دائىمىي ئەزالار ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار

بۇ سەھىپە مەخسۇس دائىمىي ئەزالار ئۈچۈنلا قۇرۇلدى،
Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

دائىمىي ئەزالار ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » پەيشەنبە ئاۋغۇست 30, 2007 2:59 am

UKIJ دائىمىي ئەزالىرىغا:

سالام ئەپەندىلەر، ئۇزۇندىن بىرى UKIJ جىمىپلا كەتتى، ھەممەيلەن خىزمەت، ئۈگىنىش، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بولساق كىرەك ئەتىمالىم، بۇنداق بولسا بولمايتتى. بەزى تورداشلارمۇ ئوچۇق قىلىپ بىزگە «بارمۇ سىلەر؟» دەپ چاقىرىقلارنى يىزىپ كەتتى.
دائىمىي ئەزالارنىڭ ئۇخلاپ يىتىش ھالىتىگە خاتىمە بەرمەي بولمايدۇ، ئورنىمىزدىن تۇرايلى، بوشىشىپ قالمايلى، قول تۇتۇشۇپ داۋاملىق ئىلگىرلەيلى.

مەن بارلىق دائىمىي ئەزالارنى تۆۋەندىكى ئىشقا جاۋاب بىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن:
1) بارلىق دائىمىي ئەزالار ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار:handshake ، ئويلىغىنىڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇڭلار، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلايلى.

2) تىلچىن ئەپەندى رەتلەپ چىققان يېڭى نىزامنامىگە 15كۈن مۆھلەت ئىچىدە قەرەلىنى سۆرىمەي، پىكىر بەرمىگەنلەر پىكىر بىرىڭلار.
نىزامنامە مەنبەسى: [url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=33&extra=page%3D1]تۈزىتىلگەن نىزامنامە[/url]

3) ئەليار ئەپەندى ئوتتۇرغا قويغان «[url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=22&extra=page%3D1]دائىمىي ئەزالارنىڭ ئىش تەقسىماتى ۋە گۇرۇپپىلار[/url]» تىيمىسىغا ئىپادە بىلدۈرمىگەنلەر ئىپادە بىلدۈرۈڭلار، مۆھلەت 15كۈن. ( بۇ تىيما 15كۈندىن كىيىن ئۇقتۇرۇشلار سەھىپىسىگە يۆتكىلىپ ئوچۇق ئىلان قىلىنىدۇ.)

نازارەت بۆلۈمى
(قوشۇمچە: بۇ تىيمىنىڭ ئۇلانمىسى بارلىق دائىمىي ئەزالارنىڭ ئىلخەت ئادرىسىغا ئەۋەتىلدى.)



Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » پەيشەنبە ئاۋغۇست 30, 2007 4:21 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك،
مەنمۇ يىقىندىن بىرى خىزمەت، تۇرمۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بوپ قالدىم، بۇندىن كىيىن ھەممەيلەن بىلەن بىرلىكتە ئورتاق كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

مىنىڭ ئويلىغىنىم تۆۋەندىكىچە:
جەمئىيتىمىزنىڭ ئىئانە توپلاش ئۇچۇرىنى مۇنبەردە كىچىكرەك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىئانە توپلىساق، ئىئانە توپلاش ئىشىغا بۇرۇنقىدەكلا نەۋرۇز ئەپەندى مەسئۇل بولامدىكىن. (:handshake نەۋرۇز ئەپەندى؟ )
ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر ساھەسىدىكى دىتاللارنى، ئۇيغۇرچىلارشتۇرۇلغان دىتاللارنى باھالاپ، مۇكاپاتلاش تۈرىنى يولغا قويساق. ( مۇكاپاتلاش دىگەندە ماددى بۇيۇم مۇكاپاتى، نەق پۇل مۇكاپاتى، نام مۇكاپاتى كۆزدە تۇتىلىدۇ، ھازىرچە نەق پۇل مۇكاپاتى بىلەن نام مۇكاپاتىنى ئويلاشساق بولامدىكىن.)
مەن ھازىرقى UKIJئىقتىسادىمىز كاسات بولىۋاتقان شارائىتتا بىلىك مۇنبىرى بىلەن ئىنتىل سەيناسى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ھەقسىز تارقاتقان «ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان XPنىڭ 1.1نەشىرى»نى 2007-يىللىق شەرەپ مۇكاپاتى (مۇكاپات تۈرلىرىنى تېخى بىكىتمىگەن بولساقمۇ، ئاتاپ باقتىم:D ) نامزاتىغا كۆرسىتىمەن.
بۇ مۇكاپات ئىشىنى ھەقىقەتەن ئىلىپ بىرىش توغرا كەلگەندە ئايرىم تىيمىدا مۇزاكىرە قىلساق بولىدۇ.
بۇ ئارقىلىق شۇ مۇھىتتا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرچىلارشتۇرۇلغان يۇمشاق دىتاللارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تۈرتكىلىق قىلىغىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تەتقىقاتى ماقالىلىرىنى مۇكاپاتلىساق. (ماڭا قويۇپ بەرسە ئۆز ئالدىمغا ئۆزۈم مۇكاپات تەسىس قىلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرش ھەققىدە سۆزلەنگەن تېخنىكىلىق ماقالىلارنى مۇكاپاتلاش پائالىيتى ئۆتكۈزەتتىم، لىكىن بۇنى UKIJ نامىدىن جەمئىيتىمىزدە ئورتاق ئىلىپ بارساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى، ھەممەيلەن بىر پىكىرگە كەلسەك دىگەن ئۈمدتىمەن).

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » پەيشەنبە ئاۋغۇست 30, 2007 12:18 pm

UKIJ نىڭ يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان بەكلا جىمىپ كېتىپ بارغانلىقى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ، مېنىڭ بىلىشىمچە كۈندىن كۈنگە ئالدىغا قاراپ مېڭىۋاتقان ئۇيغۇركومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتى تور بېكىتى بۇ يىلىق دائىمىي ئەزالارنىڭ سايلىنىشى ھەمدە يېڭى تور بېكەت ھەمدە مۇنبەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن سەل جىمىپ قېلىۋاتىدۇ . بۇنىڭدىكى سەۋەب زادى نەدە ؟! دائىمىي ئەزالار UKIJ نى نېمىشقا جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىگە ئېلىپ كىرەلمەيمىز ؟! ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا بۇيىل UKIJ غا رەئىس نامزاتى كەم بولۇپ قالدى . باش بولمىغاچقا ھەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ بىلگەن سەنىمىگە دەسسەپ UKIJ ئەتراپىغا ياخشى ئۇيۇشالمىدۇق ، ئەليار ئەپەندى ، ئويغان ئەپەندىلەرنىڭمۇ قارىسىنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولۇپ كەتتى . كۆپچىلىك ھەممىڭلار ئاساسەن بەتكە كىرمەسلا بولۇپ قالدىڭلار ؟! مېنىڭچە بىز رەئىس سايلاش ئىشىنى قايتىدىن ئويلىشىپ كۆرسەك بولغۇدەك ...

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » شەنبە سېنتەبىر 01, 2007 4:45 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
مەن پەرھات ئەپەندىمنىڭ قارىشىغا قۇشۇلىمەن...
شۇنداقلا ئالفا ئەپەندىمنىڭ دىگىنىمۇ ئۇرۇنلۇق.
UKIJ غا بۇرۇنقىدەك ئەزالار ياكى زىيارەتچىلەر كۆپ كىرمەس بۇلۇپ قالدى. سەۋەبى بەلكىم ئاساسلىق ئەزالارنىڭ خەلىققە ھەقسىز مىھنەت تۈكۈش قىزغىنلىقى پەسلەپ قالغان بۇلىشى مۈمكىن...
دىگەندەك،، بەزى دائىمىي ئەزالارنىڭ ھەقىقەتەن ۋاختى قىس. ئەمما ۋاقىتنى ئادەم ئۇرۇنلاشتۇرىدىغۇ. نى قىس ۋاقىتلاردىن ۋاقىت چىقىرىپ ياخشى تىمىلار ۋە ئىزدىنىشلەر بۇرۇن UKIJ بېتىدە يوللىنىپ تۇرغانغۇ؟
بىزدەك ئەگەشمە ئەزالار ئاساسلىق دائىمىي ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقىغا قاراپ ئىش تۇتۇدىكەنمىز. قىزغىنراق بۇلۇپ بەرسە بىزمۇ تېخىمۇ قىزغىن بۇلۇپ كىتەتتۇق... مۈمكىن بولسا دائىمىي ئەزالار UKIJ ھەققىدە قايتا بىر ئويلىنىپ باقسا. بولمىسا يەنە بىرەر يىلغا قالماي مۇشۇنداق كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىدىن بىرى ئەمىلىيەتتە پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ. رۇلىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە ئويلىنىپ بېقىشىمىز زۈرۈر ئىدى. يەنە داۋاملىق رۇلىنى جفرى قىلدۇرمىساق ھەم كۈچەيتمىسەك.... راستىنى دىگەندە بۇ جەمىيەتنىڭ بولمىغىنى تۈزكرەك.
بۇنداق دىسەم خاپا بولماڭلار يەنە... مەن دىمەكچى، بەكىرەك قىزغىن بولساق دىمەكچى.

يېقىنقى 2 يىلدىن بىرى كومپىيۇتىر ساھەمىزدە خېلى ياخشى يۈزلىنىشلەر بارلىققا كەلدى، ئەمما ، UKIJ رۇلىنى پەقەتلا جارى قىلدۇرالمىدى. ھەتتا قانداقتۇر بىرەر يىغىلىش ياكى پائالىيەتلەردە ئىسمى تىلغا ئېلىنىپمۇ قويمىدى. ياكى UKIJ نامىدىن توردا بىرەر پائالىيەتمۇ ئۆتكۈزۈلمىدى... بۇنداق بولسا ياخشى بولمايدۇ. ئەمدى رۇلىنى رەسمىي جارى قىلدۇرىدىغان مەزگىل كەلدى دەپ قارايمەن.
دائىمىي ئەزالارنىڭ بۇ مەسىلىدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئاڭلاپ باقساق دەيمەن....

Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » شەنبە سېنتەبىر 01, 2007 7:17 am

1.مۇنبەر قۇرۇلمىسىكىدىكى ئۆزگىرىش ، UKIJ نىڭ قەدىمىنى ئاسلىتىتىپ قويدى ، 2.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قېتىملىق دائىمىي ئەزالار ئارىسىدا ، دائىمىي ئەزالقىنى ئۆزىگە ئابروي دەپ بىلىپ ئەزا بولغانلارمۇ يوق ئەمەس (بۇنى چوقۇم ئىتراپ قىلىش كىرەك ) 3.بىزنى باشلاپ ماڭىدىغان بىرەر باش يوق ، بەلكىم ئويغان ئەپەندىلەر ئۇيغۇر خەقنى باشلاپ مېڭىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن ، 4 . ئېنىق پىلان يوق ۋەزىوە تەقسىماتىمۇ مۈجىمەل ، 5. ئەزالار ئاكتىپ ئەمەس ، ۋە ياكى UKIJ خارەكتىرىنى تولۇق چۈشەنمەيدۇ ، ئالدىنقى قېتىم دائىمي ئەزالار ئارخىپىنى ئىشلەش ئىشى ماڭا تاپشۇرۇلغاندا ، بىرەر كىشىمۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئارخىپىنى ئەۋەتىپ بەرگىنى يوق .

Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » شەنبە سېنتەبىر 01, 2007 7:18 am

بىزگە ئەڭ مۇھىمى ئاكتىپچانلىق ۋە قىزغىنلىق لازىم ئىدى

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە سېنتەبىر 01, 2007 5:42 pm

مەن كۆپ كىرەلمىسەممۇ پات-پات زىيارەت قىلىۋاتىمەن، تېمىلارنىڭ ئىنكاسسىز، خىزمەتلەرنىڭ باھاسىز قېلىشى بۇ مۇنبەرنى توغرىسى ukij نىڭ رولىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ. يىغىپ ئىيتقاندا ھازىر جانلىق بىر باشلامچى يوق .
Perhat_k ئاكتىپچانلىقىڭىزغا تەشەككۈر.

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » شەنبە سېنتەبىر 01, 2007 7:39 pm

كونا رەئىسنىڭ يىللىق خۇلاسە بېرىشىنى سورايمەن! يېڭى رەيىسنى بېكىتىشتە شەرت يوقۇرى بولۇپ كەتمىسە. يېڭى رەيىس ئورۇنلاشتۇرغان پىلان بويىچە ئىش قىلساق. يىلدا توربەتكە لايق پۇل يىغىلىپ باشقا تەلەپ قويۇلمىسا....
دائىمىي ئەزالار ئويلۇشۇپ كورسە....ھىچ ئۇنۇم بولماي كېتىۋەرسە....بېكەتنى تاقىۋېتەيلى. مەن ئىئانىنى ئەمدى يىغالمايمەن. سەۋەبى ئاشۇ ئىئانىچىلەر ئالدىدا بۇ يىلukij.org كۆپ نەپ بولمىدى. تولىمۇ خىجىلمەن، ئىشەنچنى يوقۇتۇپ قويدۇق. مۇدىريەتتىكىلەر تور بېكەتنى تاقاشنى ئويلۇشۇپ باقسا بولىدۇ. 3 _ئايدىن تاھازىرغىچە خۇلاسە يوق، يا پىلان يوق....ئۇل ي يېزىقنى ۋە يۇنىكودېنى بىرلىككە كەلتۇرۇپ، فونت ياساپلا توختاپ قالدۇق. خۇلاسە كالام شۇكى، ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى ھەۋەسكار ئالىملارنىڭ ئىش قۇرمىغى تەس ئوخشايدۇ. مۇنبەر مەزمۇنىنى ۋەتەندىكىلەر قۇرغان مەلۇم مۇنبەرگەيوتكەپ كېتەيلى!!! بوشلۇقنى يىل سائىتى توشقىچە مۇھىم يۇكلەر قويۇپ قويايلى. تورنامنى ھەمكارلاشقان مۇنبەرگە ئۇلاپ قويايلى....

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2007-9-2 01:45 [/i]]

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » يەكشەنبە سېنتەبىر 02, 2007 2:21 am

ماۋۇ گەپ قاملاشمىدى نەۋرۇزكا،
توختاپ قېلىش ھەققىدە ئالدىراپ بىرنەرسە دىيىشمىسەك ياخشى بۇلاتتى...
غەيرەت ئەپەندىمنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن ئشىلارغا باشچىلىق قىلالمىدى. ئۇلار پىنھان ئېيىتقاندەك ئۇيغۇرغا باشچىلىق قىلىشنى راۋا كۆرمىگەنلىكتىن ئەمەس بەلكى ۋاقىت چىقىرىپ بۇ تور بىكەتكە كىرىشكە ئاكتىپ رۇھى ھالەتتە مۇئامىلە قىلالمىغانلىقىدىن بۇلىشى مۈمكىن. ئۇلارنىمۇ توغرا چۈشۈنۈش كىرەك. شۇنىڭ بىلەن ب ىر ۋاقىتتا تەنقىتلەشمۇ كىرەك.بىزگە سىزدەك باشچىلار كىرەك!
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ ئويلىغىنىدەك ئىش كۈرۈشتە سوغۇققانلىق بۇلىشىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئەليار ئەپەندىمدىن قاقشاشقا بولمايدۇ. ئۈيىدە كومپىيۇتىر بولمىسا ماڭا ئوخشاش ئايدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ تورغا چىقىپ بۇلالمايدىغان گەپ. :)
9-ئاينىڭ 2-كۈنى رىسالىم شىركىتى خەلىقئارا چوڭ بازاردا مەسھۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ ساتىدىغان گەپ بۈار. بۇ كومپىيۇتىر ساھەمىزدىكى ئىشلارغۇ...مۇشۇنداق خەۋەر ۋە ئىشلارمۇ تور بىكتىىمزىدە ئىلان قىلىندى...
دىمەك ۋەتەن ئىچىدىمۇ ئۇ ك ج ئۈچۈن خەۋەر، ماتىريال، يازما يوللاش ھەققىدە قىزغىراق مۇئالىمە قىلىدىغانلار يوقاپ كەتتى..(جۈملىدىن مەنمۇ).
مىنىڭچە، تەشۋىقاتچىلارنى كۈچەيتەيلى. ئاندىن تەشۋىقات خادىملىرىغا مۇۋاپىق تۈردە مۇئاش بەرسەك( ئاز بولسىمۇ) . تەشۋىقاتنى جەمىيەتكە ئىھتىياتچان مۇئامىلە قىلغان ئاساستا يۈزلەندۈرسەك.
...

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » يەكشەنبە سېنتەبىر 02, 2007 2:23 am

مۇھەممەت ئەپەندىمنىڭ ، جانباز ئەپەندىملەرنىڭ جىمىپ كەتكەنلىكىدىن كۆڭلىمىز تۇلىمۇ بىئارام بۇلىۋاتىدۇ.....
:'(

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار