ «خ» ھەرىپنىڭ Xx بىلەن ئىپادىلىنىشىگە سەۋەبىنى بىلىپ ياكى بىلمەي قارشى تۇرماقتا. ئۇلاينىڭ بىرقىسىملاردا قوبۇل قىلىنماسلىقىغا سەۋەپ بولغان ئامىللار ئىچىدە مۇشۇ ئامىلمۇ گەۋدىلىك بولىشى مۇمكىن. سۇئالنى يەنە تەكرارلىسام، «خ»نى نېمە بىلەن ئىپادىلىسەك ئىلمىي بولىدۇ؟ ئۇنىڭغا قانداق ئورۇنلۇق بىرەر سەۋەپنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ؟ ئەڭ توغرا جاۋاپ «خ»نى Hh بىلەن ئىپادىلىسەك، ھىچقانداق قارشىلىق چىقمايدۇ؟ ئۇنداقتا «ھ»نى نېمە بىلەن ئىپادىلەيمىز؟ Hhدىن باشقا يەنە قانداق ھەرپ ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدۇ؟ ئىككىلىسى(«خ، ھ»)نى Hh بىلەن ئىپادىلەمدۇق؟ ئۇنداق بولسا يۇقىرىدىكى 2) جۈملىنى قانداق يازىمىز؟ مانا بۇ مەسىلىدە قايسى بىرسىنى Hh بىلەن ئىپادىلىسەك، يەنە بىرسىنى ئىپادىلەشتە ئوخشاشلا قىيىنچىلىققا يولۇقىمىز. شۇڭا ئېنگىلىزلارنىڭ ھاۋاي دېگەنگە ئوخشاش سۆزلىرىدە «ھ»نى Hh بىلەن ئىپادىلىگەن ئەھۋال مەۋجۇت، پىنيىندىكى ھەپلەرنى ئېنگىلىزچە(لاتىنچە)دىن قوبۇل قىلغان، بىزمۇ ئەسلىسى(ئېنگىلىزچى)گە مۇراجىئەت قىلىپ «ھ»نى Hh بىلەن ئىپادىلەشنى مۇۋاپىق دەپ قارايلى، يەنە بىر جەھەتتىن «خ» ھەرىپىنىڭ Xx بىلەن ئىپادىلىنىشىدا ئاساس بار، شۇڭا «ھ»نى Hh بىلەن ئىپادىلەش ئەقىلغا ئۇيغۇن.

ئۇنداق بولسا، «خ» ھەرىپنىڭ Xx بىلەن ئىپادىلىنىشىدىكى ئاساس نېمە؟
1) Hhنى «ھ»غا بېرىۋەتكەن ئەھۋالدا، «خ»نى ئىپادىلەيدىغانغا پىنيىنچىدە مەخسۇس ھەرپ يوق، پىنيىنچىدىكى «Xx» ۋە «Cc» دىن باشقا بارلىق ھەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىگىسى بار. شۇڭا «خ» ئۈچۈن مۇقەررەر ھالدا «Xx» ياكى «Cc» دىن بىرنى تاللاشقا توغرا كىلىدۇ.
2) خەلقئارا ترانسىپىكسىيىدە «خ» تاۋۇشىنى Xx بىلەن ئىپادىلەيدۇ. (بۇنىڭ دەلىلىنى تۆۋەندىكى كىتابتىكى مىساللاردىن كۆرۈڭ).
3) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى قىرىنداشلار بۇرۇندىنلا Xxنى«خ» فونىمىسى ئۈچۈن ئىشلىتىپ كەلگەن.
[color=Red]«خ»، «ھ» لار ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى كوماكلاشتۇرماي، ئەينەن يېزىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئىلمىي ئاساسىڭلار بولسا، ئوتتۇرىغا قويۇڭلار.[/color]
[align=center][img]http://lh5.ggpht.com/_uvwU43tNCE4/SaKiv7JXDWI/AAAAAAAAAdY/t4W8u7m80tQ/s512/K1.jpg[/img]
شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1988- يىلى 2- ئايدا نەشىر قىلغان، 1- نەشىرى( باھاسى 0.45 يۇەن)

[img]http://lh6.ggpht.com/_uvwU43tNCE4/SaKiwMh_vUI/AAAAAAAAAdg/UVI9XRWj2Nk/s720/k2.jpg[/img]
قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىنغان خەتنىڭ ئەڭ تۆپىدىكى خەنچە خېتى، ئوتتۇرىدىكىسى پىنيىنى، ئەڭ ئاستىدىكى ترانسىپىكىسىيىسى

[img]http://lh5.ggpht.com/_uvwU43tNCE4/SaKiwHLu37I/AAAAAAAAAdo/FsSRQ-3aOqo/s720/2.jpg[/img][/align]

