ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى قايتا قۇرۇلدى

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى قايتا قۇرۇلدى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » يەكشەنبە ئىيۇل 27, 2008 4:59 pm

تورداشلارنىڭ خەۋىرىدە بار ئالدىنقى قېتىم ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تورى([url]www.uytarjima.cn[/url]) قۇرۇلغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى. ئەمما يېقىنقىدا بىر قانچە ئايدا مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن بۇ بېكەت توختاپ قالغانىدى. ۋاقىتنىڭ قىسلىقى ۋە بەزى خىزمەت ئىشلىرىمنىڭ كۆپلىكى بىلەن بۇ بېكەت قايتا ئېچىلمىغانىدى. مانا ھازىر سەل بىكار بولغانىدىم قايتىدىن بوشلۇق ۋە ئىسىم ئېلىپ بۇ بېكەتنى قۇرۇپ چىقتىم(گۇرۇپتىكى باللار بىلەن بىرلىكتە). ھازىرقى ئادرېسى:[url]www.uyterjime.com[/url]

بۇ بېكەتكە مەخسۇس بىلىك - ئىنتىل تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىمىز تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر ، تۈرمىدىن قېچىش فىلىمى يوللىنىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تەرجىمە قىلىنماقچى بولغان ۋە تەرجىمىسى پۈتكەن فىلىملەر ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بىر فىلىمنىڭ تەكرار ئۇقۇشماي تەرجىمە قىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بېكەتتە بارلىق ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنىڭ ئارخىپىمۇ قوشۇلدى.

يېڭىدىن فىلىم تەرجىمە قىلىشنى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس سۈرەتلىك تەرجىمە فىلىم قىلىشنى ئۆگىتىش دەرسلىكى تەييارلاندى.

بۇنىڭدىن بۇرۇنقى كونا-يېڭى بارلىق ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر [url]www.uyterjime.com[/url] تورىدا بار . خالىغاندا كىرىپ چۈشۈرەلەيسىز. بۇ تور بەتتىكى فىلىملەرنىڭ چۈشۈرۈش ئورنى بىلقۇت شىركىتى تەمىنلىگەن يۇقىرى سۈرەتلىك بوشلۇققا قويۇلغان بولۇپ سۈرئىتى تېز . بىلىك ، ئىنتىل ۋە بىلقۇت تور بېكەتلىرىگە كىرىپ بىرەر خەتلىك فىلىمنى تاپالمىسىڭىز [url]www.uyterjime.com[/url] غا كىرسىڭىز بۇ يەردىن تاپالايسىز... باشقا ئاۋازلىق ۋە خەنزۇچە فىلىملەر بىردەك يوللانمايدۇ ... مەخسۇس خەتلىك فىلىم يوللىنىدۇ. شۇڭا دوستلارغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بۇ تور بەتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتۇق. شۇڭا تور بېتى بار تورداشلارنىڭ بېكىتىمىزنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمىز.

تور بەتنىڭ ئۇسلۇبى 青岛设计工作室 دىن ئېلىنغان...

بېكەت تۇغ ئادرېسى : [img]http://www.uyterjime.com/logo.gif[/img]

[img]http://www.uyterjime.com/logo.gif[/img]

كىرىش ئادرېسى:[url]http://www.uyterjime.com[/url]

بېكىتىمىزنى بېكىتىڭىزگە ئۇلىنىش قوشۇشقا ئۇنتۇپ قالماڭ!!!!!!



Erdewil
يازمىلار: 27
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئۆكتەبىر 06, 2007 2:58 pm
ئالاقىلىشىش:

جاپاغا چىدىدىڭلار، ئاپرىن!

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil » پەيشەنبە ئىيۇل 31, 2008 1:47 am

مۇبارەك بولسۇن، مەنمۇ شۇ تورنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىم بىلەن سىلەرنى قاتتىق قوللايمەن....
ئانا يېزىقنىڭ ھۆرمىتىنى مەڭگۈ قىلغۇم كىلور!

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Erdewil ، ۋاقتى: 2008-7-31 07:48 [/i]]

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 04, 2008 11:23 am

بەك ياخشى بوپتۇ. ئۇيغۇر يىزىقى چىقىدىغان فىلىملەرنى كۈرۈش مەن ئۈچۈن بەك ھۇزۇر تۇيۇلىدۇ.
ھارمىغايسىلەر.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار