[چاقىرىق]بىرFONT ياسىسىڭىز 50 يۈەن مۇكاپات !!!

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، ئىجتىمائىيەت، يىل يېزىق ۋە خەيرى ساخاۋەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل چاقىرىق ۋە مۇراجەتلىرى تاللاپ قويۇلىدۇ.
Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

[چاقىرىق]بىرFONT ياسىسىڭىز 50 يۈەن مۇكاپات !!!

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە نويابىر 18, 2007 5:23 pm

مەقسەت بىزنىڭمۇ بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك، ھەقسىز خەت نۇسقىمىزنىڭ بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
[color=Blue]مەن ھازىرقى خەت نۇسقىلىرىنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەس.
unicode لىق خەت نۇسقىلىرىنىڭ نامىنى بىرلىككە كەلكتۈرۈش ھەققىدە بەس-مۇنازىرە ھەقىقەتەن بولغان ئەمما يەنىلا ھەركىم ئۆز نامىدا ياساپ تارقىتىۋاتىدۇ. مەقسەت يەنىلا بىر نام ئاستىدىكى چوڭايتسىمۇ، كىچىكلەتسىمۇ سۈپىتى ئۆزگەرمەيدىغان ئۆلچەملىك خەت نۇسقىسىنىڭ بارلىققا كىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش. بىر نامدىكى خەت نۇسقىسىنى يەنە بىر نامدىكى خەت نۇسقىسىغا توغۇرلىسا نورمال بولىدىغان ھالەتنىڭ بولىشىغا تۈرتكىلىك قىلىش.
ئەلبەتتە بۇ مۇكاپات سوممىسى خەت نۇسقىسىنىڭ ئەمگىكى ئۈچۈن ھېچنېمە ئەمەس شۇنداقتىمۇ بۇ بىر چاقىرىق، ئاز بولسىمۇ كۆڭۈل ئىپادىسى خالاس.
بۇ بىر چاقىرىق، مەقسەتنى تونۇپ يەتكەنلەر، قولىدىن كېلىدىغانلار ياسىسا بولىدۇ. ياسالماي قالسىمۇ مەيلى.[/color]

تەلەپ ؛ ياسىلىدىغان خەت نۇسقىسى Uyghur نامىدا بولىشى يەنى Uyghur tuz tom دېگەندەك بولىدۇ، خەت نۇسقىسى چوقۇم Unicode ئۆلچىمىدە بولىشى كېرەك.

ئەلبەتتە بۇ خەت نۇسقىسى تورداشلارنىڭ ئورتاق باھالاپ بىكىتىلىشى بىلەن ئالدىنقى قاتاردىكى 5 خەت نۇسقىسىنىڭ ھەربىر نۇسقىغە 50.00 يۈەن مۇكاپات بېرىلىپ ئاۋال ئىنتېرنېت ئارقىلىق ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.

پائالىيەت ۋاقتى؛ 2008-يىلى1- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە .

پائالىيەت ئورنى؛ ئىنتىل سەيناسى

تورداشلارنىڭ پىكىرلىشىش سەھىپىسى ؛ ئىنتىل سەيناسى >> كومپيۇتېر [计算机知识] >> ئۇيغۇرچە...

بۇ چاقىرىق ئېلان قىلىنغان توربەتلەر؛ [url]www.ukij.org[/url] [url]www.bilik.cn[/url] [url]www.diyarim.com[/url] [url]www.orkhun.com[/url]

كامالى ئېھتىرام بىلەن ؛ ئىنتىل سەيناسى ( [url]www.intil.cn/bbs[/url] ياكى [url]www.intilim.com/bbs[/url] )

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2007-11-19 13:46 [/i]]



Graf
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 3:11 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Graf » دۈيشەنبە نويابىر 19, 2007 4:23 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Intil[/i] ، ۋاقتى: 2007-11-18 23:23 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=929&ptid=192][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
مەقسەت بىزنىڭمۇ بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك، ھەقسىز خەت نۇسقىمىزنىڭ بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

تەلەپ ؛ ياسىلىدى ... [/quote]

يۇلغۇنجان ئەپەندى، بۇ تەكلىۋېڭىز بەكلا ياخشى بوپتۇ، قارىغاندا سىز ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئويلاۋاتقان ئوخشايسىز، بولسا خەت نۇسخىلىرىمىز بالدۇرراق بىرلىككە كېلىپ، ھېلى ئەلكاتىپ، ھېلى ئەلپىدا ياكى خىيال خەت نۇسخىسى دەپ يۈرمەي بىر خىللا خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتسەك ناھايىتى ياخشى بولاتتى، كومپىيۇتېرغا قارايدىغان بولسان كومپىيۇتېرغا يېزىقى كىرگەن نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ خەت نۇسخىلىرى بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى، لېكىن مۇشۇ بىزنىڭ خەت نۇسخىلىرىمىزنىڭ بىرلككە كەلمەسلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئىشلاردا قولايسىزلىق كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. لېكىن مېنىڭچە سىز سەل چولتا ئويلاپ قاپسىز.

1. خەت نۇسخىسى ياساش ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاقىت ھەم زېھىن كېتىدۇ، بۇنىڭغا كەتكەن ۋاقىت ۋە زېھىننى 50 يۈەن بىلەن ئۆلچىسىڭىز بۇ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ. ئالدىنقى يىلى ئالىم ئەھەت ئەپەندى مۇشۇ خەت نۇسخىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ھەم چېكىتلىك، ھەم ۋېكتورلۇق ئىشلەيدىغان خەت نۇسخىسىنىڭ گىپى چىققاندا ئەگەر مېنىڭ ئۆلچىمىمدىكى خەت نۇسخىسىنى ياساپ چىققۇچىلار بولسا 10000 يۈەن (ئون مىڭ) بېرىمەن، تېخنىكىنى تەمىنلەيمەن دەپ بېلىك كۇلۇبىدا بىر يازما يازغان، لېكىن شۇنداق قىلىدىغان كىشى چىقمىغان ئىدى، چۈنكى بۇ ئىشقا ناھايىتى كۆپ ۋاقىت ھەم زىھىن كېتىدۇ، ئەگەر 50 يۈنلىك خەت نۇسخىسىنى ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى دەپ تارقاتسىڭىز ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز، 50 يۈنگە زېھنىنى سەرپ قىلىپ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان خەت نۇسخىلىرىدىنمۇ ياخشى خەت نۇسخىسى ئىشلەپ چىقىدىغانلار ئاساسەن چىقماسمىكىن دەيمەن.
2. سىز UKIJ تور بېكىتىدە بۇ تەشەببۇسىڭىزنى ئېلان قىپسىز، نېمىشقا UKIJ دىكىلەر كېڭىشىپ شۇلارنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىپ (يەنى UKIJ دىگەن نامنى Uyghur دەپ ئۆزگەرتىپ) تارقىتىشنى ئويلاشمىدىڭىز؟ ھازىر تور دۇنياسىدا UKIJ نىڭ خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان تور بېكەتلەرمۇ كۆپ، ئۇ خەت نۇسخىسى ھەم Unicode لۇق، بۇ دەل سىز دىگەن ئۆلچەمگە چۈشىدۇ، ياكى UKIJ دىكىلەر ئۇنىمامدىكەن؟ ياكى سىزنىڭ باشقا ئويلىغانلىرىڭىز بارمۇ؟ مېنىڭچە UKIJ نىڭ خەت نۇسخىسىنى Uyghur دىگەن نامغا ئۆزگەرتىپ تارقىتىش ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرسەكمۇ بولىدۇ، لېكىن ئەلۋەتتە خەت نۇسخىسىنى يەنە تۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ يېڭى خەت نۇسخىسىنى ياساپ چىققاندىن خېلىلا ئەۋزەل.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقا ئۇيغۇر كومپىيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ خېلىلا ياخشى ياسالغان خەت نۇسخىلىرىمۇ بار، شۇلار بىلەن پىكىرلىشىپ ياخشى خەت نۇسخىلىرىنى يىغىپ ئۆلچەملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.
خەت نۇسخىسى ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز ھەممىمىز ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىدىن ياساپ چىقىمەن دىمەي، بۇرۇنقى بار خەت نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ، شۇنى مۇكەممەللەشتۇرۈش ئارقىلىق ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرسەك تېخىمۇ ياخشى.
سىز ئۆزىڭىز بىرەر خەت نۇسخىسى ياساپ باقمىدىڭىز ھەقاچان، خەت نۇسخىسىنى ياساش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، ھەم توچكىلىك، ھەم ۋېكتورلۇق ئامبارنى يۆتكەپ كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە خەت نۇسخىسىنى ياساش ئۇنچە ئوڭاي ئىش ئەمەس، ئەگەر يالغۇر بىر ئادەم ياسايمەن دىسە بىر خەت نۇسخىسى ئۈچۈن بىر يىل ئەتىراپىدا ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. 50 يۈنلىك خەت نۇسخىسىنى Uyghur دىگەن نامدا ئۆلچەملەشتۈرىمەن دىسىڭىز، باشقا تەييار خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپلا ئىشلەپ چىققان خەت نۇسخىلىرىدىن بىر تالاي يىغىپ ئۆلچەملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.

يۇقارقىلار مېنىڭ شەخىسى پىكىرىم، بۇ سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىزغا سوغۇق سۇ سەپكىنىم ئەمەس، پەقەت ئازراق تەكلىۋىم خالاس.

Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

قوللىمايمەن!

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » دۈيشەنبە نويابىر 19, 2007 5:53 am

ئەجىبا ئارىمىزدا ئوموملاشقان UKIJ، ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرى ئۇيغۇرنىڭ ئەمەسمۇ؟
ھەر نىمە بولسا بۇ UKIJنىڭ قارارى بولۇپ قالماپتۇ، يەنە خەت شەكلى، نامى كۆپەيتىشتىن بىزنى ساقلىسۇن.

نىمە قىلىدىغانسىلەر، ۋاقتىڭىزلارنى بىكار ئىسراپ قىلىپ، ئاران بىرلىككە كەلگەن خەت نۇسخىلىرىنى يەنە كۆپەيتىپ نىمىمۇ قىلارسىلەر؟
ئويلاپ ئىش قىلىڭىزلەر،،،،

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە نويابىر 19, 2007 12:51 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Computer[/i] ، ۋاقتى: 2007-11-19 11:53 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=931&ptid=192][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
UKIJ نىڭ خەت نۇسخىسىنى Uyghur دىگەن نامغا ئۆزگەرتىپ تارقىتىش ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرسەكمۇ بولىدۇ، لېكىن ئەلۋەتتە خەت نۇسخىسىنى يەنە تۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ يېڭى خەت نۇسخىسىنى ياساپ چىققاندىن خېلىلا ئەۋزەل. [/quote]
چاقىرىق مەندىن، ياخشى ئۇسۇل بولسا كۆرسەتسەڭلار تامامەن بولىدۇ.
ھازىرغىچە بىر ئورتاق خەت نۇسقىمىز مەيدانغا كەلمىدى بۇنى ھەممەيلەن بەش قولدەك بىلىدۇ. ھېچقانداق شەخىس ياكى شىركەتنىڭ نامى بولمىغان خەت نۇسقىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەي بولمايدۇ.

heqteyur
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 3:24 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان heqteyur » چارشەنبە نويابىر 21, 2007 8:50 am

مەنمۇ ئىنتىل بۇرادەرنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن.گراف دوستىمىز دېگەندەك ھەم چىكىنتلىك ھەم ۋېكتورلۇق قىلىپ كىشىگە ھەقىقىي يارايدىغان خەت ياسىماق ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس،ھازىر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان (تور يۈزىدە) UKIJ Tuz Tom خەت نۇسقىسىمۇ ھەقىقەتەن كۆركەم چىققان،ئەمما بۇنىڭدىمۇ يېتەرسىزلىكلەر ئاز ئەمەس،يەنە بىرسى Alkatip Basma Tom خەت نۇسقىسىمۇ بەك ئىسل كەسپىي ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان،ئەمما ئۇنىڭدىمۇ يېتەرسىلىك يەنىلا مەۋجۈت،مەنچە بۇ يەردىكى مەسىلە ياساش ياسىماسلىق ئەمەس،بەلكى قانداق قىلغاندا ھەقىقىي كىشىگە يارايدىغان كەسپىي ئىسىل خەت نۇسقىسى ياساش،بۇ قېتىم ئەمدى ئىشنى چولتا كەمكۈت بولۇپ قالسا تازا ياخشى بولمايدۇ!!!!

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » چارشەنبە دېكابىر 26, 2007 7:03 am

تېمىدا يېڭىلىق بار
[url]http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?PageIndex=3&ThreadID=27878[/url]

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » چارشەنبە دېكابىر 26, 2007 10:48 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]ئالپسوفت[/i] ، ۋاقتى: 2007-12-23 0:19:08 [url=http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?PageIndex=3&ThreadID=27878][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ياخشىمۇسىلەر، مەن يېڭى فونتلارنى قاچىلاش پروگراممىسى ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئادرېسقا يوللاپ قويدۇم.

xxx xxx xxx xxx xxx

مەزكۇر قاچىلاش پروگراممىسىنى قاچىلىغاندىن كېيىن كومپيۇتېرىڭىزغا يېڭى فونتلار قاچىلىنىدۇ.

ئالپسوفت [/quote]

ئالپسوفت ئەپەندى يەنە 45-قەۋەتتىكى ئىنكاسىدا مۇنداق ئىيتقانكەن:
[color=Blue]تور بېكەتكە مۇشۇ قاچىلاش پروگراممىسى كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلىغان Uyghur Ekran، Uyghur Tuz Tom، UKIJ Tuz Tom لاردىن ئىبارەت مۇشۇ ئۈچ خەت نۇسخىسىنىڭ بىرىنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ تور بېكىتىڭىز بۇرۇن UKIJ Tuz Tom دا تۈزۈلگەن بولسا مۇشۇ خەت نۇسخىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىڭ، ئەگەر Uyghur دىن باشلانغان خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىمەن دېسىڭىز Uyghur Tuz Tom نى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.[/color]




[size=5]دىمەك قاچىلاش پىروگراممىسدا UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىمۇ بار دىگەن گەپمۇ؟
بار بولسا، UKIJ فونتلار بىتىدىكى خەت نۇسخىسى ئۆزى شۇمۇ؟ ياكى ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىمۇ؟
ئۆزگەرتىلگەن بولسا، قەيەرلەر ئۆزگەرتىلگەن؟ UKIJ ئەزالىرى كۆرۈپ چىققانمۇ؟ تارقىتىلىشقا قوشۇلغانمۇ؟[/size]

مەن يۇقارقى قەۋەتتىكى Computer بۇرادەرنىڭ سۆزىنى قوللايمەن، مەنمۇ شۇ خىل قاراشتا.
شۇڭا فونتلارنى يەنە كۆپەيتىشكە مەن قارشى. بىرلىككە كەپ بولالمايۋاتساق، يەنە خەت نۇسخىلىرىنى تارقىتىپ نىمىمۇ قىلىلارمىز. UKIJ خەت نۇسخىلىرىمۇ كۆپ ئىھتىياجىمىزدىن تامامەن چىقىدۇ، نۇرغۇنلىغان خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىپمۇ قويمايمىز، ئاران بىر ئوموملاشقاندا ئەمدى يەنە ، ....

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Perhat_k ، ۋاقتى: 2007-12-26 16:58 [/i]]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » چارشەنبە دېكابىر 26, 2007 1:33 pm

1- ukij دېگەن گەپ بىلەن uyghur دېگەن گەپ ھەققىدە ( بۇ ئىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە) مەن چۈشەنچە بىرىپ بولغان.
2- « UKIJ فونتلار بىتىدىكى خەت نۇسخىسى ئۆزى شۇمۇ؟ ياكى ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىمۇ؟» بۇنى تېمىدىكى ئىنكاستىن كۆرۈپ بىلەلەيسىز.
3- « UKIJ ئەزالىرى كۆرۈپ چىققانمۇ؟ تارقىتىلىشقا قوشۇلغانمۇ؟» دېگەن نېمە گەپ؟ مانا كۆرۈڭلار دەپ يوللاپ قويدۇمغۇ؟ كۆرۈپ، ئىشلىتىپ پىكىر بەرسەڭلار، باھالىساڭلار تامامەن بولىدۇ.

ئىنتىل سەيناسىنىڭ مەقسىتىمۇ ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاز-تولا بولسىمۇ كۈچ چىقىرىش ھەم شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ گەپنىڭ قىسقىسى ئىنتىل سەيناسى قۇلۇپلاغلىق ياكى يامان سۈپەتلىك ۋىرۇس بار جاي ئەمەس، كىم كىرسە ئوچۇقلا جاي پېقىر بۇ ئىشقا چاقىرىق قىلىشتا ئومۇمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدۇم ھەم خىلى دوستلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتىم، مانا ئەمدى ئالپسوفت ئەپەندى بۇ فونتلارنى ياساپ چىقىپتۇ ئۇمۇ ئەلبەتتە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى فونت نامى قىلىۋالماپتۇ uyghur نى ئاساسى نام قىلىپتۇ، بۇمۇ خاتامۇ؟ UKIJ فونتلىرىمۇ كۆپچىلىكنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا ھازىرقى ھالەتكە كەلگەنغۇ؟ ئىشىنىمەنكى بۇ ئىش ئەلنىڭ خالىسلىقى بىلەن ياخشى نەتىجىلىنىدۇ.
google نىڭ ئۇيغۇرچە بېتى ۋۇجۇتقا چىقىش ئالدىدا تۇرۇدۇ، uyghur نامىدىكى فونتىمىز بار بولۇش ئالدىدا تۇرۇدۇ دېمەك «ئۇيغۇر» نىڭ نامى «ئۇيغۇر» دېگەن نامدا دۇنياغا يەنە تونۇلىدۇ، مۇكەممەلىشىدۇ. بۇ بىز بېسىشقا تېگىشلىك يولدۇر.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » چارشەنبە دېكابىر 26, 2007 1:40 pm

بۇ ئىش ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشلىرىنى يوققا چىقىرىش ئەمەس ھەم ھەرگىزمۇ يوققا چىقمايدۇ.
مەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇ ئىشقا سوغۇققانلىق بىلەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » پەيشەنبە دېكابىر 27, 2007 6:08 am

بىلىشىمچە UKIJ يىڭى خەت نۇسخىلىرى ئوچۇق ئاشكارە تارقىتىلىشتىن بۇرۇن، ئىچكى قىسىمدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ، مىنىڭ بىلگۇم كەلگىنى UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىمۇ بار دىيىلىپتىكەن، شۇڭا ئۆزگەرتىلگەن ئۆزگەرتىلمىگەنلىكىنى بىلگىم كەلدى.
ئۆزگەرتىلمىگەن بولسا ئەلۋەتتە باشقا پىكىرىم يوق ئابلەتجان.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار