[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • قەدىرسىز ئۇيغۇر تىلى
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

قەدىرسىز ئۇيغۇر تىلى

يېزىلغان: شەنبە ئىيۇل 24, 2010 4:21 am
تەرىپىدىن يوللانغان pengiyar
«ئۆزلۈك ۋە كىملىك» دىن تەسىرات

ياسىنجان مەترۇزى ئىلقۇت

ئائىلە-جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۆجەيرىسى. ئائىلە-ئىنسانىيەت مەدىنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەڭ كونكرېتلاشقان كۆزنىكى. ئائىلە-ئىنسانىيەت مېھرى-مۇھەببەتنىڭ بولىقى ۋە ئەڭ ئۇلۇغ سىمفونىيىسى. ئەگەردە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ئائىلە مەدىنىيىتى بولمىغان بولسا، بارلىق مەدىنىيەتلەرنىڭ جولاسىمۇ ئۆچكەن بولاتتى.

---ئەسئەت سولايمان

شۇنداق بىر خەلق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەدىنىيەتتىكى كىملىكى ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ تۈپ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە يەر شارىدىكى مىليۇنلىغان خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدىنىيەتلىرى گويا ماگنىت قۇتۇپىغا ئاققان تۆمۈر ئۇۋاقلىرىدەك جىددىي رەۋىشتە قوشۇلۇپ بارماقتا. يەرشارىلىشىشنىڭ شىددەتلىك دولقۇنى مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر چىگرىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ مىللىي ۋە مەھەللىۋى پەرقلەرنى ئېزىپ ئۇن قىلماقتا. بىز ئەنە ئاشۇ سان-ساناقسىز خۇرۇچلارنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تەييارلانغان، ئاللىقاچان ئۆز تەمىنى يوقاتقان يەر شارى بولكىسىنى يېمەكتىمىز!...

---- ئەسئەت سولايمان

يېقىندىن بېرى گەر چە بىر ئاز ئالدىراش بولساممۇ لېكىن ھەر كۈنى كەچلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئەسئەت سولايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتابىنى بۈگۈن تۇلۇق ئوقۇپ تاماملىدىم. ئادەتتە مەن بۇ خىل خاراكتىردىكى ئەسەرلەرنى، كىتابلارنى ئانچە ئوقۇمىساممۇ لېكىن بۇ قېتىم ئۇزۇن يىللىق يۇرتتىن ئايرىلىپ ئىچكىرىدىكى ئوقۇشنى تاماملاپ يۇرتقا (ھازىرچە ئۈرۈمچىگە) قايتقاندىن كىيىن نېمىشقىكىن مەزكۇر «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتابنى كۆرۈپلا ئۇنى بىر ئوقۇپ چىقىش ئىستىكى قوزغىلىپ قالدى شۇ ۋەجىدىن مەزكۇر كىتابنى سېتىۋېلىپ بىر قانچە كۈنلۈك كەچلىك ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ ئوقۇپ تاماملىدىم. بۇ قېتىم بۇ كېتابنى ئوقۇش ئىستىكىنىڭ پەيدا بولىشى بەلكىم يېڭىدىن يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۆزۈمنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشتىن ئىبارەت بۇ ئوي خىيال ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان بولىشى مۇمكىن. گەرچە ئۆزۈم ئەسئەت سولايماندەك چەتئەللەردە يۈرۈپ چەتئەل تۇرمۇشىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان بولساممۇ لېكىن دىيارىمىزغا نىسبەتەن يەنىلا ئۇزۇن مۇددەت يۇرتتىن ئايرىلىپ يىراق يۇرتتا ياشاش جەريانىدا ئۆزۈمنىڭ كىملىكى ھەققىدە زادى قانچىلىك ئويلىنىپ باقتىم دېگەن مەسىلە يەنىلا كاللامدىن ئەگىپ كەتمەيدۇ.

خۇددى دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان ئېيتقاندەك: «ئائىلە-جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۆجەيرىسى. ئائىلە-ئىنسانىيەت مەدىنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەڭ كونكرېتلاشقان كۆزنىكى. ئائىلە-ئىنسانىيەت مېھرى-مۇھەببەتنىڭ بولىقى ۋە ئەڭ ئۇلۇغ سىمفونىيىسى.» لېكىن بۇ قاراشنى ھەقىقىي چۈشۈنۈپ يەتكەنلەر ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك، بۇنداق قاراشنىڭ ھەقىقىي تېگىگە يەتكۈچىلەر يەنىلا ئاشۇ ئۇزۇن مۇددەت يۇرتتىن، ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ سەرسانلىق تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرۈپ باققانلار بولسا كېرەك. كىچىكىمدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدە «كىشىنىڭ يۇرتى ھەر قانچە گۈزەل بولسىمۇ لېكىن تۇغۇلغان يۇرتۇڭنىڭ بىرتال تېشىمۇ ئۇنىڭدىن ئەۋزەل.» دەپ دەرس سۆزلىسە بۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە ئانچە يەتمەپتىكەنمەن، كىيىن يۇرتتىن ئايرىلىپ ئىچكىرىدە ئوقۇش جەريانىدا بۇ سۆزنىڭ تېگىگە خېلى چوڭقۇر يەتتىم. يۇرت سۆيگۈسى ھەقىقەتەن ئۇلۇغ بولىدىكەن. كىشىنىڭ يۇرتى ھەر قانچە گۈزەل بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئۆزۈڭنىڭ ئاشۇ تەرەققىياتى ھەممىنىڭ ئارقىدا قالغان، كىشىلىرىنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيىسى ناھايىتى تۆۋەن بولغان يۇرتۇڭغا يەتمەيدىكەن. بۇ قېتىم دوكتۇر ئەسئەت سۇلايماننىڭ ئانا تىلنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇپ يېزىلغان بۇ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» كىتابىنى ئوقۇپ چىقىش جەريانىدا ھازىرقىدەك ئانا تىلىمىز چوڭ خىرىسقا دۇچ كەلگەن، ھەممە بىردەك يەرشارىشىشقا قاراپ تەرەققى قىلغان، مەدىنىيىتىمىز ھە دەپ دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچراپ تۇرغان دەۋردە، ھەر بېرىمىزنىڭ ئۆزلۈكىمىز ھەققىدە كاللىمىزنى سېلكىۋېتىپ چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزنىڭ ھەقىقەتەن مۇھىملىقىنى تۇنۇم يەتتىم.

مۇشۇ كۈنلەردە مەندە بىر كېسەل پەيدا بولۇپ قالدىمىكىن دەپمۇ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم. چۈنكى مەن ھە دېسىلا كوچىلاردىكى، ھەر خىل ئېلان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدىكى، تاملارغا چاپلانغان ھەر خىل ئۇقتۇرۇش، ئېلان قاتارلىقلار شۇنداقلا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ تۇرمۇشىمىزغا ئوخشىمىغان تۈستە رەڭدار تۈس قوشۇش بىلەن بىرگە يەنە چوڭ خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقان تور ئەسەرلىرىگە، ئۇچۇرلىرىغا بەك دىققەت قىلىدىغان، ھە دېسە ئىملاسىنى تەكشۈرەيدىغان بىر خىل «كېسەل» پەيدا بولۇپ قالدى. ئالدىنقى كۈنى تەكلىماكان ئۈن-سىن مەركىزىنىڭ ئىشكىگە چاپلاپ قويۇلغان ئەتە، يەنى 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى قويۇلماقچى بولغان «دىل كۈيى» سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئېلان قەغىزىگە قاراپ تۇرۇپلا قاپتىمەن، چۈنكى ئاشۇ يوغان قىلىپ رەڭدار لايىھەلەپ تامغا چاپلانغان، ئىچىكىدىكى مەزمۇن ئانچە كۆپ بولمىغان بىر ئېلان قەغىزىدىمۇ بىر قانچە يەردە ئىملا خاتالىقى بارلىقىنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتىم. بىزنىڭ ھازىرقى ئېلان شىركەتلىرى زادى نېمە بولۇپ كەتتى دەيمەن. ئاشۇ ئىككى قۇر خەتنىمۇ بىر ئىملاسىنى ئوڭشاپ يازالمىسا، بىزگە پۇللا بولسا بۇلارمۇ؟ ئۆز ئانا تىلىمىزنى سۆيمىسەك، ئاشۇ ئىككى تۆت تال پۇلنىلا تاپساق بىزنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئارمانىمىز يوقمىدۇ؟ شۇلارنى ئويلاپ ئىشخانىغا كەلسەم ئىشخانىدا زولقەت ئېلانچىلىقى دېگەن بىر قوللانما تۇرۇپتۇ، ئىختىيارسىز بۇ قوللانمىنى قولۇمغا ئېلىپ مۇنداقلا قاراپ باقاي دەپ يەنە ئۇنىڭ ئىملاسىغا كۆز يۈگۈرتۈپ قالدىم. يەنە شۇ «كېسەل» قوزغىلىپ قالدى. بۇ قوللانمىنى كۆرۈپ بولۇپ يەنە ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتىم. بۇ قوللانمىنىڭ بىرىنچى بېتىدىمۇ ئىملا خاتالىقى بالىقىنى بايقىدىم، يەنە ئۇنىڭدىكى جۈملىلەردە سۆز بىلەن سۆزنىڭ ئارىلىقىغا بىر بوشلۇق كېلىشىدەك ئاددى ساۋاتمۇ يوق. بىر قانچە سۆزلۈكلەر ئارقىمۇ ئارقا بوشلۇقسىز يېزىلغان. بىزنىڭ تىلىمىزدا ئىملا خاتالىقى پەقەت سۆزلەرنىڭ توغرا يېزىلىشىدىلا بولۇپ قالماي يەنە تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنى كۆرۈپ دەرھال ئاشۇ ئېلان شىركىتىگە تېلىفۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىر تەشۋىقات قوللانمىسىنىڭ ئىملاسىنىمۇ ياخشى قىلالمىغان يەردە يەنە نېمە ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە ئازراق پاراڭلاشماقچىمۇ بولدۇم، لېكىن يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا بەلكىم قىل سىغماسلىقى مۇمكىن، لېكىن مۇشۇنداق بىر ئۆزىنىڭ تەشۋىقات قوللانمىسىنىڭ ئىملاسىغىمۇ تۈزۈك دىققەت قىلمىغان ئېلان شىركىتى ئىشلەپ چىققان ئېلانلاردا قانچىلىك ئۈمىد بولغىيدى؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن. شۇڭا ھېلىقى تامغا چاپلانغا ئېلان قەغىزىدە كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىغا ئانچە ھەيران قالمىساقمۇ بولغىدەك دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى بىر ئېلان شىركىتى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات قوللانمىسىنىڭ ئىملاسىنى توغرا قىلالمىغان يەردە باشقىلارنىڭ ئېلانلىرىنىڭ ئىملاسىدا خاتالىق سادىر قىلىشى تۇرغانلا گەپقۇ!!!

ئازراق تېمىدىن چەتنەپ كەتتۇق، يەنىلا ئەسلى تېمىغا كەلسەك، مەن بۇ قېتىم ئەسئەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ تارىخىغا دائىر نۇرغۇن ساۋاتلارغا ئىگە بولدۇم. لېكىن يەنىلا ئويلىنىپ قالدىم. كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە ئۇيغۇرچە-ئېنگىلىزچە تۇنجى لوغەت شىۋىتلار تەرىپىدىن بارلىققا كەپتىكەن. يەنە تۇنجى ئۇيغۇرچە باسما كىتابمۇ دەل شىۋىتلار تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىپتىكەن. (1912-يىلى قەشقەردە شىۋىتلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرچە كىتاب بارلىققا كەلگەن.) تارىختا بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئاساسەن غەرپ تىلشۇناسلىرى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپتىكەن. كىتابتا يەنە سالار تىلى قاتارلىق بىر قىسىم يوقىلىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان تىللار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، غەرپ تىلشۇناسلىرى بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ يۇقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلار ھەققىدە كۆپرەك تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، بۇ تىللاردىكى تىل مەدىنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە باش قاتۇرىۋاتقانلىقى، بۇ تىللارنىڭ يۇقىلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەرچە ھازىر بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز تېخى ئۇ تىللاردەك تېخى يۇقىلىش دەرىجىسىگە بارمىغان بولسىمۇ، لېكىن زامانىمىز كىشىلىرى تەرىپىدىن قوغداشقا، قەدىرلىنىشكە ئېرىشەلمىگەن بۇ تىلىمىز، يېزىقىمىز يەنە ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە ئاشۇ خەۋپ ئىچىدىكى تىللار قاتارىغا قوشۇلۇپ قالماسمۇ؟ ئۇ دەۋرگە بارغاندا بىزنىڭ تىلىمىز يەنىلا شۇ چەتئەللىكلەرنىڭ ئەسىرىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىپ قالارمۇ؟ بىز قاچانغىچە ئۆز تىلىمىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مۇزىيلاردا ساقلىنىشىنى، باشقىلار تەرىپىدىن قوغدىلىشىنى كۈتۈپ يۈرەرمىز؟؟؟؟؟؟؟ بىزنىڭ تىلىمىز چوقۇم چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن قوغدىلىشى كېرەكمۇ؟ بىزنىڭ بۇنىڭدا مەسئولىيىتىمىز يوقمۇ؟ بىز نېمە ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۆز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىمەيمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ يىتىپ ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلانمايمىز؟ نېمە ئۈچۈن ھە دېسىلا قەدەمدە بىر ئىملا خاتالىقى سادىر قىلىپلا يۈرۈيمىز؟؟؟؟؟ كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرەيلى. ئۆز ئانا تىلىمىزنى، ئۆز يېزىقىمىزنى قەدىرلەيلى!!

[color=Blue]كۆپ تىللىق بولۇش ھەرگىزمۇ نۇمۇس ئەمەس، بەلكى شەرەپ. خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن سىياسەتلىرىنىڭ، قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ، ئۆزىمىزنى دۆلىتىمىز تەرەققىياتى بىلەن تەڭ يۈكسەلدۈرۈش، ئېنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، ھەممە بىردەك يەرشارىلىشىۋاتقان دەۋرگە ماسلىشىش، دۇنيادىن خەۋەردار بولۇش، ئەرەپ تېلىنى ياخشى ئۆگىنىش ئىسلامى بىلىملەردىن ياخشى پايدىلىنىش، روس تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى سودا پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىش.... لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بىز ئۆز ئانا تىلىمىزنى سۆيمىسەك، ئۇنى يادسىرىتىپ قويساق، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمىسەك، بىز ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق نۇمۇس بولمىسا كېرەك! ۋاقتى كەلگەندە، يەنە ئۇزۇنغا قالماي ۋاپادارىم 912 (ئەيساجان) نىڭ «ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇشقا مەجبۇرى بولۇپ نىدا قىلمىساقلا بولاتتىغۇ!!!![/color]
مەنبە: ئىلقۇت بلوگى [url]http://ilqut.blogbus.com/logs/70278073.html[/url]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: pengiyar ، ۋاقتى: 2010-7-24 10:22 [/i]]

يېزىلغان: سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 3:26 pm
تەرىپىدىن يوللانغان nuruz
سىزدىكى ئۇ كېسەل مەندە تولىمۇ ئېغىر ، ئۇرۇشۇپلا قالىمەن .
يۇقۇملانسا بولاتتى! :)

يېزىلغان: سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 3:41 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
مەندىمۇ بار بۇ كېسەل QQ توپتىكى باللارنىڭ تولىسى بىلەن قىزىرىشىپ قېلىۋاتىمەن ( تور ئېچىلغاندىن بۇيان)

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2010-7-28 12:24 [/i]]

يېزىلغان: سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 7:39 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin
[url]http://www.yulghun.com/tools/[/url]