جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

«Ukij ئىشەنچىلىك » نى ئىلتىماس قىلىمەن .

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇن 13, 2007 3:45 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

مەن ئىزىمىز تور بىكىتى نىڭ قۇرغۇچىسى polat1971 بولىمەن .
ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمى جەمىيتىدىن تور بىكىتىمگە "UKIJ ئىشەنچىلىك " دىگەن توغراسىنى تەستىقلاپ بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن . ئەگەر بۇ شەرىتكە توشمايدۇ دەپ قارالسا مۇشۇ تېما ئاستىدا كۆرسىتىپ بەرگەيسىزلەر ، كۇچۇمنىڭ يىتىشىچە تۇزۇتۇپ "UKIJ ئىشەنچىلىك " تۇغراسىنى قولغا كەلتۇرۇشكە ئىزچىل تىرىشىمەن .

تور بىكەت ئادىرسى : [url=http://www.izimiz.com]http://www.izimiz.com[/url]
بىكەت تۇغراسى : [img]http://www.izimiz.com/izimiz.gif[/img]

ھۆرمەت بىلەن : polat1971

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇن 13, 2007 5:41 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Alyar
UKIJ نىڭ دائىمىي ئەزالىرى تور بېكىتىگە «UKIJ ئىشەنچلىك » بەلگىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

بۇ توغرىلىق ئىلگىرى بىرلىككە كىلىنىپ بولۇنغان. نۆۋەتتە بۇ بەلگىنى ئىشلىتىشنىڭ شەرتى:

1) تور بەتنىڭ يېزىقىغا چۇقۇم ئۆلچەملىك Unicode (ئاساسى رايۇنى) ئىشلەتكەن بولۇش.
2) UKIJ نىڭ نازارىتىنى ھەر ۋاقىت قۇبۇل قىلىش ۋە بەلگۈلىمىللىرىگە ئەمەل قىلىش.
3) يازمىچە بۇ بەلگۈنى ئىشلىتىش ئىلتىماسى بولۇش.
4) بەلگۈگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق.

تولۇقلاش زۆرۈر بولسا باشقا دائىمىي ئەزالار تولۇقلىسا، بېكىتىۋەتسەك بولىدۇ.