غەيرەت ئەپەندىگە تەكلىپ

بۇ سەھىپە مەخسۇس دائىمىي ئەزالار ئۈچۈنلا قۇرۇلدى،
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

غەيرەت ئەپەندىگە تەكلىپ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » شەنبە ئۆكتەبىر 27, 2007 5:44 am

سالام غەيرەت ئەپەندى، ياخشىمۇسىز؟

ئۇزۇن بولدى، مۇنبەرگە پىكىر يازماس بوپ كەتتىڭىز، بولمىسا مۇنبەرگە كىرىپ تۇرىسىزكەن. خىزمەت، ئۈگىنىش ئالدىراشچىقىدا بولسىڭىز كىرەك ئەتىمالىم.

ئۆتكەندە (روزا ھىيت ئالدىدا) ئىلخەت ئالاقىسى قىلىشقان ئىدۇق، كىيىنچە مەنمۇ خىزمەت، تۇرمۇش، شەخسي سالامەتلىكىم قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن كۆپ ئولتۇرالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن كىيىنكى پىكىرلىرىمىزمۇ توختاپ قالدى، كەچۈرۈڭ.

UKIJنىڭ ھازىرقى ھالىتى سىز بىز بىلگەندەك مۇشۇنداق پاسسىپ، ئاكتىپسىز ھالەتتە تۇرۇپ قالدى، بۇ توغۇرلۇق يىقىندىن بىرى دائىمىي ئەزالار بىلەن پىكىرلىشىپ كەلدۇق، ھەم كىلىۋاتىمىز.
بەزى ئىشلار بىز ئاكتىپ بولغان بىلەن دەل سىز ئىيتقاندەك ماسلىشىدىغان، ياردەم بىرىدىغان، ئۆز ئارا ھە-ھۇ دىيىشىپ تۇرىدىغان ئادەم بولمىسا دەل سىز بىر قىسىم باشلانما ئىشلىرىڭىزنى توختىتىپ قويغاندەك، باشقىلارمۇ شۇنداق بولغان بولىشى مۇمكىن.
بۇنىڭ مەن ئويلىغان سەۋەبى: بىرسى ئوتتۇرغا قويۇلغان بۇ خىل باشلانمىغا قارىتا ئىككىنچى بىر تەرەپتە بىلىم كەمچىل بولغانلىقىدا بولسا؛ ئىككىنچى بىرى، بۇ خىل باشلانمىنىڭ رايۇنىمىزدا كەلگۈسى تەتقىقات، نىشان، خىزمەتلىرىمىزدە ئەمەلىي ئىشلىتىشچانقىنىڭ ئۈنۈمى، ئەتراپىمىزدىكى ئوموملىششى سەۋەب بولغان بولىشى مۇمكىن.

بۇ يەرگە يىغىلغانلىمىزنىڭ ھەممىمىز بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، ھىچ بولمىسا بىر قىسىم خەلقئارادا ئوموملاشقان بەلگىلىمە، ئۆز خاس تىلىمىزغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، ئۆز تىلىمىز دائىرىسىدىكى يۇمشاق دىتاللار، تېخنىكلاردا ئۆز ئارا توقۇنۇشمايدىغان بىر خىل ھالەتنى ساقلاش، كىڭەيتىش، ئورتاق پىكىرلىشىشنى مەقسەت قىلىنغان ھالدا قوشۇمچە باشقا يۇمشاق دىتال تەتقىقاتىنى ئىلىپ بىرىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇيۇشقانمىز.
... ...
لىكىن يىقىندىن بىر UKIJنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە، بىز مۇشۇ يەردىكىلەر كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە، قولىمىزدىن كىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆز ئۆرا پىكىرلىشىپ سورۇنىمىزنىڭ سوۋۇپ قالماسلىقىنى بولسىمۇ قىلىپ كىتەلەيمىز دەپ قارايمەن(مىز).
... ...
قىلىمىز دەيدىكەنمىز ھەممەيلەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايمىز، ئىشنىڭ چوڭ كىچىكى بولمايدۇ، پەقەت بىز جىم تۇرمىساقلا، خالاس.

ھەممە دائىمىي ئەزلار ئورتاق پىكىرلەشەك دىگەن ئۈمىدتە مەن كىيىنكى يىرىم يىللىق [url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=130&extra=page%3D1]بەزى چولتا قاراشلىرىمنى[/url] ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم، لىكىن ئۇنىڭغا ئاۋاز قويغانلار پەقەت ئەلتىكىن ئەپەندىلا بولدى، شۇنچىلىك ئاددىي ئىشلارنىمۇ قىلالمىساق (قىلمىساق)، يە مۇنبەرگە ئويلىغانلىرىمىزنى، ئىجادىي قاراشلىرىمىزنى يازمىساق، بىز قانداق بىرلىشەلەيمىز؟
شۇ ۋەجىدىن مەن غەيرەت ئەپەندى سىزگە شۇ ئويلىغانلىرىمنى قىسقىچە ئوتتۇرغا قويدۇم، UKIJنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى چۈشىنىدۇ، دەپ قاراپ تۆۋەندىكى بەزى تەكلىپ (ئىلتىماس) نى سىزگە يازدىم، خۇشاللىق جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن(مىز):
مىنىڭ سىز ياسىغان كەنجى كوررىكتورغا كۆزۈم چۈشتى.
گەپنى ئوچۇق ئىيتسام، سىز قوشۇلسىڭىز كەنجى كوررىكتورنى UKIJنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەقلىق سوۋغا قىلىشنى خالامسىز؟
بۇنىڭ كونكىرتنى مەن ئويلىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
1) كەنجى كوررىكتورنى UKIJنامىدىن تارقىتىمىز، (نامىنى ئۆزگەرتىشىمىز مۇمكىن، [color=Navy]UKIJ كەنجى كوررىكتورى[/color] دەمدۇق ئىشقىلىپ جەمىئەت نامىنى قوشساق :$ )
2) باھاسى:
يۇمشاق دىتال باھاسىنى 50يۈەن قىلىپ بىكىتسەك.
بۇنداق بولغاندا شەخسىي ئىشلەتكۈچىلەرمۇ ئىلىشى مۇمكىن، ئىدارە جەمىئەتلەرگە سىتىلىش سانىمۇ كۆپىيدۇ.
سىتىش، تەشۋىقات ئىشلىرىنى UKIJ مەسئۇل بولۇپ قىلىپ بەرسە.
(توردا ئىۋەتىپ سىتىش (ئەسلى باھاسى 50يۈەنلا بولىدۇ، ئوپتىك دىسكا نەشىرى ئەۋەتىلمەي، تور ئارقىلىق كومپىيۇتىردىكى بىر نۇسخىسىنى ئىۋەتىپ بىرىمىز خالاس، بۇ خىل سىتىش سانى ئومومىي سىتىش سانىنىڭ %20دىن ئاشماسلىقى مۇمكىن، دەل شەخسلەر)، يەنە بىرى تىز پوچتا ئارقىلىق سىتىش (ئەسلى باھاسى 50 يۈنگە تىز پوچتا EMSھەققى 25يۈەن قىتىلىپ 75يۈەن بولىدۇ، ئەگەر تالۇن كىرەك بولسا 5يۈەن قىتىلىپ 80يۈەن بولىدۇ، ئوپتىك دىسكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.)، [بۇ باسقۇچلارنىڭ ھەممىسىنى تور ھىساۋاتى ئارقىلىق ئىلىپ بارىمىز، taobaoئارقىلىق دىگەندەك]
شۇنداق بولغاندا يۇمشاق دىتال كىرىمى 50يۈەن بولسا، (ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسپەتەن ئەمەلىيەتتە 75يۈەن دىگەن گەپ، تالۇن بىلەن 80يۈەن دىگەن گەپ بولىدۇ:( ، يۇمشاق دىتال كىرىمىنىڭ %50تى UKIJگە كىرسە (سىزنىڭ ئىئانىڭىز بولسا) ، %50تى يۇمشاق دىتال ياسىغۇچى سىزگە بىرىلسە، :$ قانداق قارايسىز؟
سىز پەقەت يۇمشاق دىتالنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشلەتكۈچى كودىنى، خىرىدارلار بىزگە يوللىغاندىن كىيىن سىز UKIJگە يوللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ. سان مۇۋاپىق پەيتكە يەتكەندە كىرگەن كىرىمنىڭ يىرىمى سىزگە ئىۋەتىپ بىرىلسە.

[size=5]يۇقارقى تەكلىپكە (ئىلتىماسقا) قانداق قارايسىز؟ ماقۇل كۆرەمسىز؟[/size]

(دىققەت، يۇقارقى يۇمشاق دىتالنى دىسكىغا ئويۇش (دىسكا ھەققى)، ئالاقىلىشىش، ئالاقە ئارخىپىنى توپلاش، كودىنى دەلىللەش، پوچتىغا سىلىش قاتارلىق يوللارنى مەن ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن. تالۇننىمۇ مەن ئىۋەتىپ بىرىمەن، ھەممىسى = ھەممىمىز = UKIJئۈچۈن، خالاس.)



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار