يۇمشاق دىتاللارغا ئۇيغۇرچە تەرجىمە يامىقى ئىشلەش ھ
يېزىلغان: پەيشەنبە ئۆكتەبىر 25, 2007 2:54 pm
UKIJ نىڭ كۆپ قىسىم دائىمىي ئەزالىرىغا ۋە باشقا ئەزالىرىغا مەلۇم، بۇ يىل يىل بېشىدا ۋە ئۆتكەن يىلقى رەئىس پىلانىدا باشقا تىلدىكى يۇمشاق دىتاللارنى تەرجىمە قىلىپ، ئاشۇ يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلىگەن شەخىس ياكى شىركەتلەر بىلەن UKIJنامىدىن ئالاقە باغلاپ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى تەمىنلەپ بىرىش ،يېڭى نەشىرلىرىدا داۋاملىق تەرجىمە ھۆججىتىنى تەمىنلەپ يېڭى نەشىر دىتاللاردا ماس ھالدا بىرلىكتە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنى تارقىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدىكى بىر قىسىم پىلانلار پىلانغان ئىدى. ئەپسۇس، كىيىن تەرجىمە قىلىدىغان ئادەم ياكى يول كۆرسىتىدىغان ئادەم چىقمىغاچ بۇ تۈر بېسىلىپ قالغان. مۇشۇ تۈر UKIJ دا ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن باشقا تور بىكەتلەردىكى ياشلىرىمىز ئىزدىنىش ئارقىلىق كىچىكتىن چوڭغا تەرەققىي قىلىپ بارا بارا «يۈركى يوغىناپ» Windows Xp sp2لەرگە «چاقچاق» قىلىپ كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان ئاجايىپ مەنزىرىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى.
نۆۋىتىدە بۇ ياشلارنى قانچە تەرىپلىسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ. چۈنكى ھەق تەلەپ قىلماستىن ئۆزلىكىدىن تىرىشىپ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ كۆلەملىشىشى ئۈچۈن كۆپ تۆھپە قوشتى ۋە قۇشۇپ كىلىۋاتىدۇ.
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى مۇشۇ يىل بېشىدا UKIJنىڭ يۇمشاق دىتاللارنى تەرجىمە قىلىش پىلانى بار ئىدى. كىيىن يۇمشاق دىتال تەرجىمە قىلىپ باققانلار ياكى قىلىدىغانلارنىڭ ئۇچۇرلىرى بولمىغاچ ئاشۇ تۈرلەر ئەمەلدىن قالغان ئىدى. ھىلىمۇ مۈمكىن بولسا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئاشۇنداق ئۇچۇق شەكىلدىكى تىل ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئاشۇ يۇمشاق دىتال ئىشلىگەن شىركەت ياكى توربىكەتلەرگە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى يوللاپ بەرسەك ، ئۇيغۇرچە نۇسقىسى بىرلىكتە تارقىتىلسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى.
بۇ يەردە ئالاھىدە قۇتلۇقلاپ ئۈتۈشكە تىگىشلىك ئىش شۇكى ، بىلىك - ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ كۆپ تىرىشىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا كىلىپ دۋاملىق يېڭىلىنىپ كىلىۋاتقانلىقى ۋە ئاشۇ ئۇيغۇرچە XP غا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى قۇتلۇقلايمىز.
مۈمكىن بولسا بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ UKIJنىڭ ئەمەلدىن قېلىپ قالغان ۋە تاشلىنىپ قالغان يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئۇيغۇرچە تىل قۇشۇلمىسى نى ھازىر كۈچلەندۈرسەك،قولغا ئالساق بەلكىم كۈندىن كۈنگە روھسىزلىشىپ كىتىۋاتقان UKIJدىكى ئەزمەتلەرگە ئازراق بولسىمۇ ئويغىتىش دۇرىسى بۇلامدىكىن دەپ قارايمەن. ھەمدە بۇندىن كىيىنكى ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى قۇشۇلغان يۇمشاق دىتاللارنىڭ كۈپۈيىشىگە ،تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ دەپ قاراشقا بۇلىدۇ.
تەرجىمە قىلىشقا كەلسە نۇرغۇن ئىسىل قۇراللار بار ئىدى. بەزى سىستىمىنىڭ ئىچكى يادروسىغا ئائىت تەرجىمە قىلشىقا دائىر جايلار بولسا UKIJدىكى باشلىقلار تامامەن ھەل قىلىپ كىتەلەيتى.
مۈمكىن بولسا UKIJ نىڭ يۇمشاق دىتاللارنى تەرجىمە قىلىش تۈرى نى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە تەرجىمە قىلىش تەجرىبىسى بارلار ۋە تەرجرىبىسى بولمىسىمۇ قىلىپ كىتەلەيدىغان بارلىق ئۇيغۇر قېرىداشلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىىنى ئۈمۈد قىلىمىز.