بىلىكتىكى Font مەسىلىسىنى داۋاملاشتۇرىۋىرەيلى

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىكى ھەر خىل مۇھاكىمە تېمىلىرى قويۇلىدۇ ۋە مۇنازىرە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » پەيشەنبە سېنتەبىر 09, 2010 1:10 pm

ئەتتىگەنلا جاۋابىنى بەرمەكچى ئىدىم، ئەمما بىرقانچە سائەت سەۋىر قىلسام، بۇ ئوشۇق ئارتۇق گەپكە نامۇناسىپ ئايمۇ ئۆتۈپ كەتكۈدەك دەپ جاۋابىمنى كېچىكتۈرۈپ قويغىنىم ئۈچۈن كەچۈرۈڭ.
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]salahiddin[/i] ، ۋاقتى: 2010-9-8 16:55 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3723&ptid=814][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بىدار ئەپەندى سىز بۇ تېمىدا فونتنىڭ گېپىنى قىلماقچىمۇ؟ بىلىكنىڭ تاقىلىپ قالغانلىقىنىڭ گېپىنىمۇ؟ [/quote]
بىلىك تاقىلىپ قالغىنى يوق!!! كىم دەيدۇ سىزگە بىلىك تاقىلىپ قالدى، -دەپ؟ بىلىك تاقىلىپ قالدى -دېگەننىڭ كۆتىگە تاشتۇپراق. تاقىلىپ قىلىشىنى تىلىگەن دۈشمەنلىنىڭ ئاغزىنى ئۇلۇق ھېيىتتا يارا بېسىپ كەتسۇن.
[quote]فونت گېپى بولسا سىز مەقسىتىڭىزنى تەپسىلىيرەك دېسىڭىز بوپتىكەن. [/quote]
يۇقۇرىدا 1- قەۋەتتە دەيدىغاننى دېدىم، ئۇنىڭدىنمۇ تەپسىلى دېسىڭىز، كەچۈرۈڭ ! بىلىكتىكى گەپنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ يەرگە كۆچۈرۈپ ئەكەلسەم بولىدۇ، ئۇنىڭغا ۋاقتىم يوق.
[quote]بىلىكنىڭ گېپى بولسا
نەقىل:
[color=DarkOrange]تىلى ياماننىڭ تىلى، كۆزى ياماننىڭ كۆزى تەگەكەندەك، بىزنى بوساغا تۈيىدىن قايتۇرىۋېتىپ، مىھرى ئىسسىق ئۆيىمىزگە كىرگۈزمەي قويدى[/color]
ماۋۇ گەپ ماڭا ئاجايىپلا تۇيۇلىۋاتىدۇ. ........ ئۆلمىگەن ئادەمگە ھازا ئاچقاندەك ئىش قىلىپ يۈرمىگەنسىز ھە؟ ساپ-ساق تۇرۇدىغۇ بىلىك؟[/quote]
بۇ ئاجايىپ تۇرغىدەك گەپ ئەمەس، مېنڭ چوڭ دادام دايىم مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «خۇدايىم قاناتلىققا قاقتۇرمىسۇن، تۇمشۇغلۇققا چوقتۇرمۇسۇن، تىلى ياماننىڭ تىلىدىن، كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن ساقلىسۇن، چىققان دۆۋەڭنى ئىگىز قىلسۇن !»، كونىلار: تونۇلغان، چىرايلىق، ھەممە ئادەمنىڭ دېگىدەك ئامراقلىقى كىلىدىغان ئادەم ياكى نەرسىلەرگە ئېچى قوتۇر، تىلى زەھەر ئادەملەرنىڭ ئوتى تۇتۇپ قالىدۇ، - دەپ، ئۇ نەرسىگە ھەسەت ئوتى تۇتۇشۇپ قالمىسۇن ئۈچۈن، تۇمار ئېسىپ قوياتتى، ياكى مەلۇم يېرىگە قارا سۈركەپ ئۇنىڭ چىرايلىقلىقىنى نىقاپلاپ قوياتتى. مانا مۇشۇ كونا ئادەت(مەدەنىيەت)نى بىلمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئاۋۇ گىپىم ئاجايىپ تۇيۇلغان ئوخشايدۇ. بىلىكمۇ نۇرغۇن ئادەمنىڭ مەسلىكى، ئامراقلىقى كىلىدىغان مۇنبەر بولسىمۇ، ئەمما بىزدە ناھايىتىمۇ ئازساندىكى تۇزىنى يەپ تۇزلىقىغا سېيىدىغان، تۇزكور نائەھلىلەر يوق ئەمەس، ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، ئۇنىڭ راۋاجلىنىشىنى كۆرەرگە كۆزى يوق، قارغىش قېپى مەلئۇنلار يوق ئەمەس. مانا مۇشۇنداقلارنىڭ كۆزى تەگدىمۇ نورمال ئېچىلماس بولۇپ قالدى. ئەمما بۇ ئۇزۇنغا قالماي، ئەلسۆيەر پىداركارلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ. سىز شۇنىڭغا ئىشىنىڭ، بىلىك تاقىلىپ قالمايدۇ، ئۇ پارتىيىنىڭ بارلىق سىياسىتىنى ئالدى بىلەن ئىجرا قىلغۇچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ بايراقدارى، قانۇن ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنىڭ ئۈلگىسى. پارتىيە - ھۆكۈمەت پەقەت دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دۈشمەنلىكىگىلا زەربە بېرىدۇ، بۇزغۇنچىلىقىنىڭ يۈزبېرىشىگە يول قويمايدۇ، بىلىك بۇ جەھەتتە ھۆكۈمەت بىلەن ھەمنەپەس.
[quote]سىز ئۈچۈن بىر تور بېكەتلا بولسا بولمايدىغاندۇ؟ سىز ھازىرغىچە بىرەر توربەت يەكلەپ باقتىمۇ؟ [/quote]
كونىلارنىڭ مۇنداق سۆزلىرىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ:
[size=4][color=Magenta]بازاردا مىڭ كىشى كۆڭۈلدە پەقەت بىرلا كىشى؛
تۇزىنى يەپ تۇزلىقىنى چاقما، تۇزى ئۇرسا كۆزۈڭ كور بولىدۇ.[/color][/size]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-9-9 21:47 [/i]]



salahiddin
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 12:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان salahiddin » چارشەنبە سېنتەبىر 15, 2010 12:39 pm

بىدار ئەپەندىم نېمانچە چېچىلىسىز؟
ئۆزىڭىز فونت ھەققىدە ماۋزۇ قويۇپ فونت ئىشىنىڭ ئۇچۇرى ياكى تەپسىلاتىنى يازماي بىلىك ھەققىدە يۇقارقىدەك يېزىپسىز شۇڭا سىزدىن قايسىسىنى دېمەكچى دەپ سورۇدۇم. ئەمەلىيەتتە سىز كىرەلمىگەن يەردە بىلىككە باشقىلارنىڭمۇ كىرەلمەسلىكى ئېنىق.
[quote]ئەپسۇس تىلى ياماننىڭ تىلى، كۆزى ياماننىڭ كۆزى تەگەكەندەك، بىزنى بوساغا تۈيىدىن قايتۇرىۋېتىپ، مىھرى ئىسسىق ئۆيىمىزگە كىرگۈزمەي قويدى، [/quote]
بۈگۈنكى بىر تېمىدىن بىلىشىمچە بىلىك ئۆي كۆچۈپتۇ، بۇنى تىلى ياماننىڭ دەپ قارىسىڭىز بولماستى؟ يۇقۇرىدا بىر تورشىمىز ئىنكاس يېزىپ بولغۇچە ئۇنىمۇ ئېغىز ئاچماس قىلىۋەتتىڭىز .
خاپا بولماي يازمىڭىزنى يەنە بىر تەپسىلىي ئوقۇۋەتسىڭىز بوپتىكەن. سىز بۇ يەرگە كىرگۈچىلەر بىلىككە چوقۇم كىرىدۇ ، بىلىكتىكى ئىشلاردىن خەۋىرى بار دەپ قاراپ يوللىغاندەك قىلىسىز. شۇنداق بولسا مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممىكىن ياكى تېمىنىڭ سەۋىيەسى ماڭا يۇقۇرى كىلىپ قالدىمىكىن. ئەگەر شۇندا بولسا ئەيىپ مەندە.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى مەن سىز ئويلىغاندەك بىلىكنى قارغاپ يۈرىدىغان ئادەم ئەمەس ھەم بىلىككە بىر ئىش بولسا ماڭا قىلچە پايدىسسى يوق.
چۈشەنمىگەننى سوراش خاتا ئەمەستۇ؟ ئىككى ئېغىز سۇئال سوراپ قويغانغا ئېغىزىڭىزنى ھەلەق قىلىپ كىتىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار سىزگە ؟
باشقىلارنى قالايمىقان ھاقارەتلەشمۇ ياخشى ئىش ئەمەسقۇ دەيمەن؟

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » چارشەنبە سېنتەبىر 15, 2010 5:24 pm

ئۆي كۆچۈش بىلەن تاقىلىپ قىلىش تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئۇقۇملىقىنى سىز بىلمەمسىز؟ سىزنىڭ ئاشۇ سۇئالىڭىزنىڭ قويۇلىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ مېنىڭ يازمامدا شۇنداق سۇئال قويۇشقا سەۋەپ بولغىدەك مەزمۇن بارمىكەن؟ نەزىرىڭىز ئەجىبا يازمامنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىغا چۈشمەي، بىلىكنىڭ كۈشەندىلىرىگە قاراتقان سۆزۈمگە چۈشىپ قاپتا؟ مېنىڭ ئۇ سۆزۈم بىلىككە بىر ئىش بولۇشىنى كىم خالىغان بولسا شۇنىڭغا تەئەللۇق، ھىچكىم خالىمىغان بولسا، ھىچكىمگە تەئەللۇق ئەمەس، كونىلار دېگەنكەن: ساقنى تاز دېسە كۈلگىسى كىلەر، تازنى تاز دېسە ئۆلگىسى كىلەر. مەن كىم تاز بولسا، شۇنى تاز دېدىم، ساز ئادەم سۆزۈمنى ئۆزىگە ئېلىۋالمىىسۇن.

salahiddin
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 12:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان salahiddin » پەيشەنبە سېنتەبىر 16, 2010 5:19 am

ئەمدى چۈشەندىم. بولدى يەنە ئۇنى-بۇنى دېيىشىپ يۈرمەيلى تېنمىدىن چەتنەپ كېتىدىغان ئىش بولىدىكەن.
فونت ئىشلىرى توغرۇلۇق ئۇچۇر بەرسىڭىز قانداق؟

kaqkuz
يازمىلار: 20
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇل 31, 2007 5:12 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kaqkuz » پەيشەنبە سېنتەبىر 16, 2010 8:13 am

[size=2][b]فونت ھەققىدىكى مەسىلىلەرگە قىزىقسىڭىز ۋە كۆڭۈل بۆلسىڭىز، «[url=http://bilik.biz/bbs]بىلىك كۇلۇبى[/url]»- «[url=http://bilik.biz/bbs/forumdisplay.php?fid=181]فونت سەھىپىسى[/url]»دىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىلار دىققىتىڭىزدە بولسۇن.[/b][/size]


[size=3][b]بىلىك كۇلۇبى يىڭىلاش ۋە تەڭشەش ئاخىرلىشىپ، نورمال ئىچىۋىتىلدى. تورداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە كۆپ رەھمەت:) [/b][/size]
[size=2]
[color=DarkRed]كۇلۇبقا كىرەلمىگەن ئەزالار، دىقىتىڭىز ماۋۇ تېمىدا بولسۇن:
[url]http://bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=22736[/url][/color][/size]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: kokkaptar ، ۋاقتى: 2010-9-16 14:14 [/i]]

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار