ULY مۇ ياكى ULL مۇ؟ (چوقۇم كۆرۈڭ)

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىكى ھەر خىل مۇھاكىمە تېمىلىرى قويۇلىدۇ ۋە مۇنازىرە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

ULY مۇ ياكى ULL مۇ؟ (چوقۇم كۆرۈڭ)

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 11:50 am

كۆپچىلىككە مەلۇم، كومپىيۇتېر ئوموملىشىشى بىلەن، 21- ئەسىرنىڭ بېشىدىلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر تەلەپپۇزىنى لاتىنچە ئىپادىلەش ھەققىدە ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىش، بەس- مۇنازىرە ۋە جەڭگە –جىدەللەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، "ئۇيغۇر كومپىيۇتېر يېزىقى" (UKY) نى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. كېيىن "كومپىيۇتېرنىڭمۇ ئايرىم يېزىقى بولامدۇ؟" دېگەندەك مەنتقىلەرنى چۆرىدەپ، نامىنى "ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى" (ULY) غا ئۆزگەرتتى.

مانا مۇشۇ ULY غا كەلگىچە بولغان ئارلىقتا نوپۇزلۇق شەخىسلەر ئارىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن نوپوزلۇق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاساسەن كەسكىن ئارىلاشمىدى.
2008- يىلى 1-ئايغا كەلگەندە، ھۆكۈمەتنىڭ تىل- يېزىق جەھەتتىكى نوپوزلۇق ئورگىنى بولغان "ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىق كومتېتى" بىز تالاش- تارتىش قىلىپ كېلىۋاتقان لاتىنچە يېزىلىشقا "ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرىپلەرنى لاتىن ھەرىپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھەسى" دەپ ئىسىم قويۇپ (تۆۋەندە قىسقارتىپ ULL دەپ ئاتاپ تۇردۇم)، ئاخىرقى مۆھرىسىنى باسىتى:
[url]http://www.xjyw.gov.cn/Web/article.aspx?ArticleID=1088[/url]
بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ، كۆپ قىسىم لاتىن يېزىلىشتىكى توربەتلەر، مەسىلەن: تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەنلەر توربېتى قاتارلىقلار خەت شەكلىنى ULL غا ماسلاشتۇردى. مەسىلەن:
[url]http://uyghur.xjass.com/lading/index.html[/url]
[url]http://www.xjtsnews.com/normal/content/lading/[/url]

تەكىتلەشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، ULY بىلەن ULL نىڭ ئىسمىدا ئازراقلا پەرق بولۇشتىن باشقا (ULY يېزىق، ULL لايىھە)، پەقەت "ئې" ھەرىپىنى ئىپادىلەشتە ئازراقلا ئۆزگىرىش بار. ULYدا "ئې" é بىلەن، تىلكوم مۆھىر باسقان ULLدا بولسا ë بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ.

لېكىن، ئۇيغۇر تورچىلىقىدا باشلامچىلىق رولىنى ئۆتەۋاتقان ئۇكىجان (UKIJ) توربېتى تېخىچە بۇ توغرىلىق بىرەر ئىنكاس بىلدۈرمىدى. ئۇكىجاننىڭ تەشۋىقاتىدا يەنىلا بۇرۇنقى ULY نىڭ ئېلانى بار.
[url]http://www.ukij.org/teshwiq/[/url]
[url]http://www.ukij.org/oyghan/[/url]
شۇڭا، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارشىنى بىلىپ بېقىش ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەزكۇر تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئۇكىجان ۋە باشقا تورداشلار تىلكوم قېلىپلاشتۇرغان ULL قوللامدۇ؟
قوللىسىڭىز، سەۋەبى نېمە؟
قوللىمىسىڭىز، سەۋەبى يەنە نېمە؟



Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 12:51 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]koktash[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 17:50 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2884&ptid=571][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

[color=Red]ئۇكىجان[/color] (UKIJ)
[/quote]

ئۇيغۇر-تىل يېزىقىنى قالايمىقان قىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى ئۇسۇلغا سېلىۋاتقانلار كىملەردۇ دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم. شۇنىڭ بىر «زىيالىسى» سىز بولۇپ چىقتىڭىز.:lol

UKIJ نى «ئۇكىجان»، ULY نى «ئۇلاي» دەپ يېزىش ياكى ئوقۇشنى سىزگە كىم ئۆگەتتى؟ سىز ئۇيغۇرمۇ؟ ئۇيغۇر-تىل يېزىقىنى مۇشۇنداق ئاخماق قىلىپ، بۇزۇپ تۇرۇشنى سىزگە كىم ئۆگەتتى؟ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا بىرەر ھەققىڭىز بارمۇ؟ بۇ خىزمەتلىرىڭىز ئۈچۈن قانچە پۇل مۇئاش ياكى مۇكاپات ئالىسىز؟:lol

چاخچاق قىلىپ قويدۇم ھە، راست دەپ ئويلىۋېلىپ، ئۆزىمىزگە ئېلىۋالمايلى.:lol

لېكىن UKIJ نى «ئۇكىجان» دەپ يېزىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىسىڭىز، باشقىلار يۇقۇرقى چاخچىقىمنى راست دەپ ئويلاپ قالىدۇ جۇمۇ.:lol

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]koktash[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 17:50 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2884&ptid=571][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

شۇڭا، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارشىنى بىلىپ بېقىش ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەزكۇر تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
[color=Red]ئۇكىجان[/color] ۋە باشقا تورداشلار تىلكوم قېلىپلاشتۇرغان ULL قوللامدۇ؟
قوللىسىڭىز، سەۋەبى نېمە؟
قوللىمىسىڭىز، سەۋەبى يەنە نېمە؟[/quote]

ھازىر ھىچكىم UKIJ غا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە UKIJ نىڭ پىكرى ھازىرچە مەۋجۇت ئەمەس.

مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم، ULL نى قوللاپمۇ كەتمەيمەن، سەۋەبى، ئۇ 10 يىللىق قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسى ULY بىلەن %100 بىردەك ئەمەس. قارشى تۇرۇپمۇ كەتمەيمەن، سەۋەبى، ئۇنىڭ تامغىسى بار، يەنە ژ ھەرىپىدە ئىلغارلىق بار، ULY بىلەن %94 بىردەكلىككە ئىگە. گەپنىڭ قىسقىسى ئۇمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ۋە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ULY بىلەن ULL نى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش پەقەت نەچچە سېكۇنت مەسىلىسى.

ئەڭ يىرگىنىشلىك ئىش بولسا، مۇشۇ ULY ۋە ULL نى چۆرىدەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىنى بىر-بىرىگە سوقۇشتۇرۇپ ئويناشتۇر.

باشقا قىلىدىغان ئىش تاپالمىسىڭىز، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى جاللات ياڭ زېڭشىن ھەققىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ كۆرۈڭ. كاللىڭىز سەگەكلىشىپ، كۆزىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ.

ئاخىرقى گېپىم، ئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا ھەقىقىي كۆيۈنسەك، بۇنىڭدەك پاراڭلار بىلەن تىل-يېزىقىمىزنى ۋە قېرىنداشلىرىمىزنى ئاخماق قىلىپ ئوينىمىساق. بىرەر ئېھتىياج سەۋەبىدىن قىلىۋاتقان بولساق، بۇنداق ئىشلارنى ئەمدى توختاتساق. چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ كۆزى بۇرۇنقىدەك كور ئەمەس، ھازىر خېلە ئېچىلىپ قالدى. شۇڭا بۇنداق ئىشلارنى توختاتساق، ياكى توختىتىش مۇمكىن بولمىسا، تېخنىكىمىزنى يۇقۇرىلاتساق، يېڭىلىساق.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 1:07 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eagle[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 18:51 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2885&ptid=571][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

ئەڭ يىرگىنىشلىك ئىش بولسا، مۇشۇ ULY ۋە ULL نى چۆرىدەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىنى بىر-بىرىگە سوقۇشتۇرۇپ ئويناشتۇر.[/quote]

ئۆتمۈشتە، ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى دەپ بۇ كاللا سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى 10 يىل ئوينالدى. نۇرغۇن ساددا ئۇيغۇرلار بۇ كاللا سوقۇشتۇرۇش ئويۇنىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى.

شۇڭا قېرىنداشلىرىمغا تەۋسىيەرىم، بۇ قېتىمقى ULY ۋە ULL نى چۆرىدىگەن يېڭى بىر مەيدان كاللا سوقۇشتۇرۇش ئويۇنىغا بىلىپ-بىلمەي دەسسەپ سالماڭلار.

Dreamcatcher
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئىيۇن 26, 2010 5:04 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Dreamcatcher » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 1:32 pm

مەن شەخسەن تىلكوم ئوموملاشتۇرغان<< ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى >>نى قوللايمەن.
چۈنكى،بىرىنچىدىن:
بۇ لاھىيە ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىق كومتېتىنىڭ لاھىيەسى،يەنى ئۇنىڭدا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مۆھۈرى بار.بۇ مۆھۈرنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قارىغىلى بولمايدۇ ،ۋاقتى كەلسە كىشىلەر(توربەتلەر تاۋار ماركىلىرى ۋە باشقا ئورۇنلار) ئاشۇ مۆھۈر سەۋەپلىك بولسىمۇ قىلىپلاشقان ھالەتكە ئۆتىدۇ.
ئىككىنچىدىن:
بۇ لاھىيىدە"ئې" ë بىلەن ئىپادىلىنىش ئارقىلىق Ëë, Üü, Ööلارنىڭ شەكىل جەھەتتىن بىردەكلىكىنى ساقلاپتۇ.بۇ ھالدا نۇرغۇن كىشىلەرÖö, Üü, Éé,Ëë,Úú,Óó ئارىسىدا قايمۇقۇپ يۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچىدىن:
بۇ لاھىيىدە «ژ‏» ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپى ئۈچۈن ‏«Zh,zh‏» قوشما ھەرپى ياسىلىپتۇ. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كۆرۈش ۋە يېزىش ئىشلىرى ئاسانلىشىدۇ دەپ ئويلايمەن.
مېنىڭ ئويلىغانلىرىم يۇقۇرىدىكىلەر.مېنىڭ شەخسەن قارىشىمچە، بۇ لاھىيە ئولتۇرىغا قويغان ئېلىپبەنى يەنىلا<< ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئېلىپبەسى>>دەپ ئاتىساق،ھەمدەيەنىلا ULY ئارقىلىق ئىپادىلىسەك،چۈنكى ئەگەر بىز يەنە بىر XXXئارقىلىق ئىپادىلىسەك ئۇ ھالدا،مېنىڭچە،UKY،ULYۋە XXXلار ئارىسىدا بىرخىل تەمتىرەش،گاڭگىراش ،ھەمدە،ھازىرقى بۇ ئىشلارنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغانلارغا بىرخىل تۇراقسىزلىق تۇيغۇسى بىرىمىز.ھەمدە مېنىڭچە بۇ لاھىيە پەقەت ۋە پەقەت ئەسلىدىكى ULYگە ئازراقلا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش،ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش (نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش)خالاس.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 1:48 pm

كاللىڭىز ناھايىتى سەگەك ئىكەن. ئاپىرىن.

تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ تامغا بىلەن ئېلان قىلغىنى بىز ئۈچۈن ULY دەپ ئويلىساقلا ئىش مۇشۇنداق ناھايىتى ئاددىلا ھەل بولىدۇ. ې نى مەيلى ë دەپ يازايلى ياكى é دەپ يازايلى. ئارىمىزدا ئۇقۇشماسلىق ئانچە كۆپ يۈز بەرمەيدۇ. بىرىگە كۆنگەنلەر يەنە بىرىگە ھىچ قىينالمايلا كۆنەلەيدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خەنزۇلار بىلەن تەيۋەن، خوڭكوڭلاردىكى خەنزۇلار بىر-بىرىنىڭ يېزىقىنى ئوقۇيالمىغان، يازالمىغان، كومپيۇتېردا كىرگۈزەلمىگەن ئەھۋالغا ئوخشىمايدۇ.

شۇڭا بۇ ئىشنى تالاش-تارتىش قىلىشماي، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسەكلا، ھەممە ئىش چىرايلىقچە ھەل بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئالدىدا تىلكومنىڭمۇ، ئۇ ك ئى ج نىڭمۇ يۈزى يورۇق بولىدۇ. بىزنى سەنەمگە يەنە دەسسەتمەكچى بولغانلار ئۆزلىرى مۇشۇنداق سەتلا مات بولىدۇ. بىز غەلىبە قىلغان بولىمىز.

Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 3:12 pm

يۈز تۇرانە بولساق ئىدى مەن مۇشۇ تىمىنىڭ ئايغى چىقماي 2 يىل داۋاملىشىشغا قوللاشقان بولاتتىم(قىززىپ -قايناپ-تىشىپ-ئېشىپ كەتكەن بىلىك ۋە «ئۇكىجان»ىم تورىدىكى فونت تالاشمىلىرى ۋە «يۇمتال دىمەي تۇرىلى»دىگەن تىمىغا قاراپ باقىلى!!!!:P ).
بۈركۈت ئەپەندى دىگەندەك بىزگە ئېنگىلىزچە ھەرپكە ئۇيغۇرچە «لەقەم»قويۇش ۋە ياكى تامغىلىق-تامغىسىز ئىككى لاھىيەدىن پەرق ئىزدەشتىن باشقا مۇھىم ئىشلارمۇ بولسا كىرەك.
Ubuntuتەرجىمىسىگە دەل ئىككى يىل بۇرۇن ئازراق قاتناشقان مەن.تا ھازىرغىچە بىرەر ئۇيغۇرچە نەشرى چىقمىدى. ۋاقتى بارلار شۇلارغا قاراشساق.ئالدىنقى قىتىم Win7 نىڭ يىڭى كىرگۈزگۈچىدە MSNدە بىر «ھ» ھەرىپىدە مەسىلە بايقالغان.مۇشۇنداق سىناق نەتىجىلىرىنى MS كە يوللىساق.ھازىر كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى مۇكەممەك بىر كىرگۈزگۈچ،تور كۆرگۈچكە مۇھتاج.مۇشۇ ھەقتە ئىزدەنسەك.云计算نىڭ كىيىنكى تور تەرەققىياتىدىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ،بۇ خىل مۇھىتتا توردىكى ئورتاقلىق ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان.مۇشۇنى ئۇيغۇرچە بەتلىرىمىزگە ئىشلەتسەك.ھازىر 3 تورنى بىرلەشتۈرۈش چوڭ يۈزلىنىشى باشلاندى.دىيارىمىزدىمۇ تور بەلۋىغى كەڭرى.شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچە ئابونت نوقتىسى ياسىسساق«زادى بولماسمۇ؟».دىھقانلار كىيىنچە TV كونتروللىغىچىدا تىلفۇن قىلىشتىن باشقا ئىشلارنى قىلسىمۇ يارىشىدۇ.........................
:)

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 3:44 pm

تىل ۋە يېزىق گاھى چاغلاردا شەمشەرنىمۇ باش ئەگدۈرەلەيدۇ، نۇرغۇن دانىشمەنلەر ھەيۋەتلىك قوشۇنغا ئەمەس، بەلكى ئاقىلانە تىلغا تايىنىپ غەلىبە قازانغان.
[url]http://www.meripet.org/?p=2388[/url] دىكى ئەسەردىن پارچە
بىزنىڭ تىلىمىز، بولۇپمۇ بۇ يەردىكى تالاشمىمىز نېمىنى ھاسىل قىلدۇ؟ بىز نېمىگە ئىرىشمەكچى؟

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 4:16 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]albert[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 09:12 PM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2896&ptid=571][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
يۈز تۇرانە بولساق ئىدى مەن مۇشۇ تىمىنىڭ ئايغى چىقماي 2 يىل داۋاملىشىشغا قوللاشقان بولاتتىم(قىززىپ -قايناپ-تىش ... [/quote]

ما ئالبىرىتجان نىمىلا دىمىگەن بىلەن جاھان ئالدىدا ماڭىدۇ جۇما...... ۋاي CloudComputing ۋاي 云计算 گەرچە بۇ «بۇلۇتلۇق ھىساپلاش» دىگەن گەپ چىققلى نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ
89-يىلى Bill Gates «يەنە نەچچە يىلدىن كىيىن ئىشلەتكۈچىگە 640kb لىق ئىچكى ساقلىغۇچ يىتىپ ئاشىدۇ، قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 100mb سىغىمدىكى دىسكا يىتەرلىك» دىگەندەك بىر گەپلەرنى قىلغان ئىكەنتۇق. مانا Google «بۇلۇتلۇق ھىسابلاش» دىگەن گەپنىچىقىرىپ ئەينى ۋاقىتتا Bill Gates دىگەن گەپنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ قويدى.
ئالبىرىتجان ئىككىمىز بىر ئىسىم قويۇپ مۇشۇ گەپكە دەپ باقمايلىما ؟؟؟:lol يا تۇزلا« بۇلۇتلۇق ھېساپلاش» دەۋىرەمدۇق؟................
نەدىكى ئومۇملىشىپ قالاي دىگەن سۆزنىىڭ تەرجىمىسىنى ئۆزگەرتىمىز دىمەي ، خاتالا بۇلمىسا ئۇنى بەك تالاش تارتىش قىپ كەتمەي
يېڭى چىققان گەپلەرنى ئۆز ۋاقتىدىلا چۈشىنىپ سۆز مۇقىمىلىۋەتسەك كىيىنچە «كۆكتاشچە» جەڭگە-جىدەلدىن قۇتۇلغىلى بولماسمىكىن دەپ ئويلايمەنغۇ:lol

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 4:17 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]albert[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 09:12 PM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2896&ptid=571][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
يۈز تۇرانە بولساق ئىدى مەن مۇشۇ تىمىنىڭ ئايغى چىقماي 2 يىل داۋاملىشىشغا قوللاشقان بولاتتىم(قىززىپ -قايناپ-تىش ... [/quote]

ما ئالبىرىتجان نىمىلا دىمىگەن بىلەن جاھان ئالدىدا ماڭىدۇ جۇما...... ۋاي CloudComputing ۋاي 云计算 گەرچە بۇ «بۇلۇتلۇق ھىساپلاش» دىگەن گەپ چىققلى نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ
89-يىلى Bill Gates «يەنە نەچچە يىلدىن كىيىن ئىشلەتكۈچىگە 640kb لىق ئىچكى ساقلىغۇچ يىتىپ ئاشىدۇ، قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 100mb سىغىمدىكى دىسكا يىتەرلىك» دىگەندەك بىر گەپلەرنى قىلغان ئىكەنتۇق. مانا Google «بۇلۇتلۇق ھىسابلاش» دىگەن گەپنىچىقىرىپ ئەينى ۋاقىتتا Bill Gates دىگەن گەپنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ قويدى.
ئالبىرىتجان ئىككىمىز بىر ئىسىم قويۇپ مۇشۇ گەپكە دەپ باقمايلىما ؟؟؟:lol يا تۇزلا« بۇلۇتلۇق ھېساپلاش» دەۋىرەمدۇق؟................
نەدىكى ئومۇملىشىپ قالاي دىگەن سۆزنىىڭ تەرجىمىسىنى ئۆزگەرتىمىز دىمەي ، خاتالا بۇلمىسا ئۇنى بەك تالاش تارتىش قىپ كەتمەي
يېڭى چىققان گەپلەرنى ئۆز ۋاقتىدىلا چۈشىنىپ سۆز مۇقىمىلىۋەتسەك كىيىنچە «كۆكتاشچە» جەڭگە-جىدەلدىن قۇتۇلغىلى بولماسمىكىن دەپ ئويلايمەنغۇ:lol

Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » شەنبە ئىيۇل 24, 2010 2:38 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Omar14[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 22:16 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2899&ptid=571][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]


ما ئالبىرىتجان نىمىلا دىمىگەن بىلەن جاھان ئالدىدا ماڭىدۇ جۇما...... ۋاي CloudComputing ۋاي 云计算 گەرچە بۇ «بۇلۇتلۇق ھى ... [/quote]
پېقىر نەزەرى دە بۇنداق ئاتالغۇلارغا ئىسىم قويۇشتەك جۈرئەت تىخى كەم(چېچېلمىسىمان ساپاغا ئىنتۈلگۈچىلەردە مەخسۇس بىر يۆنىلىشتە بۆسۈش خاراكتىرلىك چۈشىنىش ھاسىل قىلىش بەسى مۈشكۈلكەن).
خوش، ئۇشبۇ قوياشلىق كۈنلىرىمىزدىن بىر يىرىم يىل مۇقەددەم مەن بىلىك تە «ئەقلى ئېقتىدارلىق يان تىلفون دىمەي ئەقلىفون دەيلى» دىگەن شۇئارنى بىرىنچى بولۇپ توۋلاپ سىلىپ خىلى بىر قىسىم ITئۇستاملىرىنىڭ كۆزىگە سىڭمەي قالغان.
مەن ھازىر نىيىترال پىكىر قىلىشقا سەل كۆندۈم.بىخەتەركەن;P .شۇڭا بۇ ئىسىمنى كۆپچىلىك نىمە دەپ بىكىتسە شۇنداق ئاتايكى خۇدا ئۇرسۇن ئەخمەقنى.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار