[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • سەھىپە قۇرۇلمىسى ۋە باشقۇرغۇچىلار توغرىسىدا
جەمئىي2 بەتنىڭ 1 - سى

سەھىپە قۇرۇلمىسى ۋە باشقۇرغۇچىلار توغرىسىدا

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 1:16 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Alyar
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

كونا مۇنبەر ئاساسىدا ھەر قايسى سەھىپىلەر ۋە سەھىپە باشقۇرغۇچىلار تەسىس قىلىندى.
يەنە باشقا سەھىپە قۇرۇشقا ياكى سەھىپە باشقۇرغۇچىلىققا قارىتا دائىر پىكىر-تەكلىپلەر بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللانسا بولىدۇ.

سەھىپە باشقۇرغۇچىلىق ھازىرچە تىزىملانغان دائىمىي ئەزالارغا تەقسىملەندى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتچان بولىشىنى ۋە مەسئولىيىتىنى تۇلۇق ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەكلىپ

يېزىلغان: چارشەنبە ئاپرىل 11, 2007 4:44 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz
ئالدى بىلەن يېڭى مۇنبەرنىڭ پۈتۈپ چىققانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن
يېڭى مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ تېزلەشكەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ قولايلىق ياراتقىدەك، بولسا مۇشۇ ھالەت داۋاملىق ساقلانسا.
سەھىپىلەر ھازىرچە ناھايىتى مۇۋاپىق تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئورۇنلاشتۇرىشىنى ئازراق ئۆزگەرتسەكمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. يەنى:
1. سەھىپە تەرتىپى UKIJ تۈرلىرى ـــ كومپىيۇتېر دۇنياسى ـــ ئىلمىي ئەمگەك ــــ UKIJ ئورگىنى تەرتىپىدە بولسا، چۈنكى UKIJ ئورگىنىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى UKIJ ئەزالىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، UKIJ ئەزالىرىغا بەت يۈزىنى پەسكە تارتىپ كۆرۈش ئانچە ئېغىر كەلمەس دەپ ئويلايمەن، ئەمدى UKIJ تۈرلىرى بولسا UKIJ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلەرنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭغا قىزىققۇچىلار ۋە تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئۈستىدە كۆرۈنۈپ تۇرسا. كومپىيۇتېر دۇنياسى بولسا UKIJ مۇنبىرىگە ئەزا بولىدىغان ئادەتتىكى ئەزالار ئەڭ كۆپ كۆرىدىغان بىر سەھىپە بولۇپ قېلىشى مۈمكىن، شۇڭا بۇ سەھىپە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرسا، UKIJ مۇنبىرىدىن پايدىلىنىدىغانلارغا قولايلىق يارىتىلسا. UKIJ نىڭ ئوبرازىغا پايدىسى بولارمىكىن دەيمەن.
2. سەھىپىلەرنىڭ چۈشەندۈرىلىشى: قارىسام UKIJ ئورگىنىدىكى 3 تارماق سەھىپىگە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش يېزىلىپتۇ، ئەگەر مۈمكىن بولغىنىدا ھەرقايسى سەھىپىلەر ۋە تارماق سەھىپىلەرنىڭ ئاستىغىمۇ قىسقىچە قىلىپ قانداق ئەسەر يوللىنىدىغانلىقى ۋە قانداق ئىشلار قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش يېزىلىپ قويۇلسا، چۈنكى تور بەت باشقۇرىۋاتقان ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك بىزنىڭ تورغا چىقىدىغان ئادەملىرىمىزنىڭ سەۋىيىسىگە بىرنىمە دەپ بولمايدۇ، ئۇلار تور بەتنىڭ خاراكتېرى ۋە سەھىپىلەرنى ئويلاشمايلا ئېسىگە كەلگەن تېمىلارنى يوللايدىغان ئادەملەرمۇ يوق ئەمەس، مەسىلەن: ئىلمىي ئەمگەك سەھىپىسىدىكى ماقالىلار، تەتقىقاتلار دىگەن تارماق سەھىپىگە قانداق مەزمۇندىكى ماقالە ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ياكى يوللانسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئەسكەرتىپ چۈشەندۈرۈش يېزىپ قويۇلسا، بولمىسا ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ماقالا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يوللىغىلى تۇرسا ئۇ چاغدا UKIJ مۇنبىرى بىلەن باشقا مۇنبەرلەرنىڭ پەرقىنى ئايرىغىلى بولمايدۇ.
3. كومپىيۇتېر دۇنياسى سەھىپىسىگە يولللىنىدىغان ئەسەرلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە بىلىك، ئىنتىل، UYGHURDEW، ئۇيغۇر پىروگىرامما ھەۋەسكارلىرى تور بەتلىرىدىكى سىناقتىن ئۆتۈپ جەۋھەرلەنگەن، رەسمىي ئىشلىتىلىپ سىناقتىن ئۆتكەن، تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى كۆچۈرۈپ يوللاپ مۇنبەر مەزمۇنىنى بېيىتىپ مۇنبەرنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرساق، ئاندىن مۇشۇ كومپىيۇتېر دۇنياسى سەھىپىسىگە قويۇلىدىغان باشقۇرغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، تەستىقلاش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يوللانغان ھەرقانداق تېمىنى باشقۇرغۇچىلار سىناق قىلىپ، ھىچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەن، ھەم ئەمەلىي ئىشلىتىش ئۈنۈمى بارلىقى ئىسپاتلانغان تېمىلارنى تەستىقلاپ، UKIJ تور بېتىدە ھەرقانداق ئىشەنچسىز يۇمتال، سىناقتىن ئۆتمىگەن تېمىلارنىڭ چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالساق، ئەگەر تورداشلار UKIJ تور بېتىدە يوللانغان تېمىلار بويىچە ئىشلەپ ياكى UKIJ دىكى تېمىلاردا يوللانغان يۇمتاللارنى ئىشلىتىپ زىيان كۆرۈلسە UKIJ نىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىپ قېلىشى مۈمكىن، ئەگەر بۇ سەھىپىنى باشقۇرۇشقا UKIJ دائىمىي ئەزالىرى ئاز كېلىپ قالسا، بىلىك، ئىنتىل، پىروگىرامما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى ۋە UYGHURDEW تور بەتلىرىدىكى مەسئۇلىيەتچان، ئىشەنچلىك باشقۇرغۇچىلارنى تاللاپ تولۇقلىساق. ئىشقىلىپ بۇ سەھىپىدىكى يوللانمىلارنىڭ ئىشەنچلىك ۋە بىخەتەرلىك دەرىجىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلساق.
4. يۇمتال چۈشۈرۈش سەھىپىسىگە يالغۇز UKIJئەزالىرى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان دېتاللارنى قويۇشتىن باشقا يەنە، ئىشەنچلىك، قوللىنىشچان دېتاللارنى قويۇپ بۇ سەھىپىنى بېيىتساق، ئەگەر كىچىك تىپتىكى Unecode نى قوللايدىغان دېتاللار بولسا، تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ دېتاللارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى قويساق.
5. توربەتلەردىن جەۋھەرلەر دىگەن بىر چوڭ سەھىپە تەسىس قىلىپ، ساھەلەر بويىچە ھەرقايسى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان ياكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ، ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللانغان، جەمىيەتتە زور تەسىر قوزغىغان ئەسەرلەرنى يوللاپ، ئەڭ نادىر ئەسەرلەردىن UKIJ مۇنبىرىدە بەھىر ئالىدىغان قىلساق.
ھازىرچە ئېسىمگە كەلگەنلىرى مۇشۇنچىلىك، بۇ مۇۋاپىقمۇ ئەمەسمۇ، مۇدىرىيەتتىكىلەر ئويلىشىپ بىرنىمە دىسە. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم UKIJ تور بېتىدىن UKIJ دائىمى ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان [email]xxx@ukij.org[/email] نامىدىكى ئېلخەت ئادرېسى بېرىش تېزرەك ئەمەلىيلەشسە. ھەم UKIJ نىڭ ئالاقە ئىشلىرى مۇشۇ ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلسا، مۈمكىن بولغىنىدا بۇ ئېلخەت ئادرېسىغا يۇلغۇننىڭ ئۇيغۇرچە ئېلخەت سېستىمىسىنى ئىشلىتىلسە.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Yawuz ، ۋاقتى: 2007-4-11 22:59 [/i]]

تولۇقلىما

يېزىلغان: چارشەنبە ئاپرىل 11, 2007 5:47 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz
UKIJنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن UKIJ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرچە يۇمتال ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت ۋە ئورۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىارغان يۇمتاللىرىنى UKIJ نىڭ سىناپ تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن تارقىتىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلسە، UKIJ نىڭ تەكشۈرىشىگە سۇنۇلۇپ، UKIJ نىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن مەھسۇلاتلار UKIJ نىڭ دائىمى ئەزالىرىنىڭ تور بېتىدە ھەقسىز ياكى تۆۋەن باھادا ئېلان قىلىپ بېرىلسە، UKIJ نىڭ تەكشۈرىشىدىن ۋە تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ چىقارغان يۇمتاللارنى UKIJ نىڭ دائىمىي ئەزالىرىنىڭ تور بېتىدا ئېلان بېرىشىگە، تەشۋىق قىلىشىغا يول قويمىساق، بۇ ئارقىلىق UKIJنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى دائىمىي ئەزالار ئورتاق كۈچ چىقارسا.

يېزىلغان: جۈمە ئاپرىل 13, 2007 12:37 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Tilchin
مۇنبەرنىڭ پۈتكىنىگە مۇبارەك بولسۇن.
لېكىن، مۇنبەر قورۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈردەك قىلىدۇ. چۈنكى ھازىر مۇنبەر كۆرۈنمەككە سەل قالايمىقان، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەنمىگەندەك قىلىدۇ.
مېنىڭچە، ئەزاغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر، مۇنبەرنىڭ زىيارەتچىلەر كۆرىدىغان قىسمى ۋە باشقۇرغىچىلار كىرىدىغان قىسمى ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرۇلسا، مۇنبەرنىڭ مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەنگەن ئاساستا، زىيارەتچىلەرگە يۈزلىنىش ئاساسىي پىرىنسىپ قىلىنسا بولغۇدەك.

يېزىلغان: جۈمە ئاپرىل 13, 2007 2:17 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Yawuz[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-11 23:47 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=60&ptid=10][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
UKIJنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن UKIJ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرچە يۇمتال ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت ۋە ئورۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىارغان يۇمتاللىرىنى UKIJ نىڭ سىناپ تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن تارقىتىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلسە، UKIJ نىڭ تەكشۈرىشىگە سۇنۇلۇپ، UKIJ نىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن مەھسۇلاتلار UKIJ نىڭ دائىمى ئەزالىرىنىڭ تور بېتىدە ھەقسىز ياكى تۆۋەن باھادا ئېلان قىلىپ بېرىلسە، UKIJ نىڭ تەكشۈرىشىدىن ۋە تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ چىقارغان يۇمتاللارنى UKIJ نىڭ دائىمىي ئەزالىرىنىڭ تور بېتىدا ئېلان بېرىشىگە، تەشۋىق قىلىشىغا يول قويمىساق، بۇ ئارقىلىق UKIJنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى دائىمىي ئەزالار ئورتاق كۈچ چىقارسا. [/quote]

مەن قوللايمەن ئاۋاز قوشىمەن ..............................................:victory:

يېزىلغان: جۈمە ئاپرىل 13, 2007 2:54 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

Yawuz ئەپەندى ئەستائىدىللىق بىلەن ئەتراپلىق پىكىرلەرنى بېرىپتۇ، مەن ھەممىسىنى قوللايمەن. باشقىچە پىكىر بولمىسا شۇ بويىچە تولۇقلايلى.

تەكلىپ پىكىرىم: كونا مۇنبەردە پۈتۈن بىر يازمىدا «ياخشىكەن، بەك پەيزىكەن، قوللايمەن» دېگەندەك مۇنبەز قىزىتىش مەقسەت قىلغان تېمىلارنى، ئۈندەش بەلگىسى (!!!!!!!)، چېكىت (........) ۋە ھەر خىل ھىسىيات بەلگىلىرى (مەسىلەن: :'( :'( :'( :'( :'( :'( ) ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىلگەن يازمىلارنى، كەچۈرگۈسىز ئىملا خاتالىقى ئېغىر (مەسىلەن: ئۇيغۇر، ئويقۇر، ئۇرغۇي ...)، پايدىلىنىش قىممىتى يوق يازمىلارنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. يازمىلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەشۇ يازمىلارنى تەستىقلايدىغان ۋە تاللايدىغان باشقۇرغۇچىلار ۋە دائىمى ئەزالارغا قويۇلىدىغان شەرتلەرنى، ۋە يازمىلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەر تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىش زۆرۈر دەپ قارايمەن.

مۇمكىن بولسا ئەشۇ تۈزۈمنى تۈزۈشنى Yawuz ئەپەندىنى ئۈستىگە ئالسا قانداق بولار؟

ھېس قىلىشىمچە، يېڭى بېكەتنى قۇرۇش ۋە ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىش سۈرئىتىمىز بەك ئاستا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. تېخىچە پىكىر قىلمىغان دائىمىي ئەزالارنىڭ، ياكى تەپسىلىي پىكىر قىلمىغانلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر قىلىشىنى سورايمەن.

ھۆرمەت بىلەن،

ۋارىس ئا. جانباز

يېزىلغان: شەنبە ئاپرىل 14, 2007 6:45 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Oyghan[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-13 20:54 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=79&ptid=10][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

مۇمكىن بولسا ئەشۇ تۈزۈمنى تۈزۈشنى Yawuz ئەپەندىنى ئۈستىگە ئالسا قانداق بولار؟
[/quote]

Oyghanئەپەندى بۇنداق تەكلىپ بەرگەن ئىكەن، مەن بۇنى UKIJ نىڭ ماڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىسى دەپ قاراپ، خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشنى خالايمەن، قېنى ئالدى بىلەن مەن تۈزۈپ باقاي، باشقا قېرىنداشلارمۇ كۆرۈپ پىكىر بەرگەندىن كېيىن ئاندىن بۇ تۈزۈمنى يولغا قويارساق قويارمىز، يولغا قويمىساق قالار.

يېزىلغان: يەكشەنبە ئاپرىل 15, 2007 6:32 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan
رەھمەت سىزگە ياۋۇز ئەپەندىم. باشقۇرغۇچىلار ۋە دائىمى ئەزالار تۈزۈمىنى ساقلايمىز ئەمىسە... :handshake

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئاپرىل 23, 2007 2:22 am
تەرىپىدىن يوللانغان Alyar
مۇنبەر قۇرۇلمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرىلىشى ياۋۇز ئەپەندىنىڭ تەكلىۋى بويىچە تەڭشەلدى. «تور بەتلەردىن جەۋھەرلەر» چوڭ تۈرىمۇ تەسىس قىلىندى.
يەنە تەكلىپلەر بولسا ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ.

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئاپرىل 23, 2007 2:28 am
تەرىپىدىن يوللانغان Alyar
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Tilchin[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-13 18:37 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=74&ptid=10][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
لېكىن، مۇنبەر قورۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈردەك قىلىدۇ. چۈنكى ھازىر مۇنبەر كۆرۈنمەككە سەل قالايمىقان، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەنمىگەندەك قىلىدۇ.
مېنىڭچە، ئەزاغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر، مۇنبەرنىڭ زىيارەتچىلەر كۆرىدىغان قىسمى ۋە باشقۇرغىچىلار كىرىدىغان قىسمى ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرۇلسا، مۇنبەرنىڭ مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەنگەن ئاساستا، زىيارەتچىلەرگە يۈزلىنىش ئاساسىي پىرىنسىپ قىلىنسا بولغۇدەك.[/quote]

ئەزاغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر «مېنىڭ» تىزىملىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. باشقۇرغۇچىلارغا كۆرۈنگەن بىر قىسىم ئورۇنلار ئەزا ۋە مېھمانلاردا كۆرۈنمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇنى ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈريىتى يوقمىكىن. ئەزا كىرىش كۆزنىكى باش بەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى........

ئەگەر جاۋابىم سىز كۈتكەن يەردىن چىقمىغان بولسا بۇ مېنىڭ سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەنمىگەنلىكمنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ ھالدا مۇناسىۋەتلىك مۇنبەرنىڭ ياكى تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى لاھىيەنى رەسىم ئارقىلىق كۆرسەتكەيسىز.