ئەمدىكى گەپ Éé, Ee دا قالدى، «ئې»نى Ee بىلەن ئىپادىلەپ، «ئە»گە بىرەر ھەرپ تاپساق، ھىچكىمنىڭ پىكىرىمۇ چىقمايتى، ئەپسۇس، يەنە شۇ بىرلا قىيىنچىلىق ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ سانى بىلەن پىنيىنچىدىكى ھەرپلەرنىڭ سانىنىڭ تەڭ بولمىغانلىقىدا بولۇپ، «ئە»غا بىرمۇ ماس كەلگىدەك ھەپنى تاپالمايمىز، قانداق قىلىش كېرەك؟ باشقا لاتىنچە ئىشلىتىۋاتقان مىللەتلەردىن ئۈلگە ئېلىش كېرەك. «ئە»نىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن ئويلانغاندا، مۇلاھىزىنىڭ تۈگەللىمىسى «ئە» ئۈچۈن «á» مۇۋاپىق كىلىدۇ، بىراق بىز ئۇنى ئىشلەتمەي Ee نى ئىشلەتتۇق، بۇ خاتامۇ؟ خاتا ئەمەس. بىزدىكى «ئې»، «ئە» ھەرپلىرى ئىچىدە «ئە» ھەرىپى نەچچە ھەسسە كۆپ قوللىنىلىدۇ، بۇ «ئە» ھەرىپى ئۈچۈن بىرەر قاشقىسى بار ھەرپ ئىشلەتكىنىمىزدە بۇ قاشقىلىقنى چىقىرىش ئۈچۈن كېمىدە 2 كونۇپكا بېسىشقا توغرا كىلىدۇ. كۆپ قوللىنىلىدىغان ھەپ ئۈچۈن بۇنداق بىھۇدە ئەۋارىچىلىق بولغاندا بىزگە نۇرغۇن ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي زىيانلارنى ئېلىپ كىلىدۇ(ئوقۇرمەنلەر بۇنچىلىك قايىدىنى چۈشىنىدۇ دەپ قاراپ ئېلىپ كىلىدىغان زىيانلارنىڭ سەۋەب مۇلاھىزىسى قىسقارتىلدى). شۇڭا ئۇنى بىرلا كونۇپكا بىلەن چېقىرىدىغان ھەرپ تېپىش كېرەك، ئۇنىڭغا تەلەپپۇز جەھەتتىن ئەڭ يېقىن كىلىدىغىنى a ياكى e بولىشى مۇمكىن، a نىڭ ئەڭ كۆپ قوللۇنىدىغان ھەم شۇنداق قاملاشقان «ئا» دىن ئىبارەت ئىگىسى بار. ئۇنداقتا «ئە» ئۈچۈن قالغىنى e بولماي نېمە؟ «ئې» بولسا «ئە»گە قارىغاندا كۆپ قوللانمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۆگىنىش ھورۇنلىقىنى چۆرۈپ تاشلىيالساقلا ئىككى كونۇپكىلىق ھەرپتىن بىرەرنى كەلتۈرسەكمۇ ئەۋارىچىلىق چوڭ بولمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا تەلەپپۇز ۋە شەكىل جەھەتتىن پىنيىنچىدىكى «e»غا ئوخشايدىغان «é»نى ئىشلىتىش، ئەستە ساقلاشقا ۋە قوللۇنۇشقا ئەقىلغا ئۇيغۇن دەپ قارايمەن.

[color=DarkGreen][size=4]خۇلاسىلىغاندا، بۇ لايىھە(ئۇلاي) پىنيىنچىگە ئەڭ زور ئىمكانىيەت ئىچىدە يېقىنلاشتۇرۇلغان، پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىغا ھۆرمەت قىلىنغان لايىھە. بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ياخشىراق لايىھە بار دېيىلسە ئۇ لايىھە ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى ئەينەن، توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان ياكى پىنيىنچىدىن تېخىمۇ يىراقلاشقان لايىھە بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.[/size][/color]

بۇ يازمام بىلەن بىرگە سىلەرنى كۆرۈپ قويۇشقا تەكلىپ قىلىدىغان تېمىلار:

[url]http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=21503[/url]
[url]http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=21502[/url]
[url]http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=21501[/url]
[url]http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=21478[/url]
يۇقارقى تېمىلارنى shj ئۇنۋېرسىتىدىن بىرسى يوللىغاندەك قىلىدۇ.

مېنىڭ يۇقارقى يازمىنى يېزىشىمغا سەۋەپكار بولغان ھەم سىلەرنىڭ دىققەت ئىتىبارىڭلارنى تارتماقچى بولغان تېما: [url]http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=21470&extra=&page=1[/url] دىكى تېما ۋە ئاساسلىقى ئىنكاسلار.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2009-2-24 10:10 [/i]]



Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » پەيشەنبە فېۋرال 26, 2009 1:37 pm

مەن مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىرەك بىر پارچە ماقالا يازماقچى ئىدىم، جەمىيەتتىن تۈرلۈك ماتېرىيالمۇ تېپىپ قويغان، يۇقارقى مەزمۇن يازماقچى بولغان ماقلىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى بولاتتى، يازمامدا خاتا بولۇپ قالغان، كەمتۈك بولۇپ قالغان ياكى مۇجىمەل بولۇپ قالغان تەرەپلەر بولسا قىممەتلىك تەكلىپ - تەنقىت پىكىرىڭلەرنى بېرىشىڭلەرنى ئۈمىت قىلىمەن.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » پەيشەنبە فېۋرال 26, 2009 11:38 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئەسلىدە مەن بۇ تېمىغا ۋە ULY توغرىسىدىكى باشقا مۇنبەرلەردىكى تېمىلارغا جاۋاب بەرمەسلىكنى ئويلاشقانىدىم. ئەمما، يەنىلا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق كۆپچىلىكنى قىممەتلىك ۋاقتىنى باشقا تېخىمۇ مۇھىم ھەم جىددىي ئىشلارغا ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىشنى لايىق تاپتىم. (Bidar-Qutlan ئەپەندىم، تۆۋەندىكىلەر سىزگىلا يېزىلغان جاۋاب ئەمەس، تېمىدىكى سوئالىڭىزغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىشنى خالىمىغانلىقىمنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن)

مەن ULY توغرىسىدىكى سوئاللارغا كەم دېگەندە 7 يىلدىن بۇيان جاۋاب بېرىپ كەلگەن. مېنىڭچە ئۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن تونۇشىۋاتقانلار توردىن كونا يازمىلارنى ئىزدەپ چۈشىنىۋېلىپ شۇ بويىچە ئىشلەتسە بولىدۇ. مەن ھەر قايسى مۇنبەرلەردە تىلغا ئېلىنغان «ئىلمىيلىك» دېگەن ئۇقۇمنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىدىغاندەك قىلىمەن. ئۇنى چۈشەندۈرۈش ھەم شۇنىڭغا داۋاملىق ئەمەل قىلغان ھالدا ئىش ۋە پىكىر قىلىش قىيىن بولغاچقا ئۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىچكىرلەپ توختالماي.

ماڭا بەزى پىكىرلەر تىل-يېزىق توغرىلىق پىكىرلەر چىقسىلا تىل ۋە يېزىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرالماي، بىلىپ-بىلمەي ULY غا ۋە ئۇنى ئوتتۇرىغا قويغانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق باشقا ئىشلار سەۋەبىدىن ئىچ-ئىچىمىزگە يىغىلىپ قالغان دەردىمىزنى چىقىرىۋاتقاندەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى. مەن داۋاملىق ULY توغرىسىدىكى ئايىغى چىقمايدىغان تېمىلارغا قايتا-قايتا چۈشەنچە بېرىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلغاندىن كۆرە بوش ۋاقتىم چىقسا ئۇنى باشقا ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرىپ قىلىشنى خالايمەن.

[color=Blue][size=5]ئىشىنىمەنكى، سىز، مەن، بىز چوقۇم باشقا ئەھمىيەتلىك تېما تاپالايمىز.[/size][/color]

نۆۋەتتە مىللىتىمىز، بولۇپمۇ تىلىمىز ئىنتايىن چوڭ قىيىن-قستاقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئەتراپىمىزغا زەڭ سېلىپ قارايدىغان بولساق قىلىدىغان ئەھمىيەتلىك ھەم زۆرۈر ئىشلەر ئىنتايىن كۆپ...مەسىلەن: ئەگەر «ULY نىڭ يېڭى لايىھىسى» توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ ۋاقتى چىقسا، ئەشۇ ۋاقتىنى بىلىك كۇلۇبىدىكى Eagle ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈك ئامبىرى قۇرۇش» تەك ئەھمىيەتلىك يېڭى تۈرىگە سەرىپ قىلىشقا سەمىمىيلىك بىلەن چاقىرىمەن.

مېنىڭ يېزىق توغرىلىق، بولۇپمۇ ULY توغرىسىدىكى پىكىرىم شۇ. تىلىمىز توغرىلىق ۋە باشقا يېڭى جىددىي ۋە زۆرۈر تېمىلارغا ۋاقتىمنىڭ يېتىشىچە كۆپچىلىك بىلەن يۈرۈش قىلىشقا تەييارمەن.

ئاخىرىدا تورداشلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىم: «ئۇيغۇر-لاتىن يېزىقى» نىڭ قىسقارتىلمىسى بولغان ULY نى بىر خىل قۇشنىڭ نامى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان «ئۇلاي» ئىبارىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتمىسەك... بولمىسا يېڭى ئۈگەنگۈچىلەردە ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » جۈمە فېۋرال 27, 2009 4:28 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Oyghan[/i] ، ۋاقتى: 2009-2-27 05:38 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2303&ptid=473][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئاخىرىدا تورداشلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىم: «ئۇيغۇر-لاتىن يېزىقى» نىڭ قىسقارتىلمىسى بولغان ULY نى بىر خىل قۇشنىڭ نامى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان «ئۇلاي» ئىبارىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتمىسەك... بولمىسا يېڭى ئۈگەنگۈچىلەردە ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن.[/quote]
ۋەئەلەيكۇم ۋەسسالام ئويغان ئەپەندىم.
بىزنىڭ ئۇنى ئۇلاي دەپ ئىشلىتىشىمىز، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ 维拉字母 دەپ ئاتىلىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن.

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار