2007-يىل كىيىنكى يىرىم يىللىق خىزمەت پىلانى (لايىھىسى)

بۇ سەھىپە مەخسۇس دائىمىي ئەزالار ئۈچۈنلا قۇرۇلدى،
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

2007-يىل كىيىنكى يىرىم يىللىق خىزمەت پىلانى (لايىھ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » پەيشەنبە ئۆكتەبىر 04, 2007 3:37 am

سالام ئەپەندىلەر،
جەمئىيتىمىز بۇ يىل ئەڭ پاسسىپ ھالدا تۇرغان بىر باسقۇچ بولدى، 25دائىمىي ئەزا تۇرۇپ (بۇ 25ئەزا ئالدىنقى قىتىملىق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، باشلامچى ئەزالىرىمىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يىرىم يىل ئۈن-تىنسىز ئۆتۈپ كەتتى...
يا، بۇ 25ئەزا پىكىر قاتناشتۇرمىدۇق، بۇرۇنقى رەئىسلىرىمىزمۇ [size=4]جىم تۇرىۋالدى[/size]. مەن بۇ يەردە بۇرۇنقى رەئىسلىرىمىزىدىن قاتتىق نارازى، بۇ نارازىلىق ھەممە 25دائىمىي ئەزانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئالدىنقى دائىمىي ئەزالار پىكىرلەشكەن تىيمىمىزدا دىيىلگەندەك، ھەممەيلەننىڭ UKIJئۈچۈن (ئەمىلىيەتتە ئۆزىمىز ئۈچۈن) جىم تۇرغىمىز يوق، لىكىن زادىن نىمىش قىلىش كىرەكلىكىنى بىلەلمىدۇقمۇ؟ مىنىڭچە ئازراقلا تىرىشساق بىلىمىز،
بۆلۈملەر قۇرۇلغان ئىكەن، ئۇنىڭغا ئاۋاز بەرگەن ئىكەنمىز، (ئاۋاز بەرمىگەن، جىم تۇرغانلارمۇ قوشۇلغان ھىسابلىنىدۇ) شۇ ببويىچە قىلىپ كەتسەك بولاتتى، مەسىلەن، تېخنىكا ۋە تەتقىقات بۆلۈمى يىڭى تۈرلەرنى ئويلىنىش، ئوتتۇرغا قويۇش، ئۆز بۆلۈم ئەزالىرى ئىچىدە پىكىرلىشىش، ئاندىن دائىمىي ئەزالارغا بۆلۈم پىلانىنى، ئويلىغانلىرىنى خۇلاسىلەپ ئوتتۇرغا قويۇش؛ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە تىلشۇناسلىق بۆلۈمىمۇ ئۆز بۆلۈمىدىكى ئەزالىرى بىلەن پىكىرلەشسە، ئۇلارنى يىغسا، ئۆز خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزى تاپسا بولاتتى؛ تەشۋىقات بۆلۈمىمۇ تەشۋىقاتقىلا تايىنىپ قالماي (ئەمىلىيەتتە ھەممىمىز بىلگەندەك نەتىجە بولسا ئاندىن تەشۋىقات بولىدۇ، UKIJبۇنداق پاسسىپ تۇرىۋالسا تەشۋىقاتتىن سۆز ئىچىش مۇمكىنمۇ؟)، تەشۋىقات بۆلۈمىمۇ [color=Navy]كۆزگە كۆرۈنگەن پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى ۋە يېتىلىۋاتقان ياشلارنى تونۇشتۇرۇپ زىيارەت خاتىرىسى يېزىش، UKIJ ئەتراپىغا تەتقىقاتچىلارنى توپلاش ... قاتارلىق [/color]ئىشلارنى قىلسا بولاتتى؛ خەۋەر ئاخباراتچىلىرىمىزمۇ، تەرجىمانلىرىمىزمۇ توختاپ قالماي بۇرۇنقىدەكلا يېڭى پەن تېخنىكا خەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇرسا ( Twosak ؟) بولاتتى. (بۇ ئىشلار مۇنداق قارىغاندا شۇ بۆلۈملەرنىڭ ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسىدەك قىلسىمۇ ئەمىلىيەتتە ھەممەيلەننىڭ مەجبۇرىيتى، بۇ يەردە بۇ بۆلۈم ئۇ بۆلۈم دەپ يۈرمەي، ياخشى ئۇسۇل چارە بولسا تارتىپ قىلساق بولىدۇ، ئوتتۇرغا قويساق، بىرلىشىپ قىلساق، ياردەم سوراپ چاقىرىپ بىرلىكتە بۆلىشىۋىلىپ قىلىشساق بولىدۇ.) لىكىن، ئەپسۇس، جانابلار بۇنى قىلمىدۇق.
ئەمدى بۇنداق كىتىۋەرسەك بولمايدۇ، شۇ ۋەجىدىن پىكىرلەشكەن ئىدۇق. ھەممەيلەننىڭ ئويى بىر يەردىن چىقتى، ئۇنداق بولغان ئىكەنمىز نىمىشقا ئىش باشلاپ كەتمەيمىز؟

مەن 2007-يىل كىيىنكى يىرىم يىللىق خىزمەت پىلانى لايىھىسىنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرغا قويىمەن، دائىمىي ئەزالارنىڭ قاراپ چىقىپ پىكىرى بىرىشنى سورايمەن.

[size=4][align=center]2007-يىل كىيىنكى يىرىم يىللىق خىزمەت پىلانى (لايىھە)[/align][/size]
1. كىيىنكى يىرىم يىلدا UKIJنامىدىن كام دىگەندە بىر دانە يۇمشاق دىتال تارقىتىش.
بۇنى بارلىق دائىمىي ئەزالار ئويلانسۇن، ئاساسلىق مەسئۇلىيەتچى تېخنىكا ۋە تەتقىقات بۆلۈمى.
تېخنىكا ۋە تەتقىقات بۆلۈمى ئۆز ئەزالىرى ئىچىدە پىكىرلىشىپ (ياخشى پىكىر بولسا باشقىلارمۇ پىكىر قاتناشتۇرسا بولىدۇ ئەلۋەتتە)، بىر قانچە يېڭى تۈر لايھىسىنى مۇزاكىرلىشپ ئوتتۇرغا قويۇشى لازىم.

2. UKIJيىڭى مۇنبىرىنى بىيىتىش، UKIJئۈچۈن ئىقتىساد توپلاش.
كىيىنكى يىلدا (ياكى مۇشۇ كىيىنكى يىرىم يىلدا) يېڭى نەتىجە بارلىققا كەلگۈچە بولغان ئارلىقتا، بارلىق ئەزالار ئاكتىپ بولۇپ، پىكىر قاتناشتۇرۇش، تىيما يوللاشقا ئىتىبار بىرىش.
بۇنىڭدا، يېڭى ITخەۋەرلىرىنى، تېخنىكىلىق ماقالىلەر، تېخنىكا ئۈگىتىش ماقالىلىرىنى ئاساس قىلىش.
تەشۋىقات بۆلۈمى ئاساسلىق مەسئۇل بولۇپ، كونا مۇنبەردىكى بىر قىسىم خۇلاسە، مۇھىم تىيمىلارنى يېڭى مۇنبەرگە يۆتكەش (كۆچۈرۈپ چاپلاش، بۇنىڭدا ماقالە سۈپىتىنىڭ كۆركەملىكىگە، مەزمۇنىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش).
تەشۋىقات بۆلۈمى مۇشۇ يىرىم يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىقتىساد توپلاشقا ئائىت ئامال چارىلەرنى ئويلىنىپ، مۇزاكىرلىشىش ۋە يولغا قويۇپ ئەمىللەشتۈرۈش.

3. ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ساھەسىدىكى بارلىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان دىتاللار تونۇشتۇرۇشىنى، دىتال ئۇلانمىسىنى توپلاش. (بۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە تىلشۇناسلىق بۆلۈمى بىلەن تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرىش).
مۇنبەردە مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىش، بىر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان دىتالغا بىردىن تىيما يىزىپ، تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش قىلىش، توپلانما تىيمىدىن بىرنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدا يۇقاردىكى بارلىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان دىتال تونۇشتۇرۇش تىيمىلىرىنىڭ توپلانما ئۇلانما ئادرىسىدىن شەكىللەنگەن بىر تىيما يىزىش. ... ۋەھاكازالار.
چۈشەندۈرۈشنامە سۈپىتىنىڭ كۆركەملىكىگە، مەزمۇن قۇرۇلمىسىنىڭ ئامال بار مۇكەممەل بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش، بولسا يۇمشاق دىتال تۈزگۈچى بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇشۇنداق ئىش ئىلىپ بىرىۋاتقانلىقىمىز ھەققىدە ئىلخەت ئالاقىسى قىلىپ، چۈشەندۈرۈشنامە يىزىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىش، ... )
تىلشۇناسلىق بۆلۈمى بىر قىسىم زۆرۈر بولغان سۆزلەرنىڭ قىلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇسىنى ئىشلىتشىكە ئەھمىيەت بىرىش. (مەسىلەن يۇمتال، قاتتال دىگەن ئاتالغۇلارنىڭ قىلىپلىشىپ بولغان ناملىرى يۇمشاق دىتال، قاتتىق دىتال ئاتالغۇلىرىنى ئىشلىتىش.)

4. يۇقارقى 3-تۈر ئاخىرلاشقاندىن كىيىن 2008-يىل 1-، 2-ئاي ئەتراپىدا ئۇيغۇرچە دىتاللار توپلانما دىسكىسىنى ئىشلەپ پۈتكۈزۈپ تارقىتىش.
ئۇيغۇرچە، ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان دىتال توپلاش ھەققىدە تىيما يىزىپ، بۇ تىيما ئۇلانمىسىنى باشقا مۇنبەرلەردە تەشۋىق قىلىپ، (بارلىق دائىمىي ئەزالار ئاكتىپ ھالدا قاتنىشىپ)، مۇناسىۋەتلىك دىتاللار توپلانمىسىنى يىغىشقا كۈچ قوشۇش لازىم.

5. يىرىم يىللىق خىزمەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، يىل ئاخىرىدا، يۇقاردىكى خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، يېڭى دىتال قۇرۇلمىسىنى ئوتتۇرغا قويغانلار، لايىھىلىگەنلەر؛ باشقا خىزمەت تۈرلىرىدە ئاكتىپ بولغان ۋە ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلار تاللاپ مۇكاپاتلاش ئىلىپ بىرىلىدۇ. مۇكاپات دەرىجە بويىچە ئايرىپ، خىزمەت نەتىجىسىگە ئاساسەن بىكىتىش ئىلىپ بىرىلىدۇ.

تامام.
سالام بىلەن: پەرھات(ك).

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Perhat_k ، ۋاقتى: 2007-10-4 09:46 [/i]]



Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » پەيشەنبە ئۆكتەبىر 11, 2007 5:20 am

سەھىپە باشقۇرغۇچىلارمۇ ئۆز سەھىپىمىزنى ياخشى بىيىتساق.
سۇئاللار جاۋابسىز قالمىسا، ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇشقا ئائىت سۇئال جاۋابلارنى [url=http://www.intil.cn]ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش (ئۇيغۇرلار Officeئائىلىسى) تور بىتى[/url] باشقۇرغۇچىسى ئابلەتجان (intil)ھەمدەمدە بولسا، مۇناسىۋەتلىك جاۋابلارنى كۆچۈرۈش، مەنبەنى ئەسكەرتىش، ... قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشىپ بەرسە بەكمۇ ياخشى بولاتتى.

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » جۈمە ئۆكتەبىر 12, 2007 5:02 am

شۇنداق.
يۇقارقى پىلانغا مەن قۇشۇلىمەن.
ئادەتتىكى بىرەر يۇمشاق دىتال بولسىمۇ UKIJ نامىدىن تارقاتساق،....

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » چارشەنبە ئۆكتەبىر 31, 2007 3:27 am

كىيىنكى يىرىم يىللىق پىلانغا قارشى ئاۋاز چۈشمىگەنلىكى، شۇنداقلا بەزى ئىشلارنى بالدۇر باشلاش زۆرۈرلىكى سەۋەبىدىن، يۇقىردا ئوتتۇرغا قويۇلغان 3-تۈر [color=Navy]ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ساھەسىدىكى بارلىق ئۇيغۇرچە دىتاللار (ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان دىتاللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تونۇشتۇرۇشىنى، دىتال ئۇلانمىسىنى توپلاش [/color]پىلانىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىمەن، شۇنداقلا بارلىق ئەزالارنىڭ ئاكتىپ ماسلىششىنى، كۈچ قوشىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن.

بۇ باشلانما ئەلتىكىن ئەپەندى ئوتتۇرغا قويغان نۆۋەتتە ئىلىپ بىرىلماقچى بولغان تەرجىمە يامىقى ئىشلەش ھەققىدىكى چاقىرىقنىڭ ئاساسى. شۇنداقلا قوش ياردەمچى بىر تۈرى ھىسابلىنىدۇ.

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » جۈمە فېۋرال 15, 2008 3:42 am

بۇ يازمىدىكى ئويلىرىم، كاللامغا كەپ قالغان، ئۆزۈمگە دىگەن گەپ سۆزلەر ئىدى، بىلوگۇم بولمىغاچقا (ئۇنى قۇرۇشنى ئويلىشىپ كۆرمىدىم، ھەم قۇرۇش پىلانىممۇ يوق)، ھەم بۇ تىيما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا مۇشۇ يەرگە يادىمدا بارىدا يىزىپ قويۇش پىلانىغا كەلدىم، كىيىنكى يىلدا پايدىلىنىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس.

[size=5]1.[/size] ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر ئىجادىيەتلىرى ئەسلى ئاپتۇرىنى ئىزدەش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش.
بۇنىڭدا، ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر ئىجادىيەتلىرى ـــ بۇ دىگىنىمىز، بارلىق ئۇيغۇرچە دىتاللارنى ئەسلى ياسىغۇچىلار، ھەربىر ئۇيغۇرچە فونتنى ئەسلى ياسىغۇچىلار ۋە شۇ فونت نۇسخىسىدىن بىر دانە (ھەقسىز فونت بولسا بىرگە توردا يوللاش، ھەقلىق بولسا بىر قانچە نۇسخا رەسىمىنى قالدۇرۇش)،
ئەسلى ئاپتۇرىنى تىپىشتا قوللانغان ۋاستىلەر، گۇۋاھلىق سۆزلىرى، گۇۋاھلىق بايانلىرىنى ئىزدەپ تىپىپ تولۇق (شۇ تور بەت ئادرىسى، شۇ يازمىنىڭ ئەسلى ئورنىدىكى رەسىم ھالىتىگە ئايلاندۇرۇپ ساقلانغان نۇسخىسى، ... ) قاتارلىقلار؛ بەزى بايانلار ھەققىدە ئىلخەت ئالاقىسى، تىلفۇن ئالاقىسى قىلىپ، ھەربىر ئىسپات توپلاش جەريانى ۋە سۆھبەت خاتىرىسىنى توپلاپ ھەقىقىي ئارخىپ قالدۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(بۇ گەرچە ھەممە ئادەم قىلالايدىغان ئاددىي خىزمەت بولسىمۇ، پەقەت [size=5]ئەستايىدىل[/size] بولساق بۇ خىزمەتنى قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ.)

[size=5]2.[/size] UKIJ تورداشلىرى ئاددىي بولغان تونۇشۇش، يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولغان بولسا - ھە؟ :handshake

[size=5]3.[/size] باشقا تور بەتلەردىكى (UKIJ دائىمىي ئەزاسى بولمىغان) بىر قىسىم ئاكتىپ، ئۇچۇرى كۆپ بولغان ھۆرمەتكە سازاۋەر تورداشلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، (مەندىن ئۇلارنىڭ مۇنبەرلىرىگە ئازراق ۋاقتىم، ۋە زىھنىم كەتسىمۇ ھەمدەمدە پىكىرداش بولۇپ،) ئۇلارنى UKIJ گە تەكلىپ قىلىش، يېڭى ھاسىلاتلار بوپ قىلىش ئىھتىماللىقىنى ئويلىشىپ، (ئازراق تاماخورمۇ نىمە مەن-ھە؟، لىكىن بۇ شەخسسەن مىنىڭ تامايىم بولمىغاندىكىن، ياخشى تاماخوردۇرمەن :$ ) ، شۇ ئالاقە ياخشىلانغاندا، UKIJ مۇنبىرىمىز، دائىمىي ئەزالىرىغا «مۇنداق، مۇنداق ئىش بار ئىدى، شۇ ئەزانى تەكلىپ قىلساق،» دەپ ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغاندىن كىيىن، شۇ ئەزانى تەكلىپ قىلساق. "تەكلىپلىك ئەزا" بولسا. :)

چوڭراق پروگرامما تۈزۈشكە كۈچۈم يەتمىسىمۇ، قولۇمدىن كىلىدىغاننى ئويلاپ (قىلىپ) باقتىم، بۇ يەردىكى كۆپ گەپ سۆزلەرنى ئۆزۈمگە دىگەن گەپ، بىرەر ئىنكاسنى شەخسىي «بىلوگ» قىلىپ باقاي مەنمۇ. :lol

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Perhat_k ، ۋاقتى: 2008-2-15 09:50 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار