جىددىي ئىلتىماس

بۇ سەھىپە مەخسۇس دائىمىي ئەزالار ئۈچۈنلا قۇرۇلدى،
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

جىددىي ئىلتىماس

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » دۈيشەنبە ئاپرىل 16, 2007 3:40 am

سالام كۆپچىلىك،
ھازىر ياپونىيىدە IT خادىملىرىغا بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بىر قانچە تونۇشلار ئادەم تونۇشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ خەت ئەۋەتىپتىكەن، شۇڭا بۇ خەتنى مۇشۇ يەرگە ئالدىراپلا يېزىۋاتىمەن. مۇمكىن بولسا كومپيۇتېردا پروگرامما تۈزەلەيدىغان، ئىككى يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى بولسا تونۇشتۇرساڭلار. ياكى بۇ خەۋەرنى يەتكۈزسەڭلار.
تەلەپ: چوقۇم ئالىي مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولۇشى كېرەك. ھەم C, C++, Java, ASP, C# ،VB ئىشقىلىپ كومپيۇتېردىكى خالىغان بىر پروگرامما تۈزۈش تىلىدا پروگرامما پۇختا ئەمەلىي تەجرىبە 2 يىلدىن ئاشقان بولسا بولىدۇ.
يۇقىرىقى شەرتنى ھازىرلىغانلار ئۆزىنىڭ ئوقۇش تارىخى، ئىشلەش تارىخى(بۇنىڭدا ئاساسلىقى قاتناشقان تۈرلەر، شۇ تۈردە ئىشلىگەن ئاساسلىق ئىشى، ئىشلەتكەن پروگرامما تىلى، ئىشلەتكەن ساندان، تۇرنىڭ باشلانغان ۋە ئاخىرلاشقان ۋاقتى قاتارلىقلار) نى يېزىپ(خەنزۇچە بولسىمۇ بولىدۇ) مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە [email]gheyret@yahoo.com[/email] غا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار. چوقۇم ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسى بولۇشى كېرەك.(ياپون تىلى بىلىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ)
بۇ يەرگە بىرنەرسە يازماڭلار. بىۋاسىتە مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار. مەنمۇ بۇ يەرگە ئامالسىز يازدىم. باشقا مۇنبەرلەرنىڭ ئېچىلىشى ئاستا بولغاچقا، مۇشۇ يەرگە يازدىم، باشقا مۇنبەرلەرگە كوچۇرۇپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ
غەيرەت توختى كەنجى
2007-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى


غەيرەت كەنجى

UyghurDev
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 13, 2007 2:20 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان UyghurDev » دۈيشەنبە ئاپرىل 16, 2007 7:57 am

ياپۇنغا چىقىپ ئىشلەيدىغان ئىشمۇ ياكى ئىشتىن سىرتقى ھۆددىگە ئېلىپ ئىشلەيدىغان ئىشمۇ؟

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار