[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • يېڭى تور بېكەت ۋە مۇنبەر قاچان ئېلان قىلنىدۇ؟
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

يېڭى تور بېكەت ۋە مۇنبەر قاچان ئېلان قىلنىدۇ؟

يېزىلغان: چارشەنبە ئاپرىل 25, 2007 5:43 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Alyar
مېنىڭچە بولغاندا باش بەت پروگراممىسى مۇقۇمدىلىپ مۇكەممەللەشكەندە ۋە نىزامنامە مۇكەممەللىشىپ پۈتكەندە.

بۇ خىزمەتلەرنى بىر ھەپتىدا تاماملىغىلى بولارمۇ؟ شۇنداق بولغاندا UKIJ نىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن ئېلان قىلغىلى بولارمۇ؟

[url]http://so.ilghar.cn/h/wr.htm[/url] دىن مەلۇم بولغۇنىدەك UKIJ نىڭ alexa دىكى دەرىجىسى داۋاملىق ئۈسىۋاتىدۇ. شۇڭا دائىمىي ئەزالارنىڭ تور بېكىتىدە جىددى تەشۋىق قىلىشقا تېگىشلىك يېڭىلىقلار بولسا UKIJ دا كەڭ تەشۋىق قىلساق بولىدۇ. UKIJ نىڭ بولغۇسى باش بېتى ۋە بۇ مۇنبەرنىڭ ئېلان بېرىش مۇلازىمىتى پەۋقۇلاددە ياخشى. سىلەر كۆرىۋاتقان Google ئېلانى ۋە بىلىك كۇلۇبى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىرىلغان تەشۋىقات رەسىمى قۇيۇلغان يەر ۋە ھەر بىر تېما ، ئىنكاس ئاستىدىكى ئېلان ئورنىنى ئۈنۈملۈك ئىشلەتسەك بولىدۇ.

ئېلان بېرىش ياكى تەۋسىيە قىلىش قىلىش ئۆلچەملىرى ۋە شەتلىرى ئايرىم تېما ئېچىلىپ مۇزاكىرە قىلنىدۇ.

يېزىلغان: پەيشەنبە ئاپرىل 26, 2007 1:51 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
سالام كۆپچىلىك،
م.ئەليار توغرا دەيدۇ، UKIJنىڭ زىيارەت قىتىم سانى شۇنداق ياخشى بولغان ئىكەن، شۇنداقلا UKIJنىڭ نۆۋەتتىكى تور دۇنياسىدا ئەڭ ئالدىنقى "نوپوزلۇق"، ئىشەنچىلىك جاي بولغانلىقى ئۈچۈن ئىلان مۇلازىمىتىدىن چوقۇم پايدىلىنىشىمىز زۆرۈر.
بۇ UKIJنىڭ ئىقتىساد يىغىشىدىكى بىر ئەڭ ياخشى مەنبە ھېسابلىنىدۇ.

ئەمدى ئىلان بىرىش توغىرىسىدا بىر ئاز توختىلىشقا توغرا كىلىدۇ، بۇنى ئەليار ئەپەندى ئىيتقاندەك ئايرىم تېيمىدا مەخسۇس پىكىر يىغىپ، مەزمۇنلارنى خۇلاسىلەپ ئىلىپ بىرىشمۇ ياخشى چارە.
ئەگەر ئەليار ئەپەندىنىڭ ئويلىغانلىرى بولسا، باشتا ئايرىم بىر تېيما يوللامدىكىن؟ بىلمىدىم.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Perhat_k ، ۋاقتى: 2007-4-26 07:54 [/i]]

يېزىلغان: پەيشەنبە ئاپرىل 26, 2007 2:35 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
مىنىڭچە 5-ئاينىڭ 10-كۈنىگە ئۈلگۈرتىش مۇمكىن بولىدۇ.
ھازىرچە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:
[color=DarkGreen]
ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Oyghan[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-16 00:03 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=104&ptid=14][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەپەندىلەر،

بەزىبىر مۇجىمەل قاراشلارنى تۈگىتىپ مۇھىم مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتايلى... دائىمىي ئەزالار + ئەزالار = UKIJ.

پولات ئەپەندىم، ھازىرچە ئىشلارنى مۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان:

1. يېڭى مۇنبەرنى قاچىلاشقا مەسئۇل كىشىلەر: ئەليار ۋە بىلىك ئەپەندى؛ بۇ ئىش تاماملاندى. ھازىر ئۇلار يەنە ئېلان ئېلىش ۋە دائىمىي ئەزالارغا email ئادرېس تەسىس قىلىش ئىشىنى قىلىۋاتىدۇ.

2. يېڭى نىزامنامە تۈزۈشكە مەسئۇل كىشى: مەن؛ دەسلەپكى نۇسخىسىنى تۈزۈپ [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=12[/url] گە قويۇپ قويدۇم. ھازىر پىكىر ئېلىنىۋاتىدۇ. تىلچىن ئەپەندى ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ تۈزۈتۈش كىرگۈزۈۋاتىدۇ، باشقىلارنىڭ پىكىر قىلىشىنى ساقلاۋاتىمىز.

3. دائىمىي ئەزالار ئارخىپىنى ئىشلەشكە مەسئۇل كىشى: پىنھان ئەپەندى؛ ھازىر ئىشلىنىۋاتىدۇ، [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=15[/url] غا قاراڭ.

4. باشقۇرغۇچىلار ۋە دائىمىي ئەزالار تۈزۈمىنى تۈزۈشكە مەسئۇل كىشى: ياۋۇز ئەپەندى؛ بۇ خىزمەت باشلانماقچى، [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=10[/url] گە قاراڭ.

5. فونتلار سەھىپىسى: [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دىكى مەزمۇنلار ئۆزگەرمەيدۇ.

6. ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئۇلانمىسى: [url]http://www.ukij.org/teshwiq/UKY_Heqqide[/url](KonaYeziq).htm گە ئۇلىنىدۇ، مەزمۇن ئۆزگەرمەيدۇ.

7. تەشۋىقاتلار: [url]http://www.ukij.org/teshwiq[/url] غا ئۇلىنىدۇ، مەزمۇننى تەكشۈرۈپ چىقىدىغان ۋە تولۇقلايدىغان ئادەم تېخى چىقمىدى.

8. كونا بېكەت: [url]http://www.ukij.org/uey[/url] گە ئۇلىنىدۇ.

9. باش بەت: ئالفا ئەپەندى [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=8[/url] دىكى لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويدى، سىزمۇ بىرنى ياساپ چىقىپ كۆرگەزمە قىلىپ باقسىڭىز ياكى پىكىر بەرسىڭىز بولىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن،

ۋارىس
[/color]

ۋارىس ئەپەندىنىڭ خۇلاسىسى ۋە نۆۋەتتىكى ئىشلار تەرتىۋىدىن قارىغاندا، مەن تۆۋەندىكىدەك پىكىر بىرىمەن:
5-ئاينىڭ 10-كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ UKIJ مۇنبىرىنى ئىچىۋىتىش.

بۇنىڭ ئۈچۈن، يۇقاردىكى ئىشلار تەرتىۋىدىن قارىساق:

1) يېڭى مۇنبەرنىڭ ئىشى.
بۇ ئىش ئاساسەن تاماملىنىپتۇ. ( email ئىشى قانداق بولدىكىن؟)

2) يېڭى نىزامنامىنىڭ ئىشى.
بۇ ئىشمۇ ئاساسەن پۈتۈپ قالدى، ئاخىرىدىكى ئاز بىر قىسىم مەزمۇنلار رەسمىي بىكىتىلمىدى.
بۇنى ۋە بىر قىسىم ئىشلارنى ۋاقتىدا پۈتتۈرۈش ئۈچۈن، دائىمىي ئەزالارغا يەنە بىر قىتىم "ئاگاھلاندۇرۇش" خىتى ئەۋەتىش، ئۇلارنى نۆۋەتتىكى مۇنبەردىكى ئىشلارغا قارىتا پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا جىددى چاقىرىش زۆرۈر، ئەگەر يەنە پىكىر قاتناشتۇرۇلمىسا "قوشۇلدى" دەپ قاراپ، باشقا ئەزالارنىڭ پىكىرى بويىچە خۇلاسە چىقىرىش لازىم. يەنە كەينىگە سۆرەۋىرىشكە بولمايدۇ.

3) دائىمى ئەزالار ئارخىۋىنى رەتلەش ئىشى.
بۇ ئىشنى پىنھان ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ، بۇنى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىگە ئۈلگۈرتىش تەس بولىشى مۇمكىن، بۇنى كەينىگە سۈرسەك، لىكىن توختتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

4) باشقۇرغۇچىلار ۋە دائىمىي ئەزالار تۈزۈمىنى تۈزۈش.
بۇنى ياۋۇز ئەپەندى قىلىۋاتىدۇ، بۇنىمۇ يۇقاردىكى 2-تۈردىكى تەكلىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلساق.

5) فونتلار سەھىپىسى.
ئۆزگەرمەيدۇ. (تۇرسۇنجان ئەپەندى ئوتتۇرغا قويغان فونتلار ئىشى يوقاپ كەتتى؟ قانداق خۇلاسە چىقىرىلدى؟ باسۇرۇپ قويۇلدىمۇ؟... ... كىيىنچە مۇزاكىرە قىلارمىز.)

6) ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى ئۇلانمىسى.
ئۆزگەرمەيدۇ.

7) تەشۋىقاتلار: [url]http://www.ukij.org/teshwiq[/url]
بۇ بەتتە جىق ئۆزگىرىش يوق، ئۇلانمىلارنى ئازراق يىڭىلىساق، ئاندىن باش بەتكە ئازراق تۈزىتىش كىرگۈزسەك بولامدىكىن دەيمەن. بۇ ئىشنى مەن قىلىپ، ئۇلانما ئادرىسىنى قالدۇراي، قاراپ چىقىپ بىر ئىش قىلساق.

8) كونا بېكەت:" [url]http://www.ukij.org/uey[/url] گە ئۇلىنىدۇ".

9) باش بەت.
باش بەتكە ھازىردىن قارىغاندا [url]http://www.ukij.org/diy[/url] بولىدىغاندەك قىلىدۇ. يەنە باشقا ئۇششاق مەسىللىرى بارمىكىن؟ ئەليار، بىلىك ئەپەندىلەر بۇنى يەنە بىر، ئاخىرقى قېتىم بىكىتىپ چىقسا بولامدىكىن؟

10) ئىلان مۇلازىمىتى
بۇ ئىشنى يۇقاردىكى تىيمىدا دىيىشكەندەك ئىلىپ بىرىپ، 5-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە رەسمىي بىكىتىپ چىقساق.

يېزىلغان: پەيشەنبە ئاپرىل 26, 2007 2:45 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
يۇقاردىكى پىكىرنى يىزىۋىتىپ، ئوبراز ئەپەندىنىڭ باش بەت ئىشلەش ھەققىدىكى تىيمىغا يازغان ئىنكاسىنى كۆرمەي قاپتىمەن، :$ [url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=8&page=3#pid181]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=8&page=3#pid181[/url]
باش بەت ئىشىنى كۆپچىلىك قاراپ چىقىپ بىر قارارغا كەلسەك، بەك كەينىگە سۆرەلمىسە، ئۇنىڭسىزمۇ ئىشلار كۆپ. مەنچە بولغاندا [url]http://www.ukij.org/diy[/url] ياخشى چىقىپتىكەن. رەڭ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىمۇ ياخشى بوپتىكەن.

يېزىلغان: دۈيشەنبە ماي 21, 2007 11:27 am
تەرىپىدىن يوللانغان Alpha
جەمىيەتتىكى دائىمى ئەزالار زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ . بەتنى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە ئىشلەپ بولۇش توغرىسىدا گەپ سۆزلەر بولۇنغان ئىدى ؛ تاكى ھازىرغىچە نەتىجە چىقمايۋاتىدىغۇ ... ؟ ؟
كۆپچىلىك بىراقلا ئۆچەككە كىرىپ كەتكەندەك جىمىپ كەتتىڭلارغۇ ؟

يېزىلغان: دۈيشەنبە ماي 21, 2007 6:04 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz
شۇنداق، ئەگەر قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسلىق ئىشلار پۈتكەن بولسا يېڭى مۇنبەر ۋە باش بەتنى بالدۇرراق ئېلان قىلىپ، UKIJ نىڭ يېڭى بېتى ۋە يېڭى قىياپىتىنى قېرىنداشلارغا نامايەن قىلساق بولاتتى.

يېزىلغان: سەيشەنبە ماي 22, 2007 3:08 am
تەرىپىدىن يوللانغان Obraz
ئەمدى ئاشكارە ئېلان قىلىدىغان ۋاختى كەلدى جۇمۇ ، بىزمۇ تەشۋىقاتنى باشلىۋەتسەك .