دائىمىي ئەزالار ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار

بۇ سەھىپە مەخسۇس دائىمىي ئەزالار ئۈچۈنلا قۇرۇلدى،
Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » چارشەنبە سېنتەبىر 05, 2007 4:01 pm

مەنچە قاراپ تۇرماي يېڭىدىن باشلىق سايلايلى... سېرۋېر ۋاقتى توشقىچە ئاز بولسىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىۋالايلى...ھەممە ئەزاغا خەۋەر قىلىپ نامزات كۆرسىتەيلى...يېڭى نىزام بويىچە ئىش باشلايلى. 10-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بار ئەزالاردىن تەشكىللىنەيلى ۋە سايلامنى تۇگىتەيلى. كېلەلمىگەنلەرنى سىرتتىن قاتناشقۇچى ئەزا قىلايلى. ئالدىراشلاردىن دائىمىي ئەزالار ئۇنۋانىنى(بېكەتتىكى دەرىجىسىنى، توردا ئايدا بىرەر كېلەلمىگەن ئادەمدىن قانداقمۇ ئىش قۇرغىلى بولىدۇ.) چۇشۇرۇپ مۇھىم ئىشلاردا مەسلىھەت ئالايلى.
سايلامدىن كېيىن، يېڭى باشلىق قىلىدىغان ئىشلار ۋە مەسئۇلىيەتنى بېكىتسۇن. ئەزالىق تەلىۋىنى ئوستۇرۋەتمەي كۆپلىگەن كىشىلەرنى قاتناشتۇرايلى. كەلمىگەنلەرنىڭ كۆپ تەرەپتىن قىيداش ۋە قىيىنىلىدىغان جايلىرى بار. ئەگەر بىر يىلغىچە ھازىرقىدەقلا بولسا...تاقىۋەتكەن ئاقىلانىلىك بولىدۇ. مېنىڭ تاقىۋەتكۇم يوق. لېكىن، رىياللىققا يۇزلىنىش كېرەك....قېنى تەشۋىقات بولىمىدىكى بارلار سايلام خىزمتىنى باشلاپ باقايلى. نامزاتلارنى كورسىتىپ ۋە تەلەپ قىلىپ ئاۋال باش سايلاپ ئاندىن پىلان تۇزەيلى. قانداق دەيسىلەر....يىل ئاخىرىگىچە جىمجىتلىق داۋاملاشسا شەرەپ بىلەن تاقاش پىكرىنى مەن قوبۇللايمەن.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2007-9-5 22:19 [/i]]



Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » جۈمە سېنتەبىر 07, 2007 6:50 am

[quote]قېنى تەشۋىقات بولىمىدىكى بارلار سايلام خىزمتىنى باشلاپ باقايلى. نامزاتلارنى كورسىتىپ ۋە تەلەپ قىلىپ ئاۋال باش سايلاپ ئاندىن پىلان تۇزەيلى.[/quote]
.......؟
قارىغاندا تەشۋىقات بۆلىمىدە ھازىرغىچە تەشۋىقات بۆلىمچىسىدە مەندىن باشقىلار ئۇچۇر قالدۇرمىغاندەك تۇرىدۇ...
ئۇنداق قىلىشمايلىمىكى بۇرادەرلەر؟ :D
...

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » جۈمە سېنتەبىر 07, 2007 6:58 am

مېنىڭچە؛ تەشۋىقات بۆلىمىدە ئادەم قالمىغان بولسا باشقا باشقىلار بارغۇ؟ ۋاقىتلىق بولسىمۇ بۇ ئىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئادەمنى سايلىغان تۈزۈك. يا بۇ تېمىنى تاقاپلا قويۇڭلار.
بىر ھەپتىنىڭزى چۈشكەن ئىنكاس مانا 23- بولدى . يا بىر ئىش قىلغۇلۇق يا مۇشۇ پىتى تۇرغۇلۇق.

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » دۈيشەنبە سېنتەبىر 10, 2007 9:10 am

ئەليار ئەپەندى ۋە ئويغان ئەپەندىلەرنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولۇپ كەتتى ، بۇ تېمىغىمۇ ئىنكاس يازمىغىنىدىن قارىغاندا قاتتىق ئالدىراش ئوخشايدۇ . ئۆزىمىز بىر ئىش قىلىۋېرەيلى ، كۆپچىلىكنى يېغىپ سايلام ئۆتكۈزۈپ ۋاقىتلىق رەئىستىن بولسىمۇ بىرنى سايلاپ قويغاچ تۇرايلى ...

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 12:51 pm

يەنە يىل ئاخىرىغىچە قاراپ باقايلى.....دائىمىي ئەزالار ئۇخلاپ قالدىمۇ نىمە؟

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » شەنبە سېنتەبىر 15, 2007 8:55 am

تەشىۋىقات بۈلىمى ھازىرچە تۇلىمۇپاسسىپ ئەھۋالدا.ئەمما بۇ ئەھۋالنىڭ پات يېقىدا ئوڭشىلىپ كىتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. مۈمكىن بولسا تەشۋىقات بۈلىمىگە يەنە بىر قانچە ئادەمنى سەپلىسەك، ۋە تەشۋىقات بۈلىمى ھازىرچە UKIJ نىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىنچە تەشۋىقات خاراكتىرلىك ماقالە، خەۋەر ھەمدە باشقا شەكىللەرنى قىلىۋەتسەك . ئۇندىن باشقا يېڭىدىن ۋاقىتلىق ياكى رەسمىي باشلىق تۇرغۇزىمىز دەيدىكەنمىز ئاۋال ھازىر UKIJ غا كىملەر كىرىپ تۇرۋاتىدۇ، كىملەر UKIJ غا كۈڭۈل بۈلىۋاتىدۇ شۇلارنى سىتاستىكا قىلىپ كۈرۈپ ئاندىن شۇلارنىڭ ئىچىدىن كومپىيۇتىر پىروگىرامما ئىشلىرىغا پىششىق بولمىسىمۇ يىتەكلەشكە ماھىر ،جەمىيەتتىكى مۇناسىۋەت دائىرسى كەڭرىراق كىشىلەرنى ( UKIJ ئەزالىرى ئىچىدە بۇنداقلار بارمىكىن دەيمەن) ئويلىشىپ باقساق. باشلىق بۇلۇش ئۈچۈن چۇقۇم پىروگىرامما تۈزۈشنى بىلىش شەرىتى بار دەپ بەلگىلىمە يوققۇ دەيمەن. :)
سىتاستىكا بۆلىمى يوقمۇ؟ ىستاستىكا ئىشلىرىنى قىلىپ باقىدىغان؟
قارىغاندا ھەممەيلەن بىر ئاز ئالدىراش بۇلۇپ قالغان ئوخشايمىز. :D

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » دۈيشەنبە سېنتەبىر 17, 2007 10:11 am

ئاۋۋال ئالدىن بىر قىسىملارنى نامىزات كۆرسىتىپ باقساق ، ئاندىن بەلگىلىك مۆھلەت ئىچىدە ھەرقايسى بىكەتلەردە ئاشكارە بىلەت تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئومۇمىي سانىنى يىنچاقلاپ ئاخىردا ukij دە ھەل قىلغۇچ رايقا قۇيۇپ ukij دىكىلەرنى يۆتىلەپ ماڭغىدەك بىرەيلەننى ئۆزىمىزگە باشلىق قىلىۋالايلى :lol بەك ئىختىيارى بوپ كەتسەك ، نىمە ئىش قىلىشىمىزنى بىلمەي تېڭىرقاپ يۈرۈيدىكەنمىز .....:) مۇشۇنداق بولساندا ukij نىڭ نۆۋەتتىكى تەشۋىقات جەھەتتە بولامدۇ ۋە ياكى باشقا تەرەپلەردىن بولامدۇ رولى چوڭ بولامدىكىن دەيمەن . ئۇششاق چوڭ ، پىششىق توڭلارنىڭ مۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنىمۇ , ukij نىڭمۇ بارلىقىنى ئىسىگە ئېلىۋالسا ....
alyar ئەپەندىمنىڭ قەدىرى بەكلا ئۈتۈلدى جۇمۇ !!:Q ھەر كۈنى تورغا چىقىپ تۇرىدىغان ئادەم مۇشۇنداقلا يوقاپ كىتەمدۇ دەيمەن . alyar ئەپەندىمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بىلىدىغانلار بارمۇ ؟ بەلىكىم باشقىلارمۇ شۇنچىلىك بىلگۈسى بارغۇ دەيمەن . alyar ئەپەندىمنىڭ شۇنچە ئۇزۇن مەزگىل تورغا چىقمىغىنىغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ ، قانداق چىداپ تۇرالايدۇ دەيمەن . ;P

Polat1971
يازمىلار: 24
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 1:58 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971 » چارشەنبە سېنتەبىر 19, 2007 1:31 am

يازماي دىگەن ئىدىم لېكىن يەنىلا يازمىسام بولمىغۇدەك ....... بۇ تېمىنى ئاز دىگەندىمۇ 50 -60 قېتىم كۆرگەندىمەن ....

UKIJ نىمىشقا مۇشۇنداق پاسسىپ ئەھۋالغا چۇشۇپ قالدى ؟ ukij غا قاتنىشىشنى شۇنداق خالايدىغان بىراق يەنىلا قاتناشمايۋاتقانلار نىمىنى ئويلاۋاتىدۇ ؟ نىمىشقا UKIJ ئەزالىرى ئاكتىپ بولالمايدۇ ؟ بۇرۇن ئاكتىپ بولغانلار ھازىر نىمىشقا توختاپ قالدى ؟.....

ئەپەندىلەر : ( تا مۇشۇ كەمگىچە ukij دا بىرەر ئايال ئەزانى بايقىمىدىم ) مۇشۇ سۇئاللىرىمغا دوپپاڭلارنى ئالدىڭلارغا ئېلىپ قويۇپ ئەستايىدل جاۋاپ بېرىپ بېقىڭلار قېنى ؟!!!

بۇنىڭ بىردىن بىر جاۋابى : قانۇنلۇق قىلىپ ھۆكۇمەت ئورۇنلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى نىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن پەرمانلىرىغا رايە قىلغان قانۇنلۇق ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمىي جەمىيتى قۇرۇپ چىقىش . ئۇنداق بولمايدىكەن بۇ جەمىيەتنى پۇتۇنلەي قانۇنسىز دەپ ئاتاشقا بولىدۇ ، ھەم قەتئى تاقاش كېرەك ! ( بۇنداق دىسەم بەزىلەر بۇ ئاداش ئۆزىنىڭ سايىسىدىنمۇ قورقىدىكەن دەپ قېلىشى مۇمكىن ، ئېسىڭىزدە بولسۇن ئۆزىنى سورىغان خاننىڭ ئالدىغا بارماپتۇ دەيدىغان ھىكمەتلىك سۆز بىزدە بار ، مېنىڭ يۇقىردا دىگەنلىرىم ئەمىلىيەت ، كۆز ئالدىمىزدىكى رىئاللىقتىن قېچىش ئەركەكلەرگە خاس ئىش ئەمەس )

بەزىلەر تېخى بۇ جەميەتنى قانۇنلۇق قىلىش قولىمىزدىن كەلمىسە توردا مەۋھۇم جەمىيەت بولۇپ تورىۋېرىمىز دەيدىكەن ...توۋۋا Internet نىڭ ئىگىسى يوقما ؟

مەن بۇ يەردە بەك كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرۇشنى خالىمايمەن ، تەكلىۋىم : ئەگەر بۇ جەمىيەتنى تەرەققى قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز بىرىنجى قەدەمدە ھۆكۇمەت ئورۇنلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن مەلۇم قىلىپ بۇ جەمىيەتنى قانۇنلۇق جەمىيەت قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ چىقايلى ، جەمىيەتنىڭ مەسئۇللىرىنىمۇ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى قانۇن - تۇزۇمگە ئاڭلىق رايە قىلىدىغان ،جىنايەت ئۆتكۇزۇش تارىخى بولمىغان كومپىيوتىر ئىشلىرىغا ھەسسە قوشالايدىغان ئادەملەردىن سايلاپ چىقايلى ،،
ئۇنداق بولمايدىكەن بۇ جەمىيەتنى مۇشۇ جايىدىلا توختىتىپ قويايلى ،،

قانۇنلۇق قىلىش ئەلۋەتتە مۇمكىن ، ،، يول ئەسلى مەۋجۇت ئەمەس ، پەقەت ئادەملەر ماڭغاندىن كىيىن ئاندىن يول پەيدا بولغان .
قانۇنلۇق قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۇچۇن مەبلەغ مەسىلىسى ئانچە چوڭ مەسىلە ئەمەس ، چۇنكى بىزنىڭ ئارىمىزدا پۇل تاپقان ئۇيغۇرلار ئاز ئەمەس ، پەقەت ھۆكۇمەتتىن ئىجازەت ئالالىساق مەبلەغ مەسىلىسىنى چوقۇم ھەل قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن ..

ئاخىردا شۇنى يازغۇم كەلدى : مەن دىگەن يۇقىردىكى ئەھۋاللار ھەممىڭلارنىڭ تىلىنىڭ ئۇچچىدا بار ،لېكىن دىيىشكە جۇرئەت قىلالمايۋاتقان گەپلەرغۇ دەيمەن ، لېكىن مەن كۆپ ئويلىنىشلاردىن كىيىن يۇقىردىكى يۇرەك سۆزلىرىمنى يېزىپ قويدۇم ، تورداشلارنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى سورايمەن ،،،Internet تا ھۆكۇرگەن بىلەن ئاقمايدۇ ، ئەمىلىيتىمىزمۇ بولىشى كېرەك ! تور مەۋھۇم دۇنيا بولغان بىلەن بىز ئەمىلىيەتتە مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتىمىز ، شۇڭا كۆز ئالدىمىزدىكى ھەقىقەتنى كۆرمىسەك بولمايدۇ ...

مەن polat1971 تەخەللۇستىكى ئۇيغۇر كومپىيوتېر ئىلمىي جەمىيتىنىڭ ئەزاسى ھەم دائىمى ئەزاسى شۇنى جاكارلىماقچى :
ئەگەر ئۇيغۇر كومپىيوتېر ئىلمىي جەمىيتىنى قانۇنلۇق تەشكىلات قىلىپ قورۇپ چىقىشقا مۇمكىن بولمىسا ياكى پىكىرلىرىمىز باشقا ياققا بۇرىلىپ يەنىلا توردا مەۋھۇم جەمىيەت بولۇپ تۇىۋېرىمىز دەيدىكەنسىلەر مەن بۇ جەمىيەتتىكى بارلىق ۋەزىپەم دىن ھەم ئەزالىق سالاھىتىمدىن تور بېكىتىمنىڭ ئەزالىق سالاھىتى قاتارلىقلاردىن ئىستىپا بېرىمەن ، ھەم چېكىنىپ چىقىمەن !!!


گەپ سۆزلىرىم قاملاشمىغان بولسا ئەپۇقىلارسىلەر ، چۇنكى قورساقتا بىلىم شۇنچىلىك ، تەن ئالماي بولمايدۇ ...

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Polat1971 ، ۋاقتى: 2007-9-19 07:48 [/i]]

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » چارشەنبە سېنتەبىر 19, 2007 4:08 am

:o
[quote]ئەگەر بۇ جەمىيەتنى تەرەققى قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز بىرىنجى قەدەمدە ھۆكۇمەت ئورۇنلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن مەلۇم قىلىپ بۇ جەمىيەتنى قانۇنلۇق جەمىيەت قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ چىقايلى [/quote]
... سۆزلىسەك گەپ تولا...
نەدىكى بىر قاملاشمىغان بىر قىسىم جەمىيەت دەپ قۇرۇلغان ئۇرۇنلارنى كۆردۈم....شۇلارنى كۆرگەندە ھەيران قالىمەن... UKIJ نى قۇرساق بۇلىدۇ.
مىنىڭچە بۇ قېتىم سايلانماقچى بولغان رەئىس مۇشۇنداق ئىشلارغا يىتەكلىيەلەيدىغانراق ئادەم بولسا ياخشى بۇلار ئىدى.

Polat1971
يازمىلار: 24
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 1:58 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971 » چارشەنبە سېنتەبىر 19, 2007 6:57 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eltekin[/i] ، ۋاقتى: 2007-9-19 10:08 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=661&ptid=119][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
:o

مىنىڭچە بۇ قېتىم سايلانماقچى بولغان رەئىس مۇشۇنداق ئىشلارغا يىتەكلىيەلەيدىغانراق ئادەم بولسا ياخشى بۇلار ئىدى.[/quote]

چوقۇم دولەت ئىچىدىن بولىشى ، ھۆكۇمەتكە تىزىمغا ئالدۇرغۇچە ئۆزى بىللە بارالايدىغان ئادەم بولىشى كېرەك .

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار