[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • ئۇيغۇرچە WindowsXPSP2
جەمئىي5 بەتنىڭ 1 - سى

ئۇيغۇرچە WindowsXPSP2

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئاپرىل 23, 2007 5:17 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Alyar
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!

بىلىك كۇلۇبى بىلەن ئىنتىل سەيناسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى» ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان ئۇيغۇرچە WindowsXPSP2 جاپالىق تىرىشچانلىقلاردىن كېيىن ئاساسەن پۈتۈپ UKIJ دائىمىي ئەزالىرىنىڭ ئالدىن سىنىشىغا تاپشۇرۇلدى.
سىناپ پىكىر بېرىش مۇددىتى 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە بولىدۇ. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە تەكلىپلەرگە ئاساسەن تۈزۈتۈلۈپ، كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ باھالىشىغا ۋە تەكلىپ بېرىشىگە سۇنىلىدۇ.
سىستېمىىنىڭ ئەسلى پاكىزلىقى ساقلاپ قېلىندى، ھىچقانداق ئېلان تۇسىنى ئالىدىغان ئېلمىنىتلار قۇشۇلمىدى. سىستېما خەت نۇسخىسى UKIJ tuz tom قىلىپ بېكىتىلدى.

چۈشۈرۈپ سىناش مەنزىلى : [url]http://down.bilik.cn/index.php?act=view&id=186[/url]


ھازىرچە Ghost ھۆججىتى تەمىنلەندى. ئورتاق تىرىشچانلىقلار بىلەن تېخىمۇ مۇكەممەلەشتۈرەلىسەك، UKIJ نامىدىن MUI ھۆججىتىنى Microsoft قا ئەۋەتىپ، تارقىتىشنى قولغا كەلتۈرسەك تېخىمۇ ياخشى بولغۇسى. بىز بۇنى UKIJ نىڭ بىر تەتقىقات تۈرى سۈپىتىدە تارقىتىمىز، شۇڭا دائىمىي ئەزالارنىڭ مۇستەھكەم مەيداندا تۇرۇپ، تەشۋىقات ۋە باشقا جەھەتلەردە ماسلىشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

10 نەپەردىن ئارتۇق تەتقىقاتچى، ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمىزنىڭ 4 ئايلىق جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ سىستېما ئوخشاش مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئەڭ كەڭ تارقىلىپ، كود بىرلىكى ، يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، يېشىل يۇمشاق دېتاللارنى تۈزەش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغۇسى..................
شۇ مۇنەسىۋەت بىلەن بۇ خىزمەتكە قاتناشقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئاپرىل 23, 2007 6:12 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz
ئادرېسىغا قاراپ باقامسىزكىن، چۈشىمىدىغۇ:L

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 1:28 am
تەرىپىدىن يوللانغان Alyar
سىغىمى 617.76 م ب لىق ھۆججەت كۆرۈنمىگىچە چۈشۈرمىگەيسىز، بوشلۇققا تېخى تۇلۇق يوللىنىپ بولۇنماپتۇ.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 1:44 am
تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971
بولىدۇ ...مەن چۇقۇم ئەستايىدىل سىناپ باقىمەن ...

ئەزىمەتلەرنىڭ خالىسانە ئەمگەكلىرىگە كۆپ رەھمەت .
مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يېقىندىن بۇيان تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن قاتنىشالمىدىم . شۇ سەۋەپلىك ئەزىمەتلىرىمىزدىن سەمىمى كەچۇرۇم سورايمەن ..

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 4:53 am
تەرىپىدىن يوللانغان Obraz
مەن بۈگۈن 24 - چېسلا چۈشۈرۈپ باقساممۇ چۈشمىدى ، ئۇلانمىدا مەسىلە بارمۇ قانداق ؟

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 5:24 am
تەرىپىدىن يوللانغان Alyar
GHO ھۆججەتنى چۈشۈرۈشنى بوشلۇق قوللىماپتۇ. شۇڭا [url]http://vip.bilik.cn/uyghurwinxpsp2.rar[/url] قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويدۇم.
ئەمەلىيەتتە چۈشىدىغىنى GHO ھۆججىتى. چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن uyghurwinxpsp2.rar نىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى GHO غا ئۆزگەرتىپلا يەنى
uyghurwinxpsp2.GHO قىلىپلا Ghost8.3 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشرىدە يايسىڭىز بولىدۇ.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 6:48 am
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
:handshake [color=Blue][size=4]بۇ خىزمەتكى توردا ھەمكارلاشقان «ياۋۇز» ،«نەۋرۇز»،«دىلخۇش» ( QQ دىكى ئىسمى) ئەپەندىلەرگە تەرجىمە گۇرۇپپىمىز نامىدىن تەشەككۈر ئىيتىمەن.[/size][/color]:handshake

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2007-4-27 13:30 [/i]]

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 7:41 am
تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan
بەك ئاستا چۈشىۋاتىدۇ ، لىكىن ساقلايمەن ................. بولسا bt ئۇرۇقىنى تارقاتقان بولساڭلار بولاتتىكەن ...

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 10:05 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
75KB~100KB ئارلىقىدا چۈشىۋاتىدۇ،ئاستا دىگىلىمۇ بولماس، بىرادەرلەر.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 11:57 am
تەرىپىدىن يوللانغان gheyret
ئەسسالامۇئەلەيكۇم

جاپالىق ئەمگىكىڭلارغا بارىكاللا، ھارمىغايسىلەر ئەزىمەتلەر. مەن سىناي دېسەم كومپيۇتېرىمنى فورماتلىمىسام بولمىغۇدەك، باشقا مەۋھۇم ماشىنا مۇھىتى ياساپ سىناشقا مۇمكىنمىكىن(يەنى GOST ھۆججىتىنى مەۋھۇم كومپيۇتېرغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولامدۇ).

بىر تەكلىپىم بار:
سىلەر بۇنى MUI ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇپسىلەر، بۇ ناھايىتى كاتتا ئىش بولۇپتۇ. ئۇيغۇرچە MUI قىسمىنى ئىشلەتكۈچىنىڭ WindowsXP مۇھىتىغا ئورنىتىش ئىمكانىيىتى يوقمۇ؟ شۇنداق ئورنىتىش پروگراممىسىنى ياساش مۇمكىنمۇ؟ بولسا مۇشۇنداق ئورنىتىش پروگراممىسىدىن بىرنى ياساپ ئازراق باھا قوشۇپ ساتقان بولساڭلار، بەك ياخشى بولاتتى. ماڭا ئوخشاشلار قايتا قاچىلاشقا باش قاتۇرمايلا، بار مۇھىتىغا ئورنىتىپلا ئىشلىتەلەيتتى.

غەيرەت توختى كەنجى