يېڭى نىزامنامىگە پىكىر بېرىڭ

بۇ سەھىپە مەخسۇس دائىمىي ئەزالار ئۈچۈنلا قۇرۇلدى،
Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يېڭى نىزامنامىگە پىكىر بېرىڭ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » چارشەنبە ئاپرىل 11, 2007 3:22 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئۆتكەندىكى پىكىرىمىز بويىچە، نىزامنامىنى بىر ئاز ئۆزگەرتىپ چىقتىم.
Word فورماتتىكى ھۆججەتنى [url]http://www.ukij.org/html/yengi_nizam.rtf[/url] گە چىقىرىپ قويدۇم. 4-بۆلۈمدىن كېيىنكى مەزمۇنلارغا بۈگۈن ۋاقتىم يەتمىدى. تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ مەسىلە بار يەرلىرىنى تۈزىتىپ تولۇقلاپ قويساڭلار...
================================
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى (UKIJ) نىزامنامىسى


1- بۆلۈم

1. جەمئىيەت نامى

ئۇيغۇرچە: ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى (قىسقارتىلمىسى: UKIJ)
خەنزۇچە: 维吾尔计算机科学协会 )قىسقارتىلمىسى: UKIJ)
ئىنگلىزچە: Uyghur Computer Science Association (قىسقارتىلمىسى: UCSA)

2. جەمئىيەت مەقسىدى

ئۇيغۇر كومپيۇتېرشۇناسلار ۋە ھەۋەسكارلار ئارىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش.

3. جەمئىيەت خاراكتېرى

UKIJ پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلمايدىغان ئىنتېرنېت تورىدىكى مەۋھۇم جەمئىيەت.

4. تور بېكەت ئادرېسى

[url]http://www.ukij.org[/url]

5. تور بېكىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تىل ھەم يېزىق

UKIJ تور بېكىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تىل — ئۇيغۇر تىلى؛ ئاساسلىق يېزىق — ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى (UEY). بېكەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەم خەلقئارا Unicode ئۆلچىمى ئاساسى رايونى (يەنى 06XX—06FF ، [url]http://www.unicode.org/charts/PDF/U0600.pdf[/url] گە ياكى XXX گە قاراڭ). بېكەتتىكى مەزمۇنلار بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) دا قوشۇمچە قىلىنسىمۇ بولىدۇ. بېكەتتىكى بارلىق مەزمۇنلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىدۇ. بېكەتنىڭ باشقا تىللاردىكى نۇسخىسى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تولۇقلانسا بولىدۇ.

6. تور بېكەت مەزمۇنى

UKIJ نىڭ تور بېكىتىدە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرلا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، باشقا مەزمۇندىكى تېمىلار بىردەك قارشى ئېلىنمايدۇ ھەم تور بېكەتتە ئېلان قىلىنمايدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور باشقۇرۇش قانۇنىغا خىلاپ بولغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى يازمىلار ياكى شەخسلەر كۆرۈلسە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ماسلىشىپ چارە كۆرۈلىدۇ.

UKIJ تور بېكىتىدە قانۇنسىز، ئۆلچەمسىز، ئاپتورلۇق ھوقوقىغا خىلاپلىق قىلغان يۇمشاق دېتاللارنى تارقىتىشقا ياكى تەشۋىق قىلىشقا بولمايدۇ. مۇنازىرە ئېلىپ بارغاندا باشقىلارنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا ھۆرمەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ يازمىلىرى ئۆچۈرۈلىدۇ ھەمدە مۇۋاپىق چارە كۆرۈلىدۇ.

2- بۆلۈم

1. ئەزالار ۋە دائىمىي ئەزالار

1) ئەزالار: UKIJ نىزامنامىسى ۋە تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىدىغان، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەزا بولۇپ كىرگەن كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەزالىققا ھەر قانداق شەخس ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىلتىماس قىلىپ كىرسە ياكى خالىغان ۋاقىتتا چېكىنىپ ئەزالىقتىن ۋاز كەچسە بولىدۇ. تور بېكەتكە تىزىملىتىشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغىنى ئەزالىق ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈدۇ، ئالاھىدە تەستىقلاش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئەزالىق مەزگىلىدە ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن UKIJ غا ھەسسە قوشۇپ كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەزالار دادىللىق بىلەن دائىمىي ئەزالىققا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
«UKIJ غا ھەسسە قوشۇش» تېخنىكا، خەۋەر ۋە پايدىلىق ماتېرىياللارنى تەمىنلەش، تۈرلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش، تەشۋىقاتقا ياردەملىشىش ... قاتارلىق ئىشلارنى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

ئەزالار چېكىنىش ئىلتىماسى يېزىپ UKIJ دىن ئايرىلسا بولىدۇ، ئەمما ئەزا بولغان مەزگىلدە يازغان يازمىلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ. چېكىنىش ئىلتىماسى يازغانلار، UKIJ نىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولىشى ئۈچۈن، ئۆز ئىلتىماسىدا چېكىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چېكىنىش ئىلتىماسىنى مۇدىرىيەتنىڭ تەستىقلىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ.

2) دائىمىي ئەزالار: ئەزالار ئىچىدىكى تۆھبىسى كۆرۈنەرلىك بولغان؛ UKIJ ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ھەسسە قوشقان؛ تەشكىللەش، تەشۋىقات، مەسلىھەت بېرىش ياكى تەتقىقات ئىشلىرىدا تەجىربىگە ئىگە كىشىلەردىن سايلاپ چىقىلىدۇ. دائىمىي ئەزالىققا ئىلتىماس قىلغانلارنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىقنى UKIJ مۇدىرىيىتى بەلگىلەيدۇ. ئىستىپا بېرىشكە توغرا كەلسە مۇدىرىيەتنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك. ئەگەر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا UKIJ مۇدىرىيىتى تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ.

دائىمىي ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسى:

-



Yawuz
يازمىلار: 38
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 6:36 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz » چارشەنبە ئاپرىل 11, 2007 6:07 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Oyghan[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-11 21:22
2 . جەمئىيەت مەقسىدى

ئۇيغۇر كومپيۇتېرشۇناسلار ۋە ھەۋەسكارلار ئارىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش.
[/quote]
مۇشۇ نۇقتىغا يەنە بىر جۈملە سۆز قوشساق، يەنى [size=3][color=Blue]ئۇيغۇر كومپيۇتېرشۇناسلار ۋە ھەۋەسكارلار ئارىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كومپىيۇتېرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كومپىيۇتېر بىلىملىرىنى كېڭەيتىش[/color][/size] دەپ ئالساق.

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Oyghan[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-11 21:22
3. جەمئىيەت خاراكتېرى

UKIJ پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلمايدىغان ئىنتېرنېت تورىدىكى مەۋھۇم جەمئىيەت.
[/quote]
مۇشۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەل ئىچى جەمىيىتى قاتارىدا قانۇنلۇق قىلىپ ئەنگە ئالدۇرغىلى بولماسمۇ؟

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Oyghan[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-11 21:22
ئەسكەرتىش: 2007-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى رەئىس سايلاش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
[/quote]
بۇ تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىسا، چۈنكى بىزدە «باشسىز يىلان ماڭالماس» دەيدىغان تەمسىل بار، گەرچە دائىمىي ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئاڭلىق ئادەملەر دەپ قارىساقمۇ، لېكىن ئارىدا ھەر خىل ئىختىلاپ ۋە باشقا مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلمەسلىكى ناتايىن، شۇڭا بۇنى ئوڭشايدىغانغا ۋە ئومۇمىي ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىدىغانغا بىر رەئىسنىڭ بولۇشى زۆرۈر دەپ قارايمەن. باشقا ئەزالارمۇ بۇ ھەقتە پىكىر قاتناشتۇرۇپ باقسا.

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » جۈمە ئاپرىل 13, 2007 11:16 am

مېنىڭچىمۇ UKIJ مەۋھۇم جەمىيەتلىك ئورنىدىن ھەقىقىي جەمىيەتلىك ئورنىغا قەدەم قويىشى كېرەك .

Tilchin
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 3:46 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Tilchin » جۈمە ئاپرىل 13, 2007 12:03 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Yawuz[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-12 00:07
مۇشۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەل ئىچى جەمىيىتى قاتارىدا قانۇنلۇق قىلىپ ئەنگە ئالدۇرغىلى بولماسمۇ؟

بۇ تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىسا، چۈنكى بىزدە «باشسىز يىلان ماڭالماس» دەيدىغان تەمسىل بار، گەرچە دائىمىي ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئاڭلىق ئادەملەر دەپ قارىساقمۇ، لېكىن ئارىدا ھەر خىل ئىختىلاپ ۋە باشقا مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلمەسلىكى ناتايىن، شۇڭا بۇنى ئوڭشايدىغانغا ۋە ئومۇمىي ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىدىغانغا بىر رەئىسنىڭ بولۇشى زۆرۈر دەپ قارايمەن... [/quote]
مېنىڭچىمۇ بۇ پىكىرلەر ئوبدان ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ.

نىزامنامىدە ئىملا خاتالىقى باردەك قىلىدۇ. مەن تۈزۈتۈپ بولغاندىن كېيىن قايتا يوللاپ بېرەي.

Asiya
يازمىلار: 8
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئاپرىل 07, 2007 1:37 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Asiya » يەكشەنبە ئاپرىل 15, 2007 5:05 am

ئىلمىي جەمئىيەت تەسسىس قىلىنغان ئىكەن ئۇنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئەقىلگە مۇۋاپىق.مەۋھۇم جەمئىيەتلىك ئورنىدىن قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە بولسا ئۇنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىمۇ قانۇنلۇق ئاساستا قوغدىلىدۇ.رويىخەتكە ئالدۇرۇش،رەسمىيەت ئۆتەش ئانچە قىيىن ئەمەس شۇڭا جەمئىيەتنىڭ ئۇنى مۇھىم ئىش قاتارىدا بىجىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئېھتىرام بىلەن: مۇھەممەد چاۋار

Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » يەكشەنبە ئاپرىل 15, 2007 5:12 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Asiya[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-15 11:05 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=93&ptid=12][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئىلمىي جەمئىيەت تەسسىس قىلىنغان ئىكەن ئۇنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئەقىلگە مۇۋاپىق.مەۋھۇم جەمئىيەتلىك ئورنىدىن قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە بولسا ئۇنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىمۇ قانۇنلۇق ئاساستا قوغدىلىدۇ.رويىخەتكە ئالدۇرۇش،رەسمىيەت ئۆتەش ئانچە قىيىن ئەمەس شۇڭا جەمئىيەتنىڭ ئۇنى مۇھىم ئىش قاتارىدا بىجىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئېھتىرام بىلەن: مۇھەممەد چاۋار [/quote]

مۇھەممەت چاۋار ئەپەندىنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلەيمەن ،،، بولسا بۇ جەھەتتە تەجىربىسى بارلار ۋە يولىنى مېڭىپ باققانلار ئاكتىپراق بولۇپ ، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرساق دىگەن ئۈمىتتىمەن .............

UyghurDev
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 13, 2007 2:20 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان UyghurDev » يەكشەنبە ئاپرىل 15, 2007 7:10 am

ئۆزگەرتىلگەن قىسىمىغا تامامەن قوشۇلىمەن.
كۆپچىلىكنى دائىمى ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىشىقا چاقىرىمەن. بۇ ھەر-بىر دائىمى ئەزا جەزمەن ئورۇنداشقا تىگىشلىك بۇرچ، بۇ يەردە چاتاق يوق دەپ قويۇپ ۋاقتى كەلگەندە يۇقاپ كەتسەك جەمئىيەت ئۈچۈن مەسئولىيەتسىزلىك قىلغان بولىمىز.
جەمئىيەت ھۆكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇ يەنىلا مەۋھۇم ھالەتتە مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭا نۆۋەتتىكى ھالەتتە نىزامنامىدىكى جەمئىيەتنىڭ مەۋھۇملىقى توغرىسىدىكى مەزمون ئۈستىدىن مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىساقمۇ بولىدۇ دەپ قارايمەن. تىزىمغا ئالدۇرالىساق نىزامنامىدىكى بىر جۈملە سۆزنى ئۆزگەرتىپ قويساقلا كۇپايە.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » يەكشەنبە ئاپرىل 15, 2007 6:15 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

جەمئىيىتىمىزنى تىزىملىتىش توغرىسىدا بۇرۇنمۇ نۇرغۇن تەكلىپ ۋە تەلەپلەر بولغان، [url]http://www.ukij.org/uey/modules.php?name=Forums&file=viewtopic&t=135[/url] گە قاراڭ . تىزىملىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا قىيىنچىلىق كۆرۈلگەچكە ھەمدە تەكلىپ بەرگەنلەر «قايسىڭلار تىزىملىتشقا ياردەم قىلىسىلەر؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرمىگەنلىكتىن ھازىرقى يولنى تاللىغان... ھېلىھەم، بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرالايدىغانلارنى قارشى ئالىمىز (شەخسەن مەن تىزىملىتىشنى ياردەم قىلالمايمەن).

تىلچىن ئەپەندى: نىزامنامىنى تېزراق تەكشۈرۈپ چىقىپ يوللاپ قويسىڭىز...

دائىمىي ئەزالار: 4-بۆلۈم ۋە باشقا مەزمۇنلارغا تەپسىلىي تولۇقلاش پىكىرى بېرىڭلار. «مەن ماۋۇ ئىشنى قىلاي، سىز ماۋۇنى قىلىڭ!» دېگەندەك ئەمەلىي گەپ قىلىشتىن ئەيمىنمىگەيسىزلەر...


ۋارىس

Polat1971
يازمىلار: 24
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 1:58 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971 » دۈيشەنبە ئاپرىل 16, 2007 5:54 am

مەن تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولاي ...

Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » جۈمە ئاپرىل 20, 2007 3:53 pm

ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى نۇسخسىغا قوشۇلىمەن. ياۋۇز ئەپەندىنىڭ رەئىس سايلام تۈزىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىق تەشەببۇسىنى قۇۋۋەتلەيمەن. چۈنكى UKIJ نىڭ كونكىرىتنى بىر بېشى ۋە ئېگىسى بولىشى كېرەك.
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]UyghurDev[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-15 13:10 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=95&ptid=12][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
كۆپچىلىكنى دائىمى ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىشىقا چاقىرىمەن. بۇ ھەر-بىر دائىمى ئەزا جەزمەن ئورۇنداشقا تىگىشلىك بۇرچ، بۇ يەردە چاتاق يوق دەپ قويۇپ ۋاقتى كەلگەندە يۇقاپ كەتسەك جەمئىيەت ئۈچۈن مەسئولىيەتسىزلىك قىلغان بولىمىز.
[/quote]
مەن بۇ پىكىرنى كۈچلۈك قۇۋۋەتلەيمەن، پىكرىمنى ئايرىم تېمىدا يازدىم.[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=22[/url]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 3 ۋە 0 مېھمانلار