[چاقىرىق] Google ئۇيغۇر (ئەرەپ) يېزىقىغا تەرجىمە قىلىنماقچى!

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

[چاقىرىق] Google ئۇيغۇر (ئەرەپ) يېزىقىغا تەرجىمە ق

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 6:37 am

[color=Red]ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم، ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم،
بۇ تېما بىلىك كۇلۇبىغا يوللانغان تېما.
تەپسىلاتى:
[url]http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=15215[/url]
ئەسلىدە UKIJ نىڭ بۇ ئشىقا سەپەرۋەرلىك قىلىشىنى بۇرۇندىنلا ئۈمد قىلىپ كەلگەن ئىدىم.
ئەمما بۇ سەپەرۋەرلىك UKIJ بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا باشقا قېرىنداشلار تەرپىدىن سەپەرۋەرلىككە كەلگەن بولسىمۇ ئەمما تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە پائالىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن UKIJ دىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭمۇ ئومۇميۈزلۈك ھالدا بۇ تېمىغا ئىشتىرا ك قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بىلىك كۇلۇبىدىى مۇناسىۋەتلىك تېمىنى بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم. دائىمىي ئەزا ۋە بارلىق ئەزالارنىڭ ئاشۇ تېمىغا ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.[/color][quote]Google ئۇيغۇر (ئەرەپ) يېزىقىغا تەرجىمە قىلىنماقچى!
[چاقىرىق، ئاۋاز قوشۇڭ] Google ئۇيغۇر (ئەرەپ) يېزىقىغا تەرجىمە قىلىنماقچى!

گۇگىل تور بېكىتىنىڭ ئىزدەشكە ئالاقىدار قىسىملىرى ئۇيغۇر (ئەرەپ) يېزىقىغا تەرجىمە قىلىنماقچى. كومپيۇتېر، تور، ئىنگىلىز تىلى، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئامېرىكا تۇرمۇشى، مەدەنىيىتىنى ياخشى بىلىدىغانلار بۇ تېمىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ كومپيۇتېر، تور، ئۇچۇر ساھەسى، تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ ئىشقا ئاۋاز قوشۇپ، ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز. يۇقۇردىكى ھەممە ساھەنى بىلىشىڭىز زۆرۈر ئەمەس، پەقەت خالىغان بىر ياكى بىر قانچە ساھەنى بىلسىڭىز كۇپايە.

بۇ تېمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا مۇنداق سەۋەپلەر بار:

[url]http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=15159[/url]

تەرجىمىگە قاتنىشالمىسىڭىز، ياردەم قىلالمىسىڭىز، بۇ تېمىغا ئىنكاس يازماسلىقىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز. بولمىسا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلار كۆپىيىپ كېتىپ، قىلماقچى بولغان ئىشقا دەخلى يېتىشى مۇمكىن.[/quote]

[quote] بۈركۈت ئەپەندىم مۇنداق دىگەن :
ئەمدى يەنە ئىككى ئېغىز سۆزلىمىسەك زادى بولمايدىغان يەرگە يەتتى.
بىلىك كۇلۇبىدا، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك، كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن چوڭ ئىشلار بولۇپ كەتتى، مەسىلەن، كىرگۈزگۈچ مۇنازىرىلىرى بولۇپ كەتتى، ئۇيغۇرچە ۋىندوۋس ئېكىس پى بارلىققا كەلدى، نېرۋا تورى ۋە OCR ھەققىدە نەزىرىيە بىلىملىرى سۆزلەندى ۋە ئەمىلىيەتتە بىرلىشىپ ياساشقا چاقىرىق قىلىندى، «ھەمكارلىق 2007» يىغىنىنىڭ تەشۋىقاتى بولۇپ ئۆتتى. يەنە باسىك ئەپەندىم ئۆزى يالغۇز OCR ياساشقا ئاتلىنىپ كەتتى، نۆۋەتتە گۇگىلنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئالدىدا ۋە cache, buffer دىگەندەك سۆزلەرگە ئۇيغۇرچە سۆز تېپىش، ياساش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز.

UKIJ سىز قەيەردە؟ ukij.org دىمۇ؟ «بىرلەشكەن ئۇزار، بىرلەشمىگەن توزار» دىگەن مۇشۇ شۇمۇ؟ bilik.cn گە كېلىپ قويسىڭىز، كۇرسىڭىز چۈشۈپ كېتەمدۇ؟ تور بەتتىن بىرنى قۇرۇپلا، شۇ يەردىن چىقماي ئولتۇرساڭلار ئۇيغۇرلارنىڭ جەمىيىتى بولامدۇ؟ ئېسىڭلاردا بولسۇن، ئىشخانىسىدىن چىقماي ئولتۇرغان رەھبەر ۋە ئۆز خەلقىنىڭ ھال مۇڭى بىلەن كارى بولمىغان ھۆكۈمەت ئۇزۇن دەۋر سۈرەلىگەن ئەمەس. سىلەر يەنە مۇشۇنداق ئىشتا، يەنە نېمىشقا قول قوشتۇرۇپ، يېنىمغا كەل دەپ قاراپ ئولتۇرىسىلەر؟ سىلەرمۇ «تۆۋەنگە چۈشۈپ» ئۇيغۇر كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ باقمايسىلەر؟ خوش، گەپنى ئۇزۇن قىلماي. بىز مانا مۇشۇنداق چوڭ ئىشتا سىلەرنى ساقلاپ قالدۇق. جاۋابىڭلار «UKIJ مۇنبىرىگە كېلىپ گېپىڭلارنى قىلىڭلار» بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىت قىلمايمىز.

(ئەسكەرتىش، بۇ گېپىم غەيرەت توختى كەنجى، مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندىم ۋە باشقا ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمىيىتىدىكى بەزى ئۆت يۈرەكلىرىمىزگە ئۆتۈپ كەتمىسۇن. لېكىن ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمىيىتىگە يېقىندىن بىر سۇئال قويىدىغان يەرگە يېتىپ قالدى. گېپىمنى «دوست يىغلىتىپ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ» ئېيتار دىگەندەك ئېيتىلغان سۆز دەپ چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. بىز زادى قانداق قىلساق بۇ جەمىيىتىمىزنى، ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالالايمىز؟)[/quote]

[color=Red]
ئەلتېكىننىڭ ئىنكاسى
بەرھەق! بۈركۈت ئەپەندىمنىڭ قاينىغىنى توغرا. ئەمەلىيەتتە UKIJ ھازىر بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى يىتەكلىگۈچىسىز، باش-پاناسىز قالدى دىسەكمۇ بۇلىدۇ. ھازىر UKIJ دا چۆرگىلەپ يۈرگەنلەنلەر پەقەت ئادەتتىكى ئەزالار بىلەن بىر قىسىم دائىمىي ئەزالار خالاس.
ئاشۇ دائىمىي ئەزالار ھازىرقى ئۈزىنىڭ ئىسمى ياكى سالاھىيىتى بىلەن تور بىكەتلەردە UKIJ غا ۋاكالىتەن بىرەر پائالىيەتنى ياكى ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىش تەس. سەۋەبى ئىش يوق ئەلۋەتتە.
كۇلۇبقا كىرىپ بۇ تىمىىنىڭ ماۋزۇسىنى كۈرۈش بىلەنلا راستىنى دىگەندە UKIJ نىڭ پاسسىپ ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالانلىقىدىن بۇنداق بى رپائالىيەتنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، شۇنداقتىمۇ بەزى تورداشلارنىڭ UKIJ دىن ئۈمۈد كۈتىدىغانلىقىنى ھىس قىلغان. مەيلى بۇ خىلدىكى پائالىيەتنى كىم ئۇرۇنلاشتۇرسۇن ھەممىسى يەنىلا ئۇيغۇر ئۈچۈندۇر. UKIJدىن خاپا بولغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئەزالىرىدىن خاپا بولساق بۇلىدۇ. يۇقىردا كۈكۈيۈن ئەپەندىم ئىنىقىنى ئېيتىپتۇ. ئىتىل ئەپەندىممۇ كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپتۇ. ئەتراپقا ئۇيۇشقانىكەنمىز داۋامىنى باشقا چىقىرىشىمىز كىرەك ئىدى.ئەپسۇس....
بۈركۈت ئەپەندىمنىڭ تەنقىدى ئۇرۇنلۇق.
ئەمما بۇ يەردە « بۇ پائالىيەتنى UKIJ دا ئۇرۇنلاشتۇرۇش كىرەك، شۇ يەرگە بېرىڭلار » دىمەيمىز. بۇ پائالىيەت مەيلى نەدىلا بولسا بۇلىۋىرىدۇ. ئەمما بىرلىك ئاساسىدا، ھامكارلىق ئاساسىدا ئېلىپ بارغان ياخشى. بىلىكمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ. UKIJ مۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا bilikۋە UKIJ مۇ سىللەرنىڭ ھەم بىزنىڭ.
بۇ ئىش چۇقۇم ئېلىپ بېرىلىشى كىرەك ئىدى. ھىلىمۇ كىچىكىپ كەتتى. بۇ تۈرلەر UKIJ نىڭ پىلانىدا بار ئىدى. ئەمما قىلىدىغانغا ،تەشكىللەيدىغانغا ئادەم يوق...تۇپا بېسىپ قالغان ئىدى. ھىلىھەم بولسىمۇ بىلىكتە داۋام قىلساق كىرەك يوق.
بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرىش ھەركىتىنى قوزغىغان بۈركۈت ئەپەندىمگە UKIJ نامىدىن رەھمەت. سىللەردەك قېرىنداشلىرىمىز بولغاچ ئۇيغۇر كومپىيۇتىرچىلىقىمىز ياخشى مەنزىلگە قاراپ كىتىۋاتىدۇ، ئاللاھ خالىسا بىرلىك ھەم ئۇيۇشقاقلىق دائىم بىزگە ھەمرا بولغاي. ئىشلىرىمىز روياپقا چىققاي.
بۈركۈت ئەپەندىمگە بىرتەكلىپ،
بۇ ئىشنى داۋاملىق ھالدا توختاپ قالماي ئېلىپ بارساق.
بۇنىڭ ئۈچۈن بۈركۈت ئەپەندىمنىڭ باش تەشكىللىگۈچىسى بۇلۇش تەكلىپىنى بىرىمەن.
ئومۇمىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ كۆزدىن كەچۈرۈپ ، ئومۇمىي پىلانغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ بەرسە. FinalFantasy ئەپەندىمنىڭ تۈۋەندىكى خىزمەتنى تۇلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلسا يەنى ئىش بېشى بۇلۇپ بەرسە.
ئاخىردا بۇ ئىشلار پۈتكەندىن كىيىنبۈركۈت ئەپەندىمنىڭ UKIJ نامىدىن ئېلخەت تەييارلارپ گوگىل بىلەن ئالاقە باغلىشىنى، شۇنداقلا تەلەپ پىكىرلەرنى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئوتتۇرغا قۇيۇيىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن تەلەپ قىلىمەن. مىنىڭچە بۇ UKIJدىكىلەرنىڭمۇ سەمىمىي تەكلىپى دەپ قارايمەن.
بۇنداق دىسەم UKIJ تەييار نەتىجىگە ئىرىشمەكچىمۇ دەپ قارىماسلىقىڭلارنى ، گوگىلغا بىرىلىدىغا تەكلىپ ۋە پىكىرنىڭ مەلۇم جەمىيەت ياكى مۇشۇنداق تەشكىلچانلىققا ئىگە ئۇرۇندىن بىرىلسە ئۈنۈمىنىڭ بىرئاز ياخشى بۇلىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ كۆرسەك.
ئەلۋەتتە بۇ كىيىنكى مەسىلە. بۇ يەردە سەن قىلدىڭ، مەن قىلىشىم كىرەك دەيدىغان قاراش ۋە ئىش يوق! بۇنى دوسلارنىڭ چۈشۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. شۇنداقلا بۇ ئىشنىڭ بالدۇراق ،ئۇڭۇشلۇق تاماملىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن : UKIJ تەشۋىقات بۈلۈمىدىن :
ئەلتېكىن
[url]www.ukij.org[/url]
[url]www.ukij.org/munber/[/url]
[/color]



Saqal
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 11:24 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Saqal » سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 7:38 pm

گوگىلنىڭ ئۇيغۇرچىسى لاتىنچە ھەرىپلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن پېتى تۇرۇپ تۇرسۇن. بولسا ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرەيلى. ئەگەر گوگىل ئىككى خىل يېزىقتىكى تەرجىمىنى ئايرىم-ئايرىم قويۇشقا قوشۇلسا، ئۇنى ئەرەب يېزىغى ئاساسىدىكى يېزىقىمىزغا ئايلاندۇرۇش بىردەملىك ئىش.ئايلاندۇرۇپ،يوللاپ بەرسەكلا بولىدۇ.قوشۇلمىسا، ھازىرقى لاتىنچە پېتى تۇرۇپ تۇرسۇن.گوگىلدىن خەۋەر يوق، ھازىر ئۇنى ئەرەب يېزىغى بويىچە قايتا يېزىپ چىقىمىز( 98 پىرسەنت ULY دا پۈتۈپ بولغان،شۇنداقمۇ ؟) دىسەك، بۇ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشتىن باشقا ئىش ئەمەس.

بىر نەرسە ئېسىمىزدە بولسۇن. ئۇيغۇر كومپيۇتىر ئىلىمى جەمئىيتىنىڭ تارقاتقان دىتاللىرى،مۇشۇ يەردىكى ئەزالار،ياكى ئەزا ئەمەسلەر تەرجىمە قىلىپ تارقىتىۋاتقان دىتاللارنىڭ ھەممىسىگە ئەرەبچە ئاساسدىكى ئۇيغۇر يېزىغى ئىشلىتىۋاتىدۇ.UKIJ قۇرۇلۇشىنىڭ بىر سەۋەبى ھەم شۇنداق دىتاللارنى تەرەققى قىلدۇرۇش.ئەگەر لاتىنچە ھەرىپ ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، بۇنداق بىر جەمئىيەتمۇ قۇرۇلمىغان بولاتتى. ئەمما بۇ جەمئىيەتنى نوقۇل ھالدا ئەرەب يېزىغى ئاساسىدىكى دىتاللارنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ-دىسەك ھەم بولمايدۇ.بىر شەخىس بولماي، بىر جەمئىيەت بولۇشنىڭ مەنىسى ھەم كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاش. بىزدىكى كۆپ قىسىملار ئۇيغۇر تىلىنى قولاي بولمىغان ئورۇنلاردا لاتىنچە ھەرىپ ئارقىلىق ئىپادىلەشكە قوشۇلغان ئىكەن،شۇنى ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك.

گوگىل تورىدا ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش، دەل ئاشۇنداق قولاي بولمىغان ئورۇن ھىساپلىنىدۇ،ھىچ بولمىسا ھازىرچە.شۇڭا لاتىنچە ھەرىپ ئىشلىتىش خاتا ئەمەس.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » سەيشەنبە دېكابىر 25, 2007 6:10 pm

سالام بۈركۈت ئەپەندىم،

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىغا ھارماي كۈچ چىقىرىۋاتقىنىڭىزغا رەھمەت.

[quote]UKIJ سىز قەيەردە؟[/quote]

قارىغاندە بۇ يەردە ئۇقۇم چۈشىنىشمەسلىك مەسىلىسى باردەك قىلىدۇ. UKIJ بىر ئادەم ئەمەس. UKIJ = سىز + مەن+ باشقىلار. تەپسىلاتىنى [url=http://www.ukij.org/html/nizam.htm]بۇ يەردىن كۆرۈڭ[/url].

ئەلتېكىن ئەپەندى ئېيتقاندەك، بۇ تۈر مەيلى كىم، قايسى تور بېكەت ياكى قايسى ئورۇن تەرىپىدىن ئىشلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر، نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشسا ھەممىمىز غەلبە قىلغان بولىمىز. شەخسەن مەن Google نى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان ھەم ۋاقىت يار بەرسە داۋاملىق قاتنىشىشىم مۇمكىن.

جەمئىيىتىمىز توغرىسىدا تەنقىدىي پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. نۆۋەتتە UKIJ گە تەكلىپ پىكىر بېرىۋاتقانلار كۆپ، ئەمما ئەشۇ تەكلىپنى ئۆزىدىن باشلاپ ئورۇنداشقا تىرىشىدىغانلار ئاز بولىۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىيەتنى تۈزەش توغرىسىدا مەن ئايرىم تېما شەخسىي پىكىرىمنى يازىمەن. يەنە باشقا پىكىرلەر بولسا داۋاملىق قارشى ئالىمىز.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار