[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • تۈزىتىلگەن نىزامنامە
جەمئىي2 بەتنىڭ 1 - سى

تۈزىتىلگەن نىزامنامە

يېزىلغان: سەيشەنبە ماي 22, 2007 12:59 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Tilchin
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
ئويغان ئەپەندى [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=12[/url] دا يېڭى نىزامنامىگە پىكىر بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە پىقىر كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن تۈزەتمەكچى بولغانىدىم. لېكىن دائىمىي ئەزالار بەرگەن پىكىر بەكلا ئاز بولغاچقا كۆپچىلىكنىڭ پىكىر بېرىشىنى ساقلاپ نىزامنامىنى تۈزىتىش ئىشى بەكلا سوزۇلۇپ كەتتى. :'(
يەنە ساقلاۋەرسەم بولمىغۇدەك شۇڭا ئاز-تۇلا تۈزىتىپ يوللاپ قويدۇم.


ئۆزگەرتىلگەن جايلار قىزىل رەڭدە كۆرسىتىلدى ۋە بەزى ئىملا خاتالىقلىرى تۈزىتىلدى، قوشۇمچە ھۆججەتكە قاراڭ :

يېزىلغان: سەيشەنبە ماي 22, 2007 4:32 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Tilchin[/i] ، ۋاقتى: 2007-5-22 18:59 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=246&ptid=33][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
UKIJ نىڭ تور بېكىتىدە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرلا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، باشقا مەزمۇندىكى تېمىلار بىردەك قارشى ئېلىنمايدۇ ھەم تور بېكەتتە ئېلان قىلىنمايدۇ.
[/quote]

مېنىڭچە بولغاندا يۇقۇرىدىكى مەزمۇن ساقلىنىپ قېلىنسا، لېكىن كومپىيۇتېردىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇراجەت ۋە چاقىرىقلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا يول قويۇلسا؛

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Tilchin[/i] ، ۋاقتى: 2007-5-22 18:59 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=246&ptid=33][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسكەرتىش: 2007-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى رەئىس سايلاش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
[/quote]
رەئىس قويۇلمامدۇ ياكى نەچچە يىلدا بىر قېتىم سايلىنىدۇ دىگەندەك ئۇچۇرلار ھەققىدە ئېنىق ئىزاھ بېرىلسە، ھازىرقى گەپتىن ھەر يىلى ئەمەس نەچچە يىلدا بىر قېتىم سايلىنىدۇ دىگەندەك چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدىكەن، ئەڭ توغرىسى رەئىس قويۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرمىساق، چۈنكى بىزدە «باشسىز يىلان ماڭالماس» دىگەن ھېكمەت بار، مەن رەئىس قويۇش پىكرىدە چىڭ تۇرىمەن. بۇ مەسىلىگە باشقىلارمۇ ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا.

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Tilchin[/i] ، ۋاقتى: 2007-5-22 18:59 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=246&ptid=33][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
- ئۇ ك ئى ج نىڭ نازارەت بۆلىمىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولىشى لازىم(تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن « ئىشەنچلىك» دېگەن [size=6][color=Red]تۇغرانى[/color][/size] ئىشلەتسە بولىدۇ).
[/quote]
تۇغرامۇ تۇغمۇ؟
ھازىرچە ھېس قىلغانلىرىم مۇشۇنچىلىك، ئەگەر باشقا دائىمىي ئەزالارمۇ پىكىر قاتناشتۇرۇپ ھېس قىلغانلىرىنى ۋە تۈزىتىشكە تېگىشلىك نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويسا، نىزامنامىنى ۋاقتىدا بېكىتىپ، تور بەتنى ۋاقتىدا ئېچىۋەتسەك بولاتتى، 5- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن خېلى بەك كېچىكىپ كەتتى.

يېزىلغان: سەيشەنبە ماي 22, 2007 4:52 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971
بۇ نىزامنامە خېلى ئەتىراپلىق ئويلىشىلغان ئاساستا تۇزۇپ چىقىلىپتۇ . مېنىڭ باشقىچە پىكىرىم يوق .

مۇمكىن بولسا مۇشۇ نىزامنامىنىڭ بىرىنجى قۇرىغا ئالاھىدە چوڭراق قىلىپ بۇرۇنقىغا ئوخشاش « ئۇيغۇر كومپىيوتېر ئىلمى جەمىيتى سىياسىدىن خالى بولغان ، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىيوتېر ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۇرۇشنى مەخسەت قىلىدىغان ، كومپىيوتىرچىلار جەم بولغان جەمىيەت» دىگەن سۆزنى قوشۇپ قويۇشنى ئويلىشىپ باققان بولساق . بۇ مېنىڭ سەخسەن پىكىرىم .

مۇشۇنداق قىلىش جەمىيتىمىزگە ، جەمىيتىمىزگە ھەسسە قوشۇش ئۇچۇن ئىككىلىنىپ قېلىۋاتقان كومپىيوتىر ھەۋەسكارلىرىغا ، ھەمدە جەمىيتىمىزدىكى بىزلەرگىمۇ ئالاھىدە پايدىلىق دەپ ئويلايمەن .

ھۆرمەت بىلەن : polat1971

يېزىلغان: سەيشەنبە ماي 22, 2007 5:25 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
نىزامنامىنى ھەممەيلەن كۆردى ھەقىچان شۇڭا نەقىل ئالمايلا يازاي؛
1- [color=Red]ئاساسلىق يېزىق — ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى (UEY) [/color] بۇنى ئېلىۋىتىلى بىزنىڭ يېزىقىمىز نى بىز كۆرگەندىكىن بىز بىلىمىز بىزنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يېزىقىمىز يوق.
2- [color=Red]UKIJ ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ھەسسە قوشقان؛ [/color] دىكى « ئاللىبۇرۇن» ئىلىۋىلسۇن. «قوشقان»دېگەندىن شۇ مەنا چىقىۋىرىدۇ.
3- دائىمىي ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسى: گە « UKIJنىڭ چاقىرىق،قارارلىرىنى ئەزا توربەتلەردە تەشۋىق قىلىش »، «شەخسىي ماتىرىيالىنى ھەقىقىي تولدۇرۇش» نى قوشۇپ قويۇش كېرەك.
4- [color=Red]UKIJ تورىدا ۋاكالىتەن سېتىش[/color]نى UKIJ تورىنى ۋاستە قىلىپ سېتىش دېسەكمىكىن .
5- بۇلارغا «قىلماسلىق»نى قوشۇپ قويىلى؛
- باشقىلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغۇرلاپ ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز ئاشكارىلىۋېتىش/سېتىش
- ئۆلچەمسىز يۇمشاق دېتاللارنى ئۆلچەملىك دەپ سېتىش ياكى تارقىتىش
- ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش
- باشقىلارنىڭ كىشىلىك شان-شۆھرىتى ھەم ئابرويىغا دەخلى-تەرىز يەتكۈزىدىغان سۆزلەرنى قىلىش
- دۆلىتىمىز قانۇنىغا خىلاپ مەزمۇنىدىكى ھەر قانداق ماقالىلارنى ئەۋەرتىش

6-[color=Red] كونا يېزىق [/color] دېگەن گەپنى ئىشلەتمەيلى «ئۇيغۇرچە» دېسەكلا بولا.

[b][u]ئالدىراش بولغاچقا گەپنى قىسقىلا يازدىم. چۈشەنچە بېرىش زۆرۈرىيىتى بولسا ئايرىم يازاي. [/u][/b]

يېزىلغان: سەيشەنبە ماي 22, 2007 7:00 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Alpha
مېنىڭمۇ بۇ يېڭى نىزامغا باشقا ئارتۇق پىكرىم يوق . بولسا دائىمى ئەزالار ئارخىۋى تېزراق ئىشلەنسە ، ئۆزئارا ئالاقە كۈچەيتىلسە ، ھەمدە ئۆزئارا تېخنىكىلىق ئۆگىنىشلەر ئېلىپ بېرىلسا . دائىمى ئەزالار ئارىسىدا ئىچكى بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدى ئېلىنسا ...

يېزىلغان: چارشەنبە ماي 23, 2007 8:05 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

يېڭى نىزامنامىغا ھازىرغىچە بېرىلگەن پىكىرلەر تۈگىگەن بولسا شۇ بويىچە تۈزىتىپ يېڭى بەتكە قويۇپ قويايلى.

ھازىر ھەل بولمىغان مەسىلە پەقەت رەئىس سايلاش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى قالدۇرماس مەسىلىسى ئوخشايدۇ. نىزامنامىگە «2007-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى رەئىس سايلاش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.» دەپ يېزىشىمنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىلەر ئىدى:

1. رەئىس نامزاتى يوق، رەئىس بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغان كىشىلەر ۋاقىت چىقىرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2. بۇرۇن بەزى ئەزالار رەئىسنى «ئالاھىدە ھوقۇقنى ئېلىۋالغان» دەپ قارايدىغاندەك غەلىتە قاراشلار بايقالغان. شۇڭا رەئىس سايلاشنى بىكار قىلىش ئارقىلىق دائىمىي ئەزالار ئارىسىدا باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۆزدە تۇتۇلغان.
3. كۆپ ساندىكى رەئىس ئەمەس ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقى ئانچە يۇقىرى بولمىغان، ياكى رەئىستىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش پەقەت رەئىسكىلا تاشلىنىپ قالغان (يەنى ئالدىراشچىلىقتا ھەمكارلىشىش يېتەرلىك بولمىغان).
4. ۋاقىت.

شەخسەن مەن رەئىس سايلاش تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۇنچىۋالا مۇھىم دەپ قارىمايمەن. ئەگەر رەئىس نامزاتى چىقسا ھەم كۆپچىلىك رەئىس سايلاشنى زۆرۈر دەپ قارىسا كۆپچىلىك ئاۋاز بېرىپ رەئىس سايلىساق بولىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن،

يېزىلغان: پەيشەنبە ماي 24, 2007 2:06 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
قايسى تەكلىپ قوبۇل قىلىندى،قايسىسى رەت قىلىندى؟

يېزىلغان: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:57 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
سالام ئەپەندىلەر،
يىڭى نىزامنامىگە مەنمۇ قوشۇلىمەن.
ئاخىرىغا قوشۇلغان (قىزىل بوياپ قويۇلغان) جۈملىلەرنىڭ تىنىش بەلگىلىرىگە يەنە بىر قېتىم قاراپ چىقساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.

رەئىس سايلاش ئىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن، سەۋەبى ۋارس ئەپەندىنىڭ يۇقارقى ئىنكاسى بىلەن ئوخشاش.

[u]"ئىنتىل" بۇرادەر:[/u]
سىز دىگەن مەسىللەرنى مەن مۇنداق ئويلىدىم،
[u]
1- ئاساسلىق يېزىق — ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى (UEY) بۇنى ئېلىۋىتىلى (UEY) .... :[/u]
بۇ جۈملىلەرنى ئىلىۋەتسەك بولماسمىكىن دەيمەن، يەنە "ULY"مۇ بار ئەمەسمۇ. (گەرچە ئۇ "ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرىگە ئايلاندۇرۇش لايىھىسى"بولسىمۇ يەنىلا بىزنىڭ بىر خىل ۋاستە قىلىپ قوللىنىۋاتقان "يىزىق"ىمىز ھىسابلىنىدۇ، بۇ توغۇرلۇق كۆپ توختالمىدىم.
-----------------------------------
[u]
3- دائىمىي ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسى: گە « UKIJنىڭ چاقىرىق،قارارلىرىنى ئەزا توربەتلەردە تەشۋىق قىلىش »، «شەخسىي ماتىرىيالىنى ھەقىقىي تولدۇرۇش» نى قوشۇپ قويۇش كېرەك. [/u]
--------------
يۇقاردىكى سىز ئىيتقان مەزمۇننى قىلمىساقمۇ بولارمىكىن دەيمەن، ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ ۋەزىپە مەسئۇلىيتى ئىيتىلغان ئىكەن ئۇلارنى يەنە تىلغا ئىلىش بىھاجەت.
شەخسى ماتىرىيالنى ھەقىقىي تولدۇرۇش دىگەن بۇ گەپ بەكلا ئارتۇقچە، بۇ يەردىكى ھەممەيلەن بۇنى بىلە بۇرادەر؟:D بۇنچىلىك ئىشنى بىلمىگەن ئادەمگە نېمە بار بۇ يەردە؟

قوشۇپ قويۇش توغرا كەلسە:
جەمئەتكە ئەزا بولۇپ كىرگۈچىلەر ئامال بار ئۆز نامىنى قوللىنىش، ياكى مۇۋاپىق سۆزلەرنى تولدۇرۇش، سەت قوپال ئاڭلىنىدىغان، ناملارنى ئىشلەتمەسلىك.
دىمەكچىمەنكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە، ئەڭ بولمىغاندىمۇ دائىمىي ئەزالار نامىغا چەكلىمە قويۇش لازىم. (مەسىلەن، ياۋۇز ... دىگەندەك ناملارنى ئىشلەتمەسلىك). چۈنكى بۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ساھەسىدىكى باشلامچى، ئېتتىپاقچى ئورۇن بولۇش سالاھىيتى بىلەن، ھەم ئەمىلىي تۇرمۇشتىكى ئورنى جەھەتتىن بولسىمۇ ئۆز ئوبرازىغا بەكمۇ دىققەت قىلىشى زۆرۈر.

يېڭى نىزامنامىنىڭ بالدۇرراق بىر قىلىپقا چۈشىشىگە تېلەكداشمەن.

يېزىلغان: پەيشەنبە ئاۋغۇست 30, 2007 4:45 am
تەرىپىدىن يوللانغان Sahran
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

مەن يېڭى نىزامنامىگە قوشۇلىمەن. باشقا پىكرىم يوق.

يېزىلغان: پەيشەنبە ئاۋغۇست 30, 2007 5:51 am
تەرىپىدىن يوللانغان Asiya
نىزامنامىگە باشقىچە پىكىرىم يوق.