UKI ئۈچۈن ئەمدى نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

UKI ئۈچۈن ئەمدى نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 5:35 pm

UKI ئۈچۈن ئەمدى نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟
كۆپچىلىك بەلكىم نىمە ئۈچۈن UKIJدەپ ئېلىنماي UKI دەپ ئېلىنغاندۇ دەپ ھەيران قىېلىشى مۇمكىن.
UKI = ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى
ھەش-پەش دىگۈچە بىر يىل ئۈتۈپ كەتتى. UKIJ تورى نۇرمال زىيارەت قىلىش ئەسلىگە كەلگەندىن بىرى قىسقىسى تور ئەسلىگە كەلگەندىن بىرى زور كۆپچىل كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى تۇلىمۇ ئىھتىياتچان ۋە سەزگۈر بۇلۇپ كەتتى. ھەتتا تورغا چىقىشتىنمۇ ئىھتىيات قىلىدىغان بۇلۇپ قالدى.
ئەلۋەتتە، ئۇلارنى توغرا چۈشەنمەي بولمايدۇ. بىز ھەممەيلەن تۇرمۇش، ھاياتلىق ۋە بەخىت كە ئىھتىياجلىق.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تور ئەسلىگە كەلگەندىن بىرى UKIJ نىڭ نۇرمال ئېچىلغانلىقى نۇرغۇن تورداشلارنى خۇشال قىلدى. بۇ يەر ئىلمىي ئەمگەك باغچىسى. ھەرگىزمۇ ئىجتىمايى مەسىللەرنى ھەل قىلىدىغان ئۇرۇن ئەمەس. ھەم بۇندىن كىيىنمۇ مۇلاھىزە قىلىنمايدۇ!
تور بىكەت ئەزالىرى يوللىغان تېمىلار ۋە ئىنكاسلار يەنىلا باشقۇرغۇچىلار تەرپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەستىقلىنىدۇ. بىز دۆلەتنىڭ قانۇن-پەرمانلىرىغا بوي سۇنىمىز ھەم ھىمايە قىلىمىز. قىزىل بايراق ئاستىدا ئۆز مىللىتىمىزنىڭ كومپىيۇتېر ئىشلىرى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ كۈچ چىقىرالىساق ئۈزىمىزنىڭ ھاياتىنىڭ مىللەت تىل-يېزىقى ئۈچۈن ۋە ITئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قۇشىۋاتىمىز دەپ ھىسابلىيالايمىز.


كەڭ تورداشلارنىڭ بۇندىن كىيىن UKIJ ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ كۈچ چىقىرىشىنى، Windows، Linuxقاتارلىق مەشغۇلات سىتىمىلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشنى، ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئىتىشىنى، شۇ ئارقىلىق يۇلۇققان قىيىنچىلىقلارنى كومپىيۇتىر ئۇستىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىشنى، بىلىم بىرىشنى ھەم ئېلىشنى ئۈمۈد قىلىمىز.

ئۇنداقتا UKI ئۈچۈن ئەمدى نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟
UKIJ كومپىيۇتىر ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
سىز بۇ تور بىكەتكە كەلگەن ئىكەنسىز قۇرۇق قول چىقىپ كىتىشتىن خىجىل بۇلۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز. ھېچ بولمىسا ئۈزىڭىز بۇرۇن ھەل قىلغان كومپيۇتېر بىلىمىڭىزنى يوللاپ قۇيۇڭ، يېڭى كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى بىلىۋالسۇن، سىزگە كىرەكلىك بىلىم چىقىپ قالسا رەھمەت دەپ قۇيۇڭ.
قىسقىسى بىر دانە ئىلمىي بىلىم بولسىمۇ تەمىنلەڭ. تاما-تاما كۆل تۇلار دىگەن ھېكىمەت بارغۇ.

UKI ( ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى ) ئۈچۈن بىلىدىغىنىمىزنى ئايىمايلى!



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار