تۈزىتىلگەن نىزامنامە

بۇ سەھىپە مەخسۇس دائىمىي ئەزالار ئۈچۈنلا قۇرۇلدى،
UyghurDev
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 13, 2007 2:20 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان UyghurDev » جۈمە سېنتەبىر 14, 2007 6:56 am

1. «تېخنىكا ۋە تەتقىقات بۆلۈمى» ۋە «مەسلىھەتچىلەر بۆلۈمى»نىڭ كونكېرت ئىش تەقسىماتى يوق. پەقەت مۇنداق مۇنداق ئادەملەر ئەزا بولىدۇ دەپلا يېزىلغان.
2. «كومپىيوتېرچىلار»،«پىروگىراممىچىلار» دىگەندەك گەپلەرنى كىرگۈزمىسەك. «كومپىيوتېر كەسپى خادىملېرى»،«ھەۋەسكارلار»،«پىروگىراممېرلار» ياكى «كومپىيوتېر ئېنژىنېرلېرى» دىگەندەك كەسپى ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىساق.
3. مېنىڭچە نىزامنامىدە جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىلا بايان قىلىنغان. بۇ قۇرۇلما زادى قانداق ھەركەت قىلىدۇ، بۇ ھەقتە ئېنىق بەلگىلىمە يوق. مەسىلەن گۇرۇپپىلارنىڭ خىزمەت پىلان تۈزۈش، خىزمەتتىن دوكىلات بېرىش، خۇلاسىلاش قاتارلىق ئىشلېرىنىڭ مۇقىم ۋاقتىنى بېكىتىپ شۇ ۋاقىتتا شۇنداق خىزمەتلەرنى جەزمەن قەرەللىك ئىشلەش كېرەك. بولمىسا مەڭگۈ مۇشۇنداق ئىستىخىيىلىك ھالەتتە خالىسا كىرىدىغان، خالىسا كىرمەيدىغان سورۇن بولۇپ تۇرىۋېرىمىز. ئىلگىرى ھېچ بولمىسا بىر يىلدا بىر سايلام ۋاقتىدا خىزمەتلەردىن خۇلاسە قىلاتتۇق، ھازىر سايلام بولمىسا خىزمەت خۇلاسە قىلىدىغانغىمۇ ئادەم چىقماي قالىدۇ چوقۇم. شۇڭا كونكېرت قىلىپ ھەريىللىق خىزمەت پالانى ئايدا باشلىنىدۇ، پالانى ئايدا گۇرۇپپىلار بىر مەۋسۈملۈك خىزمەت پىلانىنى ئېلان قىلىدۇ. پالانى ئايدا ياكى مۇنچىلىك ۋاقىتتا قەرەللىك خىزمەت دوكىلاتى بېرىدۇ. پالانى ۋاقىتتا مەۋسۇملۈك خىزمەتتىن خۇلاسە چىقىرىلىدۇ دىگەندەك مۇنتىزىم ئىش تەرتىپى بولىشى كېرەك. ئۇندىن باشقا خىزمەت پىلانى تۈزۈش ۋە ئۇنى گۇرۇپپا ئىچىدە مۇزاكىرە قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا مۇدىرىيەتكە تەستېقلىتىش دىگەندەك ئىشلارنىڭمۇ كونكېرت خىزمەت تەرتىپ لايىھىسى بولىشى كېرەك.
4. دائىمى ئەزالارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش ئىششى مېنىڭچە جەزمەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ئەمەس. ئەمىلى خىزمەت ئىشلىگەن ياكى ئىشلىمىگەنلەرنى ۋاقتىدا بېلىپ تۇرۇپ، خىزمەت ئىشلىگەنلەرنى ۋاقتىدا بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ تۇرساقلا بولىدۇ. مەقسەت ئەمىلى خىزمەت.



Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » شەنبە سېنتەبىر 15, 2007 8:48 am

UyghurDev ئەپەندىمنىڭ تەكلىپى تۇلىمۇ ئۇرۇنلۇق.
ئويلىشىپ باقساق.

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

سالام ئەپەندىلەر،

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » دۈيشەنبە سېنتەبىر 17, 2007 12:28 pm

بەزى ئىنكاسلارغا ئاساسەن، تىلچىن ئەپەندى رەتلەپ يوللىغان نىزامنامىنى قايتىدىن قاراپ چىقىپ، ئاز بىر قىسىم سۆز جۈملىلەرنى ئىنكاسلارغا ئاساسەن قوشتۇم. قاراپ چىققايسىلەر.
(ئەسلى تىلچىن ئەپەندى تۈزىتىش سۆز قوشقان، كىيىن قوشۇلغان ئاخىرىدىكى مەزمۇنلار [color=Red]قىزىل[/color] رەڭدە ئىپادىلىنىپتىكەن. مەن بۇ قېتىم ئىنكاسلارغا ئاساسەن، ئۆزگەرتىلگەن سۆز جۈملىلەرنى[color=Blue] كۆك [/color]رەڭدە ئىپادىلەپ قويدۇم.)

UyghurDev ئەپەندى ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ، مەن مۇنداق ئويلىدىم:
[color=DarkGreen]1. «تېخنىكا ۋە تەتقىقات بۆلۈمى» ۋە «مەسلىھەتچىلەر بۆلۈمى»نىڭ كونكېرت ئىش تەقسىماتى[/color] مەسىلىسىنى نىزامنامىگە كىرگۈزمەي، يىللىق پىلان تۈزگەندە شۇ ئىش تەقسىماتىغا كىرگۈزسەك.
[color=DarkGreen]2. «كومپىيوتېرچىلار»،«پىروگىراممىچىلار» دىگەندەك گەپلەرنى كىرگۈزمىسەك. «كومپىيوتېر كەسپى خادىملېرى»،«ھەۋەسكارلار»،«پىروگىراممېرلار» ياكى «كومپىيوتېر ئېنژىنېرلېرى» دىگەندەك كەسپى ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىساق.[/color]
شۇنداق، سۆز جۈملىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك، مەن نىزامنامىگە قاراپ چىقتىم، بىر جايدا مۇشۇنداقراق ئاتالغۇدىن بىرسى چىقتى، كۆك رەڭدە ئۆزگەرتىپ ئىزاھلاپ قويدۇم. باشقا ئۇچرىمىدى.

3. UyghurDev ئەپەندى ئىنكاسىدىكى: [color=DarkGreen]مېنىڭچە نىزامنامىدە جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىلا بايان قىلىنغان. بۇ قۇرۇلما زادى قانداق ھەركەت قىلىدۇ، بۇ ھەقتە ئېنىق بەلگىلىمە يوق. مەسىلەن گۇرۇپپىلارنىڭ خىزمەت پىلان تۈزۈش، خىزمەتتىن دوكىلات بېرىش، خۇلاسىلاش قاتارلىق ئىشلېرىنىڭ مۇقىم ۋاقتىنى بېكىتىپ شۇ ۋاقىتتا شۇنداق خىزمەتلەرنى جەزمەن قەرەللىك ئىشلەش كېرەك. بولمىسا مەڭگۈ مۇشۇنداق ئىستىخىيىلىك ھالەتتە خالىسا كىرىدىغان، خالىسا كىرمەيدىغان سورۇن بولۇپ تۇرىۋېرىمىز. ئىلگىرى ھېچ بولمىسا بىر يىلدا بىر سايلام ۋاقتىدا خىزمەتلەردىن خۇلاسە قىلاتتۇق، ھازىر سايلام بولمىسا خىزمەت خۇلاسە قىلىدىغانغىمۇ ئادەم چىقماي قالىدۇ چوقۇم. شۇڭا كونكېرت قىلىپ ھەريىللىق خىزمەت پالانى ئايدا باشلىنىدۇ، پالانى ئايدا گۇرۇپپىلار بىر مەۋسۈملۈك خىزمەت پىلانىنى ئېلان قىلىدۇ. پالانى ئايدا ياكى مۇنچىلىك ۋاقىتتا قەرەللىك خىزمەت دوكىلاتى بېرىدۇ. پالانى ۋاقىتتا مەۋسۇملۈك خىزمەتتىن خۇلاسە چىقىرىلىدۇ دىگەندەك مۇنتىزىم ئىش تەرتىپى بولىشى كېرەك. ئۇندىن باشقا خىزمەت پىلانى تۈزۈش ۋە ئۇنى گۇرۇپپا ئىچىدە مۇزاكىرە قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا مۇدىرىيەتكە تەستېقلىتىش دىگەندەك ئىشلارنىڭمۇ كونكېرت خىزمەت تەرتىپ لايىھىسى بولىشى كېرەك.[/color]

بۇ ياخشى پىكىر بوپتۇ، ئويلىغىنىمنى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرغا قويۇپ باقاي، پايدىلىنىش ئۈچۈن كۆرۈپ باققايسىلەر:
ئاۋۋال مۇدىرىيەت باشلىقى (رەئىس) يىللىق پىلاننى يىڭى يىل باشلانغان 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە (ياكى بەك ئۇزۇن بوپ كەتتىمۇ؟) ئوتتۇرغا قويىدۇ.
يىللىق خىزمەت پىلانىنىڭ مۇھىم گەۋدىسىنى رەئىس ئوتتۇرغا قويىدۇ. قىسمەن قوشۇش كىرەك بولغان پىلانلار بولسا دائىمىي ئەزالار ئوتتۇرغا قويغاندىن كىيىن تولۇقلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن كىيىن 15كۈن ئىچىدە ھەرقايسى گۇرۇپپىلار شۇ بىر يىللىق خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن ئۆز گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. يىرىم يىلدا بىر قىتىم، يەنى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا گۇرۇپپىلار ئۆز خىزمىتدىن خۇلاسە دوكلات بىرىدۇ.

----------------------------------------------------
UyghurDev ئەپەندى ئوتتۇرغا قويغان مۇشۇ 3-تۈردىكى مەزمۇنلار ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ كونكىرتنى يىزىلمىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ تەييارلىغان بولسا ياخشى بولاتتى، ۋاقتى يىتەرمىكىن؟:handshake

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » يەكشەنبە سېنتەبىر 30, 2007 6:40 am

سالام ئەپەندىلەر،

1. بۇ تىيمىغا چۈشكەن [size=4]ئىنكاسلارغا ئاساسەن[/size] تۈزىتىلگەن نىزامنامىنىڭ ئۈستىنكى قەۋەت ئىنكاسىمدىكى نۇسخىسى كەنجى كوررىكتوردىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كىيىن، htm ھۆججىتى قىلىنىپ تەييارلاندى. ئاخىرقى 3كۈن مۆھلەتتىن كىيىن، بۇرۇنقى كونا نىزام ئورنىغا قويۇلىدۇ، ۋاقىپلانغايسىلەر.
(ۋاقىتلىق كۆرۈش ئادرىسى: [url=http://www.uighurtibbi.com/teshwiq/nizamname.htm]نىـــــــــزامنــــــــــامــــــــە[/url] )

نىزامنامىگە مۇناسىۋەتلىك جايلاردىن:
(1) دائىمىي ئەزالار ئىسىملىكىنى پىنھان ۋاقىت چىقىرىپ، ئامال بار مۇشۇ 3كۈن (سوزۇلغاندىمۇ 7كۈن) ئىچىدە 25ئەزانى تىزىۋەتسە، [url=http://www.ukij.org/uey/modules.php?name=Forums&file=viewtopic&t=577]ئەزالار تىزىملىــــكى[/url]
دائىمىي ئەزالار لايھىلىنىدىغان بەت پىنھان يازمىسىدىكى تىيمىدا مۇقىملاشقاندەك [url=http://www.ukij.org/eza/]http://www.ukij.org/eza/[/url] مۇشۇ بەت بولدىغان بوپتىكەن. پىنھان شۇ بەتنى ئازراق تۈزەشتۈرۈپ قويسىكەن، ئەزالار ئارخىپى بارلارنىڭ ئارخىپىنى يازساق، ئارخىپى بولمىسا ئىسىملىكىنى چىقىرىپ قويساق بولىدۇ.
(2) نىزامنامىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان دائىمىي ئەزالارنىڭ UKIJدىن ئىككىنجى دەرىجىلىك نام ۋە بوشلۇق ئىشلىتىش مەسلىسىنى ئوبراز ئەپەندى ۋە مۇنبەرنىڭ، بوشلۇقنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىنى بىلىدىغان ئەپەندىلەر قاراپ چىقسىكەن.
(بىز ئوبراز ئەپەندىدىن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرىمىز، ئوبراز ئەپەندى ئىزدىنىپ باقسىكەن، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەپەندىلەرمۇ ئاكتىپ ياردەملىشەرسىلەر.)
---------------------------------------------
2. مەن دائىمىي ئەزالاردىن تەلەپ قىلىغان، ئەليار ئەپەندى ئوتتۇرغا قويغان «[url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=22&extra=page%3D1]دائىمىي ئەزالارنىڭ ئىش تەقسىماتى ۋە گۇرۇپپىلار[/url] » تىيمىسىغا قارشى، باشقىچە تەكلىپ ئاۋازلار چۈشمىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، چۈشكەن ئىنكاسلارغا ئاساسەن، 3كۈندىن كىيىن ئوچۇق ئىلان قىلىنىدۇ.

---------------------------------------------
3. 3كۈندىن كىيىن، يۇقاردىكى «دائىمىي ئەزالارنىڭ ئىش تەقسىماتى ۋە گۇرۇپپىلار» تىيمىسىغا ئاساسەن، كىيىنكى يىرىم يىللىق پىلان لايھىسى ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ.
دائىمىي ئەزالارنىڭ كىيىنكى يىرىم يىللىق لايھەدە بىرلىككە كىلىپ، 10-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بىكىتىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.:time: (روزا ھىيتقىچە قىلىدىغان ئىشلارنى تۈگىتىشىمىز لازىم.)

(كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ دەپ ئولتۇرساق بولمايدۇ، ھىلىمۇ يىرىم يىل ئۈن تىنسىز ئۆتۈپ كەتتى.....)


(بەزىڭلارغا يۇقارقىدەك ئىش تەقسىمات قىلىپ قويدۇم، مۇنبەر ئىشىغا خام بولغاچقا شۇنداق قىلماي بولمىدى، UKIJئۈچۈن خاپا بولماي، مىنى توغرا چۈشىنىشڭىزلارنى سورايمەن.:$ )

سالام بىلەن: پەرھات(ك).

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Perhat_k ، ۋاقتى: 2007-9-30 12:42 [/i]]

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » سەيشەنبە ئۆكتەبىر 02, 2007 7:15 am

مەزكۇر ukij تور بىكىتىنىڭ بوشلۇق ۋە ئىسىم مۇلازىمىتىرىنىڭ ھىچقانداق ئۇچۇرىنى بىلمەيمەن ، بەلىكىم بىلىك ئەپەندىم بىلىشى مۇمكىن .

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » پەيشەنبە ئۆكتەبىر 04, 2007 3:55 am

كىيىنكى يىرىم يىللىق خىزمەت پىلانى ئوتتۇرغا قويۇلدى، ۋاقىپلانغايسىلەر.
[url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=130&extra=page%3D1]ئۇلانما ئادرىسى[/url]

ئەزالارنىڭ پىكىرلەشكەن تىيمىدا ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلىرىمىزگە ئاساسەن، (تىزىملىتىش ئىشلىرىمىزنى چوقۇم قىلىشىمىز سەۋەبىدىن) يېڭى نىزامنامىنىڭ 3-تۈرى UKIJ ئىنتىرنىت تورىدىكى مەۋھۇم جەمىئەت دىگەن ئاتالغۇ جۈملە تۈرى چىقىرۋىتىلدى.


سالام بىلەن، پەرھات(ك).

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » پەيشەنبە ئۆكتەبىر 11, 2007 5:36 am

نىزامنامە ئەزالارنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن، ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئۆزگەرتىلدى.
ئۆزگەرتىشلەر:
1) ئەسلى 3. تۈردىكى « UKIJپايدا تىپىشنى مەقسەت قىلمايدىغان، ئىنتىرنېت تورىدىكى مەۋھۇم جەمىئيەت» دىگەن تۈر ئۆزگەرتىلىپ« UKIJپايدا تىپىشنى مەقسەت قىلمايدىغان، كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدىكى جەمىئيەت» قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
2) ئەسكەرتىش: 2007-يىلدىن باشلاپ رەئىس سايلاش تۈزۈمى ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، دىگەن جۈملە چىقىرۋىتىلدى.

[url=http://www.uighurtibbi.com/teshwiq/nizamname.htm]كۆرۈش مەنزىلى[/url]

[color=Blue][size=6]دائىمىي ئەزالار بىتىدىكى 25ئەزانى (سەمەت مەمتىمىن تىلچىن ئەپەندىنى قوشۇپ) تىزىۋىتىپ، نىزامنامىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇشنى قەتئىي تەلەپ قىلىمەن.[/size][/color]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار