دائىمىي ئەزالارنىڭ ئىش تەقسىماتى ۋە گۇرۇپپىلار

بۇ سەھىپە مەخسۇس دائىمىي ئەزالار ئۈچۈنلا قۇرۇلدى،
Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

دائىمىي ئەزالارنىڭ ئىش تەقسىماتى ۋە گۇرۇپپىلار

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » جۈمە ئاپرىل 20, 2007 4:26 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

UyghurDev ئەپەندىنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن دائىمىي ئەزالارنىڭ كونكىرىتنى ئىش تەقسىماتى بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە مەن ئويلىغانلىرىمنى رەتلەپ چىقتىم:

[size=5][align=center]1.نازارەت بۆلۈمى[/align][/size]
مەسئۇلى: Oyghan
ئەزالىرى: Perhat_k

پائالىيەت دائىرىسى: UKIJ ئەزالىرى تەرىپىدىن ياسالغان، UKIJ نەتىجىسى دەپ قارىلىدىغان، ياكى UKIJ نىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە (ياكى سىناپ بېقىشىغا) سۇنۇلغان ھەرقانداق يۇمشاق دېتالنى ئاشكارا سىناش ھەم تەكشۈرۈپ بېكىتىش، بايقالغان مەسىلىلەر بولسا ئۆزگەرتىش تەكلىپى بېرىش، زۆرۈر تېپىلغاندا تېخنىكىلىق ياردەم بېرىش.

ھوقۇقى: ئەگەر UKIJ ئەزالىرى تەرىپىدىن ياسالغان يۇمشاق دېتاللاردا(ياكى تور بېكەتلىرىدە) بايقالغان مەسىلىلەر تۈزىتىلمەيلا پايدا تېپىش مەقسىتىدە بازارغا سېلىنسا، ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن نازارەت بۆلۈمىنىڭ شۇ خىل يۇمشاق دېتالنى (ياكى تور بېكەتنى) ئاشكارە تەنقىد قىلىش ھەم تەتۇر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بار. بۇ خىل ئەھۋالدا، نازارەت بۆلۈمى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن زىچ ماسلىشىپ ئىش كۆرىدۇ.

[size=5][align=center]2.تەشۋىقات بۆلۈمى[/align][/size]
بۆلۈم مەسئۇلى: Alyar
ئەزالىرى: Polat1971، Bidar_Qutlan, Yasin_uyghur...........
(ئەزالارنىڭ كونكىرىتنى ئەھۋالى بىلەن تۇنۇش بولمىغاچقا يۇقارقىلارنى يازدىم، يەنە داۋاملىق تۇلۇقلىنىدۇ، ئىختىيارى قىلغانلار ئۆزىنى مەلۇم قىلسا بولىدۇ.)

مەسئۇلىيىتى:UKIJ نىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىنى قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغان، ئىملاسى توغرا، سەنئەت ۋە ئاخباراتچىلىقتا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزالاردىن داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ. تەشۋىقات بۆلۈمى UKIJ غا ئىئانە توپلاش، يۇمشاق دېتاللىرىنى پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلمىغان ئاساستا سېتىش (UKIJ نىڭ خىراجىتىنى قامداش ئۈچۈن)، كۆزگە كۆرۈنگەن پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى ۋە يېتىلىۋاتقان ياشلارنى تونۇشتۇرۇپ زىيارەت خاتىرىسى يېزىش، UKIJ ئەتراپىغا تەتقىقاتچىلارنى توپلاش ... قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ.
ھەرقايسى بۆلۈمنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولغانلارغا ۋە دائىمىي ئەزالارغا يېقىندىن ماسلىشىپ UKIJ نىڭ خىزمەتلىرىنى ،تەشۋىق قىلىش زۆرۈر بولغان مەزمۇنلارنى UKIJ نىڭ نامىدا ھەرقايسى تور بېكەتلەردە تەشۋىق قىلىدۇ. ھەرقايسى تور بېكەتلەردىكى UKIJ توغرىلىق سۇئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ، UKIJ نىڭ ئىناۋەت ئابرويىنى قوغداشقا بىۋاستە مەسئۇل بولىدۇ.


[size=5][align=center].3 ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە تىلشۇناسلىق بۆلۈمى[/align][/size]
بۇ بۆلۈم پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئىقتىدارى كۈچلۈك ھەر خىل يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىندى. كۆپ خىل تىل بىلىدىغان ۋە تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى ھەر قانداق كىشى ئەزا بولۇپ كىرسە بولىدۇ.

بۆلۈم مەسئۇلى :Tilchin
ئەزالىرى: Yawuz،saralik,Intil


[size=5][align=center]4 تېخنىكا ۋە تەتقىقات بۆلۈمى[/align][/size]
يۇمشاق دېتال ئېچىش، فونت ياساش ۋە باشقا كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئەزا بولۇپ كىرسە بولىدۇ.

بۆلۈم مەسئۇلى: غەيرەت توختى

ئەزالىرى: Alipsoft,Abdikadir,Uyghurdev, Muhammad,Oghri,Bilik,Ustaz,Alpha,Pinhan,Twosak

مەسئۇلىيىتى: يۇمشاق دېتال ئېچىش، فونت ياساش ، مۇنبەردىكى كومپيۇتېر بىلىملىرى توغرىسىدىكى سۇئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىش، توپلاش، توپلانما چىقىرىش، مەھسۇلاتلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرچە تور بەت ياساش تېخنىكىسىنى ئومۇمىلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش. UKIJ تور بېكىتىنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇش، تارقىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەت پروگراممىسى ۋە مۇنبەر پروگراممىللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش،UKIJ تۈرلىرىنى مەسئۇل بولۇپ ئىشلەش.


[size=5][align=center]5 مەسلەھەتچىلەر بۆلۈمى[/align][/size]
UKIJ نى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان تەكلىپ پىكىر ۋە مەسلەھەتلەرنى بېرىدۇ. بۇ بۆلۈمگە، تىشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق، ئېگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەدە كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك پىكىر بىرەلەيدىغان كىشىلەر ئەزا بولۇپ كىرسە بولىدۇ.

بۆلۈم مەسئۇلى: Newruz
ئەزالىرى: Asiya

بۆلۈملەرنىڭ ئاڭلىق، ئاكتىپلىق بىلەن تەشكىللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سېستىمىلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاممىۋى سەھىپىگە يۆتكىلىپ ئاشكارىلىنىدۇ.ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئەزالار ئچىدىن بۆلۈم ئەزالىرى تولۇقلانسا بولىدۇ.

تەشۋىقات بۆلۈمىدىن :ئەليار



Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » شەنبە ئاپرىل 21, 2007 2:27 pm

مەلۇم ئىشلار تۈپەيلى سىرىتقا سودا ئىشى بىلەن چىقىپ قېلىپ كىرەلمىگەنتىم ، ئۆزەمگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى چوقۇم جان - دىل بىلەن ئىشلەشكە تىرىشىمەن ، خۇدا خالىسا دائىمىي ئەزالار ئارخپىمۇ پۈتۈپ قالدى ، بىراق ئەزالار ئارخىپى كامدە:Q

Polat1971
يازمىلار: 24
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 1:58 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971 » يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 4:59 am

مەن تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى سۇپەتلىك ئورۇنلاشقا ھەر ۋاقىت تەييار ...
ئارخىۋېمنى پات ئارىدا pinhan ئەپەندىگە يوللاپ بېرىمەن ..

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 7:33 am

تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەر جايىدا ۋاقتىدا ،تولۇق ئورۇنداشقا تىرىشىمەن . ھەمدە دوستلارنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !!!

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 1:40 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
مەنمۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇنبەرگە ئاران تەسلىكتە تىزىملىتىپ كىرەلىدىم... :)
مەن يۇقارقى خىزمەتلەرنى بىجانىدىللىق بىلەن ئىشكەشكە تىرىشىمەن.

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » دۈيشەنبە ئاپرىل 23, 2007 8:42 am

مەنمۇ ۋەزىپەمنى تۇلۇق ئادا قىلىشقا تىرشىمەن .
مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ ئۇچۇرىنى pinhan ئەپەندىگە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق يوللىۋەتتىم .

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە ئاپرىل 23, 2007 7:41 pm

UKIJ نىڭ ئىشەنگىنىگە رەھمەت، تىرىشچابلىق كۆرسسىتىمەن.

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 3:08 am

ھەممەيلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئورتاق كۈچ چىقارغايمىز.:handshake

Tilchin
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 3:46 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Tilchin » سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 3:46 pm

ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە تىلشۇناسلىق بۆلۈمىدىكى ئەپەندىلەر ۋەزىپىمىز ئېغىر، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار كۆپ
بۇندىن كېيىن ئوبدانراق ھەمكارلىشايلى. ۋاقتىڭلار چىقسا بىر نەچچە كۈندى كېيىن بىر پاراڭلاشساق بوپتىكەن.
دا Messenger ئادرىسىم [email]tilchin@hotmail.com[/email]

Yawuz
يازمىلار: 38
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 6:36 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz » سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 6:35 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Tilchin[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-24 21:46 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=174&ptid=22][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە تىلشۇناسلىق بۆلۈمىدىكى ئەپەندىلەر ۋەزىپىمىز ئېغىر، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار كۆپ
بۇندىن ... [/quote]
بولىدۇ، مۇشۇ يەردىلا ۋاقىتنى كېلىشىۋېلىپ، ئاندىن ئۆزئارا قوشۇۋېلىپ ئاندىن بار مەسلىھەت ئىش قىلمايمىزمۇ. باشلىقنىڭ ھەممە ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنىمىز. :lol :P

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار