چىكىنىش ئىلتىماسى ئۈستىدە ئويلىنىش

بۇ سەھىپە مەخسۇس دائىمىي ئەزالار ئۈچۈنلا قۇرۇلدى،
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

چىكىنىش ئىلتىماسى ئۈستىدە ئويلىنىش

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » چارشەنبە دېكابىر 03, 2008 4:32 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كۆپچىلىك،
مەن UKIJنىڭ گۈللىنشى ئۈچۈن شۈنچە تىرىشاممۇ لىكىن، مىڭ ئەپسۇس، خەقنى تارتىپ ئەكەلگىلى تېخى بولمىسا، مائاش بىرەلمىگەندىكىن.

تەكلىپ قىلساقمۇ ئۆزىنى ئەتىۋا قىلىپ، يەنى Eagle ئۇستاز. (ئۇستاز، مەندىن چوڭ، مەندىن بىلىملىك، شۇڭا ئۇنى ھۆرمەت قىلىمەن، لىكىن بەزى ئۇسۇللىرى خاتا،... )
مانا ئەمدى UKIJمۇشۇنداق ۋەزىيەتتىمۇ يەنە پۇتاق چىقىرىپ، Bilikتە باش گەپچى بولغان ئوخشايدۇ.

مانا ئەمدى مۇنداق گەپلەرنى قىلسا:
[quote]
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/ukij5.png[/img]
بۇ ئىنكاسنىڭ مەن قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىپ قويغان قىسمىنى ماڭا قىلىنغان ياپتا گەپ دەپ چۈشەنمەكتىن باشقا يول بولمىغاچقا،[u][color=Blue] UKIJ مۇنبىرىدە كەسپى ساھەدە ئىلمىي پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ، UKIJ مۇنبىرىدىن دەرھال چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلدىم.[/color][/u]
گەرچە UKIJ Tuz Tom فونتى UKIJ ئەزالىرى تەرىپىدىن ياسالغان، تۈزىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ ئىشلەتكۈچىسى ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بولىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ فونت ھەققىدە پىكىرلىرىم بولسا داۋاملىق بىلىك كۇلۇبىدا يېزىپ تۇرىمەن. بۇ قانداقتۇر مېنىڭ UKIJ Tuz Tom فونتىغا، UKIJ دىكى مەلۇم بىر ئەزاغا، ياكى UKIJ غا دۈشمەن ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكىسچە مېنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشىگە بولغان قولۇمدىن كېلىدىغان كىچىككىنە ياردىمىمنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىشىدۇر.

[/quote]

[url=http://www.bilik.cn/?dp-bbsthread-20509-4.html#replies]http://www.bilik.cn/?dp-bbsthread-20509-4.html#replies[/url]

ئۆز ۋاقتىدا شارائىت شۇنداق ئىدى، دەل تۇرسۇنجان ئەپەندى ئىيتقاندەك، ئەمدى قوپۇپ ئۇ ئۆلچەمسىز-يەي، دەپ تولا سەكرەپ خەقنى قورقۇتقان Eagle تۇرسا، ئىشنى سىلىق تىخى قىلمىسا. مىنىڭ مۇشۇ توغۇرلۇق بەزى ئىنكاسلىرىم ئىغىر كىلىپ مانا ئەمدى تازا تاشتى بولغاي.

دىگەن گىپىنى تېخى، «دەرھال چىكىنىپ چىقتىم»، بۇنداق دەپ كەتكۈدەك بۇ سورۇن قاچىدىغان مەرەزمۇ؟ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ تەكلىپ قىلساقمۇ (مەن يەنە باشباشتاقلىق قىلىپ، UKIJ نامىدىن تەكلىپ قىلساممۇ:L :Q ) ئۆزىنى ئەتىۋا كۆرۈپ بىر چىكىت قويۇشتىن، خەت نۇسخا سىناش خۇلاسىسىنى مۇشۇ يەرگە يىزىشتىن ئەيمىنگىدەك، بۇ ئەخلەت سورۇنمۇ؟
نۇرغۇن ئىشنى ئۆزىدىن كۆرمەي، يەنە.
ھەي،،،،،،،،، بولدىلا.

شۇنداق ئىتتىپاقسىزلىق قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەندەك گالۋاڭ بولغاندىكىن، ئۆزىنىڭ ئىشىنى بىلمەي باشقا ئىشلارغا چات كىرىۋالغاندىكىن، مەن ساراڭ. مەن دۆت.

شۇڭا، ياكى مىنى UKIJ مۇدىرىيتنى ئاشكارە ئەيىپلەپ ئۇقتۇرۇش چىقارسۇن، ياكى مەن چىكىنىش ئىلتىماسىنى ئاشكارە، قىسقا قىلىپ تىيما يازاي، مەنمۇ قوڭۇمنى قىسىپ ئۆز ئىشىمنى قىلاي.

ئەسلىدە ئوچۇق ئاشكارە ھالدا تىيما يوللاپ قارشى پىكىرىمنى بەرمەكچى ئىدى، لىكىن UKIJنىڭ ئىناۋىتىنى، ئورنىنى، ئۆزۈمنىڭ ھازىر مۇشۇ توپتا ئىكەنلىكىمنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆپ ئويلاپ ئىچىمگە تىندىم، قىسقىچىلا بۇ يەرگە بۇ تىيمىنى يوللىدىم.



Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » چارشەنبە دېكابىر 03, 2008 10:37 pm

ئەسسالامۇ ئ ەلەيكۈم
:'( UKIJ نىڭ نامىغا زور داغ چۈشۈشكە باشلىدى. مەنبەسى بىلىك! گەرچە بەزىلەر UKIJ نى يۇقۇتۇشقا ئۇرنىۋاتقان بولسىمۇ ياكى يۇقۇتۇشنى ئويلاۋاتقانلارغا تېخىمۇ شارائىت ۋە ئۈنۈم يارتىپ بىرىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا بىر قىسىم كۈزى ئۇچۇق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم UKIJ نىڭ نەتىجىللىرىنى ئىتراپ قىلىدۇ ھەم قىلىۋاتىدۇ.
بەزى ئىشلار ۋە تەكلىپلەر چىرايلىق، ئىچكى قىسىمدا ئۆزىگە يارشا تەكلىپ ۋە مەسلىھەتلەر بىلەن ئېلىپ برىلىشى كىرەك ئىدى. خەلقى ئالەم ئالدىدا سازايى قىلىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى.
مانا بىز تارخىتىكى ئۈزىنىڭ قەۋمىنى ئۈزى ئوتقا ئىتتىرگەن نادان ئۇيغۇربىز.
قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە دەپتىكەن. بۇنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇرىمىز..... ئاشۇ تېمىلارنى ۋە UKIJ نىڭ « ئەيىپلىرىنى» 'دارتىملاش' تېمىللىرى UKIJ نى يۇقىتىشقا ئۇرنىۋاتقان بەزىلەرگە قىزىق بىر ئۇيۇن بۇلۇپ بەرگەن بولسا باشقا مىللەت دوسلار بۇ چاققا كەينىچىلاپ كۈلۈپ ئاران ئۈزىنى بېسىپ ئولتۇردى بولغاي.
پەرھات ئەپەندىمنىڭ سوغۇققان بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن: ئەلتېكىن.

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » چارشەنبە دېكابىر 03, 2008 10:38 pm

مىنىڭچە مۇھەممەت ئەپەندىم بىلىكتىكى Eagle ئەپەندىمگە ئازراق خىزمەت ئىشلەپ قويسا دىگەن ئۈمۈد تە مەن.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » پەيشەنبە دېكابىر 04, 2008 2:22 pm

پەرھات، بۇ تېمىنى يوللىغاندا قىزىق قانلىق قىلىپ قويۇپتۇ. خەق نېمە دېسە دەۋەرمەمدۇ؟ تارىخ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچى ، خەلق ھەقىقىي قازىدۇر.
پەرھاتقا قارىتا ئەينى چاغدا تەنقىت بىرىلگەن ھەم ئۆزىمۇ قوبۇل قىلغان. ئەمدى يەنە بۇ گەپنى مۇزاكىرە قىلمايلى.
مەن شەخسەن بۇ ئىلتىماسنى قەتئىي رەت قىلىمەن.
خەققە ئۇيۇن قىلىپ بەرمەيلى .
ئۆچۈرۈۋىتىلى بۇ تېمىنى.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » جۈمە دېكابىر 05, 2008 4:21 am

پەرھات ئەپەندىن ياخشىمۇسىز!
بۇ ئىشلارغا بەك ئاچچىقلاپ كەتمەڭ، مۇنازىرە مۇنبىرى بولغاندىن كېيىن ھەر خىل گەپلەر بولمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ، بەزىدە كۆڭۈلگە كېلىدىغان گەپلەرنىمۇ ئاڭلاپ قالىمىز، بۇ ۋاقىتتا ئەتراپىمىزدىكى خىزمەتداشلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىز ئالدىدا خېجىل بولۇپ قالىدىغان ئىشلارمۇ بولىدىكەن. بولۇپمۇ، مەن بۇنداق ئىشلارغا بەك كۆپ يولۇققان، بولۇپمۇ مۇنبەر مۇنازىرىلىرىدە، بۇ خىل شارائىتتا مەقسەتنى ۋە مۇددىئانى چۈشەندۈرمەك بەك تەس، ئەگەر سىز مۇشۇ مۇنازىرىدە قاتتىق مۇنازىرىلەشكەن بىرەرسى بىلەن QQ ، MSN دىن ئىبارەت مۇڭداشقۇلاردا ياكى يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ تۇرۇپ پاراڭلاشسىڭىز، ھەرگىز ئۇنداق يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقمايدۇ. مۇنبەرلەردە سەل-پەل دىققەت قىلمىساقلا ئېزىپ كېتىدىغان ئىشقا يولىقىمىز، شۇڭا مۇنبەرلەردە سۆز قىلغاندا باشقىچە ئېھتىيات قىلىمەن.
سىزنىڭ داۋاملىق UKIJ دا قېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » دۈيشەنبە دېكابىر 08, 2008 5:08 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

«يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر» دەپتىكەن. شەخسەن مەن ئىلتىماسىڭىزنى تەستىقلىمايمەن، UKIJ سىزدەك كىشىلەرگە داۋاملىق ئىھتىياجلىق...

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » سەيشەنبە دېكابىر 16, 2008 1:37 am

پەرھات ئەپەندى ئۆزەمنىڭ توغرا دەپ بىلسىڭىز ئەزالىق سالاھىيتىڭىزنى ساقلاپ قېلىڭ.
كىم توغرا دەپ قارىغان پىكىرىنى ئەڭ ئاخىرغىچە ساقلىيالىسا شۇ ئۈتقان بولىدۇ.:P

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2008-12-16 07:43 [/i]]

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 5:46 pm

پەرھات ئەپەندىم، بۇ تېمىنى ئۈچۈرۋەتسەك قانداق بۇلار؟ مەن ئۈچۈرۋىتىشنى، كونا ئشىلارنى ئۇنتۇپ كىتىشنى ئۈمۈد قىلىمەن. سىزچە بۇلارمۇ؟

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار