[پ.قارلۇق] بىز ھەمكارلىققا مۇھتاج!

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، ئىجتىمائىيەت، يىل يېزىق ۋە خەيرى ساخاۋەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل چاقىرىق ۋە مۇراجەتلىرى تاللاپ قويۇلىدۇ.
Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

[پ.قارلۇق] بىز ھەمكارلىققا مۇھتاج!

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » دۈيشەنبە ئۆكتەبىر 08, 2007 7:54 am

[align=center][size=5]بىز ھەمكارلىققا مۇھتاج![/size][/align]

[align=center]پەخرىدىن قارلۇق

(مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق)

2005-يىل 6-ئاينىڭ 18-كۈنى[/align]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
دەسلەپتە بۈگۈنكى ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا، ئۆزەمنىڭ كەسپى بولغان لايىھىلەش-تارقىتىش تىپىدىكى كومپيۇتېر گرافىك ساھەسى ۋە كۆرۈم ئۇقۇمى توغرىسىدا سۆز ئېچىشنى پىلان قىلغان ئىدىم. ئەمما بۇ خىل كەسپى ئىبارىلەردىن كۆرە كۆز ئالدىمىزدىكى شەخس بىلەن تۈركۈم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە مۇۋەپىقىيەت توغرىسىدا سۆز ئېچىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلىپ قالدىم.
شۇ زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەردە جەم بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى. بىز بۇ يەردە ئۈمىد ۋە ئىرادە توغرىسىدا، ئەقىدە، ھەمكارلىق ۋە مۇۋەپىقىيەت توغرىسىدا سۆز ئاچماقچىمىز.
بىز زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەرگە جەم قىلدى. بىز بۇ يەردە ئۇزۇندىن بېرى بىزگە ھەمكا بولۇپ كېلىۋاتقان گۇمان ۋە تېڭىرقاش ئۈستىدىن، بىزنى چىرمىۋالغان چۈشكۈنلۈك، بېكار تەلەتلىك، غايىسىزلىك ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقچىمىز.
بىر زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەرگە جەم قىلدى. بىز بۇ يەردە ئۈزلۈكسىز تىرىشىشنى، بۇ تىرىشىشنىڭ ئەقىدىگە ۋە مەنىگە ئىگە بولىشىنى تەشەببۇس قىلماقچىمىز.
بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆزىمىزنى مۆلدۈرلىتىپ يېڭى ئاتالغۇلارنى يادىلاۋاتقاندا سىرتنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش ۋاستىلىرى بىزنىڭ غېلىپىمىزغا ماس كەلمىگەن باشقا بىر دۇنيانىڭ ئەندىزىسىنى ئىپادە قىلىۋاتىدۇ. تاشقى دۇنيادىكى نەچچە ئەسىرلىك سەنئەت ۋە تېخنىكىنىڭ جۇغلانمىسى بىراقلا پارتىلاپ، بۇ پارتىلاشتىن ھاسىل بولغان ۋاقىت كارىدورى بىزنى سانائەت دەۋرىمۇ ئەمەس، ھەتتا غايە ۋە ئەقىدىمۇ شەكىللەنمىگەن ئىپتىدائى دەۋىرگە ئاپىرىپ تاشلاپ قويغاندەك قىلىدۇ.
قاراڭلار، بۇ ئالەمدە ئەتراپتىكى بىز ياراتمىغان، ھىچ نەرسىنى بىز ئۆزگەرتمىگەن، ھىچكىمىنىڭ ئىدىيىسىگە ۋە تەپەككۈر ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن ھالدا ياشاپ كەلدۇق. تاشقى دۇنيا خەلقى بىزنىڭ ئۆلۈمىمىز ئۈچۈن ياش تۆكمەيدۇ، بىزنىڭ غەلبىمىز ئۈچۈن باش قاتۇرمايدۇ. بىز راستىنلا بۇ ئالەمدىكى مۇھەببەت ۋە ھىسداشلىقتىن ئايرىلىپ قالدۇقمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلىشقا ئامالسىز قالدۇقمۇ؟! بىز بۇ ئەھۋالنىڭ يەنە داۋاملىشىشىنى ھەرگىز خالىمايمىز.
بىر ئويغىنىش بىزگە ئازاپنى ھىس قىلدۇردى. كۆرۈش ئىقتىدارىمىز بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى ئائىلىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان تۈركۈم-تۈركۈم قېرىنداشلىرىمىزنى كۆرىمىز. ئاڭلاش ئىقتىدارىمىز بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى تالاي كىشىلەرنىڭ تراگىدىيە ۋە پاجىئەگە تولغان تۇرمۇشىنى بايقاپ قالىمىز. پۇراش سېزىمىمىز بولغانلىقى تۈپەيلى تەڭتۈشلىرىمىزنىڭ چاكىنا ئىس-تۈتەكلەردىن ھوزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز.
قاراڭلار، ھەتتا سەزگۈ ئەزالىرىمىزمۇ بىزنى قەستەن ئازاپلاۋاتىدۇ، بۇ لەنىتى ئاتموسفېرا ۋە بۇلغانغان مۇھىت، بۇلغانغان قېرىنداشلىرىمىز بىزنى ئىستىخىلىك ھالدا مەغلۇبىيەتكە باشلىماقچى بولىۋاتىدۇ...!
بىز بۇ ئازاپلارغا تويۇندۇق! ئەمدى بىز بۇ مەنىسىز چۈشكۈنلۈكلەرگە تويۇندۇق! ئەمدى بىز نۆۋەتتىكى تىرىكلەر ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بارلىق سەلبى ئاتالغۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچى،
بىز سەمىمىيلىك، سوغوققانلىق ۋە دانالىققا ئېرىشمەكچى...،
بىز مەسئۇلىيەتلىك ۋە نىشانلىق ئىنسانغا ئايلانماقچى...!
بىز غايەت گۈللەنگەن ماددى تەمىناتقا ئېرىششمەكچى...!
بۇلار بىز ئېرىشىشكە تىگىشلىك نەرسىلەر، بىز بۇلار ئارقىلىق مۇۋەپىقىيەت قازىنالايمىز، بىز بۇلار ئارقىلىق ئاخىرقى غورۇرىمىزنى قوغداشنىڭ چىقىش يولىنى تاپالايمىز!
بەزىدە ھىسسىياتلىنىپ ئەسلىمىمىزدىكى مۇبالىغە تارىخىمىزدىن سۆز ئاچساق، بەزىدە ئازاپلىنىپ مەغلۇبىيەتلىك ۋە ئېچىنىشلىق تارىخىمىزدىن ئۈمىدسىزلىنىمىز. مەيلى بىز ئۆتمۈشنى قانداقلا شەرھلەيلى ئۇ بۈگۈنكى قىسمەت بىلەن نەتىجىلەندى. مەيلى ئۆتكەن ئەسىردىكىلەر ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان ياكى ئورۇنلىمىغان بولسۇن، بىزنىڭ مۇشۇ دەۋردە تۇغۇلۇپ، خاتالىقىنى تونۇغان، مەسئۇلىيىتىنى ھىس قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزنى ھىچكىم چەكلەپ قالالىغىنى يوق. بىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىش ئىمكانىيىتىمىزنى ھېچكىم چەكلەپ قالالمايدۇ!
بىز بۇ يەردە سىرتقى كۈچنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدىغان بىر كۈچلۈك روھقا، بىر قۇدرەتلىك ئىچكى ئىنىرگىيىگە مۇھتاج. بۇ ئىېنىرگىيە بىزنى ئالتە مىلىيارد ئىنسانىيەت ئارىسىدا ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ. بۇ ئىنىرگىيە بىزنى قولىمىزدىكى بىر تۇتام ۋاقىت ۋە زېھىندىن پايدىلىنىپ، تۇرغۇزۇلغان نىشانىمىزدىكى مۇۋەپىقىيەتنىڭ ئىشىكىنى ئىشەنچ بىلەن ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ.
ئەمما سەمىمىزدە بولسۇنكى ئازاپنى ناركوزلانمىغان ئادەم ھىس قىلىدۇ. يېرىم ئۇيقۇدا بۇ مۇھىتقا سىڭىشىش ھەقىقەتەن راھەتلىك ئىش. بۇ ۋاقىتتا بىز ئۆزىمىزدىن - چېچىلاڭغۇ، چىدامسىز، نىشانسىز خارەكتېرىمىزدىن، ئارىمىزدا يامرىغان چاكىنا كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىدا ئاتالمىش خاتىرجەملىكتىن ھوزۇرلانغۇچى لەنىتى ئاجىز روھىمىزدىن كۈچەپ سورايلى: - زادى مەن غەلبە قىلغۇچىمۇ ياكى مەغلۇپ بولغۇچىمۇ؟!
سىستېمىلىق ياشاش ئۈچۈن شەخىس سۈپىتىدە بىزنى مۇكەممەل فىزىئولوگىيىلىك قۇرۇلمىغا ۋە تەپەككۈرگە ئىگە قىلغان ياراتقۇچىمىزنى تاپايلى. ئىگىمىز بىزگە 1-سۆزىدىلا «ئوقۇ!» دەپ تەلىم بېرىدۇ ۋە بىزنى تەپەككۈرگە ئۈندەيدۇ. ئاندىن بىز تۈركۈم سۈپىتىدە ھەمكارلىشىشنى ئۈگىنىۋالايلى. ئالدىنقى باسقۇچ بىزگە غورۇر بېغىشلاپ ئادىمىلىك ئۇلۇغلىقىمىزنى ھېس قىلدۇرسا، كېيىنكى باسقۇچ مۇۋەپىقىيەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ. ئەگەر ئېتىقاد ۋە غورۇرغا ئېرىشەلمىسەك، ھەمدە باشقىلار بىلەن قانداق ھەمكارلىشىشنى بىلمىسەك بىز راستىنلا ھەقىقىي مەغلۇپ بولغۇچى بولۇپ قالىمىز.
بىز ماددا سۈپىتىدە تۇغۇلغۇچى ۋە ئۇزۇنغا قالماي توپىغا كىرىپ كەتكۈچى، ئەمما مىنىۋەتلىك ئۇلۇغ يارالمىش بولغانلىقىىز تۈپەيلى مەڭگۈ ياشىغۇچى ۋە ھەرىكەتلىرىمىزدىن ھېساپ بەرگۈچى. بىز بۇ مەڭگۈلۈك سەپەردە زىيان تارتىشنى ھەرگىز خالىمايمىز.
(تامام)
_______________________________________________
ئىزاھ: بۇ نۇتۇقنى پەخرىدىن قارلۇق مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈگىنىش گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن.
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى» 2007-يىلى 5-سانىدىن ئېلىندى.
____________________
[color=Blue]كۆچۈرۈپ باسقۇچى: Sabatien[/color]



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە ئۆكتەبىر 08, 2007 3:50 pm

ماۋزۇدىن قارلۇق شىركىتى ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەۋىتىپتۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ ئەمما مەزمۇنى بەك ئىخچام بولۇپ كەتكەندەك ھەم ماۋزۇغا ماسلاشمىغاندەك قىلىدۇ (بەلكىم سەۋىيەم چۈشىنىشكە يەتمىگەندۇ)

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » سەيشەنبە ئۆكتەبىر 09, 2007 5:24 am

ھەئە، مەزمۇنى يىغىنچاقراق بولۇپ قاپتۇ. لىكىن نىگىزلىك، ياخشى چىقىپتۇ.
ھەمكارلىق توغىرىسىدا چوڭقۇر، ھەقىقىي مەنىدە يىزىلىپ، كىشىگە غەيرەت، ھەمكارلىق روھىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتە ياخشى تىيما ئىكەن.

Eltugh
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 26, 2007 2:56 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltugh » سەيشەنبە ئۆكتەبىر 09, 2007 6:03 am

مۇشۇنداق ياخشى يازمىلارنى ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى توربىتىدە كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن. :handshake

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » سەيشەنبە ئۆكتەبىر 09, 2007 6:20 am

ھەمكارلىق ھەرقاچان ئەھمىيىتىنى يۇقاتمايدۇ دەپ ئويلايمەن.

Jewlaniy
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 07, 2007 4:34 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Jewlaniy » جۈمە ئۆكتەبىر 12, 2007 5:01 am

بۇ ھەقىقەتەن ياخشى نۇتۇق ئىكەن، گەرچە قىسقا بولسىمۇ نۇقتىلىق مەزمۇنى چىقىپتۇ.
ھەمكارلىق ياشىسۇن !

Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » پەيشەنبە ئۆكتەبىر 18, 2007 10:51 am

ۋاھ ۋاھ ياخشى ئەسەركەن جۇما ماۋۇ~~~~~~~~~~~~
$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$
ھەي ئاپى چاپى، كەلدى كەتتى، كىم ھەقسىز بوشلۇق دەپ بىرىدۇ؟؟؟؟؟

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 2:42 pm

بۇ تېما كونىراپ قاپتۇ... ئەمما قىممىتىنى ھەر زامان يۇقاتمىسا كىرەك. ئالما مەسھۇلاتلىرىنى داۋاملىق يېڭىلاۋاتىدۇ. قارلۇق شىركىتى ئالمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دىكى ھەمكارلاشقۇچىسى سۇپىتىدە يېقىنقى ئالما مەسھۇلاتلىرىدا ئۇيغۇر يىزىقى ھەققىدە يىڭى خەۋەرلەر ۋە خۇشاللىق بارمىدۇ؟
مەسىلەن Ipad, Iphone ...

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 4:00 pm

ئىملاغا دىققەت

يۇقاتمىسا - يوقاتمىسا
كىرەك- كېرەك
يىزىقى- يېزىقى
يىڭى- يېڭى

nuruz
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 07, 2009 10:39 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nuruz » يەكشەنبە ئاۋغۇست 15, 2010 2:38 am

بەلەن نۇتۇق بولۇپتۇ!
ھەممىمىز گەپنى مۇشۇنداق قىسقا قىلايلى، شۇندىلا بىز ئۆزگىلەردىن بالقىپ كېتىمىز!

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار