مۇنبەر نەشرى كۆتۈرۈلمەمدۇ ؟

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
uysun
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئۆكتەبىر 27, 2007 11:58 am
ئالاقىلىشىش:

مۇنبەر نەشرى كۆتۈرۈلمەمدۇ ؟

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uysun » يەكشەنبە مارت 09, 2008 4:44 am

ئەسسالام ukij ئەھلى ، مەن كومپيۇتىر دىگەن نەرسىنى تۇنۇغىلى نەچچە يىللا بولدى . يۇنىكود ۋە فونتنى بىلگىلىمۇ ئەمدى بىر يىل بولدى خالاس . .. .

گەرچە باشقا ئىش قۇلۇمدىن كەلمىسىمۇ تورغا قىزىقىپ ئۇنى-بۇنى مىدىرلىتىپ باقتىم . ھەممىمىز بىلىمىز ، بۇ مۇنبەر سېستىمىسىنى bilik تورى ھەقسىز تەمىنلىگەن . ئەينى ۋاقىتتا سېتىشقا 350 يۈەن باھا چىقىرىپ قۇيۇلۇپتىكەن . مەن ھەقسىز تارقاتقان تۈۋەن نەشرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتەي دەپمۇ ئىشلىتەلمىگەن .

ئەمما شۇنىڭدىن كىيىن ئۆگۈنۈپ ئازراق چۈشەنگۈدەك بولدۇم . شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ مۇنبەر سېستىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنى (php نۇسخىسى 20080904 نەشرى . ئۇنىڭدىن كىيىن تېخى يىڭىلانمىدى . مانا ئاز كەم يېرىم يىل بولدى .) ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باقتىم . دۆلەت بايرىمىدا ئازاسەن تۈگەتكەن . قىشلىق تەتىلدە يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ چىقتىم . ئەمما تەرجىمە قىلىپ بۇلۇپ تاشلىۋىتىشنىڭ ئورنى بولمىدى . بىكەت قۇراي دىسەم تور بىكەتنىڭ جىقلىقىدا قايسى بىرسىگە يىتىشكۈلۈك . ئوخشاش مەزمۇندىكى بىكەتلەردىن ئۆزۈممۇ زىرىككەندىكى يەنە بىرنى كۈپەيتكۇم كەلمىدى . . .. پەقەت قۇلايلىق بۇلۇش ئۈچۈن نامغا ئۇلاپ ماتىرىيال ۋە مۇھىم ماقالىلەرنى توپلاۋاتىمەن . ئەلۋەتتە تىزىملىتىپ كىرىپ بىلوگىنى ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ بار . . .. .

بۇلارنى دىيىشىم تەشۋىق قىلىش ئەمەس . پەقەت مەن شۇنداق بىر ئىشنى سۈرۈشتۈرۈپ باقماقچى :

uyghur computer ilmi Jamiyiti دەپ ئاتالغان بۇ جەمىئىتىمىزنىڭ بۇ مۇنبەر نەشرى نىمىشقا ئۆستۈرىلمەيدۇ ؟ يا بولمىسا بۇ بىكەت سېستىمىسى بەك مۇكەممەل ، يېڭىلاشقا كۆز قىيمايۋاتىدۇ . بىر بولسا يىڭىلاپ بېرىدىغان ئادەم يوق . . . . . . .

ئەلۋەتتە ، مەن ئالدىراپ خاتا گەپ قىلىپ سالغان بولسام كەچۈرۈڭلار . . .

بۇ تمىنى يوللاشتىن مەقسىتىم : ناۋادا بۇ مۇنبەرنى يىڭىلىغىلى بولسا ، تەمىنلەيدىغان ئادەم بولسا يېڭى نەشرىنى ئىشلەتسەك . ناۋادا تېپىلمىسا ، مەن تەمىنلەي . ئەلۋەتتە سىلەرگە يارىسا .. . . . .

(بۇ ئىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە غۇلغۇلا قىلماڭ . مەقسەت بىرلا : نەشىر يۇقىرىلىتىپ ، ياخشىسىنى ئىشلىتىش . )



uysun
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئۆكتەبىر 27, 2007 11:58 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uysun » يەكشەنبە مارت 09, 2008 4:48 am

[url]http://www.uysun.cn/bbs[/url] ئادرىسىنى يېزىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . كۆرۈپ بېقىڭلار .

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » يەكشەنبە مارت 09, 2008 7:17 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
UKIJ ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت.
[quote]uyghur computer ilmi Jamiyiti دەپ ئاتالغان بۇ جەمىئىتىمىزنىڭ بۇ مۇنبەر نەشرى نىمىشقا ئۆستۈرىلمەيدۇ ؟ يا بولمىسا بۇ بىكەت سېستىمىسى بەك مۇكەممەل ، يېڭىلاشقا كۆز قىيمايۋاتىدۇ . بىر بولسا يىڭىلاپ بېرىدىغان ئادەم يوق . . . . . . .[/quote]
UKIJ نىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا كىرۋاتقان ئادەم سانى ( زىيارەتچىلەر) كۆپرەك بولسىمۇ ئەمما ئەمەلىي نەپ تىگىدىغان تېما ۋە ئىنكاسلارنى يازىدىغانلار تۇلىمۇ ئاز. يېڭى تېمىلارنىڭ يوللىنىشىمۇ ھەم ئاستا. جەمىيەت باشقائونۋېرسال توربىكەتلەردىن تامامەن پەرىقلىنىدۇ ئەلۋەتتە.
سىزنىڭ تەكلىۋىڭىز ئۇرۇنلۇق.

مىنىڭچە نەشىرنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ھەققىدە كۆپچىلىك ئويلىنىپ بېقىپ بىر نەرسە دىسە. ئۇندىن باشقا ھازىر AlpSoft ئەپەندىم UKIJ TuzTom نىڭ يىڭى،تۈزۈتۈلگەن نەشىرىنى تارقىتىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. مىنىڭچە فونىت نى شۇ فونىتقا توغۇرلىغان ئاساستا بىر ئىش قىساق.

ھازىرچە ئاساسلىق مەسىلە كەڭ تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇردىغان ماقالە، تەجرىبە ۋە پىلان-خىزمەتلەر مۇھىم. مۈمكىن بولسا تورداشلار مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە UKIJ غا قىزغىن ئىشتىراك قىلسا دىگەن ئۈمۈدتەمەن.
ھۆرمەت بىلەن: ئەلتېكىن.

kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » دۈيشەنبە مارت 10, 2008 9:44 am

مەنمۇ ھەيران قالغانىدىم ، نېمىشقا باشقا مۇنبەرلەردەك UKIJ غا كىرىپ تېما يوللايدىغانلار ئاز ، ئىنكاس يازىدىغانلارمۇ ئاز . مەن مۇشۇ ئىشلارنى ھېچ بىلىپ بولالمىدىم . بۇ بېكەتنىمۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمى جەمىئىيتى دېگەن ئىسىمغا مۇۋاپىق ياخشىراق باشقۇرۇپ ئوبدان تەرەققىي قىلدۇرساق بولمامدۇ . مېنىڭچە بۇ بېكەتكە كىرىۋاتقان دائىمىي ئەزالار ۋە ئادەتتىكى ئەزالار ئانچە كۆپ ئەمەس ئوخشايدۇ . ئەگەر كۆپ بولغان بولسا نېمىشقا بىلىك ، ئىنتىلدەك بىرەر ئېسل تېمىلا يوللانمايدۇ . ياكى يوللايدىغانلار يوقمۇ ؟

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: kulke0997 ، ۋاقتى: 2008-3-10 15:46 [/i]]

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » يەكشەنبە ماي 04, 2008 4:55 pm

ئۇيسۇن ئەپەندىمگە:
دەرھال مەن بىلەن ياكى پەرھات_ك ئەپەندىم بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىڭىز.
QQ: 123188023

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار