[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • [مۇنازىرە]كونا قاراش، يېڭى چاقىرىق
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

[مۇنازىرە]كونا قاراش، يېڭى چاقىرىق

يېزىلغان: جۈمە نويابىر 30, 2007 6:53 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
مەن ئەسلى بۇ تېمىنى باشقۇرغۇچىلار رايۇنىغا يوللاشنىمۇ ئويلاشقان ئەمما يەنىلا بۇرۇنقىدەك جاۋابقا ئىرىشىپ قېلىشنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرغاچ بۇ ئاشكارە سەھىپىگە يوللاپ باشقا ئەزالارنىڭمۇ پىكرىنى بىلىپ بېقىشنى توغرا تاپتىم.
ھازىر «xx ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت» دېگەن ياخشى بىر تېمىلار يوللىنىۋاتىدۇ.
1- بۇنداق تېمىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ukij غا ئەزا ئەمەسلەرنىمۇ تونۇشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرساق.
2- «xx ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت»لەرنى بولسا ukij نىڭ باشلامچىلىرى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ باشقا ئەزا توربەتلەرگە چاپلاپ قويسا بىزنىڭ ukij نىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرۇش ، تېخىمۇ تۇنۇتىشىمىزغا زور پايدىسى بولاتتى.
يۇقارقى 2- تەكلىپ مەن بۇرۇندىن جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇۋاتقان تەكلىۋىم . ئەلبەتتە ئىزچىل ئىرىشىۋاتقان جاۋابىم «سىزچۇ؟ سىز قىلسىڭىزمۇ بولىدىغۇ؟ ....» مەن قىلساممۇ بولىدۇ ئەمما ئۈنۈمى يۇقىرىدا دېگەندەك قىلغانغا يەتمەيدۇ.
3- ukij نىڭ دائىملىق ئەزالىرى ھازىر بۇرۇنقىدىن كۆپ ئەمما ئۇنى-بۇنى دەپ تۇرغىنىمىز بىلەن مۇتلەق كۆپ قىسمىمىز ukij غىلا كىرىپ تېمىمىزنى يوللاۋاتىمىز ئەپسۇسكى شۇ تېمىمىزنى ئەزا توربەتلەرگە كىرىپ چاپلاپ قويماۋاتىمىز. مەنبە؛ ukij دەپ يېزىپ قويماۋاتىمىز. ukij نامىدىن بىرەر ئېغىز سۆز يازماۋاتىمىز.
4- ukij نىڭ بىر QQ توپى بار، ھازىر بۇ توپنىڭ ھېچقانداق رولى يوق دېسەكمۇ بولىدۇ.
5- دىتال ياسىغان، تەرجىمە قىلغانلار نېمىشقا ukij غا يوللىمايدۇ؟ ukij نىڭ پىكرىنى ئالمايدۇ؟
6- ukij نى ئالتۇن تەخت دەپ قارىمايلى [color=Red][size=4]ukij نامىدا تۆۋەنگە چۈشۈپ تۇرايلى[/size][/color]. ھەممىمىزنىڭ يادىمىزدا باركى ukij نىڭ unicode ھەققىدىكى چاقىرىقىنىڭ ئۈنىمى ھەرقايسى توربەتلەردىكى تەشۋىقات بىلەن قولغا كەلگەن ( مەنغۇ توربېتىمدىكى تېمىلارغا قارايمەن، جاۋاپ يازىمەن دەپ بىلىك، ئورخۇن، ukij دىن باشقا مۇنبەرلەرگە كىرىشكە ۋاقىت چىقارمىقىممۇ تەس بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ، ھەممىمىز شۇنداق ئەھۋالدىمۇ؟ )

يېزىلغان: شەنبە دېكابىر 01, 2007 7:48 am
تەرىپىدىن يوللانغان heqteyur
نېمە ئىش يۈز بەرگنىنى ھەم يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى پەقەت چۈشەنمىدىم، ياكى ھەممە «دائىمىي ئەزالار» شۇنداق بەك ئالدىراشمۇ ۋە ياكى نېمە سەۋەب بار، كاللامدىن پەقەت ئۆتمەيۋاتىدۇ، نىزامنامىدا دىيىلگەن شەرتلەرگە ئاللىبۇرۇن ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ بولغان «دائىمىي ئەزالار» مۇ ئاز ئەمەس، بۇ زادى نېمە ئىش، ئىلگىرىكى UKIJ زادى قانداق بولۇپ قالدى، ھازىر بىرسىگە UKIJ نىڭ گىپىنى قىلسا باشقىلار «ۋاي ئۇلار دەۋىرىدۇ.....» دەيدىغان ئىنكاسلارمۇ بولىۋاتىدۇ، UKIJ نىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى بولۇپمۇ تور ساھەسىدىكى تۆھپىسىگە كۆز يۇمساق قەتئىي بولمايدۇ، ئەمما ھازىر..................... :L

يېزىلغان: يەكشەنبە دېكابىر 02, 2007 2:17 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
بەزى باللارنىڭ مۇشۇنداق يەرلىرىنى مەنمۇ چۈشىنەلمەي ھەيران،

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2007-12-2 20:18 [/i]]

يېزىلغان: سەيشەنبە دېكابىر 04, 2007 2:36 am
تەرىپىدىن يوللانغان Computer
بۇنى ئۆزىڭىزلار ئىچكى قىسىمدا مەسلىھەت قىلىشىپ باقسىڭىزلار بولمامدۇ؟
ئىنتىلمۇ ئۇنى بۇنى دىگۈچە ئۆزىڭىز قىلسىڭىز بولىدىغۇ؟ بۇ يىل رەئىس سايلاش ئىشىمۇ بىكار قىلىنىپتۇ، ھەممە تەڭ تۇرسىلەركەن-ئەنە.
ئۆزىڭىزنىڭ ئىلانىڭىزنى توختىماي چاپلاۋەرمەي، (ھەممە مۇنبەرگە شۇنداق قىلىسىزكەن، باشقىلار شۇنداق قىلىۋەرسە سىزگە قانداق تۇيىلىدۇ؟ ھازىر تور دۇنياسىدا پەقەت سىزدىلا قالدى بۇ كىسەل).
باشقا خىزمەتلەرمۇ بىلىشىمچە ئۆز جايىدا تۇرۇپتۇق، خەق ئالدىراش بولمىسا شۇنداق تۇرامدۇ؟ سىز دەل ئاشۇ خەق قاتارىدا تۇرۇپ، يەنە ئۆزىڭىزنى ئۇنداق مۇنداق دەپ ۋايسىڭىز، ھەيييييييييي

يېزىلغان: سەيشەنبە دېكابىر 04, 2007 1:33 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
Computer ، نەدە ئېلان چاپلاپتىمەن؟ مەن QQ دىن باشقا يەردە ئېلان ( بىلىمنىڭ ئېلانى ئۇ ئەسلى) يوللىمايمەن ھەم يوللىمىدىم. قارىغاندا ماڭا خىلى ئاداۋىتىڭىز باركەن، شۇنداقتىمۇ جايىنى تېپىپ زەربە بېرەلمەيدىكەنسىز.
تېمىنى ئاشكارە يوللاشتىكى مەقسەتمۇ بارلىق ئەزالار بىلەن پىكىردە ئورتاقلىشىش، مۇشۇ ھەقتە قارىشىڭىز بولسا يوللىسىڭىز بولىدۇ.

يېزىلغان: چارشەنبە دېكابىر 05, 2007 3:12 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
مۇدىرىيەت ئىشخانىسى سەھىپىسىگە يۆتكەلدى، توقۇنۇشلۇق ئىنكاسلار چۈشۈپ قىلىنىۋاتىدۇ، ھەم ئەزالار ئۆز ئارا چۈشىنىشسەك، بۇنداق تالاشمىساق.
ھەممەيلەن UKIJ=بىز = مەن دىگەن قاراشنى تېخىمۇ تونۇپ يەتسەك ياخشى بولاتتى.
نۇرغۇن (ئاددىي) خىزمەتلەر قىلىنمايۋاتىدۇ، بىلىپ تۇرىۋاتىمىز، ئالدىراشلىق ئىچىدىن ئالدىراش ھالدا UKIJنى يوقلاپ تۇرىۋاتىمىز (ھەم تۇرىلى)، باشقا مۇنبەرلەرگە بىرىپ بولالمايۋاتىمىز، يەنە دىسەم يەنە شۇ نۇرغۇن ئاددىي ئىشلار تاشلىنىپ (يىتشىپ) بولالمايۋاتىمىز، بۇنداق تۇرسا يەنە بۇنداق تىيمىلارنى ئازراق يوللىساق، ئەمىلىي ئۈنۈمى بار ئىشلارنى ئۆزىمىز قىلساق بولىدۇ، ئىنتىل بۇرادەرمۇ قاقشاپ ئولتۇرماي، سىزمۇ ئاكتىپ دائىمىي ئەزا بولغاندىكىن ئۇنى كۆچۈرۈپ چاپلاش ئىشلىرىنى قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئۆز ئارا چۈشىنەيلى. UKIJنى يىغىپ تۇرايلى، بۇ يەردە ئاشكارا قاقشىمايلى.
قانداق قىلىمىز ئەمدى چىشىمىزنى چىشىمىزغا چىداپ چىڭداپ ئولتۇرماي؟

بەل قويىۋەتمەيلى بۇرادەرلەر، UKIJ داۋاملىق دىلىمىزدا بولسۇن.

يېزىلغان: چارشەنبە دېكابىر 05, 2007 4:11 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
1- مەن قايسى كۈنى ئۆچۈرۈلگەن تېمامدا ئەھۋالنى ئېيتسام بىرەرسىڭلار تەكشۈرۈپ باقماي تۇرۇپ تېمىنى يوق قىلدىڭلار. بۇ مۇنبەر پروەراممىسىدا ھەقىقەتەن مەسىلە بار. بايا سىرتتا باش بەتنى ئاچسام مەن مۇنبەردىكىلەر قاتارىدا تۇرۇپتىمەن. مەن ئادەتتە يوشۇرۇن چىقىمەن ھەم ئاخشام چىققانچە چىقىپ باقمىغان تۇرسام ؟؟؟ يەنە بىرسى مەن بۇ تېمىنى كۆرۈش چىكىنى 20 قىلىپ يوللىغان ئەمما مۇنبەرگە كىرمەي تۇرۇپمۇ زىيارەت قىلغىلى بولدى.
2- ئىنتىلنى دەسلەپ قۇرغاندىلا ukij نى چۈشەنمەي، بىلمەي تۇرۇپمۇ بىلگە ئۇستازنىڭ چاقىرىقى بىلەن unicode ئۆلچىمىدە قۇرۇشقا قوشۇلغان ، ئەينى چاغدا شۇنداق توربەتتىن بىلگە، يۇلغۇنجان كېيىن ئاقىللارلا بارلىقىنى بىلىمەن. دېمەك ukij نى ئىزچىل قوللاپ ھەم ئاۋاز قوشۇپ كېلىۋاتىمەن.[url=http://www.intil.cn/bbs/ShowForum.asp?forumid=185] ukij سەھىپىسىمۇ ئاچتۇق، [/url] تېمىنى تەشۋىق قىلىپمۇ باقتۇق، ukij دائىمىي ئەزالىرىدىن بىرەرسى كىرىپ تېما يوللاپ باقتىمۇ؟ ئىنتىلنىڭ ئەھۋالى شۇيۇ باشقا توربەتتە تېخىمۇ يوق ئەلبەتتە. ukij نىڭ شۇنچە ئەزاسى، شۇنچە بىلىملىكلەر باريۇ شۇنچىلىك ئىشقا ھېچقايسىسىنىڭ ۋاقتى چىقمايدىغىنىغا ھەيرانمەن، ئۇلار ئالدىراش بولسا 2 يىلنىڭزى قايسىسى نېمە ئىش قىلدى؟ ئاتام ئېيتقان بايىقىغۇ يەنە شۇ بۇرۇن قىلىۋاتقان بىر قانچەيلەن قىلىۋاتىدۇ، ukij دا چوڭراق پىلان، چاقىرىق بولسا ئۇ-بۇ دەپ كاتتا پاراڭلارنى قىلىدىغانغا ئادەم شۇنچە كۆپقۇ؟ ukij دىن باشقا مۇنبەرلەردە ukij نىڭ بەلگىسىنى باش شەكلى قىلىپ تېمىلارغا، سۇئاللارغا 2-4 قۇر بىرنەرسە يېزىشمۇ ukij نىڭ ئىناۋىتىنى كۆتۈرىدىغۇ؟ تۇنۇتىدىغۇ؟ ھېچ بولمىغاندا قوساقتىكى بىلىمنى باشقىلارغا يەتكۈزمىسە ئۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ ئەلبەتتە ئۇلار بۇنداق قىلىشقا قەرزدار ئەمەس ئەمما ukij غا ئەزا بولغانىكەن شۇنداق قىلىشى زۆرۈرغۇ؟ ukij دىكى باشلامچىلار، دائىمىي ئەزالارنىڭ ئىسمىنى ئوقۇپ باقىلى.
مۇشەنىڭ گېپىنى مۇشۇ يەردە دېمەي نەدە دەيمىز؟ ئاۋال ئەمەلىي ئىش قىلىپ تەسىرنى كېڭەيتەيلى دېسەكمۇ خاتامۇ؟ باشنى ئىچىمىزگە تىقىپ يۈرۈۋەرسەك يەنە قانچىلىك ئادەم ukij نى بىلىدۇ؟ بىلەلەيدۇ؟ ھازىرنىڭ ئۆزىدىكى ئۇچۇر ؛
[color=Red]توردىكى ئەزالار - 68 ئادەم توردا بار - 25 نەپەر ئەزا(1 يۇشۇرۇن), 43 نەپەر مېھمان | ئەڭ يۇقۇرى رېكورت: 270 ۋاقتى: 2007-11-28. [/color]
بۇنىڭ راسلىقى 18 كېلەمىكىن دەيمەن، ئۆچۈرۈلگەن تېمىدىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولدى ، تورغا ئوبدانلا پىششىقلارمۇ «واھ، ياخشى ...» دېيىشىپ كەتكىنىگە . بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى خىلى جىگىرى بار ئەركەكلەر دەپ قارايمەن، نېمە قىلىمىز ئۆزىمىزنى ئالداپ بارنى-بار، يوقنى-يوق دېگەنگە بىرەر يىرىمىز كىمىيىپ قالامدۇ؟
ukij نوپۇزىنى ئاشۇرىمەن دەيدىكەنمىز ، تەكلىۋىمدىكىدەك قىلىشىمىز زۆرۈر، ئەمەلىي ھەركەت قىلىش كېرەك.
ئەمەلىي ھەركەت ! ئەمەلىي ھەركەت ! ئەمەلىي ھەركەت ! ئەمەلىي ھەركەت ! ئەمەلىي ھەركەت ! ئەمەلىي ھەركەت !
[url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=14] مۇنبەر ئىشخانىسى » UKIJ مۇنبىرىگە تەكلىپ[/url]
مەن ukij دىن شۆھرەت تاپاي دەپ ئەمەس ukij نىڭ قىلىۋاتقان ئىشى ئەل ئۈچۈن پايدىلىق بولغاچقا مەن ئەزا بولغانمەن.

ئەمدى باشقا گېپىم يوق، تېمىنى ئۆچۈرۈۋەتسەڭلارمۇ رەنجىمەيمەن.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2007-12-6 18:08 [/i]]

يېزىلغان: پەيشەنبە دېكابىر 06, 2007 3:34 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
ئابلەتجان، بۇ مۇنبەردىكى ئىشنى مەنمۇ بىلمدىم، ھەقىقەتەن سىز ئىيتقاندەك زىيارەت قىلىۋاتقانلار رايۇنىدا مەسىلە بار ئىكەن.
لىكىن بۇنى كىم ئوڭشايدۇ؟ قولىمىزدىن كىلىدىغانلار ئەلۋەتتە ئوڭشاپ قويساق بولىدۇ،
بىرەر ئىشنى قىلىمىز، قىلىمىز دىگەن بىلەن قىلغىلى ئادەم يوق.
شۇڭا ئاددىي قولىمزدىن كىلىدىغان ئىشلارنى ھەممىمىز قىلىپ تۇرايلى.
بۇنى پەقەت ئۆزىمىزگىلا دىسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ.
ئىشلار مۇشۇنداق بوپ قىلىنىۋاتىدۇ.
ماۋۇ تىيمىمۇ ھازىر كومپىيۇتىرىمدا تەتۈر چىقىلىپ، ھەجەپ ئاۋارە قىلدى.

توغرا، سىز يوق ۋاقىتتا سىزنىڭ ئىسمىڭىز كۆرىنىدىغان ئىشنى مەنمۇ خىلى بۇرۇن سەزگەن. مەن كىرىمىسەممۇ مىنىڭ ئىسمىم ئاستىدا تۇرىدۇ، بۇ مۇنبەردە بىر قىسىم خاتالىقلار بار دىگەن گەپ.
بۇنى ئايرىم تىيمىدا مۇزاكىرە قىلايلى.
ياكى سىزنىڭ شۇ خاتالىق ئىنكاس قىلغان تىيمىڭىزنى ئەسلىدە ئۆچۈرمەي، باشقۇرغۇچىلار ئەترىتى ياكى مۇدىرىيەت ئىشخانىسى، ۋە ياكى ئەخلەت ساندۇقى دىگەندەك بىزلا كۆرەلەيدىغان يەرگە ئاپىرىپ قويۇپ، بىزلا مۇزاكىرە قىلغان بولساقمۇ بولاتتى.
سىزنىڭ تىيمىڭىزنى بىلىشىمچە ئەلتىكىن ئەپەندى ئۆچۈرگەنمىكىن.
مۇنبەر خاتالىقىغا ئائىت، جەمئەت ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئىچكى قىسىمدا مۇزاكىرە قىلىشساق.

يېزىلغان: پەيشەنبە دېكابىر 06, 2007 12:10 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
رەسىمنى قىستۇرغاننىڭ ئىشىكەن، شۇ يەرنى ئېلىۋەتسەم يۆلىنىشى ئوڭشالدى.