جەمئىي2 بەتنىڭ 1 - سى

دائىمىي ئەزالارنىڭ ئىش تەقسىماتى ۋە گۇرۇپپىلار

يېزىلغان: جۈمە ئاپرىل 20, 2007 4:26 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Alyar
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

UyghurDev ئەپەندىنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن دائىمىي ئەزالارنىڭ كونكىرىتنى ئىش تەقسىماتى بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە مەن ئويلىغانلىرىمنى رەتلەپ چىقتىم:

[size=5][align=center]1.نازارەت بۆلۈمى[/align][/size]
مەسئۇلى: Oyghan
ئەزالىرى: Perhat_k

پائالىيەت دائىرىسى: UKIJ ئەزالىرى تەرىپىدىن ياسالغان، UKIJ نەتىجىسى دەپ قارىلىدىغان، ياكى UKIJ نىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە (ياكى سىناپ بېقىشىغا) سۇنۇلغان ھەرقانداق يۇمشاق دېتالنى ئاشكارا سىناش ھەم تەكشۈرۈپ بېكىتىش، بايقالغان مەسىلىلەر بولسا ئۆزگەرتىش تەكلىپى بېرىش، زۆرۈر تېپىلغاندا تېخنىكىلىق ياردەم بېرىش.

ھوقۇقى: ئەگەر UKIJ ئەزالىرى تەرىپىدىن ياسالغان يۇمشاق دېتاللاردا(ياكى تور بېكەتلىرىدە) بايقالغان مەسىلىلەر تۈزىتىلمەيلا پايدا تېپىش مەقسىتىدە بازارغا سېلىنسا، ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن نازارەت بۆلۈمىنىڭ شۇ خىل يۇمشاق دېتالنى (ياكى تور بېكەتنى) ئاشكارە تەنقىد قىلىش ھەم تەتۇر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بار. بۇ خىل ئەھۋالدا، نازارەت بۆلۈمى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن زىچ ماسلىشىپ ئىش كۆرىدۇ.

[size=5][align=center]2.تەشۋىقات بۆلۈمى[/align][/size]
بۆلۈم مەسئۇلى: Alyar
ئەزالىرى: Polat1971، Bidar_Qutlan, Yasin_uyghur...........
(ئەزالارنىڭ كونكىرىتنى ئەھۋالى بىلەن تۇنۇش بولمىغاچقا يۇقارقىلارنى يازدىم، يەنە داۋاملىق تۇلۇقلىنىدۇ، ئىختىيارى قىلغانلار ئۆزىنى مەلۇم قىلسا بولىدۇ.)

مەسئۇلىيىتى:UKIJ نىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىنى قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغان، ئىملاسى توغرا، سەنئەت ۋە ئاخباراتچىلىقتا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزالاردىن داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ. تەشۋىقات بۆلۈمى UKIJ غا ئىئانە توپلاش، يۇمشاق دېتاللىرىنى پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلمىغان ئاساستا سېتىش (UKIJ نىڭ خىراجىتىنى قامداش ئۈچۈن)، كۆزگە كۆرۈنگەن پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى ۋە يېتىلىۋاتقان ياشلارنى تونۇشتۇرۇپ زىيارەت خاتىرىسى يېزىش، UKIJ ئەتراپىغا تەتقىقاتچىلارنى توپلاش ... قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ.
ھەرقايسى بۆلۈمنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولغانلارغا ۋە دائىمىي ئەزالارغا يېقىندىن ماسلىشىپ UKIJ نىڭ خىزمەتلىرىنى ،تەشۋىق قىلىش زۆرۈر بولغان مەزمۇنلارنى UKIJ نىڭ نامىدا ھەرقايسى تور بېكەتلەردە تەشۋىق قىلىدۇ. ھەرقايسى تور بېكەتلەردىكى UKIJ توغرىلىق سۇئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ، UKIJ نىڭ ئىناۋەت ئابرويىنى قوغداشقا بىۋاستە مەسئۇل بولىدۇ.


[size=5][align=center].3 ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە تىلشۇناسلىق بۆلۈمى[/align][/size]
بۇ بۆلۈم پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئىقتىدارى كۈچلۈك ھەر خىل يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىندى. كۆپ خىل تىل بىلىدىغان ۋە تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى ھەر قانداق كىشى ئەزا بولۇپ كىرسە بولىدۇ.

بۆلۈم مەسئۇلى :Tilchin
ئەزالىرى: Yawuz،saralik,Intil


[size=5][align=center]4 تېخنىكا ۋە تەتقىقات بۆلۈمى[/align][/size]
يۇمشاق دېتال ئېچىش، فونت ياساش ۋە باشقا كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئەزا بولۇپ كىرسە بولىدۇ.

بۆلۈم مەسئۇلى: غەيرەت توختى

ئەزالىرى: Alipsoft,Abdikadir,Uyghurdev, Muhammad,Oghri,Bilik,Ustaz,Alpha,Pinhan,Twosak

مەسئۇلىيىتى: يۇمشاق دېتال ئېچىش، فونت ياساش ، مۇنبەردىكى كومپيۇتېر بىلىملىرى توغرىسىدىكى سۇئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىش، توپلاش، توپلانما چىقىرىش، مەھسۇلاتلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرچە تور بەت ياساش تېخنىكىسىنى ئومۇمىلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش. UKIJ تور بېكىتىنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇش، تارقىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەت پروگراممىسى ۋە مۇنبەر پروگراممىللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش،UKIJ تۈرلىرىنى مەسئۇل بولۇپ ئىشلەش.


[size=5][align=center]5 مەسلەھەتچىلەر بۆلۈمى[/align][/size]
UKIJ نى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان تەكلىپ پىكىر ۋە مەسلەھەتلەرنى بېرىدۇ. بۇ بۆلۈمگە، تىشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق، ئېگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەدە كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك پىكىر بىرەلەيدىغان كىشىلەر ئەزا بولۇپ كىرسە بولىدۇ.

بۆلۈم مەسئۇلى: Newruz
ئەزالىرى: Asiya

بۆلۈملەرنىڭ ئاڭلىق، ئاكتىپلىق بىلەن تەشكىللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سېستىمىلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاممىۋى سەھىپىگە يۆتكىلىپ ئاشكارىلىنىدۇ.ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئەزالار ئچىدىن بۆلۈم ئەزالىرى تولۇقلانسا بولىدۇ.

تەشۋىقات بۆلۈمىدىن :ئەليار

يېزىلغان: شەنبە ئاپرىل 21, 2007 2:27 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan
مەلۇم ئىشلار تۈپەيلى سىرىتقا سودا ئىشى بىلەن چىقىپ قېلىپ كىرەلمىگەنتىم ، ئۆزەمگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى چوقۇم جان - دىل بىلەن ئىشلەشكە تىرىشىمەن ، خۇدا خالىسا دائىمىي ئەزالار ئارخپىمۇ پۈتۈپ قالدى ، بىراق ئەزالار ئارخىپى كامدە:Q

يېزىلغان: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 4:59 am
تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971
مەن تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى سۇپەتلىك ئورۇنلاشقا ھەر ۋاقىت تەييار ...
ئارخىۋېمنى پات ئارىدا pinhan ئەپەندىگە يوللاپ بېرىمەن ..

يېزىلغان: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 7:33 am
تەرىپىدىن يوللانغان Alpha
تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەر جايىدا ۋاقتىدا ،تولۇق ئورۇنداشقا تىرىشىمەن . ھەمدە دوستلارنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !!!

يېزىلغان: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 1:40 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
مەنمۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇنبەرگە ئاران تەسلىكتە تىزىملىتىپ كىرەلىدىم... :)
مەن يۇقارقى خىزمەتلەرنى بىجانىدىللىق بىلەن ئىشكەشكە تىرىشىمەن.

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئاپرىل 23, 2007 8:42 am
تەرىپىدىن يوللانغان Obraz
مەنمۇ ۋەزىپەمنى تۇلۇق ئادا قىلىشقا تىرشىمەن .
مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ ئۇچۇرىنى pinhan ئەپەندىگە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق يوللىۋەتتىم .

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئاپرىل 23, 2007 7:41 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
UKIJ نىڭ ئىشەنگىنىگە رەھمەت، تىرىشچابلىق كۆرسسىتىمەن.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 3:08 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
ھەممەيلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئورتاق كۈچ چىقارغايمىز.:handshake

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 3:46 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Tilchin
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە تىلشۇناسلىق بۆلۈمىدىكى ئەپەندىلەر ۋەزىپىمىز ئېغىر، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار كۆپ
بۇندىن كېيىن ئوبدانراق ھەمكارلىشايلى. ۋاقتىڭلار چىقسا بىر نەچچە كۈندى كېيىن بىر پاراڭلاشساق بوپتىكەن.
دا Messenger ئادرىسىم [email]tilchin@hotmail.com[/email]

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 6:35 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Tilchin[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-24 21:46 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=174&ptid=22][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە تىلشۇناسلىق بۆلۈمىدىكى ئەپەندىلەر ۋەزىپىمىز ئېغىر، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار كۆپ
بۇندىن ... [/quote]
بولىدۇ، مۇشۇ يەردىلا ۋاقىتنى كېلىشىۋېلىپ، ئاندىن ئۆزئارا قوشۇۋېلىپ ئاندىن بار مەسلىھەت ئىش قىلمايمىزمۇ. باشلىقنىڭ ھەممە ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنىمىز. :lol :P