[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • ئېلان قۇيۇش توغرىسىدا
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

ئېلان قۇيۇش توغرىسىدا

يېزىلغان: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 5:15 am
تەرىپىدىن يوللانغان Alyar
تورداشلارغا مەلۇم بولغىنىدەك ئۇ ك ئى ج تور بېكىتى يېقىنقى 3 ئايدىن بېرى ئۆزلۈكسىز ھالدا ئالدىنقى 20 ئۇيغۇرچە تور بېكەت تىزىملىكىدىن چۈشمەي كەلدى. بۇ بىزنى بىر قىسىم ئېلانلىرىمىزنى بىكارغا تەشۋىق قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپلا قالماي، ھەقلىق ئېلان قۇبۇل قىلىشىمىزغىمۇ پايدىلىق پۇرسەتلەرنى ياراتماقتا.
شۇڭا دائىمىي ئەزالارنىڭ ئېلانى بولسا ھەقسىز قويۇپ قويساق بولىدۇ. خىزمەتلىرىم ئالدىراش بولغاچقا بەزى ئىشلارغا يېتىشىپ بولالمىدىم، شۇ سەۋەبتىن «ئېلان قۇيۇش بەلگۈلىمىسى» يېزىشقىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ بولالمىدىم، ئەزالار بىرلىكتە تۈزۈپ چىقساق ۋە مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە ئېلان نىڭ رەسىم، كود لىرىنى قالدۇرۇپ قويساق، باش بەت ۋە مۇنبەردە ئېلان قىلساق بولىدۇ.

ھازىر باش بەت ۋە مۇنبەرنىڭ باشقۇرۇش پاروللىرى بار ئەزالار:

1. ئويغان
2. ئەليار
3. بىلىك
4. ئوبراز

يەنە ياردەملىشىنى خالايدىغان دائىمىي ئەزالار ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتىگە ئىشىىنىپ لىللا باشقۇرۇشقا كۆزى يەتسە ،تەلەپ قىلسا باشقۇرۇش مەنزىل ۋە پاروللىرى تەمىنلىنىدۇ.

بىر قىسىم دائىمىي ئەزالار ئوتتۇرىسىدا« UKIJ بىلىك پۇراپ قالدى، بىلىك چىراي بولۇپ قالدى» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدۇق. 3 يىلدىن بېرى بىلىك كۇلۇبى UKIJ نىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىننەتسىز، سەمىمىي،خالىس تۆھپە قوشۇپلا كەلدى،بۇ قېتىممۇ مۇنبەر پروگراممىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، باش بەت پروگراممىسىنى ئىشلىدى. باشقا غەيرى غەرەزلەردە بولۇپ باقمىدى، ھەم بولمايدۇ.
ئەگەر ھەقىقەتەن مۇشۇنداق پىكىرلەر بولسا سەمىمىي قۇبۇل قىلىمىز ۋە بىلىك ئەپەندى بىلەن ئىككىمىز بىر مەزگىل UKIJ نىڭ ئىشلىرىغا ئارلاشمايمىز.
دائىمىي ئەزالارنىڭ نازارەتتە بولىشىنى، گەپ سۆزلەرنى ئۇچۇق، مۇدىريەت ئىشخانىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يېزىلغان: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 3:55 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
«بىلىك پۇراپ « قالسا نېمە بوپتۇ؟ بىلىك يا بىر يامان يەر بولمىسا؟ شۇنداق دېگۈلەر باشقا ئوبدان لايىھە ئوتتۇرىغا قويسا مېنىڭچە تامامەن بولىدۇ.
نەق گەپكە كەلسەك؛ مېنىڭچە نىزامنامە بويىچە ukij نىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن ياكى ukijئارقىلىق سېتىلىدىغان نەرسىنىڭ ئېلانىنى قويسا بولىدۇ. دائىميي ئەزا بولسىمۇ يۇقارقى قائىدىگە چۈشمىسە ئېلانىنى قويۇشقا بولمايدۇ. ئالاھىدە ئىش بولسا مۇزاكىرىگە قويۇش كېرەك.

يېزىلغان: جۈمە ئىيۇن 01, 2007 10:05 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
[color=Purple]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Alyar[/i] ، ۋاقتى: 2007-5-28 11:15 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=347&ptid=70][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
...
ئەگەر ھەقىقەتەن مۇشۇنداق پىكىرلەر بولسا سەمىمىي قۇبۇل قىلىمىز ۋە [u]بىلىك ئەپەندى بىلەن ئىككىمىز بىر مەزگىل UKIJ نىڭ ئىشلىرىغا ئارلاشمايمىز. [/u]
...
[/color]

ئەليار (ۋە بىلىك) ئەپەندى ھەرگىزمۇ يۇقارقىدەك گەپ سۆزنى قىلماڭ.
UKIJئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان ئوغلانلىرىمىز ئازلاپ قالمىسۇن.
بىلىڭىز (مىز) بۇرۇنقىدەكلا مەھكەم بولسۇن. :time:

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇن 13, 2007 5:52 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Alyar
ئىرپان شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ئېلانىنى بىر يىل باش بەتتە ۋە مۇنبەردە 2 ئورۇندا چىقىدىغانغا 1000 يۈەنگە دېيىشتىم. ئېلان قۇيۇش مۇددىتى 2007-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بولىدۇ.

UKIJ نىڭ ھېساباتىنى باشقۇرىۋاتقان Newruz ئەپەندىنىڭ كارتا نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە دائىمىي ئەزالارنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى سورايمەن.