دائىمىي ئەزالار ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار

بۇ سەھىپە مەخسۇس دائىمىي ئەزالار ئۈچۈنلا قۇرۇلدى،
Polat1971
يازمىلار: 24
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 1:58 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971 » چارشەنبە سېنتەبىر 19, 2007 7:04 am

intil ئەپەندى : قانۇنلاشتۇرماي تۇرۇپ تەسىر دائىرسىنى كەڭەيتىشكە قانچىلىك ئادەم كۇچ قوشار ؟ بۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » چارشەنبە سېنتەبىر 19, 2007 7:08 am

ئەلبەتتە ئويلاشتىم. ئاۋال ئېتى بار سېپى بار ئەمەلىي ئىشنى كۆپرەك قىلىپ ئاندىن شۇنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ قانۇنلاشتۇرسا ئوبدانمىكىن.

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » جۈمە سېنتەبىر 21, 2007 2:57 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Intil[/i] ، ۋاقتى: 2007-9-19 13:08 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=665&ptid=119][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەلبەتتە ئويلاشتىم. ئاۋال ئېتى بار سېپى بار ئەمەلىي ئىشنى كۆپرەك قىلىپ ئاندىن شۇنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ قانۇنل ... [/quote]
يىڭى رەئىس سايلاش ئىشى توغىرىسىدا كونا مۇنبەردە خىلى گەپلەر بولۇنغان، مۇشۇ مۇنبەردىمۇ مۇناسىۋەتلىك تىيمىلاردا بولۇپ ئۆتۈلگەن ھازىرمۇ تۇرۇپتۇ، دەپ كەلسەك گەپ جىق، ئەمىلىي خىزمەت دىگەن ئۇقۇم بەكمۇ ئىسل گەپ جۇما.

[size=2][color=Gray]ئىنتىل بۇرادەرنىڭ يۇقارقى گىپىنى ئويلايدىغانلار ئاز ئوخشايدۇ.
ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قارىـشى، يولى بار ئوخشايدۇ.
UKIJنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق شۇنداق ئەزالىرى بىلەن ماڭىدىغان يولى بار ئوخشايدۇ.[/color][/size]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » جۈمە سېنتەبىر 21, 2007 7:16 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Perhat_k[/i] ، ۋاقتى: 2007-9-21 08:57 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=667&ptid=119][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

UKIJنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق شۇنداق ئەزالىرى بىلەن ماڭىدىغان يولى بار ئوخشايدۇ. ... [/quote]
ئۇنداقتا بۇ مۇنازىرىدىن مەن چېكىنسەم بولغۇدەك.

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » دۈيشەنبە سېنتەبىر 24, 2007 7:32 am

ئىنتىل بۇرادەر، خاتا چۈشىنىپ قالماڭ، يۇقاردىكى ئىنكاسىم سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز ماڭا بەك يارىغانلىقى ئۈچۈن، قوللاش يۈزىسىدىن ئالغان نەقىل ئىدى.:L :handshake

Tilchin
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 3:46 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Tilchin » سەيشەنبە سېنتەبىر 25, 2007 4:50 am

مېنىڭچىمۇ جەمئىيىتىمىزنىڭ باشلامچىسىز قالغانلىقى خىزمەتلەرنىڭ قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب. شۇڭا رەئىس سايلاش ئىشىنى چوقۇم ئويلىشىشىمىز كېرەك.

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » سەيشەنبە سېنتەبىر 25, 2007 6:41 am

UKIJگە ھازىر زۆرۈر بولغىنى ئەمىلىي خىزمەت ئىدى.
بۇرۇنقى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلەر باشقا ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن تولا كىرمەس بوپ كەتتى.
رەئىس بولسا ئەلۋەتتە ياخشى، لىكىن كىم بولىدۇ، زادى كىم؟
(دەپ كەلسەم گەپ جىق، ......)

رەئىسكە كۆپ ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ، بىزلەر قاراپ ئولتۇرماقچىمۇ؟ ئەجىبا بىز بىرەر قارار چىقىرالمايمىزمۇ؟ خىزمەتلەرنى ئىلىپ بارالمايمىزمۇ؟ پىكىر بىرلىكىگە كىلەلمەيمىزمۇ؟
كىلەلەيمىز، پىلانلارنى بىربىرلەپ ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ياخشى بولغانلىرىنى ئورتاق تاللاپ، خۇلاسىلاپ شۇ بويىچە ئىلىپ كىتەلەيمىز. بۇنىسى مۇتلەق.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال نىزامنامە ۋە بىر قىسىم ۋەزىپىلەر تەقسىماتىنى مەن ئىنكاس بىرىشنى تەلەپ قىلغان ئىككى يازمىنى پىكىر بەرمىگەنلەر پىكىر بەرسە، بەرمىسە، ۋاقىت قەرەلى ئىچىدە شۇ بويىچە تۈزىتىپ، رەسميلەشتۈرۈپ، ئاندىن ئورتاق ئىش باشلاپ كەتسەك بولاتتى.

ئەگەر باشقا ئەزالار راستىنلا رەئىس سايلاش كىرەك، دەپ قارىسا ئەلۋەتتە بۇ ياخشى ئىش، ئەمىسە ئۇنداقتا، دائىمىي ئەزالار رەئىس نامزاتىنى كۆرسىتىپ باقسۇن.
(يادىمىزدا بولسۇن UKIJنىڭ بۇ يىلقى يىرىم يىلى ئۈن تىنسىز ئۆتۈپ كەتتى، كىيىنكى يىرىم يىلىدا مۇشۇ دائىمىي ئەزالار يەنە مۇشۇنداق خىزمەتلەرنى ئاقسىتىپ يۈرسەك ئۆز ئۆزىمىزدىن خىجىل بولايلى. كىيننكى يىرىم يىلدا يەنە بۇنداق ئۇخلاپ يىتىشقا بولمايدۇ. قاراپ تۇرغۇچىلار، تەنە قىلغۇچىلار، ئەقىل بىلەن ئىش قىلغايمىز. بۇ يەر بىر بىرسىمىزگە تەنە قىلىدىغان، دوق قىلىدىغان، UKIJنى ئۇنداق بۇنداق دەيدىغان جاي ئەمەس، ئۇنداق قىلىدىغانلار ئاۋۋال بىر كىچىك ئىشلارنى بولسىمۇ كۆڭۈل قويۇپ، ئوقۇپ چىقىپ مانا مەن قىلىپ باقاي، دەپ ئۆزىمىزگە بىر دەپ، شۇن ئىشلارنى قىلىپ بىقىڭلار. باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرگىچە، كۈچىڭىز يەتكەن ئىشلارنى قىلىڭلار، ئۇنى بۇنى دىگۈچىلەر مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرنى تىپىپ چىقىپ، (ئۇنى تور بەتتىن ئىزدىسڭىز ساماندەك، كونا مۇنبەردىمۇ تۇرۇپتۇ چاپلاقلىق.) تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ UKIJئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ قويۇڭ، قىلمىسڭىزمۇ شۇنداق دىگۈچىلەر شۇ مەزمۇنلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭ. (UKIJنى قانۇنىي تىزىملىتىمىز دىگۈچىلەرگە دەۋاتىمەن.)
[color=Red]بۇنداق دىگۈچىلەر يەنە يىڭى نىزامنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ، يادىڭىزدا (مىزدا) بولسۇنكى UKIJ قانۇنسىز جەمىئەت ئەمەس! شۇنداق قارالغۇچىلار، شۇنداق ئويلىغۇچىلاردا چاتاق بار، جەمىئەت نىزامنامىسىدىمۇ بۇ ئىنىق قىلىپ ئەسكەرتىلگەن. چاتىقى ـــ دەل مۇشۇنداق ئويلىغۇچىلار خالاس![/color]

UKIJگە ھازىر مۇھىمى UyghurDev، ئىنتىل بۇرادەرلەر ئىيتقان دەل = ئەمىلىي خىزمەت.:time:

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Polat1971 ، ۋاقتى: 2007-10-6 23:55 [/i]]

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » پەيشەنبە ئۆكتەبىر 04, 2007 8:19 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

مەن نىزامنامە ۋە باشقا ئىشلار توغرىسىدا پىكىر بېرىپ بولغان، نىزامنامىگە باشقا دائىمىي ئەزالار كىرگۈزگەن تۈزىتىشلەرنى تولۇق قوللايمەن.

نۆۋەتتىكى ھالەت توغرىسىدا پىكىرىم: باشقىلاردىن رەنجىش، ئارتۇقچە ئۈمىد كۈتۈشتىن ساقلىنىپ «مەن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلىدىم؟» دېگەن سوئالنى سوراپ، [color=Red]ھەممىمىز (25 دائىمىي ئەزا) چامىمىزنىڭ يېتىشىچە قانچىلىك ھەسسە قوشالىساق شۇنچىلىك قوشۇپ تۇرايلى[/color]. جەمئىيىتىمىزدىكى 25 دائىمىي ئەزا ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت جەھەتتە باراۋەر. شەخسەن مەن يېقىندىن بۇيان كۆپ ۋاقىت چىقىرالمىغىنىمدىن خىجىلمەن...

Polat1971
يازمىلار: 24
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 1:58 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971 » شەنبە ئۆكتەبىر 06, 2007 5:55 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Perhat_k[/i] ، ۋاقتى: 2007-9-25 12:41 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=673&ptid=119][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
UKIJگە ھازىر زۆرۈر بولغىنى ئەمىلىي خىزمەت ئىدى.
بۇرۇنقى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلەر باشقا ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن تولا كىرمەس بوپ كەتتى.
رەئىس بولسا ئەلۋەتتە ياخشى، لىكىن كىم بولىدۇ، زادى كىم؟
(دەپ كەلسەم گەپ جىق، ......)

رەئىسكە كۆپ ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ، بىزلەر قاراپ ئولتۇرماقچىمۇ؟ ئەجىبا بىز بىرەر قارار چىقىرالمايمىزمۇ؟ خىزمەتلەرنى ئىلىپ بارالمايمىزمۇ؟ پىكىر بىرلىكىگە كىلەلمەيمىزمۇ؟
كىلەلەيمىز، پىلانلارنى بىربىرلەپ ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ياخشى بولغانلىرىنى ئورتاق تاللاپ، خۇلاسىلاپ شۇ بويىچە ئىلىپ كىتەلەيمىز. بۇنىسى مۇتلەق.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال نىزامنامە ۋە بىر قىسىم ۋەزىپىلەر تەقسىماتىنى مەن ئىنكاس بىرىشنى تەلەپ قىلغان ئىككى يازمىنى پىكىر بەرمىگەنلەر پىكىر بەرسە، بەرمىسە، ۋاقىت قەرەلى ئىچىدە شۇ بويىچە تۈزىتىپ، رەسميلەشتۈرۈپ، ئاندىن ئورتاق ئىش باشلاپ كەتسەك بولاتتى.

ئەگەر باشقا ئەزالار راستىنلا رەئىس سايلاش كىرەك، دەپ قارىسا ئەلۋەتتە بۇ ياخشى ئىش، ئەمىسە ئۇنداقتا، دائىمىي ئەزالار رەئىس نامزاتىنى كۆرسىتىپ باقسۇن.
(يادىمىزدا بولسۇن UKIJنىڭ بۇ يىلقى يىرىم يىلى ئۈن تىنسىز ئۆتۈپ كەتتى، كىيىنكى يىرىم يىلىدا مۇشۇ دائىمىي ئەزالار يەنە مۇشۇنداق خىزمەتلەرنى ئاقسىتىپ يۈرسەك ئۆز ئۆزىمىزدىن خىجىل بولايلى. كىيننكى يىرىم يىلدا يەنە بۇنداق ئۇخلاپ يىتىشقا بولمايدۇ. قاراپ تۇرغۇچىلار، تەنە قىلغۇچىلار، ئەقىل بىلەن ئىش قىلغايمىز. بۇ يەر بىر بىرسىمىزگە تەنە قىلىدىغان، دوق قىلىدىغان، UKIJنى ئۇنداق بۇنداق دەيدىغان جاي ئەمەس، ئۇنداق قىلىدىغانلار ئاۋۋال بىر كىچىك ئىشلارنى بولسىمۇ كۆڭۈل قويۇپ، ئوقۇپ چىقىپ مانا مەن قىلىپ باقاي، دەپ ئۆزىمىزگە بىر دەپ، شۇن ئىشلارنى قىلىپ بىقىڭلار. باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرگىچە، كۈچىڭىز يەتكەن ئىشلارنى قىلىڭلار، ئۇنى بۇنى دىگۈچىلەر مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرنى تىپىپ چىقىپ، (ئۇنى تور بەتتىن ئىزدىسڭىز ساماندەك، كونا مۇنبەردىمۇ تۇرۇپتۇ چاپلاقلىق.) تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ UKIJئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ قويۇڭ، قىلمىسڭىزمۇ شۇنداق دىگۈچىلەر شۇ مەزمۇنلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭ. (UKIJنى قانۇنىي تىزىملىتىمىز دىگۈچىلەرگە دەۋاتىمەن.)
[color=Red]بۇنداق دىگۈچىلەر يەنە يىڭى نىزامنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ، يادىڭىزدا (مىزدا) بولسۇنكى UKIJ قانۇنسىز جەمىئەت ئەمەس! شۇنداق قارالغۇچىلار، شۇنداق ئويلىغۇچىلاردا چاتاق بار، جەمىئەت نىزامنامىسىدىمۇ بۇ ئىنىق قىلىپ ئەسكەرتىلگەن. چاتىقى ـــ دەل مۇشۇنداق ئويلىغۇچىلار خالاس![/color]

UKIJگە ھازىر مۇھىمى UyghurDev، ئىنتىل بۇرادەرلەر ئىيتقان دەل = ئەمىلىي خىزمەت.
[/quote]


كەچۇرۇڭ !

ئۇنداقتا مەندە سەل چاتاق باردەك قىلىدۇ . شۇڭا مەن ئەڭ ئالدىدا كەشىمنى توغىرلاي .

جاكار : مەنكى ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمىي جەمىيتى دائىمى ئەزاسى ھەم ئەزاسى polat1971 مۇشۇ يازمام يېزىلغان ۋاقىىتتىن باشلاپ ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمىي جەمىيتىدىكى ئەزالىق ھەم دائىمىي ئەزالىق ۋەزىپەمدىن ئىستىپا بېرىمەن . مەن ھەم مېنىڭ تور بېكىتىم [url]www.izimiz.com[/url] بۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇر كومپىيوتىر جەمىيتىگە ئەزا ئەمەس . ھەم بۇ جەمىيەت بىلەن قىلچە ئالاقەم يوق .

مېنىڭ ئەزالىق ئارخىپلىرىم ھەم ئۇيغۇر كومپىيتىر جەمىيتىدىكى يازمىلىرىمنى پاك - پاكىز ئۆچۇرۇپ تاشلىشىڭلارنى ئۇمىت قىلىمەن .

ھۆرمەت بىلەن : polat1971

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » سەيشەنبە ئۆكتەبىر 09, 2007 5:19 am

بەكمۇ ئەپسۇس، polat1971 ئەپەندى چىكىنىدىكەن.

-------------------------------------
ئەجىبا تىزىملاش شۈنچە مۇھىممۇ؟ ئەلۋەتتە بۇنى قىلىمىز، كىمنىڭ تىزىملىغۇسى يوق؟ بۇنى جەريانلىرىنى دەڭسەپ كۆرسەك بولىدۇ. كىم قىلىدۇ؟ قانداق شەرتلەر كىرەك؟
بۇنى ھامان قىلىمىز، قەدىرلىك قېرىنداشلىق، لىكىن ھازىرقى مەسىلە UKIJبۇنداق جىم تۇرىۋالسا بولمايدۇ، داۋاملىق يېڭى بىلىملەر بىلەن تۇرۇشىمىز كىرەك، ئىنتىل UyghurDevبۇرادەرلەر ئىيتقاندەك ئەمىلىي خىزمەت دەپ قانچە قىتىم دەپ، ئۈنۈم پوخاق بولاي دىدى، مانا ئازراق ئۈنۈمى بولىۋاتىدۇ، قىلىمىز دىسەك نۇرغۇن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايمىز، ئىشنىڭ كىچىك چوڭى بولمايدۇ، ھازىرقى مۇھىم مەسىلە ئەمىلىي خىزمەت جاناپلار.
كىيېنكى يىللىق خىزمەت پىلانى ئاددىي بولسىمۇ، ھەممىمىز قىلالايدىغان، بۇرۇن قىلىپ كىلىۋاتقان ئىشلار، قولىمىزدىن كىلىدىغانلار قىلىپ تۇرايلى. (UKIJنىڭ يېڭى، كۆرىنەرلىك يۇمشاق دىتال نەتىجىلىرىنى ياراتقۇچىلار بارلىققا كەلگۈچە، بىز بوشاشماي، ھەممەيلەن كۈچىمىزنىڭ بىرىچە تىرىشايلى. بۇنىڭغا بارلىق سىرىتقى مۇنبەرلەردىكى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇھتاج.
----------------------------------
polat1971 ئەپەندىنىڭ ئىشلەتكۈچى نامىنى توڭلىتىشنى تەلەپ قىلىمەن.
(مۇنبەر باشقۇرغۇچى سالاھىيتىدىكىلەر قىلالايدىكەن، مەن قاتارلىقلار قىلالمايدىكەنمىز، مۇناسىۋەتلىك قىلالايدىغان ئەپەندىلەرنىڭ قىلىپ قويۇشىنى تەكلىپ قىلىمەن.)

مۇنبەر نىزامى ۋە مۇناسىۋەتلىك كونا يېڭى پىكىر بىرلىكلىرىگە ئاساسەن، چىكىنىپ چىققۇچىلارنىڭ بۇرۇنقى تارىخى سۆز بايانلىرى ئۆچۈرۈلمەيدۇ.
( polat1971 ئەپەندىنىڭ ئايرىم تىيما قىلىپ يوللىغان تىيمىسىنى ۋارىس ئەپەندى ئۆچۈرۈپتۇ، بۇ مۇنبەرنىڭ، UKIJنىڭ مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە تۇرىشىغا پايدىسىز ئىدى، TWsokئەپەندىمۇ بەزى ئىشلارنى ئۆزىمىز بىلسەك، توردا ئاشكارە يىزىپ يۈرمىسەكمۇ بولاتتىكەن. خەير بوپتۇ، ئەسلى چىكىنىش ئىلتىماسىنىلا قالدۇرۇپ، ئىنكاسلارنى تازلىۋىتىپ، تىيمىنى قۇلۇپلاپلا قويساق بولاتتى. ئۆچۈرمەسلىك كىرەك ئىدى. خەير بوپتۇ، ئۆتكەن ئىش ئۆتتى، polat1971 ئەپەندىنىڭ يۇقارقى يازمىسى، چىسلا ئاساس قىلىنسۇن ئەمدى.)

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار