بېكىتىمىز قۇرۇلمىسى ۋە نىزامنامە توغرىسىدا

بۇ سەھىپە مەخسۇس دائىمىي ئەزالار ئۈچۈنلا قۇرۇلدى،
Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

بېكىتىمىز قۇرۇلمىسى ۋە نىزامنامە توغرىسىدا

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » يەكشەنبە ئاپرىل 01, 2007 11:42 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەپەندىلەر،

ئالدى بىلەن [url]http://www.ukij.org/uey/modules.php?name=Forums&file=viewtopic&t=577[/url] دىكى يېڭى دائىمىي ئەزالارنىڭ ئۇقتۇرۇشىمىزغا قىزغىنلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە سېپىمىزگە قوشۇلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن! ھەممىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت...

كۆپچىلىكنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، جەمئىيىتىمىز تور بېكىتىدە تۆۋەندىكىدەك ئىككى ئاساسلىق مەسىلە ساقلىنىۋېتىپتۇ: 1) ئېچىلىش سۈرئىتى ئاستا؛ 2) بەزى ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى مۇۋاپىق ئەمەس. مېنىڭچە بۇنىڭغا « 3) بېكەت قۇرۇلمىسا مۇرەككەپ» دېگەننى قوشۇپ قويۇش كېرەك. چۈنكى PHP-Nuke نىڭ ئىقتىدارى كۆپ بولسىمۇ، نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنىڭ بىزگە لازىمى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ساقلىنىپ قالغاچقا بېكەت ئىخچام ۋە كۆرۈنۈشلۈك بولماي قالغان.

مەزمۇنلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، PHP-Nuke ئىشلەتكەن ئامبار بەك چوڭ بولۇپ كەتكەچكە [url]http://www.ukij.org/uey/index.php[/url] نىڭ ئېچىلىشى ئاستىلىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، UKIJ مۇلازىمىتىرى ئايرىم IP ئادرېس ([url]http://208.109.44.58[/url]) ئىشلەتكەن بولغاچقا ئېچىلىش سۈرئىتى خېلىلا تېز (مەسىلەن: باش بەت [url]http://www.ukij.org[/url] ۋە يېڭى مۇنبەر [url]http://ukij.org/munber[/url] گە سىناپ بېقىڭ). ئەگەر ۋەتەن ئىچىدىكىلەرگە ئۇ بەتلەرنىڭمۇ ئېچىلىشى بەك ئاستا بولسا، ۋەتەن ئىچىدە تېزراق ئېچىلىدىغان مۇلازىمىتىردىن بوشلۇق ئالساقمۇ بولىدۇ. بېكەت نامىنىڭ ۋاقتى 11-ئاپرىل، بوشلۇقنىڭ ۋاقتى 19-ئاپرىل توشىدۇ، شۇڭا تېزراق قارار چىقىرىشىمىز كېرەك. بۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرگەيسىلەر... (مېنىڭ پىكىرىم ھازىرقىنى ساقلاپ قېلىپ ۋاقىتنى بىر يىل ئۇزارتىش)

يېڭى بېكەت قۇرۇلمىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك سەھىپىلەر مۇنداق:
-----------------------------------------------------------------------
- [color=Red]فونتلار [/color]: ھازىرقى [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] كە ئۇلىنىدۇ؛
- [color=Red]نىزامنامە[/color]: ھازىرقى [url]http://www.ukij.org/html/nizam.htm[/url] دىكى مەزمۇنلارغا 25 دائىمىي ئەزا بىرلىكتە قاراپ چىقىپ تۈزىتىش كىرگۈزەيلى؛
-[color=Red] دائىمىي ئەزالار[/color]: بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى دائىمىي ئەزالارنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى رەسىم بىلەن تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ كىشىلەرگە بولغان تەسىرى ياخشى بولىدۇ. ئۆز-ئارا ئېتىراپ قىلىش ۋە چۈشىنىشكە پايدىلىق؛
- [color=Red]UKIJ يۇمشاق دېتاللىرى[/color]: ھازىرغىچە ئىشلەنگەن UKIJ نەتىجىلىرى دەپ قارالغان يۇمشاق دېتاللار تىزىملىكى، قىسقىچە چۈشەندۈرۈش، چۈشۈرۈش ئادرېسى... قويۇلىدۇ؛
- [color=Red]ULY ھەققىدە[/color]: [url]http://www.ukij.org/teshwiq/UKY_Heqqide[/url](KonaYeziq).htm دىكى ULY غا ئائىت ئارخىپ ماتېرىياللار قويۇلىدۇ؛
- [color=Red]تەشۋىقاتلار[/color]: [url]http://www.ukij.org/teshwiq[/url] دىكى مەزمۇنلارنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقىپ، يېڭىلاپ ياكى ئىملاسىنى توغرىلاپ قويۇلىدۇ؛
- [color=Red]مۇنبەر[/color] : باشقۇرۇش، ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى ۋە باشقا ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ بىلىك كۇلۇبى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان مۇنبەرنى [url]www.ukij.org/munber[/url] گە ۋاقىتلىق قاچىلاپ قويدۇم. كۆپچىلىك مۇۋاپىق كۆرسە سەھىپىلەرنى تۇرغۇزۇپ چىقساق بولىدۇ ؛
- [color=Red]تۈرلەر[/color]: UKIJ دىكىلەر ئىشلەۋاتقان تەتقىقات تۈرلىرى تىزىملىكى قويۇلىدۇ. UKIJ تۈرلىرى دەپ قارالغان تۈرلەر چوقۇم UKIJ تور [color=Red]بېكىتىگىمۇ[/color] قويۇلىشى كېرەك.
- [color=Red]كونا بېكەت[/color]: [url]http://www.ukij.org/uey/[/url] گە ئۇلىنىدۇ.
-----------------------------------------------------------------------
بېكەت قۇرۇلمىسى توغرىسىدا خىيالىم:

[img]http://www.ukij.org/uey/images/Qaraxan.jpg[/img]

يۇقىرىدىكى قاراخانىيلار بايرىقىدىكى «دەرەخ» تىن ئىلھاملىنىپ، نىزامنامىنى ئوقنىڭ ئۇچىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر بىر سەھىپىنى ھەر بىر «شاخ» نىڭ ئۇچىغا ئورۇنلاشتۇرساق قانداق؟ ئەگەر كۆپچىلىك مۇۋاپىق دەپ قارىسا، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، باش بەت [url]http://www.ukij.org[/url] كە شۇنىڭدىن ئىلھاملانغان ئاساستا ئخچام، ئاددىي ۋە كۆرۈنۈشلۈك باش بەت ياسىساق ... (بۇنىڭغا گۈزەل-سەنئەتتىن كۆپرەك خەۋىرى بار بىرەيلەن مەسئۇل بولسۇن)

ئۇ «دەرەخ» نىڭ غولى، ئېسىمدە قېلىشىچە بىر نەيزە ياكى بىر ئوققا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ ئۇنىڭدىكى 9 «شاخ» بولسا ئەينى ۋاقىتتىكى 9 ئوغۇز (ئىچكى توققۇز قەبىلە، تاشقى توققۇز قەبىلە ؟؟؟) غا سىمۋول قىلىنغان ئىكەن... بۇ ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئارزۇيىمىزغا ئىنتايىن ياخشى سىمۋول بولالايدىكەن.

بۇ پەقەت شەخسىي خىيالىم، مۇۋاپىق كۆرمىسەڭلەر ياكى باشقىچە تەشەببۇسىڭلار بولسا پىكىر بېرەرسىزلەر...
-----------------------------------------------------------------------

جەمئىيىتىمىز نىزامنامىسىنى يېڭىلايدىغان ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈدىغان ۋاقىت كەلدى. پىكىر بېرەرسىزلەر...

ھۆرمەت بىلەن،

ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز



Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 4:09 pm

مېنىڭ قارىشىم:

1.ئۇ ك ئى ج تور بېكىتى مۇلازىمېتىرى ئامېرىكىدا بولغاچقا ۋەتەنگە نىسپەتەن بىر قەدەر ئاستا ئېچىلىدۇ، بەزىدە پەقەت ئاچقىلى بولمايدۇ، لېكىن يېقىنقى 2-3 ھەپتىدىن بېرى بىراز تىزلەشتى.
ئىشەنچلىك نۇقتىسىدىن ۋە بوشلۇقنىڭ چوڭلۇقى نۇقتىسىدىن(5 گ ب غۇ دەيمەن) مېنىڭ پىكىرىممۇ ھازىرقىنى ساقلاپ قېلىپ، ۋاقىتنى بىر يىل ئۇزارتىش.
ئەگەر ۋەتەن ئىچىدىن ئالايلى دىگۈچىلەر كۆپ بولسا بىلىك كۇلۇبى بوشلۇقى تۇرىۋاتقان مۇلازىمېتىردىن ئالساقمۇ ياكى ۋەتەن ئىچىدىكى تىز مۇلازىمېتىرلاردىن ئالساقمۇ بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق قىلساق كونە مۇنبەرنى كۆچۈرۈش داۋامىدا بىر قىسىم تالاپەتكە ئۇچرىشىمىز مۈمكىن، چۈنكى ۋاقىت بەك قىستاپ قاپتۇ.

2. بېكەت قۇرۇلمىسىدا بولۇشقا تىگىشلىك سەھىپىلەر ھازىرچە مۇنبەر ئۈستىگە ئۇلانما شەكلىدە ئۇلاپ قۇيۇلدى. دائىمىي ئەزالار تەرجىمھالى ۋە رەسىمىنى ئەۋەتسە مەن ئارخىۋىنى چىقىرىشنى قۇۋۋەتلەيمەن. بۇ ئىشنى بىرەيلەن مەسئۇل بولۇپ 3 ھەپتىدە تاماملىشى مۈمكىن.بۇ خىزمەتنى ئىشلەشنى خالايدىغانلار ئىنكاس شەكىلدە جاۋاب يېزىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالساڭلار بولىدۇ.

3. باش بەتنى قانداق ئىشلەيمىز؟ ھازىرقىدەك html شەكىلدە تۇرامدۇ ياكى باش بەت پروگراممىسى قۇيىمىزمۇ؟(بوشلۇقasp نى قوللامدۇ؟ ) بۇ مەسىلىگە قارىتا بىلىك ئەپەندى، ئوبراز ئەپەندى ، پىنھان ئەپەندى، پولات ئەپەندىلەرنىڭ تەكلىۋىنى ئاڭلاپ باقساق.تور بېكەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ تور بېكەتنى بېزەش ئىشلىرىنى گۇرۇپپا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىسە. بۇنىڭغا كىم مەسئۇل بولىدۇ؟ دائىمىي ئەزالارنىڭ جانلىق، ئاكتىپ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

4. بېكەتكە Google ئېلانى قويساق، ۋە دائىمىي ئەزالار ئورتاق بولغان [email]xxx@UKIJ.org[/email] ئېلخەت ئادرېسى ئىشلەتسەك. بۇ ئىشلارغا بىلىك ئەپەندى مەسئۇل بولسا، 4-ئاي ئىچىدە تاماملىسا.

ئەگەر تەكلىپ پىكىرلەر بولسا ياكى لاھىيە بولسا چۇقۇم ئۇنىڭغا مەسئۇل بىر ئادەم بېكىتىلسە(قايسىبىرىمىز بېكىتسەك بولىدۇ)، ۋاقىت چېكى بىكىتىلىپ ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلساق. دائىمىي ئەزالار قايسى بىر مۇنبەردىكى يىرىكچىلىكلەرنى بۇ يەرگە سۆرەپ كەلمەي ئىتتىپاقلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسەك. بۇ ئىش ئوبدان ھەل قىلىنمىسا ئەھۋالغا قاراپ جەمئىيەت دىققەت قىلالمىغان دائىمىي ئەزاغا تېگىشلىك جازا بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

يەنە بىر تەكىتلەيدىغىنىم: سىزنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىڭىز ئۇ ك ئى ج غا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بۇ مۇنبەردە سالماق، ئېغىر بېسىق، ئىسىل سۈپەت ۋە كەسكىن بولغايسىز. ئۆزىڭىزنىڭ دائىمىي ئەزالىق سالاھىيىتىڭىزنى مۇشۇ مۇنبەردىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز ۋە ئەمەلىي ياراتقان نەتىجىڭىز بىلەن ساقلاپ قالالايسىز.
دائىمىي ئەزالارنىڭ كۆپ قىسمى بىر-ئىككى يىللىق تەجرىبىگە ئىگە بولسىمۇ ،بىر قىسىم دائىمىي ئەزالار سېپىمىزگە بىراقلا قۇشۇلغاچقا يۇقارقىلارنى نەسىھەت ۋە بىلدۈرگۈ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويدۇم، ئەپەندىلەرنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىزاھات: ۋارىس ئەپەندىنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن كونا مۇنبەردىكى ئەزالار ئارخىۋى يۆتكەلمىدى، ھەممەيلەننىڭ يېڭىدىن تىزىملىنىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ۋاقىتلىق تور بېكەتنىڭ، بوشلۇقنىڭ ۋە مۇنبەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقى بۇرۇنقى بەش نەپەر مۇدىريەت ئەزاسىدا بولىدۇ.دائىمىي ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە باشقۇرغۇچى قىلىپ تەڭشەپ قۇيىلىدۇ، ھەر قايسى سەھىپىلەرگە كونكىرىتنى ئادەم بەلگۈلنىدۇ. بېكەت تەرتىپكە سېلنىپ بولۇنغاندىن كېيىن تور بەت ياساش گۇرۇپپىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:58 am

مېنىڭچە ukij نىڭ مۇلازىمىتىرىنى دۆلەت ئىچىگە يۆتكەش كېرەك ، ئالدىنقى بىر مەزگىللەردە بولۇپمۇ تەيۋەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن خېلى بىر مەزگىل ۋاقىتقىچە UKIJ تور بېكىتىنى نورمال زىيارەت قىلىش مۇمكىن بولماي قالدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە UKIJ نىڭ ئاساسلىق زىيارەت ئوبىكتلىرىنىمۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئابونتلارغا يۈزلەشتۈرۈش كېرەك ، نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر تور بېكەت كۆرۈشتە ئۇنىڭ سۈرئىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ . ئەگەر UKIJ دىكى ئەسەرلەرنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ئاستا بولسا ، ئۇنى ئۆزىمىز يېزىپ ئۆزىمىز كۆر ۈپ ئولتۇرغاننىڭ مېنىڭچە ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ . ئەگەر شارائىت يار بەرسە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئايرىم مۇلازىمىتېردا قويۇلۇپ ، سانداننى ئوخشاش زىيارەت قىلىش ئۈنۈمىگەئېرىشكەن بولسا بۇ تېخىمۇ ياخشى ئىش بولاتتى .
بەت ئىشلەش جەھەتتە ، مېنىڭچە بىرەر asp ياكى php بەت سېستىمىسى ئىشلىتىپ ، ئەھمىيەتلىك ئېسىل ئەسەر ماقالىلەرنى ئېلان قىلىش كېرەك ، تەربىيلەش ئوقۇتۇش تۈسىدىكى ئەسەرلەرنى ياساپ تارقىتىپ ، UKIJ نى تېخىمۇ كېڭەيتىش لازىم . بەزى ئېسىل ئەسەرلەرنى مۇنبەر شەكلىدە ئېلان قىلغاندا بەزىبىر قۇرۇق ئىنكاسلارنىڭ ئەسەرنىڭ سۈپىتىگە دەخلى يەتكۈزىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ . بولسا UKIJ دىن بىر js پىروگراممىسى يېزىپ biliwal تورىغا ئوخشاش ULY بىلەن UEY ئوتتۇرىسا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان ، خۇددى خەنزۇلارنىڭ ئاددىلاشتۇرۇلغان خەت نۇسخىسى بىلەن مۇرەككەپ خەت نۇسىخسى ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندەك قىلىدىغان قىلساق ، UEY ۋە ULY ئۈچۈن ئايرىم بەت ياساش ۋاقىتلىرىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ .
ئەزالارنىڭ ئارخىۋىنى ئىشلەشتە ، قانداق شەكىلدە ئىشلەش ، ئايرىم بەت قىلىپ مەخسۇس بىرەيلەن تۇتۇپ ئىشلەمدۇق ياكى مەخسۇس تېما ئاستىغا ھەركىم ئۆزىنىڭكىنى تولدۇرۇپ ئىشلەمدۇق ؟

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 12:24 pm

مەنچىمۇ ukij نىڭ مۇلازىمىتىرىنى دۆلەت ئىچىگە يۆتكەش زۈرۈردەك قىلىدۇ . ھازىر [url]http://www.ukij.org/munber/[/url] بۇ مەنزىلنىڭ ئېچىلىشى خېلىلا تېز . ئەمما PHP-Nuke نىڭ ئېچلىشى ئاستا .
----------------------
[quote]. باش بەتنى قانداق ئىشلەيمىز؟ ھازىرقىدەك html شەكىلدە تۇرامدۇ ياكى باش بەت پروگراممىسى قۇيىمىزمۇ؟(بوشلۇقasp نى قوللامدۇ؟ ) بۇ مەسىلىگە قارىتا بىلىك ئەپەندى، ئوبراز ئەپەندى ، پىنھان ئەپەندى، پولات ئەپەندىلەرنىڭ تەكلىۋىنى ئاڭلاپ باقساق.تور بېكەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ تور بېكەتنى بېزەش ئىشلىرىنى گۇرۇپپا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىسە. بۇنىڭغا كىم مەسئۇل بولىدۇ؟ دائىمىي ئەزالارنىڭ جانلىق، ئاكتىپ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.[/quote]تەكلىپ پىكىرگە ، مەسلھەتلەرگە قاراپ قۇلۇمدىن كىلىشىچە بۇ تەرەپلەرگە ھە - ھۇ دىيىشىپ بىرەلەيمەن .
باشقا مەسىللەرنى كېيىنچە تۇلۇقلارمەن ..

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 4:12 am

پىرۇگىرامما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىكى تۆۋەندىكى مەنزىلنى كۈرۈڭ .
[url]http://www.xjprgfan.com/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=590[/url]
مۇشۇ بويىچە ULY غا ئالماشتۇرۇش مەشخۇلاتى قىلىنسا ، ئايرىم بەت تەسسىس قىلىنمىسىمۇ بولار ، بولمىسا تاشلىنىپ قالىدىغان ئەھۋال يەنە پەيدا بولمىسا ....

Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:10 am

ئەليار ئەپەندىنىڭ تەكلىپىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ،،،،
مەنمۇ ئەليار ئەپەندىنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلەيمەن ، مەنچە بولسا مۇلازىمىتىرنىڭ ئامرىكىدا بولۇپ تاللانغانلىقى سەل ياخشىراق ..... بەزى سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ ئولتۇرۇشۇممۇ ھاجەتسىز دەپ قارايمەن ....

دائىمي ئەزالارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش ئىشىغىمۇ سەل قارىماسلىق كىرەك ، يىغىن ، ئۇرۇنلاشتۇرۇش بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ئالاقىلىشىش ۋاستىسىنى تېپىش ئوڭاي بولىدۇ ، ھەم بۇ ئىشلارغا ياردەملىشىنى خالايمەن ، ئوبراز ، پولات ئەپەندىلەرمۇ بولغاندىكىن بۇمۇ ئۇزاققا قالمايدۇ

مىنىڭچە بولسا باش بەتنى ئىشىلگەندە ، مۇلازىمتىىرنىڭ ئامىرىكىدا ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ،رەسىمنى جىق قىستۇرمىغان ئاساستا ، ينىكراق html بەت ياسىساق بولغۇدەك ئويلاپ قالدىم ، ئۆزىمىزنىڭ خاھىشى ۋە پىلانى بىلەن ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا html ياخشى ھەم ينىك چىقىدۇ ...

Google نىڭ ئېلانىنى قۇيۇش ئىشىنى مەنمۇ قۇۋۋەتلەيمەن .

مىنىڭ يەنە بىر پىكرىم شۇكى بەتكە EOT ياسايمىزمۇ قانداق ؟ ھازىرچە تور بېتىمىز تەشۋىقات رولىنى ئويناپ تۇرىدۇ ، تورخانىلار تورغا چىقىدىغان ئابونتىلارغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن EOT ياساش زۆرۈر دەپ قارايمەن ، خەت نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش شەكلىىنى قوللانساقمۇ بولىدۇ ، بىراق بەزى تورخانىلاردا سېستىما دېسكىنى يۇشۇرۇپ قۇيۇش، كۆچۈرۈش ، ئۆچۈرۈشنى مەشغۇلاتىنى چەكلەش دىگەندەك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللىنىلغان ، كومپىيۇتېر ساۋادى سەل ئاجىز تورداشلارنىڭ بۇنى يىشيىپ بولۇشى بىر قەدەر قىيىن ھەم بۇنچىۋالا مۇرەككەپ جەريانلارنى بېسىپ تور بەت زىيارەت قىلىشمۇ ئۇلارغا خوش ياقماسلىقىمۇ مۇمكىن .... شۇڭا بۇ پىكرىم ئويلىنىپ بېقىلسا دىگەن ئۈمىتتىمەن .

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 8:29 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]obraz[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-4 10:12 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=15&ptid=3][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
پىرۇگىرامما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىكى تۆۋەندىكى مەنزىلنى كۈرۈڭ .
[url]http://www.xjprgfan.com/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=590[/url]
مۇشۇ بويىچە ULY ... [/quote]

مەنمۇ بۈگۈن ئەتتىگەن بۇ تېمىنى بايقاپ ، بېكىتىمنى ئۆزگەرتىپ قويدۇم .
[url]http://zeper.cn/baxbat.asp[/url]

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 4:47 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

تۆۋەندىكىلەر مېنىڭ پىكىرىم:

- ۋاقىت قىس بولغاچقا، مۇلازىمىتىر يەنە بىر يىل ئۇزارتىلدى. PHP-Nuke ئىشلەتكەن ئامبار چوڭ بولغاچقا ئېچىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ. ئەمدى ئۇ توغرىلىق ئويلاشمايلى.

- باش بەتنى ئامال بار ئاددىي ياسايلى، بۇنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلارنى ئاسان تېپىشىغا... پايدىلىق. HTML دا چىرايلىقراق ياسايلى. مېنىڭ گۈزەل سەنئەتتىن خەۋىرىم يوق بولغاچقا، بىرسىڭلار «مەن قىلاي!» دەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ :D دەسلەپكى لايىھىسىنى كۆرگەزمىگە قويۇپ بېقىڭلار. مۇمكىن بولسا ھەممىمىز بىردىن لايىھىلەپ كۆرگەزمە قىلايلى، شۇنىڭدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللىساق بولىدۇ. بەزى بىر پەرەزلىك ئامىللارنى ئويلاشقاندا، يۇقىرىدىكى تېمامدا ئوتتىرىغا قويغان لايىھە مۇۋاپىق ئەمەسكەن. شۇڭا، ھەممىڭلار، ئويلىغانلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ لايىھىلەپ بېقىڭلار.

- Google نىڭ ئېلانىنى قويۇشقا قوشۇلىمەن، چۈنكى جەمئىيىتىمىزنىڭ ھېساباتى مۇلازىمىتىرنى يەنە بىر يىل ئۇزارتقاندىن كېيىن قۇرۇپ قالدى. ئېلان ئىلتىماس قىلىشقا مېنىڭچە ئەليار ۋە بىلىك ئەپەندىنىڭ تەجىرىبىسى بار بولغاچقا شۇلار مەسئۇل بولسۇن.

- دائىمىي ئەزالارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشقا بىر ياكى ئىككى ئادەم مەسئۇل بولسۇن. كىم شۇنداق قىلىدۇ؟ ھازىرقى دائىمىي ئەزالار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار [url]http://biliwal.com/GoogleTap_SG_post_t_1166.html[/url] دا ۋە بىلىك كۇلۇبىدا بار. دائىمىي ئەزالىقتىن چېكىنگەن ۋە يېڭىدىن قوشۇلغانلارنىڭككىنى ئايرىم خەت يېزىپ تولۇقلىسا بولىدۇ.

- بېكىتىمىزدە EOT فونتنى داۋاملىق ئىشلەتمەيلى، بۇ مەسىلە توغرىسىدا بۇرۇن قارار چىقىرىلغان.

- مەن [url]http://www.ukij.org/html/nizam.htm[/url] دىكى نىزامنامىنى تۈزىتىۋاتىمەن، ئامال بار يەكشەنبە كۈنى پۈتتۈرىمەن. تەكلىپ پىكىرلەر بولسا ئايىمىغايسىلەر.

ھۆرمەت بىلەن،

ۋارىس ئا. جانباز

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » جۈمە ئاپرىل 06, 2007 6:03 am

بېكەت باش بېتىگە ئايرىم ئارقا سەھنە سېستىمىسى ئىشلىتەمدۇق ، ياكى ئىلگىرىكىدەك مۇنبەردىكى مەزمۇنلارنى يۆتكەپ كۆرسىتىدىغان قىلىپ ئىشلىتەمدۇق؟ ئەگەر ئايرىم ئارقا سەھنە ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە ، مەندە ھازىر خېلى يامان ئەمەس ، ھەرقانداق سەھىپە تۈرلىرىنى باش بەتتە JS, iframe قىلىپ يۆتكەپ كۆرسىتىش ئىقتىدارى بار بىر asp ئارقا سەھنىسى بار . مېنىڭچىمۇ بەتنى html قىلىپ ئاددى لاھىيەلىگەن تۈزۈك .

Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » جۈمە ئاپرىل 06, 2007 7:59 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Alpha[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-6 12:03 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=29&ptid=3][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بېكەت باش بېتىگە ئايرىم ئارقا سەھنە سېستىمىسى ئىشلىتەمدۇق ، ياكى ئىلگىرىكىدەك مۇنبەردىكى مەزمۇنلارنى يۆتكە ... [/quote]

ئارقا سەھنىسى بولسا تېخى ياخشى. لېكىن بوشلۇق ASPنى قوللىمايدۇ. HTMLياكى PHPلىق بولسا بولىدۇ. باش بەتكە JSكودى ئارقىلىق يۆتكىسەك بولىدۇ.
باش بەت مەسىلىسىنى مۇنۇ تېمىدا مۇزاكىرە قىلساق: [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=8[/url]

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار