نۇرقۇت ئەتىرىتى ئەزا قۇبۇل قىلىدۇ

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

نۇرقۇت ئەتىرىتى ئەزا قۇبۇل قىلىدۇ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » شەنبە نويابىر 01, 2008 7:28 am

[color=Blue][size=5][align=center]نۇرقۇت ئەتىرىتى ئەزا قۇبۇل قىلىدۇ[/align][/size][/color]

ئۇيغۇر توربەتچىلىكى ۋە كومپيۇتېرچىلىغا خالىسانە تۆھپە قۇشۇش ۋە ئۆزىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان نۇرقۇت ئەترىتى يېڭىدىن ئەزا قۇبۇل قىلىدۇ . ئەترەتنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى بىر قىسىم پروگىراممىلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ، تارقىتىش ؛ كومپىيۇتېر پروگىرامما تىللىرى ،توربەت بېلىملىرى ۋە باشقا تېخنىكىلار ھەققىدە مۇنازىرىلىشىش ، كۇرۇس ئۇرۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلار . ئەترىتىمىز قەرەلسىز ھالدا ھەرخىل مەزمۇندىكى كۇرۇس ۋە پائالىيەتلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ . نۇرقۇت ئەترىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە Discuz! , DIY-Page , UCenter , Supesite قاتارلىق توربېكەت پروگىراممىلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلەتتى ھەم ھەقسىز تارقاتتى . DVBBSنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇندى . ... ئەمما بۇ نەتىجىلەر يىتەرلىك ئەمەس .[color=RoyalBlue] ئىتتىپاقلىق _كۈچ ! بىرلەشكەن ئۇزار ، بىرلەشمىگەن تۇزار ![/color] شۇئارى ئاستىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن ،بۇ خالىسانە ھەرىكەتنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن نۇرقۇت ئەترىتى ئەزا قۇبۇل قىلىدۇ .
ئىسىڭىزدە بولسۇن گۇرۇپپىمىز خالىسانە تۆھپە قوشىدىغان ئاۋانگارتلاردىن تەشكىللەنگەن . تەييارلانغان ۋە تارقىتىلغان پروگىراممىلار بىردەك ئەترەت نامىدا تارقىتىلىدۇ .پروگىرامما بىلىملىرى ۋە دەرسلىكلەر ،شۇنداقلا كۇرۇسلار ئەترەت نامىدا ئېچىلىدۇ ۋە كېڭەيتىلىدۇ . ئەترەت تورىنىڭ باش بېتىگە ئەترەت ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرى چىقىرىلىدۇ . سىزمۇ ئۇيغۇر توربېكەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا بىركىشىلىك تۆھپىڭىزنى قوشالايسىز. نۇرقۇت ئەترىتى ھەرگىزمۇ بىر شەخىسنىڭ مۈلكى ياكى شەخسىي نامى ئەمەس ، ھەم بىرلا توبېكەتنىڭ نامى ئەمەس ، نۇرقۇت دۇنياسى پەقەت نۇرقۇت ئەترىتىنىڭ پائالىيەت سورۇنى . ئۇيغۇر توربەتچىلىكى ۋە كومپىيۇتېرچىلىنىڭ گۈللىنىشىگە خالىسانە تۆھپە قوشقان ، قوشالايدىغان ۋە قوشماقچى بولىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى خالىسىلا نۇرقۇت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ! . ..

ئەترەتكە تىزىملاتقانلارغا قارىتا ئاۋۋال قىسقا مەزگىللىك تەربىيەلەش كۇرۇسى ئېچىلىدۇ . ئەترەتكە قۇشۇلۇش ئارزۇيىڭىز ۋە ئىرادىڭىز بولسىلا باشقا ئىشلاردىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .

[color=Blue]نۇرقۇت ئەترىتىنىڭ قۇرۇلمىسى :[/color]
1. نۇرقۇت باشقۇرۇش ئەترىتى(ئەترەت تورىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ)
2. نۇرقۇت ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئەترىتى(پروگىرامما ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ)
3. نۇرقۇت ئۇستازلار ئەترىتى (دەرسلىك تەييارلاش ۋە كۇرس ئېچىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ)
4. نۇرقۇت ھەمكارلىق ئەترىتى(تاشقى مۇناسىۋەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ)
5. نۇرقۇت تەشۋىقات ئەترىتى(تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ)
6. نۇرقۇت ئېچىش ئەترىتى (پروگىرامما،سىستېما لاھىيەلەش ئەترىتى)

قېنى كىلىڭ ! سىزمۇ بىزنىڭ سېپىمىزگە قۇشۇلۇڭ! ئۆزىڭىز خالىغان كىچىك ئەترەتكە قاتناشسىڭىز بولىدۇ .سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ تۆھپىسىنى قوشالايسىز . ..
[color=Red]نۇرقۇت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە قۇيۇلىدىغان شەرتلەر :[/color]

[color=RoyalBlue]ئەترەت ئەزالىرى بەھرىمەن بۇلىدىغان ھوقۇقلار :[/color]
1. نۇرقۇت ئەترىتىنىڭ تورى NurQut.com دا ئەترەت ئەزالىرى ئالاھىدە نامىدىن بەھرىمەن بولىدۇ .
2. ئەترەت تورىدا ھەرقانداق ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ .
3. تەييارلانغا پروگىراممىلاردىن ئالدىن بەھرىمەن بولىدۇ .
4. بېكەتكە يوللانغان نەرسىلەردىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ .
5. بېكىتىمىزدىكى تەربىيەلەش كۇرۇسلىرىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ .
6. باشقا ئەترەت ئەزالارىنىڭ خالىسانە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ .
7. تەۋسىيە قىلغان بىر ئۇلىنىش بېكەتتە ئالاھىدە تەۋسىيە ئورۇنىدىن ئورۇن ئالىدۇ .

[color=RoyalBlue]ئەترەت ئەزالىرىغا قۇيۇلىدىغان شەرتلەر :[/color]
1. خالىسانە تۆھپە قوشالايدىغان بولىشىڭىز كېرەك .
2. ئەترەت نامىغا داغ يەتكۈزىدىغان يامان غەرەزلىك ئىش-ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقىڭىز كېرەك .
3. ئەترەت ئىچىدە تەقسىم قىلىنغان ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىڭىز كېرەك .
4. باشقا شەرتلەر ئەترەت ئەزالىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىلىدۇ .

[color=Red]تىزىملىتىش ئۇسۇلى :[/color]
[url=http://www.nurqut.com/ud]http://www.nurqut.com/ud[/url] غا ئۆزىڭىز ئەترەت ئىچىدە ئىشلەتمەكچى بولغان نام بىلەن تىزىملىتىسىز .
بېكەت باشلىقى،يەنى نۇرقۇت ئەترىتىنىڭ بەرپاچىسى uyghur ئەپەندىمگە ئۇچۇر يوللايسىز .ئۇچۇر مەزمۇندا ئىلخەت ، QQ ,MSN قاتارلىق ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئىنىق يېزىڭ .
دائىم ئىشلىتىدىغان ئىلخەت ئارقىلىق [email=Nurqut@gmail.com]Nurqut@gmail.com[/email] غا يۇقارقى ئۇچۇرنى ئەۋەتىڭ .(بۇ ئىلخەتنى دەلىلەش ئۈچۈن)

تىزىملىتىش ۋاقتى : 2008-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2008-يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە
ئالاقىلاشقۇچى :FinalDream QQ:270806307

قۇشۇمچە : ئەترەتكە قۇبۇل قىلىدىغانلارنىڭ سانى چەكلىك ، ئادەم كۆپ ئىش ئۈنۈمى تۈۋەن بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىزىملاتقانلار ئىچىدىن ھەقىقىي قىزغىنلىقى بارلار تاللىنىدۇ . ھېچبىر سەۋەبسىزلا ئەترەت بەلگىلىمىسى ۋە شەرتلىرىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز ئەترەت ئەزالىق سالاھىيتىڭىز ئۆزلىكىدىن بېكار بولىدۇ .
[align=left][color=Red][size=5]
ھۆرمەت بىلەن : نۇرقۇت ئەترىتى
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى[/size][/color][/align]



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار