[پ.قارلۇق] بىز ھەمكارلىققا مۇھتاج!

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، ئىجتىمائىيەت، يىل يېزىق ۋە خەيرى ساخاۋەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل چاقىرىق ۋە مۇراجەتلىرى تاللاپ قويۇلىدۇ.
Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » يەكشەنبە ئاۋغۇست 15, 2010 6:10 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]nuruz[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-15 08:38 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3527&ptid=139][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بەلەن نۇتۇق بولۇپتۇ!
ھەممىمىز گەپنى مۇشۇنداق قىسقا قىلايلى، شۇندىلا بىز ئۆزگىلەردىن بالقىپ كېتىمىز! [/quote]
نۇرۇز ئەپەندىمنىڭ بۇ ئىنكاسى بولمىغىنىدا مەن بۇ نۇتۇقنى يەنە قاچانغىچە ئوقۇيالماس بولغىيتىم؟
نۇتۇقتىكى ماۋۇ قۇرلار ئەجەپ ئىخچام، پاساھەتلىك، ھەرقانداق ئادەم ئويلۇنۇپ سىلكىنگىدەك چىقىپتۇ.
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Perhat_k[/i] ، ۋاقتى: 2007-10-8 13:54 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=713&ptid=139][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
.....
[size=4]بىر ئويغىنىش بىزگە ئازاپنى ھىس قىلدۇردى. كۆرۈش ئىقتىدارىمىز بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى ئائىلىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان تۈركۈم-تۈركۈم قېرىنداشلىرىمىزنى كۆرىمىز. ئاڭلاش ئىقتىدارىمىز بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى تالاي كىشىلەرنىڭ تراگىدىيە ۋە پاجىئەگە تولغان تۇرمۇشىنى بايقاپ قالىمىز. پۇراش سېزىمىمىز بولغانلىقى تۈپەيلى تەڭتۈشلىرىمىزنىڭ چاكىنا ئىس-تۈتەكلەردىن ھوزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز.
قاراڭلار، ھەتتا سەزگۈ ئەزالىرىمىزمۇ بىزنى قەستەن ئازاپلاۋاتىدۇ، بۇ لەنىتى ئاتموسفېرا ۋە بۇلغانغان مۇھىت، بۇلغانغان قېرىنداشلىرىمىز بىزنى ئىستىخىلىك ھالدا مەغلۇبىيەتكە باشلىماقچى بولىۋاتىدۇ...!
بىز بۇ ئازاپلارغا تويۇندۇق! ئەمدى بىز بۇ مەنىسىز چۈشكۈنلۈكلەرگە تويۇندۇق! ئەمدى بىز نۆۋەتتىكى تىرىكلەر ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بارلىق سەلبى ئاتالغۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچى،
بىز سەمىمىيلىك، سوغوققانلىق ۋە دانالىققا ئېرىشمەكچى...،
بىز مەسئۇلىيەتلىك ۋە نىشانلىق ئىنسانغا ئايلانماقچى...!
بىز غايەت گۈللەنگەن ماددى تەمىناتقا ئېرىششمەكچى...!
بۇلار بىز ئېرىشىشكە تىگىشلىك نەرسىلەر، بىز بۇلار ئارقىلىق مۇۋەپىقىيەت قازىنالايمىز، بىز بۇلار ئارقىلىق ئاخىرقى غورۇرىمىزنى قوغداشنىڭ چىقىش يولىنى تاپالايمىز!
بەزىدە ھىسسىياتلىنىپ ئەسلىمىمىزدىكى مۇبالىغە تارىخىمىزدىن سۆز ئاچساق، بەزىدە ئازاپلىنىپ مەغلۇبىيەتلىك ۋە ئېچىنىشلىق تارىخىمىزدىن ئۈمىدسىزلىنىمىز. مەيلى بىز ئۆتمۈشنى قانداقلا شەرھلەيلى ئۇ بۈگۈنكى قىسمەت بىلەن نەتىجىلەندى. مەيلى ئۆتكەن ئەسىردىكىلەر ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان ياكى ئورۇنلىمىغان بولسۇن، بىزنىڭ مۇشۇ دەۋردە تۇغۇلۇپ، خاتالىقىنى تونۇغان، مەسئۇلىيىتىنى ھىس قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزنى ھىچكىم چەكلەپ قالالىغىنى يوق. بىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىش ئىمكانىيىتىمىزنى ھېچكىم چەكلەپ قالالمايدۇ!
بىز بۇ يەردە سىرتقى كۈچنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدىغان بىر كۈچلۈك روھقا، بىر قۇدرەتلىك ئىچكى ئىنىرگىيىگە مۇھتاج. بۇ ئىېنىرگىيە بىزنى ئالتە مىلىيارد ئىنسانىيەت ئارىسىدا ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ. بۇ ئىنىرگىيە بىزنى قولىمىزدىكى بىر تۇتام ۋاقىت ۋە زېھىندىن پايدىلىنىپ، تۇرغۇزۇلغان نىشانىمىزدىكى مۇۋەپىقىيەتنىڭ ئىشىكىنى ئىشەنچ بىلەن ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ.
ئەمما سەمىمىزدە بولسۇنكى ئازاپنى ناركوزلانمىغان ئادەم ھىس قىلىدۇ. يېرىم ئۇيقۇدا بۇ مۇھىتقا سىڭىشىش ھەقىقەتەن راھەتلىك ئىش. بۇ ۋاقىتتا بىز ئۆزىمىزدىن - چېچىلاڭغۇ، چىدامسىز، نىشانسىز خارەكتېرىمىزدىن، ئارىمىزدا يامرىغان چاكىنا كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىدا ئاتالمىش خاتىرجەملىكتىن ھوزۇرلانغۇچى لەنىتى ئاجىز روھىمىزدىن كۈچەپ سورايلى: - زادى مەن غەلبە قىلغۇچىمۇ ياكى مەغلۇپ بولغۇچىمۇ؟!
سىستېمىلىق ياشاش ئۈچۈن شەخىس سۈپىتىدە بىزنى مۇكەممەل فىزىئولوگىيىلىك قۇرۇلمىغا ۋە تەپەككۈرگە ئىگە قىلغان ياراتقۇچىمىزنى تاپايلى. ئىگىمىز بىزگە 1-سۆزىدىلا «ئوقۇ!» دەپ تەلىم بېرىدۇ ۋە بىزنى تەپەككۈرگە ئۈندەيدۇ. ئاندىن بىز تۈركۈم سۈپىتىدە ھەمكارلىشىشنى ئۈگىنىۋالايلى. ئالدىنقى باسقۇچ بىزگە غورۇر بېغىشلاپ ئادىمىلىك ئۇلۇغلىقىمىزنى ھېس قىلدۇرسا، كېيىنكى باسقۇچ مۇۋەپىقىيەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ. ئەگەر ئېتىقاد ۋە غورۇرغا ئېرىشەلمىسەك، ھەمدە باشقىلار بىلەن قانداق ھەمكارلىشىشنى بىلمىسەك بىز راستىنلا ھەقىقىي مەغلۇپ بولغۇچى بولۇپ قالىمىز.
بىز ماددا سۈپىتىدە تۇغۇلغۇچى ۋە ئۇزۇنغا قالماي توپىغا كىرىپ كەتكۈچى، ئەمما مىنىۋەتلىك ئۇلۇغ يارالمىش بولغانلىقىىز تۈپەيلى مەڭگۈ ياشىغۇچى ۋە ھەرىكەتلىرىمىزدىن ھېساپ بەرگۈچى. بىز بۇ مەڭگۈلۈك سەپەردە زىيان تارتىشنى ھەرگىز خالىمايمىز. [/size][/quote]



ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار