[چاقىرىق] فونت توغرىلاش دىتالى ياساشقا بولامدۇ؟

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، ئىجتىمائىيەت، يىل يېزىق ۋە خەيرى ساخاۋەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل چاقىرىق ۋە مۇراجەتلىرى تاللاپ قويۇلىدۇ.
Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

[چاقىرىق] فونت توغرىلاش دىتالى ياساشقا بولامدۇ؟

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 11:54 am

خەت نۇسخىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە يەنە تەكىتلەشنىڭ ئورنى بولمىسا كېرەك. بۈگۈن مەن يولۇقتۇرغان ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىسىنىڭ ئاۋارىچىلىقى تۆۋەندىكىدەك بىر يۇمشاق دىتالنى ياساشنىڭ زۆرۈرلىكىنىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ماڭا ھېس قىلدۇردى .
توغرا، نۆۋەتتە ئۆلچەمسىز فونتلارنى ئۆلچەملىك فونتقا ئۆزگەرتىدىغان يۇلغۇن، ئۇيغۇر ئېدىتتەك قورال دىتاللار ۋە باشقا توردىكى قوراللار بار بولغان بولسىمۇ ئەمما ئىدارە- ئورگان ۋە باشقا جايلاردا كاتىباتلىق قىلىدىغان ( خەت ئۇرۇش مەشغۇلاتى بىلەنلا شۇغۇللىنىدىغان) لار يۇقارقى قوراللاردىن پايدىلىنىشنى ئۆگۈنۈپ بولالمايدىكەن . شۇڭا ئادەتتىكى كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنى بىلىدىغانلار ۋە ياكى ساۋاتلىقلار ئۈچۈن مەشغۇلاتى تېخىمۇ ئاددىي بولغان بىر قورال دىتالنى ياسىساق دېگەنى ئويلاپ قالدىم .
تۆۋەندىكىسى مەن لايىھەلەپ باققان دىتال يۈزى كۆرۈنىشى
[img]http://www.intil.biz/home/data/attachment/forum/201007/27/194026zvsc0rkkarkkv6zp.jpg[/img]

پروگراممېر دوستلار مۇشۇ ھەقتە بىر ئىزدىنىپ باقسا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولغان بولاتتى.

( قوشۇمچە ھۆججەت چىقارغىلى بولمىدى . رەسىم كۆرۈنمىسە ئىنتىلدىكى تېمىدىن كۆرۈڭ [url]http://www.intil.biz/home/forum.php?mod=viewthread&tid=89[/url] )

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2010-7-27 18:26 [/i]]



kaqkuz
يازمىلار: 20
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇل 31, 2007 5:12 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kaqkuz » چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 5:12 am

ئۆلچەمسىزنى ئۆلچەملىككە ئايلاندۇرۇدىغان دىتاللار ئاز ئەمەسقۇ. ئۇنېڭغا فونت نامىنى ئۆزگەرتىپ بېرىش، ئۇنچىۋالا زۆرۆر ئەمەس. ئۆلچەمسىزنى ئۆلچەملىككە ئايلاندۇرۇشنى بىلگەن ئادەم، خەت نۇسقىسنىڭ نامىنى تاللاپ قويۇشنى بىلىدىغۇ دەيمەن.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

# kokkaptar غا يوللانغان جاۋاب

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 6:05 am

شۇنداق ئۇنداق دىتاللار ئاز ئەمەىس، تېمىدا بۇ ھەقتە مەقسەتنى خېلى تەپسىلىي دېدىم دەپ قارايمەن.
مەقسەت: مەشغۇلاتنى ئەڭ ئاددىي قىلىش

Tirish
يازمىلار: 1
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئىيۇل 24, 2010 11:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Tirish » چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 3:15 pm

ئۇيغۇر سوفىتنىڭ كود ئالماشتۇرۇش دېتالى بار. يەنە بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورىنىڭمۇ يېزىق ئالماشتۇرىدىغان دېتالىمۇ بارغۇ دەيمەن.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 4:02 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Tirish[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-28 21:15 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3038&ptid=579][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئۇيغۇر سوفىتنىڭ كود ئالماشتۇرۇش دېتالى بار. يەنە بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورىنىڭمۇ يېز ... [/quote]
تېمىنى تەپسىلىيرەك ئوقۇپ قويۇڭلار ئۇنداق قىلماي، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان گەپ مەشغۇلاتى ئەڭ ئاددىىىىىىىىىىىىىىىي...

kerim805
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە فېۋرال 24, 2009 6:55 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kerim805 » پەيشەنبە ئىيۇل 29, 2010 3:19 pm

فونت قالايمىقانچىلىقىدىن قاچانمۇ قۇتۇلارمىز؟
بۇ توربەت تەرەققىياتىغىمۇ زور توسقۇنلۇق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ

kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » شەنبە ئىيۇل 31, 2010 9:30 am

[img]http://yuk.qutyar.net/yukler/uyghurche/20100731/efb18778d6b81751f5eec6ca8e511b7e.jpg[/img]
مانا مۇشۇ دېتال ئەڭ ئاددىيسىغۇ؟ بۇ دېتال ئارقىلىق بىردەمدىلا قانچە كۆپ word ھۆججىتى بولسا خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ بولغىلى بولىدۇ....

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە ئىيۇل 31, 2010 10:07 am

رەھمەت، بۇنىڭ كۆرۈنىشىدىن قارىغاندا ئىقتىدارى مەن دېگەندەك ئىكەن.
مەن كۆرمىگەن ئىكەنمەن. سىناق نۇسخا دەپ تۇرۇدۇ.
1- ئىشلىشى نورمالمۇ؟
2- ئايلاندۇرىدىغان فونتلارنىڭ ئۆلچىمى ھازىرقىغا ماس كېلەمدۇ؟

ئەگەر شۇنداق بولسا مۇشۇ دىتالنى سىناپ باقايلى.

kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » شەنبە ئىيۇل 31, 2010 10:20 am

مەن بۇ دېتالنى ئۇزۇن بولدى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. ئەلۋەتتە يېڭى دېتال ياسىغاندا ھەقىقىي نەشىرى دەپلا چىقىرۋەتمەيدۇ دە. سىناق قىلىپ ئاندىن چىقىرداىغان گەپ.
1. گەرچە بۇ سىناق نەشىرى بولسىمۇ ئىقتىدارى ياخشى. ئىشلىشى نورمال.
2. يۇقىرقى رەسىمدىنلا ھازىرقى فونتلارنىڭ ئۆلچىمىگە چۈشىشىدە گەپ يوق. مەن ھازىرغىچە نۇرغۇن word ھۆججەتلىرىنى ئايلاندۇرۇپ سىناپ باقتىم ۋە شۇ word ھۆججەتلىرىنى ئىشلەتتىم قالايمىقانچىلىق يوق. ئايلاندۇرغان ھۆججەتتىنڭ فونتى Alkatip دىن باشلانغان فونتقا ئالمىشىدۇ. دېمەك ukij نىڭ فونتلىرىغىمۇ تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەن گەپ. (مەن شۇنداق ئىشلەتكەن.)

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە ئىيۇل 31, 2010 10:23 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]kerim805[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-29 21:19 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3057&ptid=579][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
فونت قالايمىقانچىلىقىدىن قاچانمۇ قۇتۇلارمىز؟
بۇ توربەت تەرەققىياتىغىمۇ زور توسقۇنلۇق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ [/quote]
شۇ ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ فونت قالايمىقانچىلىقىنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن ئىلگىرى ئۆلچەمسىز فونت ياساپ ئىدارە- ئورۇنلارنى توشقۇزۇۋەتكەنلەر ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىكى جاۋابنكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك ئىدى.
مانا شۇڭا بۇ ئىشنى پروگراممىچىلارنىڭ خالىس ئەجرى ئارقىلىق تۈزۈتۈشكە تىرىشىۋاتىمىز.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2010-7-31 20:31 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار